گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 616|ئىنكاس: 7

باي ناھىيسنىڭ جۇغراپىيسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
14
تېما
22
قىزغىنلىق
177
تىللا
158
تۆھپە
45
توردا
20 سائەت

 ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 20:31:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باي ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى كۇچا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئۇنسۇ ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى موڭغۇلكۈرە، تېكەس، خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 197.5 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 116 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار، 11 يېزا، 151 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بولغان ئارىلىقى 858 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 182 مىڭ 500. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 89.26% نى، خەنزۇلار 9.86% نى، باشقا مىللەتلەر 0.88% نى تەشكىل قىلىدۇ.
يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي شىمالى ئېگىز، شەرقىي جەنۇبى پەس. تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان بولۇپ، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان ئۇزۇنچاق ئويمانلىق شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۈزلەڭلىك 10.8% نى، تاغ يېرى 70% نى، چۆل 19.2% نى ئىگىلەيدۇ. مۇزات دەرياسى، قاپىسلاڭ دەرياسى، تەلۋىچۈك دەرياسى، قاراسۇ دەرياسى ۋە قىزىل دەريا قاتارلىق دەرياسى بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى ئىككى مىليارد 163 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد 310 مىليون كۇب مېتىر (ئېچىشقا بولىدىغان زاپاس مىقدارى 850 مىليون كۇب مېتىر). ياۋايى ھايۋانات بايلىقدىن يىلپىز، شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. دورىلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قارلەيلىسى، كىرەش، قانتېپەر، پاقا يوپۇرماق ئۇرۇقى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار بار. ھازىرقى بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، كۆمۈر، تۆمۈر، مانگان، ئۇران، مىس، فتورىت، بارىت، ئانالىرت قاتارلىقلار بار.
باي ناھىيىسىنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق كىلىماتقا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 37.4℃. ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 32.0℃. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 42.2 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2789.7 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3327.3℃ قىروسىز مەزگىلى 162 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 94.9 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1538.5 مىللىمېتىر. ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر راۋاجلانغان. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 49 مىڭ 200 گېكتار (738 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 78 مىڭ 700 گېكتار (1 مىليون 180 مىڭ مو). ئوتلاق كۆلىمى 723 مىڭ 300 گېكتار (10 مىليون 850 مىڭ مو) يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 16 مىڭ 900 گېكتار (253 مىڭ 500 مو) قاقاس يەر بار. ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، ياغلىق دان، قىزىلچا، قولماق، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا شىنجاڭ مېرىنو ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى، سىمىنتال كالىسى ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. باي ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 307 - لىنيىسى ناھىيىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ ھەمدە دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى كېسىشىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. خەۋەرلىشىش ئوپتىكلىق كابىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 8000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقىلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.


باش مەسئۇل

باشقۇرغۇچى

Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30

تېما
122
قىزغىنلىق
831
تىللا
1747
تۆھپە
301
توردا
952 سائەت

مۇنبەر مەسئۇلى رەسمى ئەزا باشقۇرغۇچى چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 21:32:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  داۋاملىق ياخشى تىما خەۋەرلەرنى يوللاپ تۇرغايسىز... توربەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىرلىكتە تۆھپە قۇشايلى.


مەخسىتىمىز ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ تىمىللىرىنى كۆچۈرۈپ چاپلاش ئەمەس بەلكى بىلىم ئىگىلەش تىمىللىرىنى بىر يەرگە توپلاپ تىخىمۇ كوپ كىشىلەرنى مەنپەئەتلەندۇرۇش .............

Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
36
تىللا
110
تۆھپە
10
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-29 19:58:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەر كۆلىمى 19100كۋادىرات كىلومېتىر دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغان .قۇشۇپ قۇيايمۇ؟


تېما
0
قىزغىنلىق
12
تىللا
50
تۆھپە
10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 18:14:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساخلىۋالاي ،رەخمەت


Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
77
تىللا
247
تۆھپە
10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 11:15:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
自由 يوللىغان ۋاقتى  2011-8-29 19:58
يەر كۆلىمى 19100كۋادىرات كىلومېتىر دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغ ...

مەنمۇ ئىككى خىل مەلۇمات ئۇچراتتىم، بىرسىدە 19مىڭ يەنە بىرىدە 15مىڭ، قايسىسى توغرىكىن؟


Rank: 1

تېما
3
قىزغىنلىق
50
تىللا
191
تۆھپە
16
توردا
19 سائەت

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 20:09:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
19مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر دىيلسە توغرا بۇلدىكەن....كىلومېتىر  يەر مەيدان بىرلىكى ئەمەس بەلكى ئۇزۇنلۇق بىرلىكى......  


Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
30
تىللا
64
تۆھپە
10
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 16:19:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا ئىسىم جىسىمغا لايىق باي بۇ


Rank: 3Rank: 3

تېما
28
قىزغىنلىق
359
تىللا
1276
تۆھپە
192
توردا
101 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 18:51:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز يۇرتىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك مەلۇماتلىرىنى بىلۋېلىش ياخشى بىر ئىش....


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 05:13 , Processed in 0.106709 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش