• 2010-11-30

    رەھبەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/86167401.html

    رەھبەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت

    دېڭ سوڭ

    (فېليەتون)

    مەلۇم بىر كۈنى مەلۇم بىر رەھبەر ماڭا تەربىيە بەردى(توغرىسى مەن بىلەن سۆھبەتلەشتى)، بۇ قېتىمقى پاراڭنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ئۇ مېى قاتتىق تەنقىتلەپ(توغرىسى ماڭا مۇلايىملىق بىلەن تەكلىپ بېرىپ) مۇنداق دېدى:

    مۇندىن كېيىن قاتتىق تەنقىت ساداسى قەتئىي كۆرۈلمىسۇن(توغرىسى مۇندىن كېيىن تېخىمۇ گۈزەل، كىشىگە ھوزۇر ېبغىشلايدىغان ماقالىلارنى كۆپرەك يېزىڭ)، خوشامەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ(توغرىسى رەھبەرنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇپ تۇرۇڭ)، ھە دېسە پۇقرالىق ھوقۇق ۋە قانۇننى پەش قىلىپ رەھبەرنى سوراققا تارتماڭ(توغرىسى بىمەنە مەسىلىلەر بىلەن باشلىقنى بىزار قىلماڭ)، «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش» نى باھانە قىلىپ باشلىقنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىنى سۈرۈشتە قىلىپ يۈرمەڭ(توغرىسى «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش» دېگەننى باشلىقنىڭ تۇرمۇشى بىلەن سېلىشتۇرۇپ يۈرمەڭ، رەھبەر دېگەنمۇ پۇقرا، شۇڭا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئاۋۋال ياخشىلىنىشى كېرەك). بولۇپمۇ رەھبەرنى ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلاندى دەپ ئەيىپلىمەڭ(توغرىسى باشلىقنى زىيادە نازارەت ئاستىغا ئېلىۋالماڭ، چۈنكى ھوقۇقنى ئىشلەتمىگەندە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، ھوقۇق دېگەننى ئىشلەتمىسە بىكار ئىسراپ بولىدۇ).

    ئاخىرىدا ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن چۇڭقۇر مەنلىك قىلىپ مۇنداق دېدى:

    يىگىت، كۈن دېگەن ئۇزۇن، شۇڭا «پوزىتسىيە» ڭىز ئېنىق بولسۇن، «ئالغا بېسىش» نىشانىڭىزنى ياخشى توغرىلاڭ.

     

    «جۇڭگو فېليەتون تورى» دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: