ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غالىب تۇرسۇن خەۋىرى: بۈگۈر ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ ، كۆپ بېرىپ ئاز ئېلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ناھىيەنىڭ يەرلىك مالىيە كىرىمىنى 489 مىليون 750 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %25.62 ئاشۇردى .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ناھىيە يىل بېشىدىن ھازىرغىچە 1–كەسىپنى كۇرسقا، 2–كەسىپنى كۆلەمگە ئىگە قىلىش، 3– كەسىپنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەت تەپەككۇرى بويىچە ‹‹نېفىت، نېفىت-خىمىيە يېڭى بازىرى، جۇڭگو ئاق كىشمىش ئۆرۈك ماكانى، ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكىدىكى مەشھۇر جاي›› قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، قىيىن ئۆتكەللەرگە ھۇجۇم قىلىپ، يەرلىك مالىيەنىڭ تېز، ساغلام ئېشىشىغا ئاساس ياراتتى. 30-سېنتەبىرغىچە ناھىيە بويىچە ئورۇندالغان مالىيە ئومۇمىي كىرىمى بىر مىليارد 92 مىليون 330 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن %25.39 ئاشتى . بۇنىڭ ئىچىدە ، ئادەتتىكى خامچوت كىرىم 426 مىليون 70 مىڭ يۈەن ئورۇنلىنىپ ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 25.16 ، مەركەزگە تاپشۇرىدىغان باج كىرىم 468 مىليون 640 مىڭ يۈەن ئورۇنلىنىپ، %12.8 ، ئاپتونوم رايونغا تاپشۇرىدىغان باج كىرىم 131 مىليۇن يۈەنگە يېتىپ %164 ئاشتى.