ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

سۆزلەر ھېكمىتى (2)

سۆزلەر ھېكمىتى (2)

ۋاقتى: 2013-08-20 ئاۋاتلىقى: 454 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كىشى زىنا قىلسا ئىمان ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىپ، بېشى ئۈستىدە سايىدەك ئەگىپ يۈرىدۇ، زىنادىن قاچان قول ئۈزسە، ئىمان شۇ چاغدا ئۇنىڭغا قايتىدۇ. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان ھەدىس)

خۇددى (ئۇچاڭلاردىكى) كىيىم كونىراپ قالغاندەك، ئىچىڭلاردىكى ئىمانمۇ كونىراپ قالىدۇ. شۇڭا ئاللاھتىن قەلبىڭلاردىكى ئىماننى يېڭىلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭلار. ( <ئەلكەبىر>)

ناماز ئوقۇغان كىشى خۇددى  دۈشمەنگە ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، دۈشمەن ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا "مېنى ئۆلتۈرمەڭلار، مەن سىلەرگە خەزىنەمنى بېرىپ جېنىمنى قۇتۇلدۇراي" دەپ پۈتۈن مال-دۇنياسىنى بېرىپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغان كىشىگە ئوخشايدۇ. كىتاب (قۇرئان) ئوقۇغان كىشى ھەر دائىم مۇستەھكەم قورغاندا قوغدىلىدۇ.  --زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەنى ئىسرائىلغا يەتكۈزگەن سۆزىدىن تاللانما  (ھەدىس)

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇخلىمايدۇ، ئۇخلاشمۇ ئۇنىڭ شەنىگە لايىق ئەمەستۇر. ئاللاھ مىزاننى پەسلىتىدۇ، كۆتۈرىدۇ؛ ئاللاھ تائالاغا كېچىنىڭ ئەمەلى كۈندۈزنىڭ ئەمەلىدىن بۇرۇن، كۈندۈزنىڭ ئەمەلى كېچىنىڭ ئەمەلىدىن بۇرۇن كۆتۈرۈلىدۇ. ئاللاھ بىلەن بەندىنىڭ ئارىسىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردە نۇردۇر. ئەبۇ بەكرىنىڭ رىۋايىتىدە، ئاللاھ بىلەن بەندىنىڭ ئارىسىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردە ئوت بولۇپ، ئەگەر پەردىنى ئېچىۋېتىدىغان بولسا، يۈزىنىڭ نۇرلىرى بارلىق مەخلۇقاتلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، دېيىلگەن. (ھەدىس)

مەن سىلەرنى كېچىسى بىلەن كۈندۈزى ئوخشاشلا يوپيورۇق يول ئۈستىدە قويۇپ كەتتىم. ئېتىقادىڭلار سەھرالىقلارنىڭكىدەك ۋە سەبىي بالىلارنىڭكىدەك (ساپ) بولسۇن. (رەزىن رىۋايەت قىلغان).

ھەر بىر ئىش قىلغۇچى بىردە جانلىنىپ كەتسە، بىردە پەسكويغا چۈشۈپ قالىدۇ. مېنىڭ سۈننىتىمگە ئۇيغۇن ھالدا پەسكويغا چۈشكەن كىشى توغرا يولنى تۇتقان بولىدۇ؛ ئۇنداق بولمىسا، ئازغان بولىدۇ. (رەزىن رىۋايەت قىلغان)

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئىشنىڭ ئەڭ ياخشىسى نورمال بولغىنىدۇر، دەپ تەلىم بەرگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. (رەزىن رىۋايەت قىلغان)

(كىشىلەر ئارىسىدا)ياخشى نام ئىگىسى بولۇش، سىرتقى قىياپىتى ھەر جەھەتتىن لاياقەتلىك بولۇش ۋە ئىشلاردا ئوتتۇراھال بولۇش قاتارلىقلار پەيغەمبەرلىكنىڭ 25 پارچىسىنىڭ بىرىدۇر. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)

ھەقىقىي ئالىم ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئاللاھ گۇناھ دېگەن ئىشلارنى قىلىشىغا رۇخسەتمۇ قىلمايدۇ؛ بىلمەي قىلغان ئىبادەتتە، چۈشەنمەي ئوقۇغان ئىلىمدە، قۇرئاننى پىكىر قىلماي ئوقۇشتا ياخشىلىق يوق.  (ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)

كىمكى ئالىملار بىلەن مۇنازىرىلىشىش ياكى جاھىللار بىلەن دە تالاش قىلىش ۋە ياكى ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن ئىلىم تەلەپ قىلسا، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان، ئەلبانى  بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن)

كىشىلەر پەتىۋا سورىغان ھەر قانداق مەسىلىگە پەتىۋا بەرگەن كىشى ساراڭنىڭ ئۆزىدۇر. (ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)  __ <ئەلكەبىر>

ئاراڭلاردا پەتىۋا بېرىشكە جۈرئەت قىلالىغانلار دوزاخقا تەۋەككۇل قىلالىغانلاردۇر. (دارىمى رىۋايەت قىلغان)

پاسىق ۋە مۇجاھىر (خىجىل بولماي ئاشكارا گۇناھ ئىشلىگۈچى)نىڭ غەيۋىتىنى قىلىش غەيۋەت ھېسابلانمايدۇ، ئۈممىتىمنىڭ مۇجاھىرلاردىن باشقا ھەممىسى ئەپۇ قىلىنغۇچىدۇر.  (رەزىن رىۋايەت قىلغان)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر خۇتبىدە: قاچانغىچە پاسىق-فاجىرلارنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئېچىشتىن قورقىسىلەر؟ ئۇلارنىڭ ئەيىۋىنى ئېچىڭلار، ئادەملەر ئۇلاردىن ھەزەر قىلسۇن، دېگەن.  (<ئەسسەغىر>)

يۇيىنىدىغان يەرگە سىيمەڭلار، چۈنكى شەيتاننىڭ بارلىق ۋەسۋەسىسى شۇ يەردىن تارقىلىدۇ. (نەسەئى رىۋايەت قىلغان)

سۈيدۈكتىن ئېھتىيات قىلىڭلار، چۈنكى قەبرىدە بەندىدىن ئالدى بىلەن شۇنىڭ ھېسابى ئېلىنىدۇ. (<ئەلكەبىر>)

ئەرنىڭ مەنىيسى ئاق ۋە قويۇق، ئايالنىڭ مەنىيسى سېرىق ۋە سويۇق بولۇپ، قايسىسىنىڭ مەنىيسى بالدۇر كەلسە، بالا شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. (نەسەئى رىۋايەت قىلغان)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇنۇپ بولۇپ قېلىپ، ئۇخلىماقچى ياكى تاماق يېمەكچى بولسا، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

رەسۇلۇللاھ بىرەر ئىش تۈپەيلىدىن بىئارام بولۇپ قالسا ناماز ئوقۇيتتى. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)

رەسۇلۇللاھ: ئاللاھ تائالاغا سەجدىنى كۆپ قىلغىن. ئاللاھ تائالا ھەر بىر سەجدەڭ بىلەن مەرتىۋەڭنى بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خاتالىقىڭدىن بىرنى ئۆچۈرىدۇ، دېگەن. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

كۇپرى بىلەن ئىماننىڭ ئارىسىدىكى پاسىل نامازنى تەرك ئېتىشتۇر. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

بىز بىلەن كاپىرلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازدۇر، كىمكى نامازنى تەرك ئەتسە(يەنى ئوقۇمىسا) كاپىر بولىدۇ. (نەسەئى رىۋايەت قىلغان)

ئەسىر نامىزىنى قازا قىلىۋەتكەن كىشى خۇددى خوتۇن-بالىلىرى ۋە مال-دۇنيالىرىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىگەق ئوخشايدۇ. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

بۇ ئۈممەتتىن تۇنجى بولۇپ كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغان نەرسە خۇشۇ بولۇپ، (شۇنداق بىر زامانلار كېلىدۇكى) خۇشۇ بىلەن ناماز ئوقۇيدىغان كىشىنى (يەنى قەلبىنى نامازغا مۇجەسسەم قىلىدىغان كىشىنى)كۆرگىلى بولمايدۇ. (تەبەرانى رىۋايەت قىلغان)

ئاللاھقا باش ئەگسەڭ، ھېچكىمگە باش ئەگمەيسەن؛ ئەگەر خەقلەرگە باش ئەگسەڭ، ھېچنېمىگە ئەرزىمەيسەن. سەن ئۈمىدلەندۈرۈپ قويۇپ، ئىشەنچ بېرىپ، ئارقىدىن يېرىم يولدا تاشلاپ قويغان كىشىنىڭ كۆڭۈل سەدىقىسىنى ئىككىلا دۇنيادا بېرەلمەيسەن. (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام)

سىزگە ئىككى نەسىھەتچى قويۇپ كەتتىم، بۇنىڭ بىرى جىم تۇرىدۇ، يەنە بىرى گەپ قىلىدۇ؛ جىم تۇرىدىغان نەسىھەتچى ئۆلۈمدۇر، گەپ قىلىدىغىنى بولسا قۇرئان كەرىمدۇر. (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام)

ياخشى خوتۇن ھۇزۇرنىڭ باشلانغۇچىدۇر.  (ھەزرىتى ئەلى)

گۈلنى كۈلگەنگە بەر، قەلبىڭنى سۆيگەنگە بەر، سۆيۈش ياخشى ئىش، ئۇنى قەدىرلىگەنگە بەر.  (مەۋلانا)

ئەگەر سىنالسىڭىز، بۇ ئاللاھنىڭ سىزنى ئۇنتۇمىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىدۇر. (مەۋلانا)

ناماز شۇنداق بىر ئوتكى، ئوت تۆمۈرگە، ئەينەككە قانداق شەكىل بەرسە، نامازمۇ ئىنسانغا شۇنداق شەكىل، نىزام ئاتا قىلىدۇ.

بىر تۇخۇم شاكال ئىچىدە قانداق قوغدالسا، بىر ئايالمۇ ئورىنىش ئارقىلىق شۇنداق قوغدىلىدۇ.  (ئەلىف)

ئەقىلسىز ئادەم بىلەن تارتىشىش ئۆلۈككە دورا ئىچۈرگەنگە ئوخشاشتۇر. (توماس بىن)

ئەقلىدىن ماختىنىدىغان ئادەم قاماقخانىسىنىڭ كەڭلىكىدىن مەغرۇرلىنىدىغان مەھبۇسقا ئوخشايدۇ. (ئادنان)

رەببىم! ئەگەر ساڭا لايىق بەندە بولالمىسام، كۈنلەر ئۆتكەنچە ئۆزەمنى يوقىتىپ دۇنيا ھەۋەسلىرىگە ئالدىنىپ گۇناھ دەرياسىغا غەرق بولسام، پەرزلىرىڭنى (بۇيرۇقلىرىڭنى) بىلىپ تۇرۇپ بەجا كەلتۈرمىسەم، (ئۇ ھالدا) بىر مىنۇتمۇ ئارتۇق ياشىغۇم يوق، خىيانەت قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ ئامانەتنى ئالغىن ئى رەببىم!  (دۇرنى يېتىم)

ئانىنىڭ ھەققىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئادا قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ.

ئىمان تەۋھىدنى، تەۋھىد تەسلىمىيەتنى، تەسلىمىيەت تەۋەككۇلچىلىكنى، تەۋەككۇلچىلىك سائادەت يۇرتى جەننەتنى تەقەززا قىلىدۇ.  (بەدىئۇزامان سەئىد نۇرسى)

پەرزەنت ھىدى جەننەت ھىدىدۇر. پەرزەنت دۇنيادا نۇر، ئاخىرەتتە بولسا خۇشاللىقتۇر.

رەببىمىزنى تونۇغىلى كەلگەن دۇنيادا ئۆزىمىزنى تونۇتۇش دەردىگە چۈشۈپ ، رەببىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىز نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق!  (ئەلىف)

بىزگە قىممەت بۇ ئاي-بۇ كۈنلەر،

نېمە ھاجەت رەنجىش، ئاھ ئۇرۇش!

كىم بىلىدۇ ئەتە تاڭ ئاتسا،

باشقىچە رەڭ ئالامدۇ تۇرمۇش.

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى