باي بازىرىنىڭ جەلىپكارلىقى ئاشماقتا باي ناھىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «دۆلەت دەرجىلىك باغچىلاشقان ناھىيە بازىرى»، «دۆلەت دەرجىلىك پاكىزە ناھىيە بازىرى»، «ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيە بازىرى» بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، يېشىللىق ئومۇمىي كۆلۈمىنى 192 گېكتارغا، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %38كە، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئوتتۇرچە يېشىللىق كۆلۈمىنى 9.39 كۇۋادىرات مېتىرغا يەتكۈزدى. بولۇپمۇ بۇ يىل 300 مېتىردا بىر يېشىللىق، 500 مېتىردا بىر گۈللۈك، 800 مېتىردا بىر باغچا بەرپا قىلىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ جەلىپكارلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.
سۈرەتتە: ئىتتىپاق يولى دوقمۇشىدىن بىر كۆرۈنىش.