گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1624|ئىنكاس: 18

باي ناھىيەسىدىكى قەلەمكەشلەر نورۇزنى تەبرىكلىدى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 13Rank: 13Rank: 13Rank: 13

يوقلىما
79
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  375
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 4058
تۆھپە : 300
توردا: 51
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2012-10-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 12:55:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باي ناھىيەسىدىكى قەلەمكەشلەر نورۇزنى تەبرىكلىدى


        2012-يىل 3-ئاي (نورۇز ئېيى) نىڭ 21- كۈنى باي ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم ياش قەلەمكەشلەر شائىر كامىل تۇنىياز تەشنايىنىڭ ساھىپخانلىقىدا، باي ناھىيە بازىرىدىكى «مەشرەپ رېستۇرانى» غا خوشال- خورام جەم بولۇپ، ئەنئەنىۋى بايرام-نورۇزنى قىزغىن تەبرىكلىدى. رېستۇران خوجايىنى ئەلى ھوشۇر ئەپەندى مېھمانلارغا نورۇز ئېشى بەردى.
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن باي ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، يازغۇچى قۇربان ئەلى نورۇزنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇردى، ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.
باي ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى قەھرىمان روزى ئەرچىن، ۋە باي ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچى قۇربان مولنىياز تەبرىك پائالىيىتىگە قاتناشقان ئاپتورلارنىڭ ئومۇمىي ئىجادىيەت ئەھۋالىنى، ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىجادىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
قەلەمكەشلەر ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتتە كەڭ-كۇشادە پىكىرلەشتى. شۇنداقلا، نورۇزنامىلەرنى ئوقۇشۇپ، بۇ قۇتلۇق بايرامنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

رەسسام، خەتتات، نەزم ئاشىقى پولات ئىمىرنىياز نورۇزلۇق ھۆسنخېتىنى ئوقۇماقتا
154655fvc7g79m9fi0jmev.jpg

(ئوڭدىن سولغا)شائىرە روشەنگۈل تۇنىياز، شائىرە تۇرسۇنگۈل مۇھەممەت،  يازغۇچى ئازادەم تۇرسۇن، تۇرسۇنگۈل مۇھەممەت سەلكىن
154656dkq0vzk5hzn1h6dn.jpg

(ئوڭدىن سولغا) ئايال يازغۇچىلاردىن: ئازادەم تۇرسۇن،  تۇرسۇنگۈل مۇھەمەت سەلكىن، ئامانگۈل تۇنىياز، گۈلپىيە خېلىل
154655lucll0riqiacygqc.jpg

(ئوڭدىن سولغا) ياش ئەدىبلەردىن: پولات ئىمىرنىياز ئاناتىل، ئېزىز نىياز،  توختى تۇرسۇن مۇزات، ئەنۋەرمۇھەممەت ئەرتۇغ
154654f4zhzg8gxg2qbk6z.jpg

(ئوڭدىن سولغا) ياش ئەدىبلەردىن: ئېلى نىياز دەرمانى، ئابلىز جاپپار، ئابدۇللا توخنىياز، مۇختار مۇھەمەتئىمىن نەزەر
154654788heks8s57755he.jpg

(ئوڭدىن سولغا) ياش ئەدىبلەردىن: مۇختار مۇھەمەتئىمىن نەزەر، كامىل تۇنىياز تەشنايى، ئابلا يۈسۈپ، قۇربان ئەلى، قۇربان مولنىياز، روشەنگۈل تۇنىياز،
154654ps6w64gffv6v2t0v.jpg

ئالدىنقى رەتتە: ئەركىن قەييۇم، سەنئەتكار تۇرسۇنجان
154653sgkbbn3ckzjrdrtb.jpg

(ئوڭدىن سولغا) ياش ئەدىبلەردىن: توختى تۇرسۇن مۇزات، ئەنۋەر مۇھەممەت ئەرتۇغ، ئەركىن قەييۇم ، ئېلى نىياز دەرمانى


(ئوڭدىن سولغا) ياش ئەدىبلەردىن: ئېزىز نىياز، توختى تۇرسۇن، ئەنۋەر مۇھەممەت ئەرتۇغ

پولات ئىمىرنىياز ئاناتىل نورۇزنامە ئوقۇماقتا


(ئوڭدىن سولغا) ياش ئايال ئەدىبلەردىن:تۇرسۇنگۈل مۇھەممەت سەلكىن، ئامانگۈل تۇنىياز، گۈلپىيە خېلىل، نۇرگۈل سەپەر


روشەنگۈل تۇنىياز نورۇزنامە ئوقۇماقتا
154656yyaap4pw27ay73c7.jpg

مۇختار مۇھەممەتئىمىن نەزەر نورۇزامە ئوقۇماقتا
154656qggi55bdgdoboqoq.jpg



Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  513
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 855
تۆھپە : 90
توردا: 54
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2012-10-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 13:09:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بايدىن بۇلغاندىكىن مىنىمۇ چاقىرغان بۇلساڭلار بارار ئكەنمەن .كىلەر يىلى چاقىرارسىلەر بۇلىمىسا؟؟؟؟


بۇ دۇنيادا  سىنڭ قىلغانلىرىڭ(سىتۋالغانلىرىڭ )مۇھىم بۇلماستىن ئىجات قىلغانلىرىڭ مۇھىم .

Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  106
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 4227
تۆھپە : 310
توردا: 84
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-7-4
ئاخىرقى: 2012-9-11
ھازىر:

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 16:01:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەمكەشلەر سېپىمىزگە قۇشۇلۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.كۆپلەپ ئەدەبىي ئەسەر ئىجات قىلىپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن.


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  289
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 454
تۆھپە : 20
توردا: 23
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-14
ئاخىرقى: 2012-10-9
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 18:15:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پەقەت بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرنەچچەيلەننىلا تونۇيالىدىم .يۇرت ئاپتۇرلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق نورۇز يىغىلىشىنىڭ بىر ئەھمىيەتلىك يىغىلىش بولۇپلا قالماي،بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرنىڭ شانلىق قەدىمىنىڭ ئۇتۇغلۇق باشلىنىشى دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز  .مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن  ناھىيەمىزدىكى بارلىق قەلەمكەشلەرنىڭ بۇ قۇتلۇق نورۇزدىن باشلانغان ھەر بىر قەدەم ۋە قەلەملىرىگە بەرىكەت تىلەيمەن.


http://www.nazugum.com/
http://www.attirgul.net
http://attirgul.blogbus.com/

Rank: 13Rank: 13Rank: 13Rank: 13

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  375
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 4058
تۆھپە : 300
توردا: 51
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2012-10-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 18:54:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىرگۈل خانىمنىڭ تېمىغا دىققەت قىلغانلىقىغا رەھمەت!
بۇ پائالىيەت تۇنجى باشلىنىش ئەمەس، بىز بۇ پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرىۋاتقىلى بىرنەچچە يىل بولدى.
سىزمۇ ياخشى يازالايدىغان، ۋە يازىدىغان  قەلەم ئىگىسى. ئەگەرئۈرۈمچىدە بولماي، بۇ يەردە بولغان بولسسىڭىز سىزمۇ بىللە تەبرىكلەيتتىڭىز.
سىزنىڭمۇ نورۇز بايرىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!


Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1673
تۆھپە : 156
توردا: 198
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-10-20
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 20:55:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك يىغىلىش بولۇپتۇ، ھەقىقەتەن خۇش بولدۇم، بولسا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك، مەزمۇنلۇق يىغىلش بولسا، يەپ-ئىچىپ، بۇزۇپ-چېچىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان يىغىلىشلاردىن كۆرە، ئەھمىيەتلىك، مەزمۇنلۇق بولسا نېمە دېگەن ياخشى-ھە،


دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3341
تۆھپە : 408
توردا: 137
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-30
ئاخىرقى: 2012-10-17
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 21:07:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ناھىيىمىزدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ قوللىرىدىن  بەركەتلەر كەتمىسۇن، قەلەمكەشلەر سېپىنىڭ تېخىمۇ زورۇيۇپ زور ئېقىن ھاسىل قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن، يىتىشىۋاتقان  يازغۇچىللىرىمىزنىڭ ئالتۇن قۇللىرىدا  ناھىيىمىزنىڭ مۇقۇملۇق خىزمەتلىرى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ،ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېخىمۇ نۇرلانغۇسى...


بىلىم ئىزدەنگۈچىلەرگەھەمرا . تۇرسۇن نىياز

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  289
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 454
تۆھپە : 20
توردا: 23
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-14
ئاخىرقى: 2012-10-9
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 23:06:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sheyx يوللىغان ۋاقتى  2012-3-22 18:54
ئەتىرگۈل خانىمنىڭ تېمىغا دىققەت قىلغانلىقىغا رەھمەت!
...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم (ئەرچىن ) ئەپەندى ، ئىنكاسىمدا يېڭىلىشىپتىمەن.خىجالەتمەن.مەن ھەرقايسىڭلاردىن قەلەمدە كۆپ يىراقتا،ئەمما سىلەرنىڭ ئورتاق خۇشاللىغىڭلارغا تەڭ كۈلۈشۈپ چاۋاك چېلىشىپ بېرىشكە ھەر ھالدا يارايمەن .ھەممەڭلارنىڭ ئامان-ئېسەن سالامەت بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن .


http://www.nazugum.com/
http://www.attirgul.net
http://attirgul.blogbus.com/

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3890
تۆھپە : 91
توردا: 1378
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2012-10-11
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 23:33:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھىيىمىزدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  73
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3440
تۆھپە : 161
توردا: 360
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 23:56:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئەرچىن ئەپەندىمنىڭ بۇ يىغىلىشتىن بىزنى ۋاقىپلاندۇرغىنىغا كۆپ رەھمەت،ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك يىغىلىش بوپتۇ،سىلەرنىڭ بولسىمۇ بۇ بايرامنى داۋاملاشتۇرىۋاتقىنىڭىلارنى بىلىپ ئىچ-ئىچىمدىن خوشال بولدۇم،رەھمەتلىك ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئاتىمىزمۇ بۇ بايرام ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىپتىكەن،ئەپسۇس.......
   ناھىيىمىزمۇ بۇ بايرامنى  ئۈزۈلدۈرمەي ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا نەقەدەر ئوبدان بولاتتى-ھە!


كىشىگە كىشىنى مۇھتاج قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 10:58 , Processed in 0.227648 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش