نامراتلىق تەقدىرنى ئۆزگەرتكەن سىتودىنت
باي ناھىيە قېيىر يېزا چارۋا مەيدانىنىڭ ئەزاسى ئەركىن ياسىن تىنىمسىز ئىزدىنىپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، قېيىر يېزىسى، ھەتتا ناھىيە بويىچە ئىشلەمچىلەرنىڭ ئۈلگىسىگە ئاياندى.
قېيىر يېزىسى باي ناھىيە بازىرىدىن 110 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغ ئارىسىغا جايلاشقان، تەبىئىي شارائىتى بىر قەدەر ناچار، نامرات رايۇنلارنىڭ بىرى. 2005-يىلى ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىقىدىن خوتەن پىداگوگىكا ئىنىستوتىنىڭ تەنتەربىيە كەسپىنى تەستىمۇ تاماملىغان ئەركىن ياسىن ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىپ، يىمەي يىگۈزۈپ، كىيمەي كىيگۈزۈپ تاپقان ئائىلە ئىقتىسادىنى مەكتەپكە ئېۋەتىپ، تېخىمۇ نامراتلىشىپ كەتكەن ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈپ، يۈرەكلىرى ئېچىشىپ، بىر قانچە كۈن ئۆيىدىن چىقماي نامراتلىقنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئويلىنىدۇ ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئىستىكى قوزغىلىدۇ. ئىشنى نەدىن باشلاش كېرەك؟ ئەركىن ياسىن بىر تەرەپتىن ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن قىلغۇدەك بىرەر ئىش پۇرسىتىنى سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزۈتىدۇ. شۇ يىلى 8-ئايدا ئۇرۇق-تۇققالىرىدىن 10 مىڭ يۈەن يىغىش قىلىپ، بۇ يېزىنىڭ چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يايلاققىچە چىقىپ 80 تۇياق قوي، ئۆچكە سېتىۋېلىپ، ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىپ، بىر ھەپتە ئىچىدىلا 5000 يۈەن ساپ پايدا ئالىدۇ. بۇ، قېيىر يېزىسىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى كىشى بېشى ساپ كىرىمىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە باراۋەر ئىدى. ئۇ شۇ يوسۇندا چارۋا مال تىجارىتى بىلەن ئۈچ ئاي شۇغۇلىنىپ، 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ساپ پايدىغا ئېرىشتى.
پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس تىرىشقانلارغا مەنسۈپ
ئەركىن ياسىن پۇل تاپقانسىرى ئىنىچكىلىك بىلەن كۈزۈتۈپ، بۇ يېزىنىڭ ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە باشلىنىشى بىلەن، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى ساھەسىدكى بازارنىڭ ئىنتايىن كەڭرى ئىكەنلىكىنى بايقاپ، 2006-يىلدىن باشلاپ قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى تىجارىتىگە كىرىشىپ، سىمنۇت، گاڭجىڭ، تۇلىياۋ... قاتارلىقلارنى سېتىپ، بىر يىل ئىچىدە ساپ پايدىسىنى 40 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى.
يول ماڭغاسىرى ئېچىلىدۇ
تىرىشچانلىق، تىجارەت، بازار ئەركىن ياسىنىڭ كۆزىنى ئاچتى. ئۇ تىجارەت قىلىش جەريانىدا سىرتلارغا بېرىپ، كۆپ كۆرۈپ، كۆپ ئاڭلاپ، بۇ كىچىككىنە يۇرتتا كۆپ ئىشنى قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، تىجارەت تورىنى سىرتلارغىمۇ يېيىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتكەنىدى. 2007-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ بىر ئايدىن كۆپرەك ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇلاندى ۋە ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادىرىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن شۇ يىلى ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرىدىن 30 كۇئادىراتمېتىرلىق كىچىك دۇكاندىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ، ھىندىستان، پاكىستاندىن بىر تۈركۈم قاچا-قۇچا ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بويۇملىرىنى كىرگۈزۈپ، ئوچۇق-ئاشكارە، ئادىل سودا قىلىپ، سودا دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېرىم يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقت ئىچىدە دۇكاننىڭ ساپ كىرىمىنى 30 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. ئىشلار شۇ تەرىقىدە يۈرۈشىۋەردى.
يەرمەنكە ئۇنىڭغا يەنە پۇرسەت ئاتا قىلدى
ئۈچ يىللىق تىجارەت ئەركىن ياسىننى ئوبدانلا چېنىقتۇردى ۋە توختىماي سودا پۇرسىتى ئىزدەيدىغان قىلىپ قويغانىدى. 2008-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ، نىڭبودا ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگو نىڭبو يىمەكلىك يەرمەنكىسىدە بىر يەرمەنكە ئورنى زاكاز قىلىپ قاتناشتى. يەرمەنكە ئەركىن ياسىنغا يەنە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، ئۇ بەش كۈن ئىچىدىلا پارچە سېتىشنى ئاساس قىلىپ، 20 مىڭ يۈەن ساپ پايدا ئالدى. شۇ يىلى 11-ئايدا دالىيەندە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو دالىيەن يىمەكلىكلەر يەرمەنكىسىدە 30 مىڭ يۈەن، ئۈرۈمچىدىكى دۇكىنىدىن 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدى. 2009-2010-يىلى يەنە جۇڭگو دالىيەن يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسى، شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭنىڭ ئالاھىيىدە مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى، گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، ھەم توختام ئىمزالاپ، مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، 375 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى ۋە 2009-يىلى 11-ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭنىڭ ئالاھىيىدە مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە « ئىشەنچىلىك سودىگەر» بولۇپ باھالىنىپ، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يېزا ئىگىلىك نازارىتى تەرىپىدىن 1000 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى ۋە شەرەپ گۈۋانامىسى ئالدى.
ئۇ بېيىغاندا يۇرتىنى، يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى
ئەركىن ياسىننىڭ يۇرتىغا كەلسە، نامراتلارنى كۆرسە يۈرىكى ئېچىشتى. ئۇ 2009-يىلدىن باشلاپ قېيىر يېزا چارۋا مەيدانىدىكى بەش ئائىلىلىك نامراتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۆلەش ئوبىيكتى قىلىپ تاللاپ، 40 مىڭ يۈەنلىك نەق پۇل ۋە ماددىي بويۇم ياردەم قىلىپ، ئۆزىنىڭ يۇرتىغا، يۇراتداشلىرىغا بولغان ياخشى كۆڭلىنى نامايەن قىلدى.
يېقىندا، باي ناھىيەسىدە ئېچىلغان «يېزىلاردىكى ئىشلەمچىلىك يۇلتۇزلىرىنى تەقدىرلەش چوڭ يىغىنى»غا قاتنىشىپ مۇكاپاتلاندى ۋە بېيىش تەجىربىلىرىنى سۆزلەپ، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنى ئويغاتتى. باي ناھىيەلىك پارتىكۇم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەر قايسى ئورۇن ۋە تارماقلاردىن ئەركىن ياسىننىڭ بېيىش تەجىربىلىرىنى دېھقان-چارۋىچىلار ئارىسىدا كەڭ تەشۋىق قىلىپ، بېيىش دولقۇنى قوزغاشنى تەلەپ قىلدى.