دېھقانلارنى بېيىتىش يولىدىكى باشلامچى
باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرى يېڭى مەھەللە كەنتى قىزىل سۇ ئامبىرى قۇرۇلغاندىن كىيىن كۆچۈرۈلگەن دېھقانلاردىن تەركىپ تاپقان كىچىك كەنت بولۇپ، سۈيى مول بولسىمۇ، يىرى بىر قەدەر شورلۇق، تاشلىق بولۇپ مەھسۇلاتى تۈۋەن بولغانلىقتىن، بېيىشتا مۇئاييەن چەكلىمىگە ئۇچراپ، كۆپىنچە دېھقانلار دۆلەتنىڭ قۇتقۇزۇشىغا تايىنىپ كەلگەنىدى، ئۆتكەن يىلى بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەبەيدۇللا نىيازنىڭ باشلامچىلىق قىلىشى نەتىجىسىدە 8 دېھقان ئائىلىسى 33 مو تېرىلغۇ يەرگە قارا تېرەك قەلەمچىسى تىكىپ، تۈجۈپلەپ پەرۋىش قىلغانلىقتىن، بۇ يىل ئەتىيازدا بىر يىللىق بولغان بۇ كۆچەتلەرنى 231 مىڭ يۈەنگە سېتپ، مو بېشى كىرىمنى 7700 يۈەنگە يەتكۈزدى ۋە بۇ يىل ئەتىيازدا بارلىق دېھقان ئائىللىرىنى تەشكىللەپ، 170 مو يەرگە قارا تېرەك قەلەمچىسى تىكتى، شۇنداقلا ئىزدىنىپ يول ئېچىپ، 10 مو يەرگە سىناق قىلىپ گۈل چاي تېرىدى، ھازىر بۇ تېرەك قەلەمچىسى ۋە گۈلچاي تىمەن ئۆسۈپ، دېھقانلارنى خوشال قىلدى.
سۈرەتتە: گۈل چاي ۋە قارا تېرەك قەلەمچىسىدىن كۆرۈنىشلەر: