-
2009-04-13
توشقان كالپۇك بالىلار ھەقسىز داۋالىنالايدۇ - [ساخاۋەتلىك ئىشلار]
2007-يىلى شىنجاڭدىن چىققان داڭلىق ئارتىس لى ياپېڭ ۋە ئايالى ۋاڭ فېي( شىياڭگاڭ ناخشا چولپىنى)بىر مىليون پۇل چىقىرىپ ، مەخسۇس نامرات ئائىلىلەرنىڭ كالپۇك ۋە تاڭلىيى يېرىق ( توشقان كالپۇك) بالىلارنى داۋالاش ئۈچۈن بىر فوند قۇردى ۋە قىزىنىڭ ئىسمى بىلەن يەنرەن پەرىشتە فوندى دەپ ئاتىدى. بۇ فوند نامرات ئائىلىلەرنىڭ كالپۇك ۋە تامغىقى يېرىق ( توشقان كالپۇك) بالىلىرىنىڭ كالپۇك ئوڭشاش ئوپراتسىيەسىنى ھەقسىز قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇلار كۆپ قېتىم سەنئەت ساھەسىدىكى داڭلىق چولپانلاردىن نۇرغۇن ئىئانە يىغىپ، بۇ فوندنىڭ ياردەم بېرىش دائىرىسىنى پۈتۈن جۇڭگوغا كېڭەيتتى. لى ياپېڭ ئانا يۇرتىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن بۇ فوندنىڭ تۇنجى ياردەم بېرىش پائالىيىتى ۋەئىش باشلاش مۇراسىمىنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزدى ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ۋە تاراتقۇلار ئالدىدا شىنجاڭدىكى بارلىق توشقان كالپۇك بالىنى داۋالاپ ساقايتىشقا ۋەدە بەردى.
ھازىرغىچە شىنجاڭدىكى 80 دىن ئارتۇق توشقان كالپۇك بالا مۇشۇ فوندنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ مۇۋاپپىقىيەتلىك ئوپراتسىيە قىلىندى.
بۇ فوند كالپۇك ياكى تاڭلاي ئوڭشاش ئوپراتسىيىسىنىڭ بارلىق چىقىمى ۋە يىراق جايلاردىن كەلگەن نامرات دېھقان ئاتا-ئانىلارنىڭ يول كىراسى، ئوپراتسىيە جەريانىدىكى ياتاق،تاماق قاتارلىق بىر قىسىم چىقىملىرىنى كۆتۈرىدۇ.