ئېشەكنىڭ چۈشى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-29 15:06:39 كۆرۈلۈش سانى : 21
بىر ئېغىلدا بىر ئېشەك بىلەن بىر قوي تۇرىدىكەن، قوينىڭ ناھايىتى قاملاشقان بىر جۈپ چاقماق مۈڭگۈزى بار ئىكەن.
ئۆزىدىن خېلىلا كىچىك بولغان بۇ ھايۋانغا شۇنچىلىك قاملاشقان مۈڭگۈزنى ئاتا قىلغان ئاللاغا نارازىلىقى ئۆرلىگەن ئېشەك، خاپىلىقتا خىيال سۈرۈپ يېتىپ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئۇ چۈش كۆرۈپتۇ: چۈشىدە قارىسا، بېشىدا ناھايىتى كېلىشكەن بىر مۈڭگۈزى تۇغانمىش. بېشىنى ئۇيان - بۇيان بۇرىغانىكەن، بېشى ناھايىتى ئېغىر تۇيۇلۇپتۇ.
خۇداغا شۈكرى، ئاللانىڭ قۇدرىتى ھەقىقەتەن زور ئىكەن، تەلىپىمنى يەردە قويماي، ماڭا مۈڭگۈز بېرىپتۇ. قېنى، ئەمدى قويغائۆزۈمنى بىر كۆرسىتەيچۇ! دەپ ئويلاپتۇ ئېشەك. ئۇ ئارقىسىغا يېنىپ تازا كۈچەپ بىر ئۈسكەنىكەن، بېشى ئېغىلدىكى تۈۋرۈككە تېگىپ خام قاپاقتەك يېرىلىپ كېتىپتۇ. قاتتىق ئاغرىق ئازابىدىن ئۈندەرەپ ئويغانغان ئېشەك بېشىدا مۈڭگۈز ئەمەس، بەلكى يېرىلغان يەردىن ئاققان قاننى كۆرۈپتۇ.
بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرغان قوي:
- ئېشەكباي، بۇ ئىشلارغا ئۇنچىۋالا قىلىپ كېتىشىڭنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئاللا سېنىڭ نىيىتىڭنىڭ يامانلقىنى بىلىپ شۇڭا مۈڭگۈز بەرمىگەن، - دېگىنىچە ئېشەكنىڭ ئالدىدا ئويناقلاپ قويۇپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئېشەكنىڭ قۇلىقى ئاستا - ئاستا سالپىيىشقا باشلاپتۇ. |
|