چۆل-جەزىردىكى مەرۋايت - قىرمىش ئاتا مازىرى سەيلىگاھى
(تۇرغۇن تىيىپ فوتوسى)
(تۇرغۇن تىيىپ فوتوسى)
مەن بىر ھەپتە ئىلگىرى قىرمىش ئاتام مازىرىنىڭ 11-ئايدىكى سۈرەتلىرىنى بەرگەنىدىم، تورداشلارنىڭ قىرمىش ئاتام مازىرىنىڭ يازلىق مەنزىرە سۈرەتلىرىنى كۆرۈش كۈچلۈك ئىكاس-تەلەپلىرىگە ئاساسەن، بۇ قېتىم «چۆل-جەزىردىكى مەرۋايت- قىرمىش ئاتا مازىرى سەيلىگاھى(2)نى سۈندۇم. ھوزۇرلانغايسىزلەر.
قىرمىش ئاتام مازىرى خەنزۇچە 天山神木园 دەپ ئاتىلىدۇ، ئورنى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا 60 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ ، خۇددى رىۋايەتلەردە ئېيتىلغاندەك ئەتراپى چۆل-جەزىرە ، تاغ ، ئوتتۇرىسى بىر گۈزەل باغ . دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700 مېتىر، ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 600 مو بولۇپ ، بۇ جايدا 1000 يىلدىن ئاشقان دەل-دەرەخلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ ، دەرەخلەر تولىمۇ سىرلىق ۋە گۈزەل بولۇپ ئادەمنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ ، ماتېرىياللاردىن ئىگىلىنىشىچە ، بۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى 96.23 مېتىر، دىئامېتىرى 6.25 مېتىر كېلىدىكەن . چۆل-جەزىرە ئىچىدىكى بۇ بوستىنلىقتا بىر بۇلاق بولۇپ . مۇشۇ مەنزىرىنى سۇغارغاندىن كېيىن يەنىلا قۇمغا سىڭىپ كېتىدۇ ، ئايىقى چىقمايدۇ . قېنى، بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى: