ماۋزەيدوڭ شېئىرلىرى
چىنيۈەنچۈن
چاڭشا
1925-يىل
تۇرىمەن تەنھا ئۆزەم سوغ كۈز كۈنى،
جۈيزىجۇنىڭ بېشىدا-سۇ بويىدا.
ئاقىدۇ شىياڭجىياڭ شىمالغا يول ئېلىپ.
قارىسام،چوغدەك قىزارغان بارچە تاغ،
قاتمۇ-قات ئورمان تامام ئىچكەن بوياق؛
خۇددى زۇمرەتتەك سۈزۈك دەريا سۈيى،
كېمىلەر قاتنايدۇ ھەريان بەسلىشىپ.
ئۇچىدۇ لاچىن ئىگىز كۆكنى يېرىپ،
شۇڭغۇشۇپ سۇ ئاستىدا ئوينار بېلىق،
كۆرىشەر ھەممە قىرو پەسلىدە ھۆرلۈك تالىشىپ.
نەقەدەر كەڭ كائىنات،
بۇ پايانسىز كەڭ زېمىندە ھەممىنىڭ
تەقدىرىن كىم تۇتىدۇ قولغا ئېلىپ؟
سەيلى قىلغان بۇندا بىز بىر چاغدا سىرداشلار كېلىپ.
كەلدى جۇشقۇنلۇق ئەشۇ يىللار ئېسىمگە تىزىلىپ.
بىز ساۋاقداشلار ئۇ چاغدا ياش ئىدۇق،
زېھنىمىز ياشناپ تۇراتتى يېتىلىپ؛
ياش تەلەپكارلارغا خاس روھ،ئىجتىھات
جۇش ئۇراتتى تەنگە سىغماي ئېتىلىپ.
سۆزلىشەتتۇق بىز زامانە ئۈستىدە،
تەۋرىتەتتۇق جەڭگىۋار،ئۆتكۈر قەلەم،
ئۇ زاماننىڭ بەگلىرىنى خۇددى بىر ئەخلەت بىلىپ.
بەلكى يادىڭلاردىدۇ،
بىز يېرىپ ئۈزگەندە قاينام باغرىنى،
تېز قېيىقنى توسقىنى دولقۇن بېرىپ؟
- يازما سانى: 540 پارچە
- باھا سانى: 59 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16673 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-06-22