ئوغلاقنىڭ بۆرىنى بابلىشى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-15 13:23:44 كۆرۈلۈش سانى : 16
بىر كۈنى، ئوغلاق پالتا بىلەن ئارغامچىنى ئېلىپ ئوتۇن كېسىش ئۈچۈن تاغقا چىقىپتۇ. تۇيۇقسىز، دەرەخ كەينىدىن يوغان بىر سۈر بۆرە ئوخچۇپ چىقىپ:
- خىر، خىر، سەن ئەجەبمۇ ئوبدان كەلدىڭ، قورسىقىم تازىمۇ ئاچقانىدى! - دەپتۇ.
بۇ جىددىي، خەتەرلىك مىنۇتتا، ئوغلاق دەرھاللا كاللىسىنى ئىشقا سېلىپ، سۈر بۆرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئوبدان بىر چارىسىنى ئويلاپ تېپىپتۇ. ئاندىن ئوغلاق بۆرىگە:
ئىككىمىز بىر مۇسابىقىلىشىپ باقساق، قېنى، قايسىمىزنىڭ چىشى ئۆتكۈر، سەن مېنى ئاۋۋال چىشلىگىن، چىشلەپ ئۆلتۈرەلمىسەڭ، ئاندىن مەن سېنى چىشلەي، - دەپتۇ ۋە ئارقىدىنلا، - ئىش مۇنداق بولسۇن، مەن ئاۋۋال تانا بىلەن ئارقا پۇتۇڭدىن بىرىنى باغلاپ قوياي، بولمىسا سەن مېنى چىشلەپ بولۇپلا قېچىپ كېتىپسەن! - دەپتۇ.
- بوپتۇ، باغلىساڭ باغلا! - دەپتۇ بۆرە. شۇنداق قىلىپ ئوغلاق تانا بىلەن بۆرىنىڭ بىر پۇتىنى چىڭ چىگىپ، تانىنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى دەرەخكە باغلاپ قويۇپتۇ.
- قېنى، ئەمدى چىشلە! - دەپتۇ ئوغلاق بۆرىگە. سۈر بۆرە ياۋۇز چىشلىرىنى ھىڭگايتقىنىچە ئوغلاققا قاراپ غەزەپ بىلەن ئېتىلىپتۇ. بۇ چاغدا ئوغلاق بىرلا دىڭگاڭشىپ ئۆزىنى چەتكە ئالغانىكەن، بۆرىنىڭ ئالدى پۇتى يەتمەي قاپتۇ.
ئوغلاق بۆرىدىن سەل نېرىدا ئولتۇرۇپ: >مە - ئە ـ ئە< دەپ كۈلۈۋېررىپتۇ. بۆرە جىلە بولغىنىدىن كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قاپتۇ. |
|