سايرام بازىرىدا مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچى كىشىلەر
بۇ يىل ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئۇقۇغۇچىلارغا نەق پۇل ياردەم قىلدى
2012-يىلى8-ئاينىڭ 29-كۈنى سايرام بازىرىدا ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىگى بىلەن پۇل تېپىپ ئالدىن بېيىغان پەرھات ئىسمايىل ،سەمەت ئابدىرېيىم،تايىر تۇنياز،تۇنياز موللەك قاتارلىق تۆت نەپەر ساخاۋەتچى كىشىلەر، سايرام بازىرىمىز تەۋەسىدىن بۇ يىل ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن ئاسىگۇل ساۋۇت،دىلنۇر غۇجى قاتارلىق تۆت نەپەر ئۇقۇغۇچىغا ئۆزىنىڭ سېخى قوللىرىنى سۇنۇپ ھەر بىر ئۇقۇغۇچىغا 2000يۈەندىن جەمى 8000يۈەن خەلىق پۇلى ياردەم قىلدى ،ھەمدە نەق مەيداندا بۇ پۇلنى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ ئۆزلىرىنىڭ بېيىغاندا خەلىقنى، يۇرتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىدەك ئالىيجاناپ پەزلىتىنى نامايەن قىلىپ جەمئىيىتمىزدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىگە ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەردى.ئاخىرىدا مەكتەپ مۇدىرى ياسىن سابىت مارىپىمىزنى قوللىغان بۇ ساخاۋەتچى كىشىلەرگە ئۇقۇغۇچىلار نامىدىن يانا بىر قېتىم مىننەتدارلىق بىلدۈردى.مەكتەپتىكى بارلىق ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار ۋە بىر قىسىم سىرىتتىن بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتناشقان ئاتا-ئانىلار قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.سايرام بازىرىدا مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچى كىشىلەر بۇ يىل ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئۇقۇغۇچىلارغا نەق پۇل ياردەم قىلدى