‹‹نىگار›› سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن
— باي ناھىيەسىدىكى‹‹نىگار››كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەنۋەر تۇرغۇن توغرىسىدا
غەيرەت ئۆمەر،قۇربان مولنىياز
ئەنۋەر تۇرغۇن، سىز ھازىر باي ناھىيەسىدىكى مۇقىم مۈلكى 7 مىليون يۈەندىن، كۆچمە مەبلىغى 2 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان، ئارپا، قوناق، نوقۇتنى ئاساسىي خام ئەشيا قىلىپ، يىلىغا 850 توننا يۈرۈشلۈك يېشىل ساغلاملىق يېمەكلىكى ئىشلەپچىقىرىپ، 5 مىليون يۈەنلىك مەھسۇلات قىممىتى يارىتالايدىغان ‹‹نىگار›› كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم قانۇنىي ۋەكىلى. سىز بۇ شىركەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە نۇرغۇن ئەقىل، ئەجىر ۋە ھالال تەر سىڭدۈردىڭىز، كۆپ جاپا – مۇشەققەت تارتتىڭىز.
ئەنۋەر تۇرغۇن، سىز 1990 – يىلى شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ سانائەتنى ئېلېكتىرلىك ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، باي ناھىيەلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ ياغ زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتىڭىز. سىز بۇ ئورۇندا تىرىشىپ ئىشلەپ، كەسىپتە پىشىپ يېتىلىپ، ھەر جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان چاغدا، زاۋۇت ۋەيران بولۇشقا يۈزلىنىپ، 2000 – يىلى ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلدىڭىز. بۇ كۈتۈلمىگەن زەربە دەسلەپتە سىزگە ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى، تۇرمۇش ۋە روھىي بېسىم ھېس قىلدۇردى. لېكىن سىز بەل قويۇۋەتمەي، رېئاللىققا دادىل يۈزلەندىڭىز. ئىلگىرى كۆڭلىڭىزگە پۈكۈپ كەلگەن كارخانىچى بولۇش ئارزۇيىڭىزغا يېتىش ئۈچۈن پائال تىرىشتىڭىز. دەل شۇ چاغدا شىنجاڭ ئارمان كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى سىزنىڭ بۇ ئارمىنىڭىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىڭىزغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن سىز 2000 – يىلى 8 – ئايدا ئارمان شىركىتىنىڭ باي ناھىيەسىدىكى تۇنجى باش ۋاكالەتچىسى بولدىڭىز ھەم 20 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، ‹‹ئارمان تاللا بازىرى››دا تىجارەت باشلىدىڭىز. ئارمان مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا توپلىغان مول تەجرىبىلىرىڭىزگە، يېتىلدۈرگەن يۇقىرى كۆزىتىش ئىقتىدارىڭىزغا تايىنىپ، شەھەر، بازار ئاھالىلىرى ئارىسىدا سېمىزلىك، قەنت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، بۇ كېسەللەرنى ساپ تەبىئىي يېمەكلىك بىلەن تىزگىنلەش، داۋالاشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدەندىڭىز. 2005 – يىلى تۈركىيە ساراي شىركىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلارغا قىلغان ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتىڭىز، داڭلىق كارخانىلارنى زىيارەت قىلىپ ئېرىشكەن ماتېرىياللىرىڭىز، بۇ كارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلىرىڭىز يۇقىرىقى ئىزدىنىشلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولغان ئىرادىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن سىز ‹‹ئارمان›› يېتىشتۈرگەن تەجرىبە، ئېرىشتۈرگەن دەسمايىنىڭ ياردىمىدە، پۇختا تەييارلىق ئارقىلىق 2005 – يىلى 8 – ئايدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىر گەۋدە قىلىنغان ‹‹نىگار›› شىركىتىنى قۇردىڭىز. ئەنۋەر تۇرغۇن، سىز ‹‹نىگار›› شىركىتىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرگەندىن كېيىن، ھازىر ئىستېمالدىن قېلىش خەۋپىگە يۈزلەنگەن ئارپىنىڭ شىپالىق رولى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشنى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى، ئىلمىي دەلىللەشتىن ئۆتكۈزۈشنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويمىدىڭىز. بەلكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى تۈزۈپ، بۇ جەھەتتىكى ئىلمىي تەتقىقاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇردىڭىز. قىسقىغىنە بىر نەچچە يىلدا ‹‹نىگار›› ماركىلىق ئارپا ئۇنى، ئارپا كەسمە چۆپى، ئارپا قولدامىسى، قوناق قولدامىسى، نوقۇت تالقىنى، سۇلۇ ياپراقچىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ساغلاملىق يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن بازارغا سالدىڭىز. نوپۇزلۇق ئورۇنلار تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىپ، شىركىتىڭىز باينىڭ بۇلغانمىغان تاغ – دالىلىرىدا ئۆستۈرۈلگەن ساپ ئارپا، قوناق، نوقۇتنى خام ئەشيا قىلىپ، زامانىۋى پەن – تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقارغان بۇ مەھسۇلاتلارغا ئوزۇقلۇق، دورىلىق قىممىتى يۇقىرى يېشىل يېمەكلىك، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، ئىشتىھانى ئېچىش، قاندىكى شېكەر، ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىپ، قەنت كېسىلى ۋە سېمىزلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش رولىغا ئىگە، دەپ ئىلمىي باھا بەردى.
ئەنۋەر تۇرغۇن، سىز ‹‹نىگار›› شىركىتىنى قۇرغاندىن بۇيان، بىر تەرەپتىن، قۇرۇلۇش قىلىش، بىر تەرەپتىن، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تىجارىتىڭىزنى راۋانلاشتۇردىڭىز. سۈپەتنى باشتىن – ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خېرىدارلىرىڭىزنى كۆپەيتتىڭىز. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 50 نەچچە ئورۇندا ۋاكالىتەن سېتىش تور – نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ، تەسىر دائىرىڭىزنى كېڭەيتتىڭىز. بۇ جەرياندا ئىنچىكە، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ، شىركىتىڭىزنىڭ ھازىرقى يىلىغا 500 توننا ئارپا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشىغا 2000 مو تېرىلغۇ يەر كېتىدىغانلىقىنى، ھەر بىر دېھقان ئوتتۇرىچە ئىككى مودىن ئارپا تېرىسا، مۇشۇ بىر تۈردە 1000 ئائىلىنى يېتەكلەپ، 4000 يېزا نوپۇسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى؛ يىلىغا 300 توننا نوقۇتنى بىر تەرەپ قىلىشىڭىزغا 3000 مو يەر لازىم بولىدىغانلىقىنى، بىر ئائىلە بىر مودىن نوقۇت تېرىسا، 3000 ئائىلىنى يېتەكلەپ، 12 مىڭ نوپۇسنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تەپسىلىي ھېسابلاپ چىقتىڭىز. بۇ جەھەتتىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ قايىللىقىنى، مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئەتراپىڭىزغا ئۇيۇشتۇردىڭىز.
‹‹نىگار›› كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى، بۈگۈنكىدەك روناق تېپىشى باي ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا، ياردىمىگە ئېرىشتى. ئەنۋەر تۇرغۇن، سىز بۇنىڭغا كارخانىنى ياخشى باشقۇرۇپ گۈللەندۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز بىلەن جاۋاب قايتۇردىڭىز. ئائىلىسىدە ئىش كۈتۈپ تۇرغان 50 چە ياشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇقىم كىرىم مەنبەسىگە، بەش خىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كاپالىتىگە ئىگە قىلدىڭىز. نامرات ئوقۇغۇچىلارغا، يېتىم – يېسىرلارغا، ئاپەتكە، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا قولىڭىزدىن كېلىشىچە ياردەم بەردىڭىز – يۇ، خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان پۇلىڭىزنىڭ سانىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدىڭىز. 43 ياشقا كىرىپ قالغىنىڭىزغا قارىماي، بۇلتۇر چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈرۈمچىدە قۇرغان ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ئىشتىن سىرتقى ماگىستىرلىق سىنىپىغا ئوقۇشقا كىردىڭىز. سىز ئەنە شۇنداق بىر قولدا بىلىم ئىگىلەشنى، بىر قولدا ئىگىلىك تىكلەشنى تۇتتىڭىز. بىلىمنى ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن، ئىگىلىك تىكلەشتىن ئېرىشكەن ئىقتىسادنى يەنە بىلىم ئاشۇرۇش، ئاجىز، يېتىم – يېسىرلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىپ، باي ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە، ئىشەنچىسىگە ئېرىشتىڭىز.
ئەنۋەر تۇرغۇن، بىز يېقىندا سىزنىڭ ‹‹مۇزات›› ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىش يوللىرىنى، كىرىم مەنبەسىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ‹‹باي ناھىيەسى مۇزات يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى›› قۇرغانلىقىڭىزدىن خەۋەر تېپىپ، تولىمۇ سۆيۈندۇق، شۇنداقلا ‹‹نىگار››دىن باشلانغان قۇتلۇق قەدىمىڭىزنىڭ خەيرىلىك بېسىلىشىغا، ‹‹نىگار›› بىلەن ‹‹مۇزات››نىڭ سىزگە ئۆمۈرلۈك يار – يۆلەك بولۇشىغا، تۈگىمەس ئەقىل – ئىدراك، كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلىشىغا چىن كۆڭلىمىزدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردۇق.
شىنجاڭ گېزىتى ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن : غەيرەت ئۆمەر
باي ناھيىلىك مالىيە ئىدارىسدىن :قۇربان مولنىياز