- دەپ باقسىلا دانىشمەن، تەقدىر راستىنلا مەۋجۇت نەرسىمۇ، نامراتلىق راستىنلا مېنىڭ پىشانەمگە پۈتۈلگەنمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
- مەۋجۇت نەرسە،- دەپتۇ دانىشمەن ھەمدە ئالقىنىنى ئېچىشنى ئېيتىپتۇ،- كۆردۈڭمۇ بۇ تۈز سىزىق مۇھەببەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ ئەگىرى سىزىق بولسا قىلىۋاتقان ئىشىڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ تىك سىزىق ھاياتلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ تىك سىزىق ھاياتلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ،- دەپتۇ. كېيىن يەنە ئۇنىڭ ئالقىنىنى چىڭ تۈگدۈرۈپ، قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ،-دەپ باقە بۇ سىزىقلار ھازىر قايەردە؟-دەپ سوراپتۇ. ئىز تورى www.iz.la
- مېنىڭ ئالقىنىمدا، -دەپتۇ يىگىت جاۋاب بېرىپ.
- شۇنداق، -دەپتۇ دانىشمەن، - دەل سېنىڭ ئالقىنىڭدا. يىگىت تۇيۇقسىز بىر نېمىنى چۈشەنگەندەك بۇلۇپ كېتىپ قاپتۇ...
بەرھەق، ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى. شۇنداق كىشىلەر باركى، ھەمىشە تەقدىرىنىڭ ئۆزىگە ئادالەتسىزلىك قىلۋاتقانلىدىن، ئاتا- ئانىسىنىڭ پۇلدار بۇلۇپ قالمىغانلىقىدىن ۋە ياكى ئەمەلدارنىڭ پەرزەنتى بۇلۇپ قالمىغانلىقىدىن، باشقىلار بىلەن بولغان پەرقىنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىدىن ئاغرىنىپلا يۈرىدۇ. ئەمما تەقدىرىنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەنلىكى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ.
مۇھەببەت، كەسىپ ۋە ھاياتلىق ھەر قانداق بىر كىشى ئۈچۈن ناھايتىمۇ مۇھىم. داڭلىق بىر ئالىم ئۆزىنىڭ بىر ئەسىرىدە «بەختلىك تۇرمۇش مۇنداق ئۈچ ئامىلدىن تەركىپ تاپىدۇ: بىرى ھاياتقا ئۈمىد باغلىغان بۇلۇش، ئىككىنچىسى قىلىدىغان ئىشى بولغان بۇلۇش، ئۈچۈنچىسى باشقىلارنى سۆيىدىغان بۇلۇش»دېگەنىكەن.ھېچكىممۇ تەقدىرنىڭ ئۆزىگە ئادالەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن ئاغرىنماسلىقى كېرەك. چۈنكى بىز ھەمىشە كەسىپتە تازا ئالغا بېسىۋاتقان چېغىمىزدا مۇھەببەتنى ئۇنتۇپ قالىمىز،ياكى ھاياتلىقنى بەك مۇھىم بىلىپ كېتىپ، ئارتۇقچە كەيىپ - ساغا بېرىلىپ كېتىمىز؛ ئەكسىنچە مۇھەببەتكە بەك چوقۇنۇپ كەتكەن چېغىمىزدا ھاياتقا بولغان ئۈمىدىمىز بىلەن كەسپىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز. ھاياتلىقتا باياشاتلىق بىلەن نامراتلىق ھەرگىزمۇ بەختنىڭ بىردىن -بىر ئۆلچىمى ئەمەس، ئەمما ھاياتلىقنىڭ تەلىپى بەختلىك ياشاش. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تەقدىرىمىز ھاياتلىق، مۇھەببەت ۋە كەسىپتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تال سىزىق بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بۇلۇپ، ئۇزۇن ياكى قىسقا بۇلۇش ئېھتىماللىقى بۇلىدۇ، ئەمما يوق بولمايدۇ ھەمدە بۇ سىزىقلارنى ھېچكىممۇ ئۆچۈرۈپ تاشلىيالمايدۇ. تەقدىر گەرچە بۇ ئۈچ تال سىزىقنى ئاتا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۈچ تال سىزىقنى قانداق جۇلالاندۇرۇش ۋە قانداق سېھرى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۆزىمىزنىڭ قولىمىزدىكى ئىش. بىز دانىشمەندىن مەسلىھەت سوراپلا قالماي يەنە ئۆزىمىزدىن سوراپ كۆرەيلى، بىزنىڭ ياشاش پىسخىكىمىز، ياشاش ئۇسۇلۇمىز ۋە ياشاش ئىقتىدارىمىز ھاياتىمىزنى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك جۇلالاندۇرالىدىمۇ يوق؟ ھاياتلىق مۇساپىمىزنى خىلمۇ خىل بېزەكلەر بىلەن بېزىيەلىدىمۇ يوق؟!
www.iz.la
يەنە قولىمىزدىكى تال تال ئېقىنغا ئوخشاپ كېتىدىغان سىزىقلارغا نەزەر سېلىپ باقايلى، بەختنىڭ سىمۇۋۇلى بولغان بۇ ئېقىنلاردا بىز ئۈمىدۋارلىق بىلەن دولقۇن يېرىپئالغا ئىلگىرلىيەلىدۇقمۇ؟! باشقىلارنى قىزغىن سۆيەلىدۇقمۇ؟! شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھاياتلىقنى قەدىرلىيەلىدۇقمۇ؟!ئەگەر شۇنداق قىلالىغان بولساقلا،بەختنىڭ ئالتۇن قۇياشى بىزگە نۇرلۇق جۇلاسىنى كۆرسىتىدۇ، خۇشاللىق ۋە ئۈمىد بىزگە مەڭگۈ يار بۇلىدۇ! مەنبە : ئەل يۇرت مۇنبىرى