ئۈچ ھۇرۇن
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-07 14:57:43 كۆرۈلۈش سانى : 81
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئۆتكەن زاماندا ئۈچ ھۇرۇن دوست ئۆتكەنىكەن. ئۇلار ئەزمىلىك ۋە بەستىخورلۇقتا بىر - بىرىدىن قېلىشمايدىكەن.
بىكارچىلىقتىن ئىچى پۇشۇپ كەتكەن بۇ ھايۋانلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر ئىتنى ئەگەشتۈرۈپ چەت بىر سەھراغا يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار يول بويى ئەزمىلىك بىلەن مېڭىپ، بىر سائەتلىك مۇساپىنى يېرىم كۈنگىچىمۇ بېسىپ بولالماپتۇ، ئاخىر ھېرىپ كەتكىنىدىن بىر ئۆستەڭنىڭ بويىغا يېقىن يەردە توختاپتۇ.
بۇ چاغدا، بىر بالا بازاردا سېتىش ئۈچۈن بىر خۇمرا قېتىق بىلەن بىر قانچە ناننى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقانىكەن. قورسىقى ئېچىپ، ماجالى قالمىغان ھۇرۇنلار ئۆز ئارا پۇل چىقىرىشىپ بىر نان بىلەن قېتىقنى سېتىۋاپتۇ.
ئۇلار قولى پاسكىنا بولغاچقا، ئۆستەڭدىن سۇ ئەكېلىپ يۇيۇشقا توغرا كەپتۇ.
- سۇنى سەن ئەكەلگىن، - دەپ بۇيرۇپتۇ بىرىنچى ھۇرۇن ئىككىنچىسىگە.
- سەن ئەكەلمىگەن سۇنى نېمىشقا مەن ئەكىلىدىكەنمەن؟ ماۋۇ ئەكەلسۇن، - دەپتۇ ئىككىنچى ھۇرۇن ئۈچىنچىسىنى كۆرسىتىپ.
- مەنمۇ؟ - دەپ ئىككىسىگە گۆلىيىپتۇ ئۈچىنچى ھۇرۇن، - سۇنى يالغۇز مەن ئىشلەتمەيمەن، نېمىشقا مەن غالچا بولۇپ ئەكىلىپ يۈرەتتىم؟! ماۋۇ ئىتنى بۇيرۇڭلار.
شۇنداق قىلىپ ئۈچ ھۇرۇن بىر - بىرى بىلەن جاڭجاللىشىپ كۈننى كەچ قىپتۇ. ئاخىر ئۇلار >كىم گەپ قىلسا ياكى ئولتۇرغان يېرىدە مىدىرلىسا، سۇنى شۇ ئەكەلسۇن< دەپ پۈتۈشۈپتۇ.
سۇ ئەكىلىشتىن قورققان ھۇرۇنلار بىر ھازاغىچە قېقىپ قويغان قوزۇقتەك مىت قىلماي، ئۈندىمەي ئولتۇرۇشۇپتۇ. بۇ چاغدا، ئۇلار ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن ئىت پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، نان بىلەن قېتىقنى راسا مەززە قىلىپ يەپ بوپتۇ، ئاندىن بىرىنچى ھۇرۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنى ھەدەپ يالاشقا باشلاپتۇ. بۇنىڭغا تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان بىرىنچى ھۇرۇن: >چاغ - چاغ!< دەپ ۋارقىرىغانىكەن، قالغان ئىككى ھۇرۇن: >ھەببەللى، سۇنى ئەمدى سەن ئەكىلىدىغان بولدۇڭ!< دەپ خۇشاللىقتىن چۇقان كۆتۈرۈپتۇ.
دېمەك، ھۇرۇنلۇقنىڭ كاساپىتىدىن بۇ ئۈچەيلەن قېتىق بىلەن ناندىن ۋە بارىدىغان مەنزىلدىن ئەنە شۇنداق قۇرۇق قالغانىكەن. |
|