گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1158|ئىنكاس: 8

‹‹بالا ››كەشپىياتچىنىڭ ھىكايىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

يوقلىما
98
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  106
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 4227
تۆھپە : 310
توردا: 84
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-7-4
ئاخىرقى: 2012-9-11
ھازىر:

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 20:02:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹بالا ››كەشپىياتچىنىڭ ھىكايىسى
   DSC_2133.JPG


(زىيارەت خاتىرسى)
قۇربان مولنىياز
‹‹زېمىن زىننىتى -دەرەخ،دەرەخ زىننىتى-يۇپۇرماق ››دىگەندەك،پۈتكۈل تەبئەت  يېشىللىققا پۈركىنىپ تەبىئەت تېخڭمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگەن  ،مىۋىلىك باغلارنىڭ خۇشبۇي ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ كىشلەرگە ھوزۇر بەخىش ئىتىۋاتقان  ئىيۇن   ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى  باي ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسدىكى دوستۇم  ئەزىز جۈمەدىن ،يېقىندا  باي ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 2-يىللق3-سىنىپ ئۇقۇغۇچىسى ،  ئىتپاق ئەزاسى  ئەمەر مەمتىلنىڭ كوپ ئىقتىدارلىق ماگنىتلىق ئۇنۋېرسال ئۆچۈرگۈچ كەشىپ قىلىپ دۆلەتلىك پاتېنىت ھۆقۇقى ئىدارىسى تەرپىدىن ‹‹ئەمەلىي ئىشلىتىشچان يېڭى كەشپىيات ››پاتېنىت ھوقۇقى گۇۋانامىسگە ئېرىشكەنلىك خەۋىرنى ئاڭلاپ قالدىم.كۆڭلۈمدە بۇ ‹‹بالا ››كەشپىياتچىنى زىيارەت قىلىش ئىستىكى تۇغۇلدى.
دەم ئېلىش كۈنۈمدىن  پايدىللنىپ ئۇنى ئىزدەپ باردىم.ئەمەر مەمتىل ئوتتۇرا بوي،سەل ئۇرۇق كەلگەن،كۆزلىردىن ئۈمۈت نۈرى چاقناپ تۇردىغان ،بۇغداي ئوڭلۈك ،قارا قاش ‹‹بالا ››ئىدى.مەن ئۇنىڭ خىجىللق كەيپىياتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن دەرھال كېلىش مەخسىتىمنى ئېيىتىپ،ئۇنىڭ ئىجادىيەت مىۋىسنى تەبرىكلەيدىغانلىغىمنى بىلدۈردۈم.ئۇ سەل تارتىنىپراق قول سومكىسدىن بىر ئۈچۈرگۈچنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى .مەن بۇ ئۈچۈرگۈچنى تېما قىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەرگە ئىگە بولدۇم.
ئەمەر مەمتىل باي ناھيە توقسۇن يېزا جىسەك قايغۇ كەنتىدىن بۇلۇپ،ئۇنىڭ بالىلق  ۋاقتى  دادىسى مەمتىل كىرەم  ئېلىپ بەرگەن  ئويۇنچۇقلارنى ئويناش،ئۇيۇنچۇقلارنى چۇگۇپ قۇراشتۇرۇش،ھەر خىل مۇھىتتا سىناپ بېقىش بىلەن ئۆتۈپتۇ .كېيىنچە ئۇ مەكتەپكە كىرىپ مەدەنيەت دەرىسلىرنى تىرشىپ ئۈگۈنۈش بىلەن بىرگە ئۈزى كىچىك ۋاختىدا ئوينىغان ئۇيۇنچۇقلىرنى تەقلىت قىلىپ ياساپ بېقىش نىيتىگە كېلىپ  ياغاچ قاتارلىق نەرسىلەردىن ھەرخىل ئۇيۇنچۇقلارنى ياساپتۇ ،بۇ جەرياندا قوللىرنى نەچچە قېتىم پىچاق كىسۋەتسىمۇ ۋاز كەچمەپتۇ، ئۇنىڭ دەسلەپتە ياسىغان بىرقانچە خىل ئۇيۇنچۇق مودىللىرى مەكتەپ بۇيچە ئوتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ ئۇنىڭغا تېخىمۇ مەدەت بېرىپتۇ. ئۇ تۇقسىز ،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان مەزگىلدە تەبىئەت،فىزىكا،خىمىيە قاتارلىق دەرىسلەرگە ئالاھىدە قىزقىپ ،كۆپ ۋاقتىنى مەكتەپ تەجىربىخانىسدا ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن تەقلىدىي تەجىربىلەرنى ئىشلەپتۇ .بۇ جەرياندا جەميىتىمىزدە نۇرغۇن كەشپىياتلارنىڭ كەمچىل ئىكەنلىگىنى  ھېس قىلىپ ،ئۈزى تەتقىق قىلىپ ،كەشپىيات يارتىش ئىرادىسگە كېلىپتۇ،جەمىيەتنى ،تەبىئەتنى كۈزۈتۈپ ،كەشپىيات يارتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپتۇ.بۇ جەرياندا ئۇ كۆپ قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپتۇ،ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ زىيان تارتىپتۇ ،ئاتا-ئانىسى ،ساۋاغداشلىرمۇ ئۇنى ئانچە قوللاپ كەتمەپتۇ.بۇ چاغدا ئۇ نىيوتۇن،ئېينىشتىندەك ئالىملارنىڭ كەشپىيات يارتىش جەريانىنى ئەسلەپ ،يەنە غەيرەتكە كېلىپ ،كەشپىيات يارتىش يۇلىدا توختاۋسىز ئىزدىنىپتۇ.تەجىربە قىلىش،تەجىربە ماتىرياللىرنى سېتۋېلىش ئۈچۈن تاماق پۇلىنى، كىرا پۇلىنى قىسىپ ئىقتىسات قىلىپتۇ.بىر كۈنى ئۇ دەرىس ئاڭلاۋېتىپ ،ئۇقۇتقۇچى –ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بور تۇزانلىردا ھۆتۈلۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى ،ئۈچۈرگۈچنىڭ يەرگە چۈشۈپ كېتىپ ئۇقۇتقۇچىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىپ،ۋاقىت ئىسراپ بۇلۇپ كىتىپ بارغانلىقىنى كۈرۈپ ،بىر كۆپ ئىقتىدارلىق ئۈچۈرگۈچ ياساش ئىستىگى تۇغۇلۇپ ،تەجىربە ئىشلەشكە باشلايدۇ.قايتا –قايتا تەجىربە قىلىش ئارقىلىق 6ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ،ئاخىرى كۆپ ئىقتىدارلىق ماگنىتلق ئۇنۋېرسال ئۈچۈرگۈچنى ياساپ چىقىپ ،دۆلەتلىك پاتېنىت ھوقۇقى ئىدارىسغا پاتېنىت ئىلتىماسى سۇنۇپتۇ .ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى يېقىندا دۆلەتلىك پاتېنىت ھوقۇقى ئىدارىسى تەرپىدىن ‹‹ئەمەلىي ئىشلىتىشچان يېڭى كەشپىيات  ››پاتېنتىغا ئېرىشىپ ، ZL201020192405.7نۇمۇرلۇق پاتېنىت گۇۋانامىسگە ئېرىشىپتۇ.ئەمەر مەمتىل كەشىپ قىلغان كوپ ئىقتىدارلىق ماگىنىتلق ئۇنۋېرسال ئۈچۈرگۈچ دوسكىنىڭ خالىغان يېرىدە توختىتىپ قولاي ئىشلەتكىلى بۇلۇش،ۋاقىت تېجەش،مۇھىت ئاسراش ،تەننەرقى تۆۋەن بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن.
ئەمەر مەمتىلنىڭ ئىلگىركى ۋە ھازىرقى  سىنىپ مەسئۇلى ۋە دەرىس ئۇقۇتقۇچىلىردىن ئىگىلىشىمچە ئەمەر مەمتىل ئۈگۈنۈش،ئەخلاق،تەشكىلى تۈزۈمگە رايە قىلىش،ئىتپاقلىق جەھەتتە سىنپىدىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسى بۇلۇپ، مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان كۆپ قېتىم ‹‹ئىلغار سىنىپ كادىرى››،‹‹ئۈچتە ياخشى ئۇقۇغۇچى››،‹‹ئىككىنچى دەرىسخانا پائالىيىتىدىكى ئۈلگۈلۈك ئۇقۇغۇچى››،‹‹مۇنەۋەر ئىتپاق ئەزاسى››قاتارلق ناملار بىلەن كۆپ قېتىم تەغدىرلىنىپتۇ.
باي ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش بۈلۈمىنىڭ مۇدىرى ئىسكەندەر مۇنداق دېدى:ئەمەر مەمتىل بىر تۈردە كەشپىيات يارتىپ ،ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى.ئەمەر مەمتىل كەشىپ قىلغان كوپ ئىقتىدارلىق ماگنىتلىق ئۇنۋېرسال ئۆچۈرگۈچ نۆۋەتتە  ناھيىمىزدىكى 100دىن ئارتۇق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتە سىناق تەرەققىسدە  ئىشلىتىلىپ، ئۇقۇتقۇچى،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
مەن ئەمەر مەمتىلنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈگۈنۈش پىلانى ۋە قانداق كەشپىياتلارنى يارتىش ئوي خىيالىنىڭ بارلىقىنى سورىغىنىمدا  ئۇ مۇنداق دېدى:مەدەنيەت پەنلىرنى تىرشىپ ئۈگۈنۈپ ئالىي بىلىم يۇرتىغا بېرىپ بىلىم سەۋيەمنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ،تېخىمۇ كۆپ كەشپىياتلارنى يارتىپ جەميەت ئۈچۈن بىر كىشلىك  ھەسسە قۇشۇمەن.
ئەمەر مەمتىلنىڭ بۇ سۆزىدىن،ئۇنىڭ ئىلىم پەننى سۈيۈش،يېڭىلىققا ئىنتىلىپ ،كەشپىيات يارتىش،جەميەت ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇش ئىرادىسنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى كۈرۈۋالغاندەك بولدۇم.ئۇنىڭ يەنە ‹‹ئۇقۇغۇچىلار يېنىدىكى چەكلەنگەن بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى››،‹‹ئېلىكتىرونلۇق كىچىك ئەتىركە››،‹‹مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ،قۇياش ئېنىرگىيىلىك دىزىنفېكسىيەلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەخلەت ساندۇقى ››،‹‹كۆپ ئىقتىدارلىق قەلەم››،‹‹ئاپتۇماتىك بايراق چىقىرىش،چۈشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ››قاتارلىق كەشپىياتلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ ،پاتېنىت ھوقۇقى ئىلتىماسى قىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى،‹‹كۆپ ئىقتىدارلىق قەلەم قاپچۇقى››نىڭ كەشپىيات پاتېنىت ئىلتىماسىنى مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا سۇنغانلىقىنى  ئۇقۇپ بۇ ‹‹بالا››كەشپىياتچىغا بولغان ھۆرمۈتۈم تېخىمۇ كۈچەيدى.ئىچىمدە قايسىدۇر بىر شائىرنىڭ  تۆۋەندىكى رۇبائىيسىنى ئەسكە ئالدىم.
قىزىلگۈل بولسىمۇ ھەرقانچە ئېسىل،
تۇزۇيدۇ ئاخىرى يەتكەندە پەسىل.
مەڭگۈلۈك ياشاشنى ئارمان ئەيلىسەڭ،
قالدۇرغىن كەشپىيات-ئىجادتىن نەسىل.
سۈرەتتە :ئەمەر مەمتىل تەجىربە ئۈستىدە

باي ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسدىن قۇربان مولنىياز
تېلفۇن:13779743107



Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  421
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 569
تۆھپە : 42
توردا: 31
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-30
ئاخىرقى: 2012-10-19
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 23:24:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يۇرتتىنمۇ كەشپىياتىچىلار چىقىپتۇ مانا.داۋاملىق ئالغا...


Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  241
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1218
تۆھپە : 23
توردا: 94
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 19:34:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەرجان ئىنىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تېلەيمەن.مېنىڭمۇ ئۇنىڭ كەشپىياتىنى كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ.
تېخىمۇ تىرىشىڭ ئىنىم.


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1205
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 237
تۆھپە : 62
توردا: 16
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-10-16
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 13:40:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا كارامەت


بىر قەدەمىنى خاتا باسساڭ,بىر ئۇمۇر پۇشمان قىلس

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  867
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 361
تۆھپە : 9
توردا: 48
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-1-8
ئاخىرقى: 2012-8-8
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 16:38:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنىمىزدىن پەخىرلىنىمەن.


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  493
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 665
تۆھپە : 12
توردا: 43
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-10-12
ئاخىرقى: 2012-10-22
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 12:58:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسە يىگىت يەنە داۋاملىق تىرىش سىنىڭ مۇۋاپقىيەت قازنىشىڭنى تىلەيمەن


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  493
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 665
تۆھپە : 12
توردا: 43
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-10-12
ئاخىرقى: 2012-10-22
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 12:58:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسە يىگىت يەنە داۋاملىق تىرىش سىنىڭ مۇۋاپقىيەت قازنىشىڭنى تىلەيمەن


Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1673
تۆھپە : 156
توردا: 198
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-10-20
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 18:52:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقلىڭىزگە بارىكاللا ئىنىم، يەنىمۇ تىرىشىڭ، ئىشىنىمەنكى كەلگۈسىدە چوقۇم چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايسىز،


دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1161
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 538
تۆھپە : -6
توردا: 32
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-3-19
ئاخىرقى: 2012-10-22
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 11:31:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسەن يىگىت ،  يەنىمۇ تىرىشقىن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 10:22 , Processed in 0.174406 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش