گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
گۈزەل باي تورى دەرۋازا تېما كۆرۈش

شىنجاڭدىكى بىرىنچى ناۋاي

يوللىغۇچى: خەۋەرچى | يوللىغان ۋاقتى: 2014-6-7 18:17| كۆرۈلۈشى: 2470| ئىنكاس سانى: 8|يازما شەكلى

شىنجاڭدىكى بىرىنچى ناۋاي


ئوسمان مەمەت، باي ناھىيە قۇتاد شەھەرچىسى ئەل ھۇزۇر ناۋاي دۇكىننىڭ ئۇستىسى بۇلۇپ،ناۋايلىق ھۈنىردە شىنجاڭ بۇيچە بىرىنچى ئىكەن.
0.jpg

ئوسمان مەمەتنىڭ ئايلىق مۇئاشى 9000 يۈئەنگە يىتىدىكەن،ئۇندىن باشقا دەرس سۆزلەپمۇ كىرىم قىلدىكەن.قەشقەر،خوتەن،قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىكى ناۋاي تەربىيلەش مەكتەپلىرى،ناۋايلىق دۇكانلىرى ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلاپ،ئۇنى دەرس سۆزلەپ بىرىشكە،ناۋايلىق ھۈنىرىنى ئۈگىتىپ قۇيۇشقا تەكلىپ قىلدىكەن. ئۇنىڭ دەر سۆزلەشتىكى تەمىناتى ناھيىتى يۇقىرى بۇلۇپ،تەكلىپ قىلغاندا ئالدىن كىلىشىپ قۇيۇپ،مەخسۇس ماشىنا بىلەن ئاپىرىپ-ئەكىپ قۇيىدىكەن،بېرىپ كىلىشكە ئادەتتە بىر ھەپتە كىتىدىغان بۇلۇپ،دەرس سۆزلەش ھەققى 3000 يۈئەن ئىكەن.
aa.jpg

ئوسمان مەمەتنىڭ 2012-يىلدىن باشلاپ رەسمى نامى چىقىشقا باشلاپتۇ،2012-يىلى 20-ماي ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگۇ مۇسۇلمانچە ئېسىل يىمەكلىكلەر بايرىمى،يەنى ئۈرۈمچى ئالاھىدە يىمەك-ئىچمەك مەسھۇلاتلار كۆرگەزمىسىدە، ئوسمان مەمەت ياققان ‹‹قەدىر نانلىلىر››شىنجاڭ بۇيچە نان كۆرگەزمىسىنىڭ چىمپىيۇنلىققا ئىرىشىپتۇ.
aaaa.jpg

ئوسمان مەمەت، تىگى-تەكتىدىن باي ناھىيىسىدىن بۇلۇپ، بۇيىل 54 ياش،ئاق كۆڭۈل،ساددا،كەمتەر ۋە خۇش پىئېل ئادەم. ئوسمان مەمەت 17 يېشىدىن باشلاپ ئۇستىسىغا ئەگشىپ ناۋايلىقنى ئۈگەنگەن ئىكەن. ئوسمان مەمەتنىڭ ئۇستىسى ئەينى ۋاقىتتا بايدىكى ئۇستا ناۋاي بۇلۇپ،1963-يىلى ماۋجۇشىغا سوۋغا قىلغان ناننى مۇشۇ ئادەم ياققان ئىكەن. ئۇسمان مەمەت  تىرىشچان،جاپادىن قورقمايدىغان بولغاچقا،ئۇستىسى ئۇنىڭغا ئامراق بۇلۇپ،ناۋايلىق ھۈنىرنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئوسمان مەمەتكە ئۈگۈتۈپ قۇيۇپتۇ. ئوسمان مەمەت ئوخشاش بولمىغان 23 خىل نان ياقالايدىكەن،قەدىر نانلىرى،خاسىڭ نان،كۈنجۈت نان،گازىر نان،ئاق نان،تۇخۇم سۈت نان،ئەل ھۇزۇر ئالاھىدە نانلىرى......، ئۇ ياققان نانلار شەكىل،رەڭ،خۇش پۇراق،تەم قاتارلىقلارنى بىردەك ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بۇلۇپ تەمى ئۆزگىچە، ئوسمام مەمەت ياققان ناننى يىسىڭىز بىرخىل بەخىت تۇيغۇسىغا چۆكمەي قالمايسىز.
(ناھىيىلىك تەشۋىقات مەركىزىدىن شېڭ ۋېنجىيۇ)
aasd.jpg

يېڭى ئىنكاسلار

ئابباس ۋاقتى: 2014-6-8 12:46:26
ياخشى   ناۋاي  ئۇستام
جۇلا ۋاقتى: 2014-6-10 12:49:38
دىمىسىمۇ باينىڭ نانلىرى بەك تەملىك.
تۇر ۋاقتى: 2014-6-11 15:48:20
ئوسمان ئاكىمىزنىڭ قوللىرىغا بەركەت ياغسۇن. بۇ ئۇستام مېنىڭ قوشنام بولىدۇ.
مۇختەرجان ۋاقتى: 2014-6-12 12:45:45
مەن مۇشۇ باي ناھىيسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان تۇرۇپمۇ بۇ داڭلىق ناۋاي ئاكىمىزنى بىلمەي يۈرىپتىمەن دىسە ؛  ئاشۇ ئېسىل نېنىنى بىر يەپ باقايچۇ ؛
ئاتامان ۋاقتى: 2014-6-14 13:11:39
سودىسىنىڭ تېخمۇ يۈرشىشىنى ئۈمۈد قىلمەن
ئەلشىر ۋاقتى: 2014-6-21 00:43:47
ئوسمان مەمەت  ئېلگىرى باي ناھيە  1- ئوتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىللارغا ئاشپەزلىك ۋە ناۋايلىق قىلغان ئوسمان مەمەتكە ھەجەپ ئوخشايدىكەن ، سىز شۇمۇ يا ئوسمىنىكوي  .
كەمسۆز ۋاقتى: 2014-6-21 03:54:04
مەن سۈرەتتىكى بۇ ئۇستامنى ۋە ئاۋۇ ئادەم بويى  چوڭلۇقتىكى گۈل چىقىرىپ ، تۈجۈپلەپ پىشۇرۇلغان نانلارنى  كۆرۈپ، تۇيۇقسىز 80-يىلاردىكى تولۇق .ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمدا بىزگە دائىم ئاچچىق خېمىرتۇرۇچ تەمى بار، تاسمىدەك پېتىر نان يېقىپ بېرىپ ئاشقازىنىمىز ۋە ئىشتىھايىمىزنى ئاجايىپ سازلىۋەتكەن ئوسمان ناۋاينى ئەسكە ئالدىم. بۇ ئىككى ئادەمنىڭ چىرايى ۋە ئىسمى نېمە دېگەن  تونۇش ھە.
بەلكىم شان-شەرەپ، مۇۋاپىقىيەت دېگەن شۇنداق تەجرىبە ئەمىلىيىتىدىن كەلسە كېرەك. لېكىن نېمىلا بولمىسۇن مەنمۇ باشقا تورداشلارغا ئوخشاش ئوسمىنىكامنىڭ بۇ كاتتا مۇۋاپىقىيىتىگە ھەرقاچان چوڭقۇر ئىپتىخارلىق ئالقىشلىرىمنى ياڭرىتىمەن.
قارلۇق ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
ئەلشىر يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 00:43
ئوسمان مەمەت  ئېلگىرى باي ناھيە  1- ئوتۇرا مەكتەپتە ئوقۇ ...

دەل ئۈزى شۇ
باي خەۋەرلىرى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-2 00:14 , Processed in 0.239411 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش