تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2224 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 175|ئىنكاس: 1

شىنجاڭدىكى بىرىنچى ناۋاي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
شىنجاڭدىكى بىرىنچى ناۋاي


ئوسمان مەمەت، باي ناھىيە قۇتاد شەھەرچىسى ئەل ھۇزۇر ناۋاي دۇكىننىڭ ئۇستىسى بۇلۇپ،ناۋايلىق ھۈنىردە شىنجاڭ بۇيچە بىرىنچى ئىكەن.
0.jpg

ئوسمان مەمەتنىڭ ئايلىق مۇئاشى 9000 يۈئەنگە يىتىدىكەن،ئۇندىن باشقا دەرس سۆزلەپمۇ كىرىم قىلدىكەن.قەشقەر،خوتەن،قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىكى ناۋاي تەربىيلەش مەكتەپلىرى،ناۋايلىق دۇكانلىرى ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلاپ،ئۇنى دەرس سۆزلەپ بىرىشكە،ناۋايلىق ھۈنىرىنى ئۈگىتىپ قۇيۇشقا تەكلىپ قىلدىكەن. ئۇنىڭ دەر سۆزلەشتىكى تەمىناتى ناھيىتى يۇقىرى بۇلۇپ،تەكلىپ قىلغاندا ئالدىن كىلىشىپ قۇيۇپ،مەخسۇس ماشىنا بىلەن ئاپىرىپ-ئەكىپ قۇيىدىكەن،بېرىپ كىلىشكە ئادەتتە بىر ھەپتە كىتىدىغان بۇلۇپ،دەرس سۆزلەش ھەققى 3000 يۈئەن ئىكەن.
aa.jpg

ئوسمان مەمەتنىڭ 2012-يىلدىن باشلاپ رەسمى نامى چىقىشقا باشلاپتۇ،2012-يىلى 20-ماي ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگۇ مۇسۇلمانچە ئېسىل يىمەكلىكلەر بايرىمى،يەنى ئۈرۈمچى ئالاھىدە يىمەك-ئىچمەك مەسھۇلاتلار كۆرگەزمىسىدە، ئوسمان مەمەت ياققان ‹‹قەدىر نانلىلىر››شىنجاڭ بۇيچە نان كۆرگەزمىسىنىڭ چىمپىيۇنلىققا ئىرىشىپتۇ.
aaaa.jpg

ئوسمان مەمەت، تىگى-تەكتىدىن باي ناھىيىسىدىن بۇلۇپ، بۇيىل 54 ياش،ئاق كۆڭۈل،ساددا،كەمتەر ۋە خۇش پىئېل ئادەم. ئوسمان مەمەت 17 يېشىدىن باشلاپ ئۇستىسىغا ئەگشىپ ناۋايلىقنى ئۈگەنگەن ئىكەن. ئوسمان مەمەتنىڭ ئۇستىسى ئەينى ۋاقىتتا بايدىكى ئۇستا ناۋاي بۇلۇپ،1963-يىلى ماۋجۇشىغا سوۋغا قىلغان ناننى مۇشۇ ئادەم ياققان ئىكەن. ئۇسمان مەمەت  تىرىشچان،جاپادىن قورقمايدىغان بولغاچقا،ئۇستىسى ئۇنىڭغا ئامراق بۇلۇپ،ناۋايلىق ھۈنىرنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئوسمان مەمەتكە ئۈگۈتۈپ قۇيۇپتۇ. ئوسمان مەمەت ئوخشاش بولمىغان 23 خىل نان ياقالايدىكەن،قەدىر نانلىرى،خاسىڭ نان،كۈنجۈت نان،گازىر نان،ئاق نان،تۇخۇم سۈت نان،ئەل ھۇزۇر ئالاھىدە نانلىرى......، ئۇ ياققان نانلار شەكىل،رەڭ،خۇش پۇراق،تەم قاتارلىقلارنى بىردەك ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بۇلۇپ تەمى ئۆزگىچە، ئوسمام مەمەت ياققان ناننى يىسىڭىز بىرخىل بەخىت تۇيغۇسىغا چۆكمەي قالمايسىز.
(ناھىيىلىك تەشۋىقات مەركىزىدىن شېڭ ۋېنجىيۇ)
aasd.jpg



ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 12:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى   ناۋاي  ئۇستام


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-6-10 12:17 , Processed in 0.220079 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش