قىزغانچۇق توشقان
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-01 11:23:44 كۆرۈلۈش سانى : 17
بۇرۇن بۇرۇندىكەن، تېرىق تولۇمدىكەن، شۇ كۈنلەردە جاھاننىڭ چېتىدە، بىر جاڭگالنىڭ ئىچىدە بىر توپ توشقانلار بەكمۇ ئىناق ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئالىچىپار توشقان بولۇپ، ئۇ ناھايىتى ھاكاۋۇر، قىزغانچۇق ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىزغانچۇق توشقان بىر دوستى بىلەن تەگىشىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توپتىن ئايرىلىپ جاڭگاللارنى كېزىپ، يۇمران ئۆت - چۆپلەر بىلەن تولغان، يان تەرىپىدە بۇلاقلاردىن سۈزۈك سۇلار ئېقىپ تۇرغان بىر گۈزەل جايغا كېلىپ قاپتۇ - دە، ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولۇپ، بۇ يەرنى ماكان تۇتۇپتۇ.
توپتىكى توشقانلار ئالىچىپار توشقاننىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرىشىپ، تەرەپ - تەرەپتىن ئىزدىشىپتۇ. شۇ ئارىدا ئىككى توشقان ئالىچىپار توشقاننى ئىزدەپ ھېلىقى يايلاقتىن تېپىپتۇ. ئىزدەپ كەلگەن توشقان دوستلىرى ئۇنىڭغا:
- بىز سېنى كۆپ ئىزدەپ، ئاخىر بۇ جايدىن تاپتۇق، يۈر دوستۇم، توپقا قايتايلى، - دەپتۇ.
- مەن توپتىن ئايرىلىپ تولىمۇ بەختىيار ياشاۋاتىمەن، ھېچ نەرسىگە ھاجىتىم چۈشمەيدۇ. قاراڭلار، بۇ يايلاق نېمىدېگەن ياخشى! - دەپتۇ ئالىچىپار توشقان.
بۇنى ئاڭلىغان توشقان دوستلىرى:
- دوستۇم، سەن ئۇنداق دېمىگىن، بۇ جاي قانچە ياخشى بولغان بىلەن دۈشمەنلىرىمىز كۆپ، بۇ يەردە توپتىن ئايرىلىپ يېگانە يۈرسەڭ، ھامان بىر كۈنى ئاچكۆز بۆرىنىڭ دامىغا چۈشۈپ قالىسەن، - دەپ نەسىھەت قىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئالىچىپار توشقان ئىچىدە: بۇلار مېنىڭ بۇ يەردىكى بەختىيار تۇرمۇشۇمغا ئىچى تارلىقى كېلىپ، بۆرىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ، مېنى بۇ گۈزەل ماكانىمدىن ئايرىپ، ئۆزلىرى كېلىپ ئورۇنلاشماقچى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتۇ ھەمدە توپقا قوشۇلۇشنى رەت قىپتۇ.
ئالىچىپار توشقاننىڭ دوستلىرى كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يايلاققا بىر بۆرە كەپتۇ. بۆرە توشقاننى كۆرۈپتۇ - دە، قوغلاپتۇ. قىزغانچۇق توشقان بىرەر پاناھ ئىزدەپ تاپالماي، ئاخىر ئاچ بۆرىگە يەم بوپتۇ.
خەلق ئاغزىدىكى >بۆلەنگەننى بۆرە يەر< دېگەن تەمسىل مانا مۇشۇنىڭدىن قالغانىكەن. |
|