گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 8191|ئىنكاس: 31

سايرام قېتىقى‹‹ئىشەك قېتىقى››نىڭ تارىخى ئارقا كۇرىنىشى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                            
‹‹سايرام قېتىقى››نىڭ تارىخى ئارقا كۇرىنىشى
      تارىخى ماتىرياللاردا خاتىرلىنىشچە بۇنىڭدىن 500 يىللار ئىلگىرى يەركەن خانلىقىنىڭ تۇرپاندا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى ئەپىس دىگەن كىشى قۇشۇن باشلاپ باي ناھىيىسىنى تالان-تاراژ قىلغاندا، ئۇنىڭ بىر تۈركۈم ئەسكەرلىرى سايرامغا كەپتۇ ھەم سايرام قېتىقىغا ئامراق بولۇپ قاپتۇ. ئۇلار يەرلىك خەلقنى كۆپلەپ قېتىق بىلەن تەمىنلەشكە قىستاپتۇ. ئۇ چاغلاردا سېغىن كالا ئاز بولغاچقا، سايراملىقلار بۇنچە زور قۇشۇننى قېتىق بىلەن تەمىنلەپ بولالماپتۇ. ئەسكەرلەر ئۆيمۇ- ئۆي ئاختۇرۇپ قېتىق ئىزدەشكە كىرىشىپتۇ. نۇرغۇن ئاھالىلار باشقا جايلارغا كېتىشكە مەجبۇرى بولۇپتۇ. بىر كۈنى بىر ئەقىللىق ئايال ياخشى بىر ئامالنى ئويلاپ تېپىپتۇ. ئەسكەرلەر قېتىق ئىزدەپ دەل شۇ ئايالنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە ئۇ ئايال قەستەنگە ‹‹بۈگۈن قېتىق ئۇيۇتالمايدىغان بولدۇق، تەخەي ئىشەكنى ئېمىۋاپتۇ ئەمەسمۇ›› دەپ ئۈنلۈك ۋاقىراپتۇ، بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەسكەرلەر ھۆ قىلىشىپ، قايتىپ كىتىشىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ سايرام خەلقى قېتىق ئالۋىڭىدىن قۇتۇلۇپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ سايراملىقلار بىر يەرگە جەم بولغاندا ‹‹سايرام قېتىقى››نىڭ ھىكايىسىنى ئېيتىشىدىكەن.





«سايرام قېتىقى›› نىڭ تارىخى ئارقا كۇرىنىشى»گە قىستۇرما
                          تەييارلىغۇچى-دوناي

قۇربان ئەپەندىنىڭ‹‹سايرام قېتىقى›› نىڭ تارىخى ئارقا كۇرىنىشى دىگەن ماقالىسىدە «سايرام قېتىقى»دىگەن لەقەمنىڭ تارىخى بىرنەچچە ئەسىر ئالدىغا سۈرۈلگەن.
سايرام قېتىقى توغرىسىدا  مۇنداق بىر رىۋايات بار:
   خەلق ئېغىزىدا رىۋايەت قىلىنىشىچە ياقۇپ بەگ زامانىدا،سايرامنىڭ قېتىقى تەمىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن يىراق– يېقىنغا داڭلىق بولۇپ، سايرامدا تۇرۇشلۇق ياقۇپ بەگنىڭ سەركەردە- لەشكەرلىرى سايرام قېتىقىغا خۇمار بولۇپ كۈندە دىگۈدەك بازاردىن ياكى بازاردىن تېپىلمىسا پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىدىن قېتىق ئېلىپ ئىچىدىكەن. ياقۇپ بەگمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىكەن.كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سەركەردىلەر ئۆكتەملىك قىلىپ قېتىقنى ئىچىپ پۇل بەرمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىشكە باشلاپتۇ،كېيىنچە لەشكەر لەرمۇ زورلۇق قىلىپ قېتىقنى بىكارغا ئىچكىنىگە قانائەت قىلماي ئېلىپ كېتىدىغان بولۇپتۇ. بۇ ناھەقچىلىككە چىدىمىغان  جۈرئەت- شىجائەتلىك سايرام خەلقى بەدۆۋلەت-ياقۇپ بەگكە سەركەردە-لەشكەرلەر ئۈستىدىن ئەرىز قىلىپتۇ.ياقۇپبەگ-پاراساتلىك،قاتتىققول ،رەھىمسىز پادىشاھ بولۇپ، ئەرىز قىلغۇچىلارغا:ئەگەر يالغان بولۇپ قالسا كاللاڭنى ئالىمەن،ئەگەر راس بولسا لەشكەرلىرىمنىڭ ئۆلىمى ھەق بولغان بولىدۇ دەپ شەرت قويۇپ شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا شىكايات قىلغۇچىلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشى بىلەن قېتىقنى پۇل بەرمەي ئىچكەن لەشكەرنىڭ قارنىنى شەمشەر بىلەن يېرىپ، ئاشقازىنىنى ئاختۇرۇپتۇ،دىگەندەكلا لەشكەرلەرنىڭ قورسىقىدىن تېخى تولۇق ھەزىم بولۇپ بولالمىغان قېتىق چىقىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ بەگ چېتىشلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كاللىسىىنى ئېلىش بىلەن بىرگە پۈتۈن مەملىكەتكە  پەرمان جاكارلاپ، زورلۇق-زومبۇللۇق قىلىش، پۇقرالارنى بوزەك قىلىش، بۇلاش -تالاش ئىشلىرىنى قاتتىق چەكلەپتۇ.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سايرام قېتىقى تېخمۇ تونۇلۇپتۇ.
ئەمدى نىمىشقا «ئېشەك قېتىقى»دەپ لەقەم سىڭىپ قالغان دىگەن مەسىلىدە،يەنە مۇنداق بىر رىۋايەت بار.
     تارىخى ماتىرياللاردا خاتىرلىنىشچە شۇنداقلا خەلق ئېغىزىدا رىۋايەت قىلىنىشىچە ياقۇپ بەگ زامانىدا،سايرامنىڭ قېتىقى تەمىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن يىراق– يېقىنغا داڭلىق بولۇپ   (ھازىرمۇ ھھەقىقەتەن داڭلىق دىيىشكە ئەرزىيدۇ)، سايرامداتۇرۇشلۇق ياقۇپ بەگنىڭ سەركەردە- لەشكەرلىرى سايرام قېتىقىغا خۇمار بولۇپ كۈندە دىگۈدەك بازاردىن ياكى بازاردىن تېپىلمىسا پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىدىن قېتىق ئېلىپ ئىچىدىكەن. ياقۇپ بەگمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىكەن.كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سەركەردىلەر ئۆكتەملىك قىلىپ قېتىقنى ئىچىپ پۇل بەرمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىشكە باشلاپتۇ،كېيىنچە لەشكەرلەرمۇ زورلۇق قىلىپ قېتىقنى بىكارغا ئىچكىنىگە قانائەت قىلماي ئېلىپ كېتىدىغان بولۇپتۇ.سايرام خەلقى ئەزەلدىن ئەقىللىق خەلق بولغاچقا بۇ ئەقىللىق كىشىلەر ئىچىدىن بىر ئەقىل-پاراسەت ۋە جۈرئەت- شىجائەتتە كامىلەتكە يەتكەن بىر ئايال نەۋرىسىگە ئىش ئۈگۈتۈپ،لەشكەرلەر قېتىققا كەلگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە نەۋرىسىگە «موما تەخەي ئانىسىنى ئېمىپ كەتتى»دىگۈزۈپ لەشكەرلەرنى قېتىققا كەلمەس قىلىۋېتىپتۇ.شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە سايراملىقلار جۈملىدىن بايلىقلار -«ئېشەك قېتىقى»ھىكايىسىنى ئېيتىپ كەلمەكتە،ھەم سايرامنىڭ لەقىمى بولۇپ قالدى.






يەنە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
سايرام<<ئىشەك قېتىقى>>ھەققىدە رىۋايەت

ئاجايىپ تەملىك سايرام قېتىقى، تونۇلغاچقا چىقتى ئاتىقى


باھا سۆز

سەيياھ
ھەجەپ ياخشى يوللاپسىز ،ئىشەك قېتىقى دىسە تازا چۈشنەلمەي قالغان ئىدىم ،ئەسلى مۇشۇنداق ئىشكەندە بۇ  ۋاقتى: 2013-11-1 11:01

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +20 تىللا +20 تۆھپە +20 يىغىش سەۋەبى
QQ_44089B + 20 + 20 + 20 بەك ياخشى!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-7-23 23:13:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ياخشى يوللاپسىز ،ئىشەك قېتىقى دىسە تازا چۈشنەلمەي قالغان ئىدىم ،ئەسلى مۇشۇنداق ئىشكەندە بۇ


ۋاقتى: 2011-7-24 09:33:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدە سەۋەبى با گەپكەندە بۇ


ۋاقتى: 2011-7-24 10:50:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنىق چۈشەنچىگە ئگە بولمىغانلار بۇ تېمىنى ياخشى كۆرسە بولغۇدەك  .


Erkman بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2011-7-25 04:16:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2011-7-25 23:15:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت


ۋاقتى: 2011-7-25 23:18:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇللۇق چۈشەنچگە ئىگە بولدۇم.


ۋاقتى: 2011-7-26 14:43:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن چۈشنىشلىك بوپتۇ.


ۋاقتى: 2011-8-9 21:48:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىر ئۈرۈمچىدە  ، گاھىدا كوچىدا  كىتىۋېتىپ  كوچا بويلىردىكى تاللا بازىرنىڭ  تاملىرغا چاپلاپ قويۇلغان غەرىبى دىيار ماركىلىق  كۆك ئىنەك دىگەن پەيزىنى كۆرسەم كۈلگۈم كىلىدۇ  خەنزۇچە ئېنىق قىلىپ  驴奶  دەپ يېزىقلىق تۇرسا  يەنە ئۇيغۇرچە يېزىش كىتەمدۇ دەيمە  ، ھېلىغۇ كۆك ئىنەك دىسۇن  ئالتۇن ئىنەك دىسىمۇ ئۇيغۇرلاردىن كىم ئىچىدۇ دەيمە ئۇ كۆك ئىنەك قېتىقىنى   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wapadar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-9 21:52  



ۋاقتى: 2012-11-28 19:16:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دورا دەپلا ىچىۋەرسە بولمايدۇدە ەلۋەتتە


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 11:05 , Processed in 0.300170 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش