گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 19541|ئىنكاس: 50

باي ۋەقەسى (1959-يىلىدىكى ئاش ۋەقەسى ) نىڭ باش -ئاخىرى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                     XIII   باپ          باي ۋەقەسى
   ناھىيلىك پارتىكومنىڭ ئاساسلىق رەھبىرنىڭ ئېغىر بېيروكىراتلىق خاتالىقى تۈپەيلىدىن،1959-يىلى 12-ئايدىن 1960-يىلى 4-ئايغىچە دېھقانلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئاشلىقى ئېغىر دەرىجىدە يىتىشمەسلىك كىلىپ چىقتى. ھالبۇكى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ناھىيە ئامبىردا يەنە 9000توننا ئاشلىق بار تۇرۇغلۇق دېھقانلار تەمىلەنمىگەنلىكتىن،نەچچە مىڭ ئادەم بىنورمال ئۈلۈپ كەتتى،1800دىن ئارتۇق ئادەم باشقا يۇرىلارغا كىتىپ قالدى،شۇنىڭ بىلەن باي ۋەقەسى كىلىپ چىقتى.  باي ۋەقەسىنىڭ كىلىپ چىقىشى ناھىيلىك پارتىكومنىڭ ئاساسلىق رەھبىرنىڭ پارتىينىمڭ ئالاقىدار سىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلشىدىن كىلپ چىققان يامان ئاقىۋەت.
       ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ،ۋىلايەتلىك خىزمەت ئەترەتلىرى (گۇرۇپپىلىرى) ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ رەھبەرلكىدە ،باي ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان جاراھەتلەرنى تېزلىكتە داۋالىدى.1960-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ،ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى تېز ياخشىلاندى؛ بىمارلار تېزلىكتە داۋالىنىپ ،سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ،ئۆي -ماكانلىرىغا قايىتتى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ  مەركەز قىلنغان تۈرلۈك خىزمەتلەر يېڭى ناھىيلىك پارتىكومنىڭ رەھبەرلىكىدە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرلدى.
                                       1& .   ئاشۇرۇپ سېتىۋېلىپ، ئاشلىق قەھەتچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش
1959-يىلى باي ناھىيسى دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان تەبئىي ئاپەتلەرگە ئۇچىردى، بۇلۇپمۇ بۇغداينىڭ ئال كىسىلى بىر قەدەر  ئېغىر بۇلۇپ ،ھۆسۇلنىڭ ئېشىشىغا تەسىر يەتتى.ناھىيلىك پارتىكوم بىلەن گۇڭشى پارتىكومى 1959-يىلىلىق ھۆسۇلنى تەكشۇرۇپ بىكىتكەندە ،ھۆسۇلنى ھەددىدىن ئارتۇق يۇقۇرى مۆلچەرلەپ ،ئاشلىق ئومۇمى ھۆسۇلنى زورمۇ-زور  55مىڭ توننا قىلىپ بىكىتىپ ،1958-يىلدىكىدىن %7ئاشۇرۋەتكەنلىكنى تۇنۇپ يەتتى.   ناھىيلىك پارتىكوم شۇجىسى خې رۈي بۇنى كۆرگەندىن كىيىن ، ئۆسۈش ھەجىمىنى چۇقۇم %10 قىلىشنى، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئۇ « چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش »كۆرسەتكۈچى بۇلىدىغانلىقىنى ( يەنى ئاشلىق ئومۇمى ھۆسۇلنى 56مىڭ توننىغا يەتكۈزۈشنى )ئېيىتتى. ئاشلىق سېتۋېلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلغاندا، خې رۈي بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئالدى بىلەن سېتىۋېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشنى، ئوزۇقلۇق،ئۇرۇقلۇق ئاشلقنى كىيىن ئويلىشىشنى تەلەپ قىلىپ ،ياغلىق داننى پۈتۈنلەي سېتۋېلىپ ،ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ« ئۈچنى يىغۋالماسلىق ،ئۇرۇقلۇق ئاشلىقنى يىغۋالماسلىق، ئۇرۇقلۇقنى يىغۋالماسلىق،يەم-خەشەكنى يىغۋالماسلىق » ۋە سېتۋېلىش ۋەزىپىسىنى زەربىدارلىق بىلەن ئورۇنداپ خوش خەۋەر يەتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقى توغۇرسىدىكى تەلپىگە خىلاپلىق قىلدى.
   1960-يىلى 1-2-ئايلاردا ھەرقايسى تەرەپلەر يېزىلاردا ئاشلىق كەملەپ قالغانلىقىنى ئىنكاس قىلغاندا ،خې رۈي 56مىڭ 500 ئادەم توننا ئاشلىقنى چىڭ تۇتۇپ قۇيۇپ بەرمىدى، كىمىكى ئۇ بىكىتكەن ساننى ئېتراپ قىلمسا ،شۇ تەنقىد ۋە كۆرەش قىلندى. 100 كۈندە بىنورمال ئادەم ئۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى كۆرۈلگەندىمۇ ،خې رۈي يەنىلا يېزىلاردا ئېشىنچە ئاشلىقنىڭ بارلىغىدا چىڭ تۇرۇپ ،ئاشلىق يىتىشمىدى دىگەن دېھقانلار ئاشلىقنى يۇشۇرۋاتىدۇ، بۇ ھاللىق ئوتتۇرا دېھقانلار ئىدىيسىنىڭ كاساپىتى دەپ تۇرۇۋالدى.
   گوڭشى پارتىكومى ناھىيلىك پارتىكوم ۋە خې رۈيگە كۆپ قېتىم دوكىلات قىلسىمۇ ، خېرۈي  بىرىنچىدىن: بېسىش، ئىككىنچىدىن: ئارقىغا سۆرەش، ئۈچىنچىدىن: كارى بولماسلىق چارىسىنى قوللىنىپ ھەل قىلمىدى.  خې رۈي ناھىيلىك پارتىكومنىڭ مۇزاكىرە قىلشىدىن .ئۆتكۈزمەيلا ئۇنىڭغا ھەققىي ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان بىر مۇئاۋىن رايۇن باشلىقى ، بىر رايۇنلۇق پارتىكوم شۇجسى،ئىككى ياچىيكا شۇجىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ تاشلىدى. ئاشلىق يىتشمىگەچكە ئەمگەك كۈچلىرى سىرتقا قاچتى، ئامما يۇرتىدىن ئايرىلىپ  تىرىكچىلىكنىڭ يولىنى ئىزدىدى.  1960- يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىردا سىرىتقا قاچقان ئەمەەك كۈچلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىستستىكا قىلغاندا 1198 گە يىتىپ ،يېزىلاردىكى ئومۇمىي نوپوسنىڭ %1.35 نى ئىگلىگەن. ئاشلىق يىتىشمىگەنلىكتىن، يېزىلاردا چارۋىلار كۆپلەپ ئۆلتۈرۈلۈپ يىمەكلىك تۇلۇقلاندى ، دەسلەپكى يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈشتىن ئاشكارە ئۆلتۈرۈشكە ،شەخسىيلەر كوللىكتىپ ئۆلتۈرۈشكە ،گوڭشى ئەزالىرى يۇشۇرۇن ھالدا شەخسىي ئۆلتۈرۈشتىن بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى رەھبەرلىك قىلىپ ئۆلتۈرۈشكە تەرەققىي قىلدى. 3-ئاينىڭ ئاخىرغا كەلگەندە ،ناھىيە بۇيىنچە ئۆلتۈرۈلگەن تۈرلۈك چارۋا 12مىڭ 899 تۇياققا يېتىپ ،ناھىيدىكى  ئومۇقمىي چارېىنىڭ %3.2 نى ئىگىلىدى ، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ چارۋا 7699 ( بۇنىڭ ئىچىدە ئىشەك 2507 )،ئۇششاق چارۋا 5200 .

                                                        2 &  خاتالىق تۈزىتىلىپ،ھەقىقەت جارى قىلدۇرۇلدى
      1960-يىلى 3-ئاينىڭ 18- كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكوم خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى گو جىيەنجۇڭ ( ئاقسۇ ۋىلايەتلىك  شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى )باي ناھىيسىگە كىلىپ يېزىلاردا چارۋىلارنى كۆپلەپ ئۆلتۈرۈش مەسلىسىنى تەكشۈرگەندە، تۇزلۇق جىلغىدا ئۆلۈپ كەتكەن بايلىق ئاممىنى بايقاپ ،دەرھال باي ناھىيلىك پارتىكوم ۋە خې رۈيگە يېزىلاردا كۆپلەپ ئادەم ئۆلگەنلىك ئەھۋالىنى دوكىلات قىلدى، ئەمما خېرۈي ئۇنىڭغا رەددىيە بەردى . ۋىلايەتلىك پارتىكوم گوجىيەنجۇڭنىڭ دوكىلاتى ۋە تېلفۇنىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم بەنگۇڭتىڭنىڭ ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ باي ناھىيسىدىكى  خىزمەت گۇرۇپىپسىنىڭ ئەزاسى ياۋ خۇەنشۈن ئىنكاس قىلغان باينىڭ سايرام گۇڭشىسىدىكى ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى توغۇرسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالدى.  شۇنىڭ بىلەن ۋىلايەتلىك پارتىكوم 3-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇئاۋىن ۋالى مامۇت ئىسلامنى تىببىي خادىملارنى باشلاپ باي ناھىيسىگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئەۋەتتى.  ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ 1-شۇجىسى خې جىڭنەن تېلفۇن بېرىپ خې رۈيدىن دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشنى ۋە يازما دوكىلات يېزىشنى تەلەپ قىلدى.  3-ئاينىڭ 29-كۈنى خېجىڭنەن ۋىلايەتلىك ئىدارىلەردىكى پارتىيلىك كادىرلارغا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 1-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى 2-يىغنىنىڭ روھىنى يەتكۈۋاتقاندا ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومىڭ شۇجىسى ۋاڭ ئېنماۋنىڭ باي مەسلىسى توغۇرسىدىكى ئوزۇن يوللۇق تېلفۇنىنى تاپشۇرۋالدى  3-ئاينىڭ 31-كۈنى خې جىڭنەن خىزمەت گۇرۇپپىسىن ى باشلاپ باي ناھىيسىگە كەلدى. مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لىيۇياۋمىڭمۇ شۇ كۈنى  يىتىپ كەلدى. شۇ ئاخشىمى ناھىيلىك پارتىكوم دائىمىي كومتېتىنىڭ جدىدىي يىغنى ئېچىلىپ، ۋىلايىەتلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە ناھىيلىك پارتىكوم قىسقىچە دوكىلات قىلدى، يېزىلاردا ئاشلىقنىڭ ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بۇلۇۋاتقانلىقى ،ئاممىنىڭ ئاشلىقى تۈگەپ كەتكەنلىكىدەك ئەھۋاللار مۇزاكىرە قىلندى.
    4-ئاينىڭ 1-كۈنى خې جىڭنەن ۋە لىيۇياۋمىڭلار ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ تىببىي خادىملارنى دورا بىلەن باي ناھىيسىگە ئەۋەتىپ جىدىىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشىنى تېلفۇن ئارقىلىق تەلەپ قىلدى. 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ خېتىڭ تىببىي خادىملار ۋە بىرقىسىم دورىنى ئېلىپ باي ناھىيسىگە كىلپ،دەرھال خې جىڭنەن بىلەن بىرلىكتە گۇڭشې، كېسەلخانا ،ئاشخانا ۋە ئېتىز-ئېرىقلارغا بېرىپ،ئىشلەپچىقىرىش ۋە خەلىق تۇرمۇشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، بىمارلاردىن ھال سورىدى، سۆھبەت يىغنى ئېچىپ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرنىڭ دوكىلاتىنى ئاڭلىدى. 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇيۇنلۇق پارتىكومىنىڭ باش كاتىېى ياڭ كې كۇچا، شايار،توقسۇ ناھىيلىرىنى كۆزدىن كۈچۈرگەندىن كىيىن باي ناھىيسىگە كەلدى. 4-ئاينىڭ 7-كۈنى گۇشىلارنىڭ پارتىكوم شۇجىلىرى ۋە پارتىيلىك گۇڭشى  باشلىقلىرى قاتناشقان ناھىيلىك پارىتىكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغنى ئېچىلدى، يىغىننىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ناھىيلىك پارتىكومنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈش،ناھىيلىك پارتىكومنىڭ 1-شۇجىسى خې رۈينىڭ خاتالىقىنى پاش قىلىش ۋە ۋە تەنقىت قىلىش بولدى. 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ئېنماۋ بايغا كىلىپ ،ناھىيلىك پارتىكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنغا قاتناشتى . ناھىيلىك پارتىكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغنى خې رۈي باشچىلىدىكى سابىق ناھىيلىك پارتىكومنىڭ خاتالىقىدىن ھېساپ ئالدى، سابىق ناھىيلىك پارتىكومنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ،ۋاڭ شۇخېڭ 1-شۇجىلىقكىدىكى 11كىشىدىن تركىپ تاپقان يېڭى ج ك پ ناھىيلىك كومتېتىنى قايتىدىن تەشكىل قىلدى.  4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم باي ناھىيسىدە خەلىق تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نەق مەيدان يىغنى ئاچتى، يىغىنغا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكوم، قىزلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاسىتلىق پارتىكوم، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاسىتلىق پارتىكوملارنىڭ شۇجىلىرى ۋە مۇشۇ مۇشۇ ۋىلايەت ، ئوبلاسىتلاردىكى بىر قىسىم ناھىيلىك پارتىكوملارنىڭ 1-شۇجى، ھاكىملىرى ھەمدە ۋىلايەتلىك پارتىكوم دائىمىي كومتېت ئەزالىرىدىن يۇقۇرى مەسئۇل يولداشلار قاتناشتى.
      ناھىيلىك پارتىكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغنى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ،سابىق ناھىيلىك پارتىكومنىڭ 15 ئەزاسى ئىچىدىكى ھەر خىل دەرىجىدە خاتالىق ئۆتكۈزگەن 12 كىشىگە « ئالىدىنقىلاردىن ساۋاق ئېلىپ ،كىيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىش ،كىسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش » فاڭجىنى بۇيىنچە پارتىيە ئىنتىزام جازاسى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى، قانۇنى ئىنتىزام جازاسى بېرلدى، ئاساسلىق جاۋابكار  خې رۈي پارتىيە ئچى-سىرتىدىكى بارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى،  پارتىيدىن چىقىرىلدى، خىىزمەتتىن قوغلاندى.  1961- يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق سوت مەھكىمسىنىڭ سوت قىلشى ئارقىلىق  خې رۈيگە ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى.
      1960-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 11-كۈنىگچە ناھىيلىك بەش دەرىجىلىك كادىرلار يىغنى ئېچىلدى، يىغىندا ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ ،كۈرەش قىلشقا جۈرئەت قىلىغان ياخشى كادىرلار تەغدىرلەندى ، ئوڭ- سولغا تەۋرەنگەن كادىرلارغا تەنقىت- تەربىيە  بېرلدى، باي ۋەقەسىدە ئېغىر خاتالىق  ئۆتكۈزگەن كادىرلار تەنقىت قىلندى  ھەم  قاتتىق بىرتەرەپ قىلندى، بۇنىڭ ئىچىدە قانۇن ئىنتىزام چارىسى كۈرۈلگەنلەر  23  (قانۇن بۇيىنچە جازالانغىنى 13،  رىجىمغا ئېلىنغىنى توققۇز،باشقا جازا بېرلگەنلەر بىر )، پارتىيە ئىنتىزامى چارىسى كۆرۈلگىنى 94 ( پارتىدىن چىقىرىلغىنى 15 ،پارتىيە ئىچىدە سىناپ كۈرۈشكە قالدۇرۇلغىنى  22، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانغىنى 24 ،پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرلگىنى 13 ،پارتىيە ئىچىدە  ئاگاھلاندۇرۇش بېرلگىنى20 )، مەمۇرىي ئىتىزام چارىسى كۈرۈلگىنى 40 (بۈلۈم باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغىنى توققۇز ،گۇڭشې باشقۇرۇش رايۇنى كادىرلىقى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغىنى بىر ،ئىشلەپچىقىرىش ئەتىرىتى
كادىرلىقى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغىنى 30 )، سابىق ناھىيلىك پارتىكوم تەرپىدىن  خاتا قولغا ئېلىنغان ،خاتا تەنقىد قىلنغان 21 ئادەمنىڭ دېلوسى ئاقلاندى.
            
                             3 &  .قالدۇق مەسىللەر كۆڭۈل قۇيۇپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى ، ئادەم ئاساس قىلندى
      باي ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن،  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ باش كاتىۋى ياڭ كې ۋە مەمۇرىي تەپتىشلىك ، خەلىق ئىشلىرى ، مالىيە-سودا، سەھىيە قاتارلىق بەش تارماقنىڭ رەھھبىرى كادىرلىرى ئاساس قىلنغان 135 كىشلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى . باينىڭ ناھىيە، گۇڭشې دەرىجىلىك رەھبەرلىك كۈچىنى تۇلۇقلاش ئۈچۈن، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم ئاپتۇنۇم رايۇندىكى پارتىيە -ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ، خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرى ھەم ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە ئۇنىڭ ناھىيلىرىدىن 61 نەپەر مۇنەۋەر كادىرنى باي ناھىيسىدە خىزمەت قىلىشقا ئاجراتتى .
     1960 يىلى 4- ئاينىڭ 1-كۈنى باي ناھىيلىك خەلىق تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كمتېتىت قۇرۇلدى،  ئاقسۇ ۋىلايىتنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مامۇت ئىسلامنىڭ قوماندانلىقىدا قاېۇل كادىرلار ئەۋەتىلىپ ، ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەش گۇرۇپپىسى ، داۋالاش گۇرۇپپىسى ،قۇتۇقۇزۇش گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار تەشكىل قىلندى .
     ئاپتۇنۇم رايۇن ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ، يېزا ئىگلىك 1- شىسى ،دۆلەت مۇداپىئە تۈەنى ۋە ناھىيلەر 152 ئادەم ئاجىرتىپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلىدى. ناھىيە دەرىجىلىك ئورگان كادىرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن 50ى ئۆزلۈكىدىن بىمارلارنى كۈتۈشكە قاتناشتى . بېيجىڭ ، شاڭخەي ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىن تېزلىكتە قىممىتى 95 يۈەنلىك دورا ۋە سۈت پاراشوكى ، شىكەر ، سېرىق ماي ۋە سېرىقى پۇرچاق قاتارلىق ئوزۇقلۇق يىمەكلىكى يۆتكەپ كېلىندى . 1906-يىلى4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 26-كۈنگچە داۋالاش نوقتىسىدىن 132 (ناھىيە دەرىجىلىكى ئىككى ، گۇڭشې دىرىجىلىكى يەتتە ،باشقۇرۇش ريۇنى دەرىجىلكى يەتتە ، چوڭ ئەترەت دەرىجىلىكى 116 )قۇرۇلۇپ ، بىمارلار مەركەزلىك داۋالاندى ؛ نوقتۇلۇق رايۇنلاردا ۋاقىتلىق داۋالاش نوقتىسىدىن بەشى قۇرۇلۇپ ، كىسىلى ئېغىر بىمارلارمەركەزلىك داۋالاندى . 26 كۈندە 7450 بىمار قۇبۇل قىلندى ، داۋالاش ئارقىلىق سالامەتلىكى ئەسلىگە كىلىپ ئىشلەپچىقىرىش ئەتىرتىگە قايىتقانلار 4964 بۇلۇپ ،  قۇبۇل قىلنغان بىمارنىڭ%66.63 نى ئىگلىدى . 4-ئاينىڭ 26-كۈنى يەنىلا ساقلىنىپ قالغان داۋالاش نوقتىسى 44 ( ناھىيە دەرىجىلىكى ئىككى ، گڭشې دەرىجىلىكى سەككىز ، باشقۇرۇش رايۇنى ۋە چوڭ ئەترەت دەرىجىلكى 34 ) ، بىمار 2197 . 5-ئاينىڭ ئاخىردا ناھىيە بۇيۇنچە بار بىمار 200دىن ئاشتى . 6-ئاينىڭ ئاخىردا ھەممىسى ساقايدى . باي ۋەقەسدە دورا ئۈچۈن تەخمىنەن 100 مىڭ يۈەن ئىشلىتىلدى ، ئاپتۇنۇم رايۇن 500 مىڭ يۈەن قۇتقۇزۇش پۇلى بەردى ، قىزلسۇ ئوبلاستى 50 مىڭ يۈەن ياردەم بەردى . بىمارلارنى داۋالاش ، خەلىق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە مەخسۇس بەنزە تەشكىل ىىلنىپ ، ئەتىيازلىق تېرلغۇ چىڭ تۇتۇلدى . ناھىيە بۇيىنچە بىر قانچە سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلنىپ ، كۈچ مەركەزلەشتۈرۈلۈپ ئەتىيازلىق تېرقچىلىق ياخشى قىلندى . ئاپتۇنۇم رايۇن جايلاردىن ئاشلىق ، زىرائەت ئۇرۇقى ۋە كۆكتات ئۇرۇقى يۆتكەپ بەردى . ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم بەش تېرەكتۇر ۋە نۇرغۇن دېھقانچىلىق سايمىنى ياردەم بەردى ، قەشقەر ۋىلايىتى ئالتا تېرەكتۇرچى  ياردەم بەردى ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ماشىسازلىق زاۋۇتى بىر تۈركۈم 23-نومۇرلۇق سوقا ياساپ بەردى .

     ئەسكەرتىش: كىچىكىمدە «ئاش ۋەقەسى» توغۇرلۇق چوڭلاردىن كۆپ گەپلەرنى ئاڭلايتىم،لىكىن نىمە ئىش ئىكەنلىكنى چۈشەنمەيتىم، بىلىپ بېقىشنى ئويلىساممۇ ماتىريال مەنبەسى بولمىغاچقا تەپسىلىي ئەھۋالنى  ئىگىلەشكە ئامال بولمىغان ئىدى، يېقىندا «باي تەزكىرىسى»دىن بۇتوغۇرسىدىكى بايانلارنى كۈرۈپ ماڭا ئوخشاش بۇۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋىرى توق ئەمما بىلىشكە قىزقىدىغان دوسىتلارنىڭ كۈرۈپ بېقىشى ئۈچۈ تورداشلارغا سۇندۇم. مىنڭچە،ئاتا-بوۋىلرمىز ئۆتكۈگەن ئاشۇ قىيىن كۈنلەرنى ئەسلەپ قۇيۇشمىز كېرەك، ئاشۇ جاپالىق كۈنلەر بىزنىڭ بۈگۈنكى باياشات كۈنلىرمىزنى قەدىرلىشمىزدە تۈرتىكلىك رول ئوينىغۇسى..... ئەجداتلىرىمىز بىزگە:« ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما شىرچۇرۇغۇڭنى قۇرۇتما » دىگەن ھېكىمەتنى قالدۇرغان.
يۇقۇردىكىلەر،مۇشۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى بۇلۇپ  ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بولماستىن بەلكى، پۇتۇنلەي «باي تەزكىرىسى»دىن شۇ پېتى ئۆزگەرتىلمەي ئېلنغان پاكىتلار،شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ بۇ ۋەقە توغۇرسىدا قالايمىقان بەس-مۇنازىرە   قىلماسلىقىنى، قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى سورايمەن.

      مەنبە : ئۇيغۇرچە « باي ناھىيسىنىڭ تەزكىرىسى »شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 2007-يىل 10 -ئاي 1- نەشىرى (378-- 383 بەتلەر ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-19 18:53  



باھا سۆز

سەيياھ
رەخمەت .... بۇ ۋەقەنى مەنمۇ ئاڭلىغان . بىراق ھازىرمۇ شۇنداق بۇلۇپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن .  ۋاقتى: 2013-3-15 03:05

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +10 تىللا +10 تۆھپە +2 يىغىش سەۋەبى
ئەسرار + 10 + 10 + 2 جاپا چەكتىڭىز

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-8-22 02:29:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ئەنىۋەر ئەپەندى  ، مەن بۇ ۋەقەنى دادامدىن ئاڭلىغان  ، دادامنىڭ دىيشىچە  دادمنىڭ دادىسى مىنىڭ بۇۋام  شۇ چاغدا ئىسلام ھاجى ئىسىملىك  بىر ئادەم بىلەن تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىت بولغاچقا  كۈندە كەچ بولغاندا دادۈينىڭ يىغىن زالىغا يىغىۋېلىپ پىپەن قىلاتتىكەن ، چۈنكى ئۇ ئادەم  ناھيە ئىچىدە راۋۇرۇس باي ئادەم ھىساپلىندىكەن  ، ئىسلام ھاجى دىسە ناھيىنىڭ خېلى يۈز ئابىرويى بار رەھبەرلىرمۇ ئۇنىڭغا  قارشى تۇرۇشقا پېتىنالمايدىكەن ، بىر يىلى ئۇ ئادەم ئومباش يېزىسىنىڭ 3 - كەنتىدىكى چۆل تاغدىكى مازار ئېقىن دەپ بىر كەڭلىكى 100 مىتىر  ئىگزلىكى 40-50 مىتىر كىلىدىغان بىر ئېقىننى دىھقانلارغا بۇيرۇق قىلىپ كەتمەن بىلەن كۆمدۈرۈۋېتىپتىكەن  ، چۈنكى شۇ ئېقىننى كۆمدۈرسە يامغۇر ياققاندا كىلىدىغان كەلكۈن ئاياققا كىتىدىكەن ، كىين بۇ ئادەم ھەرەمگە ھەج قىلىش ئۈچۈن كەتكەندە ئاياق كەنىتتىكى دىھقانلار بىر كۈنى يامغۇر ياققاندا  كىلىپ كەتمەن بىلەن ئۇ لار كۆمگەن ئېقىننى ئاپقۇزۋېتىپتىكەن ، ھازىرمۇ با كەنىتتىە بىر گۈمبەز دادادمنىڭ دىيىشىچە  ئىسلام ھاجىم دىگەن بۇ ئادەمنڭ قەبرىسى مۇشۇ گۈمبەزنىڭ تىگىدىكەن ، قەبرە داشقال بىلەن كۈمۈلگەنمىش  ، دادامنىڭ دادىسى  شۇ چاغلاردا كەنىتنىڭ ئېتىنى باقىدىكەن  دادام ئۇ چاغلاردا يەتتە  سەككىز ياشلاردا بۇلۇپ  بۇۋام بىلەن ئات باقىدىكەن گاھىدا ئەتىگىنىسى ئاتقا بىر مىنىۋالسا  كەچكۈچە ئاتتىن چۈشەلمەي ئاتنىڭ ئۈستىدە ئۇخلاپ قالىدىكەن  ، بۇۋام كىلىپ ئاتتىن چۈشۈرۈپ قويمىسا چۈشەلمەيدىكەن


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-8-22 14:05:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  « ئاش ۋەقەسى »  مەزگىلدە ئاشلىق قەھەتچىلىكى تۈپەيلى ئادەملەر يەيدىغان نەرسە تاپالماي ئىشەك، ئىت -مۈشۇكلەرنىمۇ ئۆلتۈرۈپ ، ياۋا ئوت چۆپلەرنىمۇ يىگەن،  بەزى جايلاردا ھەتتا  ئۆلگەن ئادەملەرنىمۇ يەرلىكىتىن ئوغۇرلاپ ئادەم گوشىنمۇ يەيدىغان ئىشلارنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكنى باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئىدىم ...ئۇ كۈنلەرنى ئويلىسا ئادەمنىڭ تىنى شۈركىندۇ .


ۋاقتى: 2011-8-26 02:22:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىملەر ئىكەن، مەنمۇ كىچىكىمدە مومامدىن ئاڭلىغا ئاش ۋەقەسى دەپ، ھەي!!!!
تارىخ قانچە ئېچىنىشلىق بولسىمۇ ئەسلەشكە ئەرزىيدۇ!


ۋاقتى: 2011-8-28 22:30:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ تارىخنىڭ  تەكرارلىنىپ قېلىنشىدىن ئەنسىرەيدىغان بوپقالدىم  ....... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yusupjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-28 22:33  



ۋاقتى: 2011-8-28 22:50:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
...............بەزى جايلاردا ھەتتا  ئۆلگەن ئادەملەرنىمۇ يەرلىكىتىن ئوغۇرلاپ ئادەم گوشىنمۇ يەيدىغان ئىشلارنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكنى ................................
خۇدايىم ساقلىسۇن بۇنداق ئىشلارنىڭ تەكرارلىنىپ قېلىشىدىن .. مەن ھازىرقى كۈنۈمگە مىڭ شۈكرى


ۋاقتى: 2011-8-29 11:26:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئاڭلاپ پۈتۈن شىنجاڭ بۇيىچە يۈزبەرگەن ۋەقە دەپ چۈشنۈپ قاپتىكەنمەن،تۇلۇق ئوتتۇرغا چىققاندا بايدا يۈزبەرگەن ۋەقە ئىكەنلىكنى ئاندىن بىلگەن ئىدىم.بۇ ماتىريالدىن تۇلۇق چۈشنىۋالدىم،يازما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت...


ۋاقتى: 2011-8-29 11:34:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساڭدا ئاشلىق بېسىقلىق ،ساقلاش ئۇسۇلى ۋە ئۈچ خىل زىيانداش سەۋەبىدىن ساڭدىكى ئاشلىقلار ئوخشاشلا خوراۋاتقان،پۇقرالار ئېچنىشلىق ئۈلۈپ كىتىپ بارغان......ھازىرقى كۈنلىرمىزنى قەدىرلەيلى....


ۋاقتى: 2011-8-30 04:22:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باي  ناھىيەسى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم  رايۇندكى مۇھىم ئستىراگىيلك رايۇنلارنىڭ بىرسى. تارخنىڭ ئىزنالىرى كۆپ ھەقىقەتلەرنى قالدۇرۇپ  كەتكەن .


ۋاقتى: 2011-9-14 12:41:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بولدى،مۇشۇنداق يۇرتىمىزنىڭ ئەسلى تارىخلىرىدىن بىلىپ تۇرغىنىمىز ياخشى...


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 12:35 , Processed in 0.218066 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش