گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1292 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چوغلان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاللا ئىشلىرڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،  ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن !

  • ئەتىرگۈل 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخشام يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغسام ئۆي لەپەڭشگىلى تۇرۇپتۇ

  • نائىل 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنە نائىلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

  • مەردان105 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

      

  • سادىر 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دوستلار

  • مۇخلىسە 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق دوسلار ئەھۋالىڭلار كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،سالامەتچىلىكمۇ؟

  • تۇرغۇن13325 2013-1-20 21:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوسلار ،سورەت تارتىش بىلەن ئالدىراش بوپ كىتىپ بۇگۇن مۇنبەرگە قايتىپ كەلدڭم يېڭى يىلىڭلارغا بۇبا.....

كۆرۈش: 1384|ئىنكاس: 10

روناق تاپ ‹‹ئالتۇن بېلىق كەشتىچىلىك كارخانىسى››

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

129

تېما

26

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 4

يوقلىما
260
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 6
تىللا: 4090
تۆھپە : 1672
توردا: 342
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-31

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 11:43:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                 روناق تاپ  ‹‹ئالتۇن بېلىق كەشتىچىلىك كارخانىسى›› altunbelik kaxtiqilik karhanisi.JPG


                   سۈرەتتە: ‹‹ئالتۇن بېلىق كەشتىچىلىك كارخانىسى››دا كەشتىچى قىزلار مەشخۇلات قىلماقتا     
    باي ناھىيە سايرام بازىرى لاپا كەنت 3-مەھەللىسىدىكى بېلىققىز مىجىت  ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، پارتىيىنىڭ ياخشى سىياسىتى ئاستىدا كەشتىچىلىك ھۈنىرىگە تايىنىپ ئائىلە كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىپ، بىر ئاددى ئائىلە ئايالىدىن، يىراق-يېقىنغا تونۇلغان كارخانىچىغا ئايلىنىپ، سايرامدىلا ئەمەس، ناھىيە بويىچە ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگۈسىگە ئايلاندى. بېلىققىز مىجىت ئىلگىرى دېھقانچىلىق بىلەنلا شۇغۇللىنىشتەك تار رامكا بىلەن چەكلىنىپ قالغاچقا، تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەنىدى. دېھقانچىلىققىلا تايانغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا كۆزى يەتمىگەن بېلىققىز مىجىت بىرەر قۇشۇمچە ئىش قىلىش پۇرسىتىنى ئىزدىدى، لېكىن كۆڭۈلدىكىدەك ئىش تاپالمىدى، چوڭراق ئىش قىلاي دىسە دەسمايىدىن ئەنسىرىدى. بىكارچىلىققا جاق تويغان بېلىققىز ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان كەشتىچىلىك ھۈنىرى بىلەن زىرىكىشنى باستى. ئۇنىڭ قولىدا تۈجۈپلەپ ئىشلىگەن كەشتىلىرى رەڭدارلىقى، گۈل نۇسخىلىرىنىڭ شوقلىقى بىلەن خولۇم-خوشنىلىرىنى جەلىپ قىلدى. بارغانسىرى خولۇم-خوشنا، مەھەللىدىكىلەر ئىش بۇيرۇتىدىغان بولدى، لېكىن بېلىققىز ئۆزى يالغۇز ھەم قولىدا كەشتىلەپ، بۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ھۈنۈرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماشىنلاشتۇرۇش نىيىتىگە كەلدى ھەم 2200 يۈەن خەشلەپ بىر دانە كىچىك تىپتىكى توكلۇق كەشتە ئىشلەش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، قولىدا ئىشلەيدىغاندىن ماشىنىدا ئىشلەيدىغانغا يۈرۈش قىلدى. گەچە ماشىنىدا قولدا ئىشلىگەندىن ئىش ئۆنۈمى بىر قەدەر يوقۇرى بولسىمۇ يەنىلا ھەجەتمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى.  2006-يىلى 1-ئايدا ئۇ، يولدىشىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن قەرز كاپىراتىپتىن 120مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، ناھىيە بازىرىدىن 100 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە دۇكان ئىجارە ئېلىپ، توك ماشىنىسىنى 10غا يەتكۈزدى. بېلىققىزنى ئىزدەپ ئىش بۇيرىتىدىغانلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى، ئۇ سودىسىنىڭ تىز جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، بىر قانچە شاگىرتلىرى بىلەن يەنە خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ بولالمىدى ۋە پۇلمۇ تاپتى. ئۇ كۆڭلىگە بىر ئۇلۇغ ئارزىنى پۈكتى. ئۇ جەمىيەتتىكى بىر قىسىم قىزلارنىڭ جەمىيەتتە چىقىش يولىنى تاپالماي گاڭگىراپ ، چۈشكۈنلىك پاتقىقىغا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش، ئۇلارغا ئانا بولۇپ، ئازىراق بولسىمۇ چىقىش يولى تېپىپ بىرىش ئۈچۈن بىر مىھرى شەپقەت تەربىيەلەش ئورنى قۇرۇپ چىقىش نىيىتىگە كەلگەنىدى. ئۇ بۇ ئويىنى ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئېيتىپ،تىزلا ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. 2007-يىلى كىچىك تىپتىكى توكلىق كەشتىچىلىك ماشىنىسىنى 30 غا يەتكۈزۈپ، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللەپ بىرىشى بىلەن 30 نەپەر قىزنى ھەقسىز تەربىيەلەشكە قوبۇل قىلدى ۋە يىل ئاخىرىدا شاگىرت ئايرىپ بىردىن توكلىق ماشىنىنى بىرىپ، سەككىز نەپەر قىزنى ئۆز دۇكىنىدا ئىش ھەققى بىرىپ ئىشلىتىشكە ئېلىپ قېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. 2008-2009-يىللىرى ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن تەربىيەلەش توختامنامىسى ئىمازالىشىپ، 30 دىن 60 نەپەر قىزنى ھەقسىز تەربىيەلەپ، ئۇلارغا چىقىش يولى تېپىپ بەردى. 2009-يىلى يىل ئاخىرىدا دۇكىنىنى شاگىتلىرىغا قالدۇرۇپ، ئۈرۈمچىدە كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى سىستېمىلىق ئۆگەندى. 2010- يىلى 120 مىڭ يۈەن خەشلەپ، سۇجۇدىن كەشتىچىلىككە ئىشلىتىلىدىغان، ئېلىكتىرونلۇق مىڭە سەپلەنگەن، توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان كەشتىلەرنى كېسىش، جاھازىغا ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىچىك تىپتىكى زاۋۇت، ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ، ئىش ھالقىلىرىنى ماشىنلاشتۇردى ۋە شاگىرتلىرىنى كۆپەيتتى ۋە ‹‹ئالتۇن بېلىق كەشتىچىلىك كارخانىسى››نى قۇردى. شىركىتىگە دەسلەپتە سەككىز نەپەر ئىشچى قوبۇل قىلىپ ئىش باشلاپ، ھازىر سايرامدا بىر تارماق دۇكاننى كۆپەيتىپ، ئېلىكتىرونلۇق مىڭە سەپلەنگەن، توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان كەشتىلەرنى كېسىش، جاھازىغا ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىچىك تىپتىكى زاۋۇتنى ئۈچكە، ئىشچىلارنى 18 گە كۆپەيتتى. ھەقسىز تەربىيەلەپ چىقارغان شاگىرتلىرى 300 دىن ئاشتى. ئۇ، تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى نۇسخىدىكى كەشتىلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىپ، خېرىدارىنى تىز كۆپەيتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سودىسى جانلىنىپ، ئىقتىسادىي كىرىمىمۇ تېز كۆپەيدى. زاكاز دائىرسى بۇ ناھىيەدىن ھالقىپ، كۇچا، ئۈرۈمچىگىچە كېڭەيدى.
      ئۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىرىلىپ ئۆگۈنۇپ، كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داڭلىق گۈل كەشتىلىرىنى ئىجاد قىلىپ، بازار رىقابىتىدە ئۈزۈپ چىقىپ، زاكاسقا ئۈلگۈرتەلمەيدىغان ئۇستىلارغا ئايلىنىپ، يىراق،يېقىنغا داڭ چىقاردى ۋە ئۆزىمۇ بېيىدى. يۇرتداشلىرىنىڭ بالىلىرىنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بېيىشىغا كۈچ قوشۇپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
    ئۇ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك يېزا ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ھالال مېھنىتىگە تايىنىپ بېيىش يولىغا يۈرۈش قىلدى.

      بېلىققىز تۇرسۇن كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ھازىر يىللىق ساپ كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان، ئومۇمىي مەبلىغى 400 مىڭ يەنگە، ئىشچىلىرى 18 گە يەتكەن مۇكەممەل بىر كارخانىچىغا ئايلاندى. ئىشچىلارغىمۇ 1700 يۈەندىن 2200 يۈەنگىچە ئىش ھەققى تارقاتتى.
        ئۇ، ئۆتكەن يىلغا قەدەر ‹‹گۈل تاجى››، ‹‹ئۈچ مودەن››، ‹‹چاچما لوڭقا›› قاتارلىق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر ياخشى كۆرىدىغان سەككىز نۇسخدىن باشقا، بۇ يىل يەنە تېخىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ۋە چەت ئەللىك كىشىلەرمۇ ياخشى كۆرىدىغان نۇسخىلارنى ئىجاد قىلدى.
      يېىندا مەركىزى تېلۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرلىرى بۇ ئاددىي بىر يېزا ئايالىنىڭ كەشتىچىلىككە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش ئەھۋالىنى  زىيارەت قىلىپ، يوقۇرى باھا بەردى.
بېلىققىز مىجىت ئۆزلۈكسىز سودا قاينىمىدا تاۋلاندى. ئۇ داۋاملىق ئىزدىنىپ، كەشتىچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان خەلقنىپ كەشتە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش يولىدا تىرىشماقتا.
altun belik kaxtiqilik karhanisi baxliki.JPG

    سۈرەتتە:  ‹‹ئالتۇن بېلىق كەشتىچىلىك كارخانىسى››نىڭ مەسئۇلى بېلىققىز مىجىت ئىش ھالقىلىرىنى تەكشۈرمەكتە



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىق تىللا يىغىش سەۋەبى
新恩一 + 6 + 3 بەك ياخشى!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 6  تىللا + 3   باھا خاتىرىسى

39

تېما

55

دوست

7813

جۇغلانما

چوڭ باشقۇرغۇچى

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 4312
تۆھپە : 97
توردا: 1480
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-31

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 11:37:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق كارخانىچىلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشىغا تىلەكداشمەن{:soso_e142:}


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

1

تېما

26

دوست

848

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1384
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 345
تۆھپە : 5
توردا: 45
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-20

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-6 12:38:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يۇرتتىنمۇ بېلىقىز ھەدىمىزدەك مۇشۇنداق كارخانىچىلارنىڭ چىققانلىقىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم. بولسا مۇشۇنداق كارخانىچىلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشىغا ۋە جەمئىيتىمىزدە چىقىش يولى تاپالمايۋاتقان ياشلارنى تېخىمۇ كۆپلەپ تەربىيلەپ چىقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.


پايدىسىز ياشىغاندىن بىۋاقىت ئۆلگەن ئەۋزەل...
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

2

تېما

13

دوست

1218

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1161
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 703
تۆھپە : -6
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-29

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-6 23:49:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋا  بۇ  بىر  ئالاھىدە خوش  خەۋەركەن ،    بىزنىڭ يۇرتىممۇ مۇشۇنداق  ئۆز ئالدىغا ئىگلىك تىكلىيەلەيدىغان كىشلىرمىزمۇ  باركەن جۇمۇ،   بىز سىزدىن پەخرىلىنىمىز ،  ئىشلىرىڭىز تىخىمۇ ئالغا باسسۇن،  داۋاملىق تىرشىڭ ،  بىز سىزنى قوللايمىز ،          بولسا   ھەممىز  ئورتاق تىرىشايلى ،  گۈزەل  كەلگۈسىمىز  ئۈچۈن ئالغا ،!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!


7

تېما

6

دوست

674

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1340
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 299
تۆھپە : 14
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-25

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 12:26:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئايال كارخانىچىلىرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشغا تىلەكداشمەن.


تىنىچلىق تۇرغانسىلەر

0

تېما

0

دوست

181

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  710
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 100
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-12-15

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 17:24:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ، مەن سايرامدن تۇرۇپ بۇنداق ھەدمىزنڭمۇ بارلقىنى  بىلمەيدكەنمەن دىسە؟؟؟    ئۇلۇغ ئاللا دەرت بەرمسۇن!!!   


ئەلقەم ئەنۋەر

0

تېما

0

دوست

319

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  436
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 147
تۆھپە : 10
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-29

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 12:36:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوي بازاردا كۆرگەن .


0

تېما

2

دوست

149

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1507
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 61
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-22

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 22:02:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايرام  ئاياللىرى  بوش  ئەمەس  جۇما


67

تېما

24

دوست

4481

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1930
تۆھپە : 165
توردا: 219
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-30

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 14:26:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ قولىدىن نېمە ئىشلار كەلمەيدۇ؟ ئەڭ مۇھىمى مۇشۇنداق تىرىشچانلىق، ئاللاھ بېلىققىزنىڭ تېنىنى سالامەت قىلسۇن، ئىشىغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن.


دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2013-2-1 06:36 , Processed in 0.221459 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش