پېلەك بىلەن خەمەك
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-13 17:48:59 كۆرۈلۈش سانى : 70
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[align=center] چېچەك قونۇپ پېلەككە،
ئايلاندى ئۇ خەمەككە.
دېھقان تېرىپ، ئوغۇتلاپ،
سۇ قويغاچقا چۆنەككە.
خەمەك قوغۇن بولغاندا،
شىرنىلەرگە تولغاندا؛
كۈچى تۈگەپ پەلەكنىڭ،
يوپۇرمىقى سولغاندا؛
قوغۇن قاراپ ھۆسنىگە،
مۇشتلاپ تۇرۇپ كۆكسىگە.
سۆز باشلىدى ماىتىنىپ،
چۆمۈپ شۇنداق پەيزىگە:
- قارا سېنى، ئەي پېلەك،
سولىشىپسەن ئەجەپ بەك.
ساقلىساڭچۇ قەددىڭنى،
مەزمۇت، ساغلام مېنىڭدەك.
ئىسىت، سېنىڭ ھالىڭنى،
سالپىيىپ ياتارىڭنى؛
يوقىتىپسەن پۈتۈنلەي،
كۈچ - قۇۋۋەت مادارىڭنى.
بۇنى ئاڭلاپ پېلەكنىڭ،
)جاپاكەش، پاك نىيەتنىڭ(
راسا قىستاپ كۈلكىسى،
دېدى: - بەللى، راست ئېيتتىڭ.
قالدىم بۈگۈن سولىشىپ،
سارغىيىپ ھەم پۈرلىشىپ.
بېقىپ سېنى چوڭ قىلدىم،
پىشتىڭ شۇڭا تورلىشىپ.
مەنمۇ ئۈنگەن ئۇرۇقتىن،
مەدەت ئېلىپ يورۇقتىن.
بېقىپ سېنى دېھقانغا،
تەقدىم ئەتتىم خۇشلۇقتىن.
× ×
ماختانمايمەن شۇڭىمۇ،
ھەم خاس ئەمەس ماڭىمۇ.
بىلسەڭ مۇنچە ماختىنىش،
توغرا ئەمەس ساڭىمۇ.
مەيلى ئەمدى سولىشاي،
لاي، توپىغا بۇلىشاي؛
ئارمىنىم يوق پەقەتلا،
كۆز يۇمىمەن ۋايسىماي.
دېدى قوغۇن توساتتىن:
- ئېزىپتۇمەن ئەقلىمدىن.
ئۆزرە ئېيتاي، كەچۈرگىن،
يۈرىكىمدىن قەلبىمدىن. [/align] |
|