ئاغمىخان بىلەن بۆرە
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-11 10:11:45 كۆرۈلۈش سانى : 75
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بىر كۈنى ئاغمىخان دەرەختىن شاختىن - شاخقا سەكرەپ ئويناۋېتىپ يىقىلىپ كېتىپ، دەرەخ تۈۋىدە ئۇخلاۋاتقان بىر چىلبۆرىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتۇ. بۆرە چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپ، ئاغمىخاننى تۇتۇۋاپتۇ - دە، ئۇنى يېۋەتمەكچى بوپتۇ. ئاغمىخان بۆرىگە ئۆزرە ئېيتىپ، نىيىتىدىن يېنىشنى ئۆتۈنۈپتۇ.
- ئۇنداق بولسا، سەن ماڭا ئۆزۈڭنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەر دائىم خۇشال - خۇرام يۈرۈيدىغانلىقىڭنىڭ سەۋەبىنى، مېنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەر دائىم خاپا يۈرۈيدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بەرسەڭ، ئاندىن سېنى قويۇۋېتىمەن، - دەپتۇ بۆرە.
- بولىدۇ، ئېيتىپ بېرەي، - دەپتۇ ئاغمىخان، - لېكىن مېنىڭ بىر شەرتىم بار.
- قانداق شەرت؟
- سەن ئاۋۋال مېنى قويۇۋەتكىن، مەن دەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغاندىن كېيىن ئېيتىپ بېرەي، سېنىڭ يېنىڭدا تۇرۇپ سۆزلىسەم قورققىنىمدىن ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمەيدىكەن، - دەپتۇ ئاغمىخان.
بۆرە بۇ شەرتكە كۆنۈپ ئاغمىخاننى قويۇۋېتىپتۇ. ئاغمىخان دەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغاندىن كېيىن بۆرىگە قاراپ:
- ئوبدان قۇلاق سېلىپ ئاڭلا! سىلەر چىلبۆرىلەر ھەسەتخور ھەم زالىم كېلىسىلەر، باشقىلارغا يامانلىق ئويلاپلا يۈرۈيسىلەر، سۇڭا سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلار خۇشال ئۆتمەيدۇ. بىز بولساق ياۋاش، ھېچكىمگە يامانلىق ئويلىمايمىز، شۇڭا بىز ھەر دائىم خۇشال - خۇرام يۈرۈيمىز، - دەپتۇ كۈلۈپ تۇرۇپ. |
|