ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە جاھىت سىتكى تارانجى ئەسەرلىرىدىكى ياشلىق، قېرىلىق، ئۆلۈم تېمىلىرى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە جاھىت سىتكى تارانجى ئەسەرلىرىدىكى ياشلىق، قېرىلىق، ئۆلۈم تېمىلىرى

ۋاقتى: 2012-05-11 ئاۋاتلىقى: 905 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تالات تېكىن[①]

ئۆتۈپ كەتكەن ياشلىققا ئېچىنىش، قېرىشتىن ئەنسىرەش، شۇنداقلا ئۆلۈم قورقۇنچى ۋە ياشاش مۇھەببىتى دېگەندەك تېمىلار تۈرك شېئىرلىرىغا جاھىت سىتكى تارانچىنىڭ شېئىرلىرى ئارقىلىق كىرگەن دېيىلىدۇ. دەرۋەقە، كۆپىنچىلەر ئۇنىڭ «ياشلىق مانا مۇشۇنداق»، «دەم ئېلىش»، مەن قورققان ئىشلار»، « ئىنسان»، «يالغان دۇنيا»، «ئاقىۋەت»، «ئۆلدۇق» ۋە «ئوتتۇز بەش ياش» ناملىق ئەسەرلىرىنى شېئىرلىرىمىزدىكى شۇ خىل تېمىلارغا تەسىر كۆرسەتكەن تۇنجى ئەسەرلەر (ئۆرنەكلەر) دەپ قارايدۇ. بىزنىڭچە، بۇنىڭ سەۋەبى بىزدە تۈرك شېئىرىيىتى دىۋان شېئىرلىرىدىن باشلانغان دېگەن قاراش ئومۇملاشقان. ھالبۇكى تۈرك شېئىرىيىتى خېلى ئۇزۇن تارىختىن باشلانغان. كۆپىنچە دىنىي تېمىلاردا يېزىلغان9-، 10-ئەسىرلەرگە ئائىت مانىي ۋە بۇددىست ئۇيغۇر شېئىرلىرىنى دېمىسەكمۇ، دىندىن سىرت تېمىلاردا يېزىلغان تۈرك شېئىرلىرىنىڭ خېلى بۇرۇنلا− 11-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، يەنى قاراخانىلار دەۋرىدە«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن باشلانغانلىقىنى ئېيتالايمىز. تۈرك شېئىرىيەت تارىخىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەقىقەتەن شۇ تېمىلاردا يازغان تۇنجى شائىردۇر.

مەلۇم بولغىنىدەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك»نى مىلادى 1069-يىلى ياكى 1070-يىلى، يەنى ئەللىك يېشىدا يېزىشقا باشلىغان ۋە بىر يېرىم يىلدا تاماملىغان. 6520 بېيىت ياكى 13040 مىسرادىن تۈزۈلگەن «قۇتادغۇبىلىك» دىداكتىك، يەنى پەند-نەسىھەت خاراكتېرلىك ئەسەر بولۇپ، شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭدا قىزغىنلىق، ھاياجان ئازراق. ئەمما شائىر ئەسەرنىڭ بېشىدىكى باھار ھەققىدىكى بايانى بىلەن ھاياتنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىدىن ۋە قېرىلىقتىن شىكايەت قىلغان مىسرالىرىدا (359−379) بىزگە چوڭقۇر ھېس-تۇيغۇ ۋە ھاياجان بىلەن نىدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا شائىرنىڭ قۇتادغۇبىلىكنىڭ مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئۈچ ئۇزۇن شېئىرى بار. بۇنىڭ بىرىنچىسى «يىگىتلىككە ئاچىپ ئاۋۇچغالىقىن ئايۇر“ (يىگىتلىككە ئېچىنىپ، قېرىلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى) ماۋزۇسىدا 44 بېيىتتىن تەركىپ تاپقان (6521-6564) خېلى ئۇزۇن بىر شېئىردۇر، ئارۇز ۋەزىننىڭ ”فەئۇلۇن فەئۇلۇن فەئۇلۇن فەئۇلۇن“ بەھرىدە يېزىلغان 44 بېيىتلىق بۇ قەسىدە مەنچە تۈرك شېئىرىيىتى تارىخىدا ئۆتۈپ كەتكەن ياشلىققا ئېچىنىش، قېرىلىق قايغۇسى ۋە ئۆلۈم قورقۇنچى ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى ئەسەر بولۇشقا لايىق.

1910-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلغان تارانجى «ئوتتۇز بەش ياش» ناملىق شېئىرىنى ئوتتۇز بەش يېشىدا، يەنى 1945-يىلى يازغان. بۇنىڭغا كۆرە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ 1069\1070-يىللاردا ئەللىك يېشىدا يازغان بۇ شېئىرى بىلەن تارانجىنىڭ شۇ تېمىدا يازغان شېئىرلىرى ئارىسىدا 875يىلدەك ئۇزۇن بىر تارىخىي مۇساپە بار. ياشىغان دەۋرى 900 يىلغا يېقىن پەرقلىنىدىغان، ئوخشاش بىر تېمىدا يازغان بۇ ئىككى شائىرنىڭ شېئىرلىرى ئارىسىدا تېما، مەزمۇن ۋە ئىپادىلەش جەھەتتىن قىزىقارلىق ئوخشاشلىق بار دەپ قارايمەن.

1. ياشلىقنىڭ تېز ئۆتۈپ كېتىشى ۋە قايتىپ كەلمەسلىكى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «يىگىتلىككە ئېچىنىپ قېرىلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى» ناملىق شېئىرىنى مۇنداق گۈزەل ئوخشىتىش مىسرالىرى بىلەن باشلايدۇ:

يورىقلى بۇلىت تەگ يىگىتلىكنى ئىدتىم

تۈپى يەل كەچەر تەگ تىرىگلىك تۈكەتتىم

ئەسىزىم يىگىتلىك، ئەسىزىم يىگىتلىك

تۇتا بىلمەدىم مەن سەنى تەرك قاچىتتىم

”ياشلىقىمنى ئاقار بۇلۇتتەك قاچۇرۇپ قويدۇم،

ھاياتىمنى ئۆتكۈنچى شىۋىرغاندەك تېز ياشاپ تۈگەتتىم.

ئىست ياشلىقىم! ئىست ياشلىقىم!

تۇتالمىدىم مەن سېنى، تېز قاچۇرۇپ قويدۇم.“

(6521−6522)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشلىق ۋە ئۆمۈرنىڭ تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇ ھەر قانچە چىڭ تۇتۇلسىمۇ ھامان قېچىپ كېتىدىغانلىقىنى «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ بېشىدا ئوچۇق بايان قىلىدۇ:

كۈسۈش تۇت يىگىتلىك، كەچەر سەندە تەرك

قاچار بۇ تىرىگلىك نەچە تۇتسا بەرك (361)

”ياشلىقنى قەدىرلە (ئۇنىڭ قىممىتىنى ياخشى بىل)، چۈنكى ئۇ تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھاياتقا ھەر قانچە چىڭ يېپىشساڭمۇ ئۇ ھامان (بىر كۈنى) سەندىن قاچىدۇ!“

تارانچىمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن 900 يىل كېيىن ياشلىقنىڭ تېز ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى «ياشلىق مانا مۇشۇنداق» دېگەن شېئىرىدا ئوخشىتىش- مەجازلاردىن خالىي ھالدا مۇنداق يازغان:

ياشلىق مۇشۇنداق كېلىپ كېتىدۇ

ۋە ئاخىر پۇت-قولۇڭ كاردىن چىقىدۇ

يۈگۈرەيسەن پەنجىرىدىن پەنجىرىگە...

يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇ تېمىدىكى شېئىرلىرىدا تېز ئۆتۈپ كېتىدىغان ياشلىقىغا نىدا قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ قايتا كېلىشى ئۈچۈن يالۋۇرۇپ يېلىنىدۇ:

يەنە كەلگىن ئەمدى يىگىتلىك ماڭا سەن،

تۇتاي ئالقىنىمدا، سەن ئۈچۈن يىپەك تۆشەك سالدىم !

(6523)

تارانچىمۇ بىر شېئىرىدا ئالائىدىننىڭ چىرىغىدىكى سېھىرگەر جىندەك خىيالىي بىر مەخلۇققا بېشىكتاشتىكى تۇنجى سۆيگۈنىنى ئەكىلىپ بېرىشنى، چۈنكى ياشلىقىغا قايتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ:

ئېلىپ كەل تۇنجى مەشۇقنى بېشىكتاشتىن،

يىگىت بولۇپ ياشىسام دەيمەن يېڭىباشتىن. (ئابباس)

«ياشلىق مانا مۇشۇنداق» ناملىق شېئىرىدا تارانچى ياشلىق كۈنلىرىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلىكىنى ئوچۇق ئېيتىپ، باشتا ئەرزىمەس تۇيۇلۇپ قولدىن بېرىپ قويغان، ئەمما ئەسلىدە ئۇنداق بولمىغان بىر تالاي ئۇششاق پۇرسەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن رەتكە تىزىدۇ:

ئاھ، مەن قەدرىنى بىلمىگەن شۇ كۈنلەر!

پۇرىماي تاشلىۋەتكەن گۈلدەستىلەر،

غۇيۇلداپ تۇرسا يەلكىنىمنى ئاچمىغان شاماللار...

(ياشلىق مانا مۇشۇنداق)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزى قولدىن بېرىپ قويغان ياشلىقىنى ئىزدەپلا يۈرىدۇ؛ بىراق بۇلار بىھۇدىلىك. ئۆتۈپ كەتكەن ياشلىق ھەرگىز كەينىگە يانمايدۇ:

ئەسىز بۇ يىگىتلىك قانى قانچا باردى

تىلەپ بۇلمادىم مەن نەچە مە تىلەتتىم

”ئىست، بۇ يىگىتلىك قېنى، نەگە كەتتى؟

تىلەپ تاپمىدىم مەن، شۇنچە تىلەيتتىم.“

(6524)

تارانچىمۇ «ئوتتۇز بەش ياش» ناملىق شېئىرىدا ئارقىسىدىن ھەر قانچە يېلىنىپ يالۋۇرۇپ كۆز ياشلىرىنى تۆكسىمۇ ” بالاغەت دەۋرىدىكى گۈزەللىك“نىڭ، يەنى ياشلىقنىڭ ھەرگىز ئارقىغا يانماي كېتىۋىرىدىغانلىقىدىن زارلىنىدۇ:

بالاغەت دەۋرىمىزدىكى گۈزەللىككە،

يالۋۇرۇپ يېلىنماق بىھۇدە بۈگۈن،

كۆز يېشىڭغا باقماي كېتىۋرىدۇ...

2. ياشلىق-قېرىلىق پاسىلى ۋە قېرىلىق ئالامەتلىرى

ئىنسان قېرىغانچە چىرايى سولىشىدۇ، يۈزىدە قورۇقلار، كۆزىنىڭ ئاستىدا كۆكۈش سىزىقچىلار پەيدا بولىدۇ، چاچلىرى ئاقىرىدۇ ھەم بەدىنى ئاجىزلايدۇ؛ قىسقىسى، بارلىق گۈزەللىكلەر ياشلىق بىلەن بىللە كېتىپ قالىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئەھۋالنى ئوخشىتىش-مەجازلار بىلەن مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:

ئەسىركەپ ئاچىر مەن ساڭا ئەي يىگىتلىك

قامۇغ كۆركۈمى سەن يىراتتىڭ يىراتتىم

تەمام ئەرقۇۋان تەگ قىزىل مەڭزىم ئەردى

بۇ كۈن زەئفەران ئۇرغىن ئەڭدە تارىتتىم

يىپارسىغ قارا باشقا كافۇر ئاشۇدۇم

تولۇن تەگ تولۇ يۈز قايۇقا ئەلەتتىم...

”دەرىخ! ئېچىنۇرمەن ساڭا ئەي يىگىتلىك،

جىمى ئۇزلىقىمنى يوقاتتىڭ، يوقاتتىم.

قىزىل ئەردى مەڭزىم تامام ئەرغىۋاندەك

بۇگۈن ئاڭا زەپەر ئۇرۇغىن سۈرتتىم.

ئىپاردەك قارا باشقا مەن كافۇر پۈركۈدۈم،

تولۇندەك تولۇق يۈزنى نەگە ئەۋەتتىم...

(6528−6530)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ بېشىدىكى قېرىلىق ھەققىدىكى مىسرالىرىدا ياشلىقنىڭ 40 ياشتا ئاخىرلاشقانلىقىنى، بۇ ياشلىقنىڭ ئىنسان بىلەن خوشلاشقانلىقىنى، يەنى ۋىدالاشقانلىقىنى ئېيتىدۇ:

كىمىڭ قىرىقتا كەچسە تىرىگلىك يىلى

ئەسەنلەشتى ئەركە يىگىتلىك تىلى

”قىرىقتىن ئۆتسە كىمنىڭ تىرىكلىك يىلى

ۋىدالاشتى ئۇندىن يىگىتلىك تىلى“.

(364)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ مىسرالارغا يازغان ۋاقتىدا 40 تىن خېلىلا ئاشقان، ئەللىكلەرگە بېرىپ قالغانىدى؛ شۇ سەۋەبتىن چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەنىدى:

تەگۈردى ماڭاق ئەلگىن ئەلىگ ياشىم

قۇغۇ قىلدى قۇزغۇن تۈسى تەگ باشىم

”تەگكۈزدى ماڭا قولىن ئەللىك يېشىم،

قوغۇ(ئاققۇ) قىلدى قوزغۇن تۈكىدەك قارا بېشىمنى“

(365)

يۈسۈپ خاس ھاجىپقا كۆرە، ئاتمىش ياشقا كىرگەن كىشى ئۈچۈن ياشاشنىڭ ئەمدى ھېچ لەززىتى قالمايدۇ، ئۇنىڭ ياز پەسلى قىشقا ئايلىنىپ كەتكەن بولىدۇ:

كىمىڭ ياشى ئالتمىش تۈكەتسە ساقىش

تاتىغ باردى ئاندىن يايى بولدى قىش

”ئەگەر تولسا ئاتمىشقا ئادەم يېشى،

كېتىپ زەۋق، ئۇنىڭ يازى بولۇر قىشى“.

تارانجىغا كۆرە، ئوتتۇز بەش ياش يولنىڭ، يەنى ئۆمۈرنىڭ يېرىمى بولۇپ، ياشلىق بىلەن قېرىلىقنىڭ پاسىلىدۇر. تارانجى «ئوتتۇز بەش ياش» دېگەن شېئىرىدا ياشلىقتىكى گۈزەللىكىنى قانداق يوقاتقانلىقىنى تۆۋەندىكى مىسرالار ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ:

ئىككى چېكەمگە قار ياغدىمۇ قانداق؟

ئى ئاللاھ، بۇ قورۇق يۈز مېنىڭمۇ؟

كۆز ئاستىدىكى كۆك ھالقىلار

نېمىشقا بۇنداق دۈشمەن كۆرۈنىسىلەر

يىلبويى دوست دەپ بىلگەن ئەينەكلەر؟

يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە شۇ شېئىرىدا ياشلىقىنى رەڭگارەڭ چىچەكلەر ئېچىلغان گۈزەل باھار پەسلىگە، ئارقىدىن كەلگەن قېرىلىقنى بولسا چېچەكلىرى قۇرۇپ تۆكۈلگەن كۈز باغلىرىغا ئوخشىتىدۇ:

يارۇق ياز تەگ ئەردىم تۈمەن تۈ چەچەكلىگ

خەزانمۇ تۈشۈتتۈم قامۇغنى قۇرىتتىم

”يورۇق يازدەك ئەردىم تۈمەن رەڭ چېچەكلىك،

خازان بولدىمىكىن ھەممىنى قۇرۇتتۇم“.

(6531)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوخشىتىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قېيىندەك بوينىنىڭ ياش چېغىدا ئوقتەك تۈز، راۋرۇس ئىكەنلىكىنى، قېرىغاندا بولسا يادەك ئېگىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ:

قادىڭ تەگ بودۇم ئەردى ئوق تەگ كۆنى تۈز

يا تەگ ئەگرى بولسى ئەگىلدىم تۆڭىتتىم

”قېيىندەك بويۇم ئەردى، ئوقتەك دۇرۇس-تۈز،

بولۇپ ئەگرى يادەك ئېگىلدىم، ئېڭىشتىم“.

(6532)

تارانجى بولسا شۇ ئەھۋالنى ھېچنېمىگە ئوخشاتماي، ئۇدۇل، ئەمما ناھايىتى تەسىرلىك ئېيتىدۇ:

ۋاقىت قوينىدا نەقەدەر ئۆزگىرەر ئىنسان،

قايسى رەسىمگە قارىسام مەن ئەمەس.

نەدە ئۇ كۈنلەر، ئۇ زوق، ھاياجان؟

بۇ خۇش چىراي ئادەم مەن ئەمەس.

يالغاندۇر، خاتىرجەم بولغىنىم يالغان!

(«ئوتتۇز بەش ياش»)

3. ياشلىق دەۋرنى ئۆتكۈزمەك

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتكىنىدىن زارلانغان ياشلىقىنى قانداق ئۆتكۈزگەن بولغىيدى؟ بۇنى ئۆز مىسرالىرىدىن بىلەلەيمىز:

يەمەك ئىچمەك ئەرسە يەدىم ئىچتىم ئۇد تەگ

تىلەك سۈرمەك ئەرسە تۈمەن توق توزىتتىم

نەچە قۇشقا ئاۋقا ئاۋىندىم سەۋىندىم

ئۇچار قۇش تەگ ئارقۇن ئاچىمدا كۈرەتتىم

ئاداش قولداشىمقا سەۋۈگ جان تەگ ئەردىم

ياغىم بولدى ئەرسە توسۇن تەگ سۇقىتتىم

”يېمەك-ئىچمەك ئولسا يېدىم-ئىچتىم ئۇيدەك،

ھەۋەس قوغلىشىپ مەن تۈمەن چاڭ توزىتتىم.

نەچچە قۇشقا، ئاۋغا ئاۋۇندۇم، سۆيۈندۈم،

ئۇچار قۇشتەك ئاتلارنى دۆڭدە يۈگۈرتتۈم.

ئاداش، قولداشىمغا شىرىن جاندەك ئەردىم،

گەر ئولسا رەقىبىم توسۇندەك ھۈركۈتتۈم“.

(6535، 6536، 6537)

تىلەك ئارزۇ بىرلە يۈگۈردۈم نەچە مەن

قۇتۇرمىش بۆرى تەگ ئاژۇننى ئۇلىتتىم

كىشىگ تۇتتۇم ئالدىم كۈچۈن يارماقىن مەن

كىمىگ سەردىم ئەردىم كىمى مە ئاچىتتىم

”ھەۋەس-ئارزۇ قوغلاپ يۈگۈردۈم نىچە مەن،

قۇترىغان بۆرىدەك جاھاننى ئىڭراتتىم.

كىشىنى تۇتۇپ مەن، كۈچەپ پۇلىن ئالدىم،

بېرىپ ئازار بىرىگە، بىرىنى رەنجىتتىم“.

(6542، 6543)

ھالبۇكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشلىق دەۋرىدىكى ئۇ يامان قىلىقلىرى ۋە ئۆتۈپ كەتكەن شۇ كۈنلىرىگە پۇشايمان قىلىدۇ:

ياۋا قىلدىم ئەسىز تىرىگلىك ئاۋىنچىن

ئۆكۈنچ بىرلە كۆزدە قانۇن ياش ئاقىتتىم

كىچىگلىك كەچۈردۈم يىگىتلىك يىتۈردۈم

كۈنۈم چەلىلەدىم ئۆزۈمنى چۆكىتتىم

”ئىست، زايە قىلدىم تىرىكلىك ئاۋۇنچىنى،

پۇشايماندا كۆزدىن قان ياش ئېقىتتىم.

كىچىكلىك كەچۈردۈم، يىگىتلىكنى يوقاتتىم،

كۈنۈمنى قارايتتىم، ئۆزۈمنى خاراپ قىلدىم“.

(6533، 6534)

قايۇ تەلۋە قىلقى بولۇر مۇندا تەترۈ

كەچەر كۈنكە ئاۋنىپ تىرىگلىكنى ئىدتىم

”كىمنىڭ تەلۋە خۇلقى بولۇر مەندىن ئارتۇق،

بولۇپ گول ئۆتەر كۈنگە، ئۆمرۈم تۈگەتتىم“.

(6545)

روشەنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ شېئىرىدا 11-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمدا ياشىغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق بىر تۈرك يىگىتنىڭ شاش، ئەسەبىي ھاياتى ھەققىدە سۆزلەيدۇ. تارانچى بولسا تەبىئىيلا، 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمدا ئۇنىڭدىن زور پەرقلىنىدىغان بىر ياشلىق دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن. ھەتتا ئۇنى ياشلىق دەۋرىنى ھەقىقىي ئۆتكۈزۈپ باقمىغان دېيىشكىمۇ بولىدۇ. دەرۋەقە، تارانچى ئۆز شېئىرلىرىدا ياشلىق يىللىرى ھەققىدە كۆپ گەپ قىلمايدۇ؛ ئۇ ياشلىقىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن بەختسىزدۇر:

تۈنۈگۈن ئاخشام تۇنجى قېتىم يىغلىدىم

غېرىپ كۆلبەمنىڭ پەنجىرىسىدە

قېنى ئۆيۈم، خوتۇن-بالىلىرىم؟

بۇ ھاياتتا نېمىگە ئېرىشتىم

مەيخانىسىدا، پاھىشخانىسىدا؟

كارىۋىتىم ھەر كېچە شۇنداق سوغۇق،

بۇ ئۆمرۈمنىڭ بەختى قەيەردە؟

(بويتاقنىڭ ھۇجرىسى)

تارانجى ئۆمرىدە ئۇنتۇلمىغۇدەك چىن مۇھەببەتنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغاندەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ تۇنجى مۇھەببىتى خىيالدۇر، بەلكى ۋەسلىگە يېتەلمىگەن، چىن مەنىسىدىن ياشاپ باقمىغان بىر مۇھەببەتتۇر، شۇڭا ئوتتۇز بەش يېشىدا ئۆز ئانىسىمۇ ئۆزىگە يات كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالغان:

تۇنجى مۇھەببىتىمىز خىيالدۇر خىيال،

غەلىتە كۆرۈنەر ئەسلىمىسىمۇ.

شائىرنىڭ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلىرىمۇ بىر-بىرلەپ ئۆز يوللىرىغا مېڭىشقان؛ شۇ سەۋەبتىن، ياش تۇرۇپلا يالغۇز قالغان شائىرنىڭ بۇ تەنھالىقى يىللار ئۆتكەنچە تېخىمۇ كۈچەيگەن:

بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلارمۇ

ئۆز يولىغا راۋان بولۇشتى

بارغانچە كۈچەيمەكتە تەنھالىقىمىز...

شۇنداقتىمۇ تارانجى ھايات ياشاۋاتقانلىقىدىن يەنىلا خۇرسەن ھەمدە كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ گۈزەللىكلەرنى تاشلاپ كېتىپ قالىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى، يەنى ئۆلۈمنى ھېچ ئۇنتۇمايدۇ:

ھەر پەسلىدە ئىنساننى بېزەيدىغان

بۇ گۈزەللىكلەرنى قانداق تاشلاپ كېتىمىز،

سائەت چىكىلدايدۇ ماڭمىسۇن دېگەنسېرى

كۆزىمىز بىر يۇمۇلسا قايتا ئېچىلمايدۇ.

(«يالغان دۇنيا»)

4. ئۆلۈمنىڭ مۇقەررەرلىكى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ كېيىن بۇ دۇنيادا بىرەر سۇلتان ياكى ئىمپراتور بولغان، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيندەك پۈتۈن دۇنيانى فەتىھ قىلغان، نۇھ ئەلەيھىسسالامدەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن، ئىسا ئەلەيھىسسالامدەك ئاسمانغا چىقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، نۇشرىۋاندەك ئادىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان پادىشاھ، قارۇندەك باي ئادەم بولغان ھالەتتىمۇ، بۇلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقىنى، چۈنكى بۇ دۇنيادىكى ھاياتنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى، ئىلگىرى-كېيىن بولسۇن تۇپراققا ھامان كۆمۈلىدىغانلىقىنى ۋە ئىنساننىڭ ئۇ دۇنياغا پەقەت ئىككى گەز كېپەنلىك ئېلىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى مىسرالاردا تەكىتلەيدۇ:

نەگۈ ئاسغى ئاخىر يانىش يەركە بولدى

تۇرۇ قالدى دۇنيا ئىكى بۆز ئەلەتتىم!

”نە پايدا بۇلاردىن، كىردىم ئاخىر يەرگە،

جاھان قالدى، مەن ئىككى بوز ئىلە كەتتىم“.

(6552)

ئاندىن كېيىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئۆتكۈنچى دۇنياغا بەك باغلىنىپ قالغىنى ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ:

يالىڭ كەلدىم ئەردى يالىڭ كىرگۈ يەركە

نەلۈك دۇنياقا ئۆزنى مۇنچە ئىسىتتىم

كەچەر دۇنيا كەچتى تۈپى يەل كەچەر تەگ

كەچەر دۇنياقا ئۆز ئۇسالىن باسىتتىم

” (بۇ دۇنياغا) يالىڭاچ كەلدىم؛ (يەنە) تۇپراققا يالىڭاچ كىرىمەن،

(ئۇنداقتا) نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيانى بۇنچە ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم؟

ئۆتكۈنچى دۇنيا قار-شىۋىرغاندەك ئۆتۈپ كەتتى،

مەن بولسا غەپلەتتە، بۇ ۋاقىتلىق دۇنيانىڭ ئەسىرى بولدۇم.(6553، 6554)

تارانچىمۇ بۇ دۇنيادا ھەر كىمنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى، بۇرۇن ياكى كېيىن بولسۇن قازايى قەدەرنىڭ ھەر كىمنىڭ بېشىغا كېلىدىغانلىقىنى، ھەر ئىنساننىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تەختىراۋانغا ئوخشايدىغان جىنازىغا چىقىپ شاھانە تۈستە كېتىپ قالىدىغانلىقىنى «ئوتتۇز بەش ياش»تا مۇنداق مىسرالار بىلەن ئىپادىلەيدۇ:

ھەر كىمگە كېلەر بىر ئۆلۈم، قانداق قىلىسەن.

بىر ئۇخلىغانچە ھەرگىز ئويغىنالمايسەن.

كىم بىلىدۇ، قاچان، قايسى يېشىڭدا

ھامان بىر قېتىملىق سەلتەنەتىڭ بولغۇسى

تەختىراۋاندەك ئۇ جىنازىدا!

ئۆلۈم خىيالى ۋە قورقۇنچى تارانچىنىڭ باشقا شېئىرلىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ:

ۋاقتى كەلسە ئۆلىدىغانلار بىز ئەمەسمۇ

«دەم ئېلىش»

قورقىمەن بۇ كېچىلەردىن،

ئىشەنگەن چوققىلاردىن

قۇياش ئەمدى چىقمايدۇ.

«دەل شۇنىڭدىن قورقىمەن»

مانا،

بارار جايىمىز جىنازا

ئۆتەر كوچىلاردىن ئېغىر ۋە سالماق

دېڭىزدەك چايقىلىۋاتقان مۈرىلەرنىڭ ئۈستىدە.

«ئاقىۋەت»

5. ئۆلۈمدىن كېيىن

ئۆلۈمدىن كېيىنكى دۇنياغا ئىشىنىش دىندار بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئۇ دۇنيانىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغان دىندار شائىردۇر. شۇڭا ئۇ قېرىپ قالغان ۋە ئۆلۈمگە ھەر كۈنى بىر ئاز يېقىنلىشىۋاتقان ئەللىك ياشلىرىدا ياشلىقىدا تىلغا ئالغۇدەك ساۋابلىق ئىشلار قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى سوراققا تارتىدۇ ۋە ئەيىبلەيدۇ:

تىرىگلىككە ئاسغى قانى ئەدگۈ قىلقىم

تىرىگلىكتە تارلاغ قايۇ يەركە ئەكتىم

نەگۈ ئەكتىم ئەرسە ئانۇ ئورغۇ ئاخىر

نەگۈ ئوردۇم ئەرسە ئانىن ئۆز سۈقىتتىم

”نە قىلدىم ياخشىلىق ھاياتقا پايدىلىق،

تىرىكلىكتە داننى نە يەرلەرگە تېرىدىم.

نېمە تېرىغان بولسام شۇنى ئورىمەن ئاخىر

نېمە ئورۇغان بولسام شۇنى تېتىيمەن“.

(6555، 6556)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاقىۋەت يىلان-چايان ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارغا يەم بولىدىغان بەدىنىنى ئىلگىرى دۇنيا نېمەتلىرى بىلەن تازا سەمرىتىپ باققانلىقىدىن ناھايىتى ئازابلىنىدۇ:

يىلان قۇرت قوڭۇز يەمى ئۆز ئىگدەلەيۈ

بۇ نېمەت بىلە مەن نەگۈكە ئىگىدتىم

”يىلان، قۇرت-قوڭغۇز يېمى بۇ بەدەننى،

بۇ نېمەت بىلەن نىچۈك بۇنچە سەمرىتتىم؟“

(6559)

بۇ ئارىدا ئۆز ھاياتىدا قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۇزۇن كېچىلەردە تەڭرىگە يېلىنىشى ئۈچۈن ئۆزىگە نەسىھەت قىلىدۇ:

ئۇزۇن تۈنلە ياتما ئىدىكە تاپىن سەن

ئودۇن يىغلا تىنما يازۇققا باسىتتىم

ئايا ئۇسرىق ئۆز سەن ئودۇن يىغلا تىنما

باياتقا تاپۇغ قىل يوق ئەرسە يوقادتىم

”ئۇزۇن تۈندە ياتماي، تېۋىن تەڭرىگە سەن،

ئويغان، يىغلا تىنماي، (چۈنكى) گۇناھقا پاتتىم.

ئەي مەست ۋۇجۇدۇم ئويغان، يىغلا سەن،

تېۋىن ھەققە، بولمىسا ئۆزەڭنى يوقىتىسەن“.

(6558، 6560)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ شېئىرلىرىنىڭ ئاخىرقى مىسرالىرىدا تەڭرىدىن ئۆزىنى غاپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىشنى ۋە بىھېساب گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشنى تىلەپ يالۋۇرىدۇ:

يا رەب ئودغۇرۇ بەر مەنى ئاي ئىدىم سەن

سۈرە ئىدماغىل مەن كۆڭۈلنى ئارىتتىم

سەن ئۆك سەن يازۇق يارلىقاغلى ئىدىم بىر

سۇيۇرقا مەنى سەن يازۇقۇم ئۇنىتتىم

”مېنى ئويغاق ئەيلە ئەي رەببىم، ئىگەم سەن،

مېنى قوغلىما سەن، دىلىمنى ئېرىتتىم.

گۇنايىم كەچۈرگۈچى بىرلا ئىگەم سەن،

كەچۈرگىن مېنى سەن، گۇناھىمنى ئۇنۇتتۇم“.

(6563، 6564)

تارانجى بولسا ئۆلۈمدىن كېيىنكى دۇنيادىن شۈبھىلىنىدۇ. بۇ شەك-شۈبھە ئۇنى ھەتتا ئېتىقادسىزلىق، بەختسىزلىككە ئاپىرىدۇ. ئۇنىڭغا كۆرە، ئۆلۈمدىن كېيىنكى دۇنيا تامامەن يوقلۇقتۇر؛ ئۆلۈم بىلەن تەڭلا ھەممە نېمە يوقىلىدۇ، قايتا تىرىلىش بولمايدۇ:

سائەت چىكىلدايدۇ ماڭمىسۇن دېگەنسېرى

كۆزىمىز بىر يۇمۇلسا قايتا ئېچىلمايدۇ.

(«يالغان دۇنيا»)

مانا،

بارار جايىمىز جىنازا

ئۆتەر كوچىلاردىن ئېغىر ۋە سالماق

دېڭىزدەك چايقىلىۋاتقان مۈرىلەرنىڭ ئۈستىدە.

«ئاقىۋەت»

ئولتۇرىدىغىنىڭ ئەڭ كاتتا كېمە

ئالغىنىنى قايتۇرمايدۇ دولقۇنلار.

«دەم ئېلىش»

ئۆلدۇق، ئۆلۈمدىن بىر نەرسە تىلەپ،

بۈيۈك يوقلۇقتا بۇزۇلدى سېھىر.

پەقەت ئەسلەيمىز، يىغلايمىز،

شامال چەكمەس بولدى دېرىزىمىزنى،

كۈنلەر كېچىلەرگە يۆتكىدى بىزنى،

ئىزدىسەك تاپالمايمىز سايىمىزنى،

قايسى سۇغا قارىساق كۆرۈنمەيمىز.

«ئۆلدۇق»

ئاندرې گىدې دۇنيا نېمەتلىرىدە ”ئەڭ چىرايلىق گۈل ئەڭ تېز سولىشىدىغان گۈلدۇر. ئەبەدىيەتنىڭ پۇرىقى بولمايدۇ“ دەيدۇ. ئۇ دۇنياغا ئىشەنمەسلىك تارانجىغا بۇ دۇنيانى، بۇ ئۆتكۈنچى ھاياتنى گۈزەل كۆرسىتىۋەتكەن. ئۇنىڭ «ئىنسان» ناملىق شېئىرىدا ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن، يەنى بۇ تۇنجى گۇناھكار بەندىلەرنىڭ نەسلىدىن بولغىنى ئۈچۈن بەختلىك، شۇ سەۋەبتىن دۇنيا نېمەتلىرىگە بېرىلگەن، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى ئارقىلىق توپان بالاسىدىن ئامان قالغىنىغا شۈكرى قىلغان، ئالتە كۈنلۈك بۇ دۇنيادا ئۆتكۈزگەن ياخشى-يامان كۈنلىرىنى تەسەۋۋۇرىدىكى جەننەتكە تېگىشمەيدىغان بىر ئىنساننى، ”دۇنياپەرەس ئىنسان“نى بايقايمىز:

ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن كەلگىنىم راست،

شۇڭا ئاجىزمەن، جانىم ئالما شاخىدا.

توپان يامغۇرى تېخى يادىمدا

نۇھ كېمىسىگە چىقىۋالدىم، بۇنىڭغا شۈكرى.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈم كەلسە

كۆز نۇرى، قول ئەمگىكى، پېشانە تەرىنى

ئۆتكۈزگەن ياخشى-يامان كۈنلىرىمنى

تېگىشمەيمەن جەننەت خىياللىرىغا!


[①] پروفېسسور دوكتور، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى، تۈرك تىل-ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ پېنسيونېرى

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى