قوشكېزەك ئوغلاقلار
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-29 10:15:42 كۆرۈلۈش سانى : 83
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
چىمەنزارلىق ئىچىدە،
كىچىك ئېرىق لېۋىدە:
ئىككى ئوغلاق ئويناركەن،
ئەركىن تاقلاپ يايراركەن.
تۇغۇلغانىكەن قوشكېزەك،
ئوخشايدىكەن شۇڭا بەك.
ئۇنىڭ بىرى تېكىكەن،
يەنە بىرى چىشىكەن.
تالىشاركەن پات - پاتلا،
ئۈسۈشەركەن سەكرەپلا.
ئورۇنسىزلا بەسلىشىپ،
قالىدىكەن تەگىشىپ.
شۇنداق كۈنلەر بىرىدە،
ھاۋا ئىسسىق چىڭ چۈشتە؛
چىشى ئوغلاق سۇ ئىچمەك،
بوپتۇ تەننى سەگىتمەك.
كەپتۇ ئېرىق لېۋىگە،
تاتلىق تەمە ئىلكىدە.
ئىڭىشكەندە سۇغا ئۇ،
سۇدا ئەخلەت كېلىپتۇ.
سەكرەپ يۈرگەن تېكىچاق،
سۇدىن ئۆتۈپ نېرى ياق؛
ئاڭا قاراپ تۇرۇپتۇ،
توپا سىيرىپ كۈلۈپتۇ.
چىشى ئوغلاق بوپ خاپا،
قىلماڭ ئاڭا ھېچ تاپا؛
قاپاق تۈرۈپ ھومىيىپ،
تۇرغىنىدا خۇن بولۇپ؛
كۆزگە ئىلماي تېكىچاق،
سۇ كېچىپتۇ >چاق - چاق - چاق<.
چىشى ئوغلاق يۇقىرىلاپ،
سۈزۈك سۇدا چاچ تاراپ،
سوپۇن سۈرۈپ سىلىقلاپ،
سۇنى قىپتۇ زاڭ ماغزاپ.
سەكرەپ يەنە تېكىچاق،
سۈرۈلۈپتۇ يۇقىرىراق...
دېمەك بۇ سۇ بېشىكەن،
قاينام بۇلاق كۆزىكەن.
ماياقلارنى تاشلاپتۇ،
- يەڭدىم! - دەپ ئۇ توۋلاپتۇ...
يول بويى بەك تالىشىپ،
قورساقلار ئاچ تارتىشىپ؛
بىر - بىرىگە تېرىكىپ،
قايتىپ كەپتۇ بەك ھېرىپ.
ئانا ئۆچكە ياتقۇدەك،
تېز - تېز نەپەس ئالغۇدەك.
- قوپقىن ئانا، جان ئانا،
چېكىپسەنغۇ كۆپ جاپا.
نە ئاغرىققا مۇپتىلا،
بولۇپ قالدىڭ، جان ئانا!؟
ھۆل قىلغاندا يۈزىنى،
ئانا باشلاپ سۆزىنى!
دەپتۇ: - ئوبدان بالىلىرىم،
تاسادىپىي ئاغرىدىم.
ئۇسسۇزلۇقتا بايقىماي،
ئىچتىم سۇنى دەم ئالماي.
قايسى ئەبلەخ - پاسكىنا -
قىلغان سۇنى قىغ، يۇندا.
قورساق ئاغرىپ - غولدۇرلاپ،
ئىچىم سۈردى تاراقلاپ.
قىلچە ھالىم قالمىدى،
تېخى گېلىم ئاغرىدى...
ئانىسىنىڭ سۆزىگە،
بېقىپ ياشلىق كۆزىگە.
ئىككى ئوغلاق ئاھ ئۇرۇپ،
توختىماستىن ياش تۆكۈپ؛
قىلمىشىغا ئۆكۈنۈپ،
يىغلىشىپتۇ يۈكۈنۈپ.
قىلىپ كۈرمىڭ پۇشايمان،
ئانىسىغا شۇ ھامان.
دەپتۇ: - كەچۈر جانا ئانا،
قىلدۇق بىزلەر چوڭ گۇناھ. |
|