مايمۇنچاق
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-15 10:58:37 كۆرۈلۈش سانى : 67
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[align=center]ھەيۋەت ئېگىز بىر تاغنىڭ،
ئۈستى قېلىن قار ئىكەن.
ئاشۇ تاغنىڭ باغرىدا،
چەكسىز ئورمان بار ئىكەن.
ئورمانلىقنى ماكان قىپ،
بىر توپ مايمۇن ياشاركەن.
ئويناپ - كۈلۈپ ئۆزىنى -
شاختىن شاخقا ئاتاركەن.
چىمچىقلىتىپ كۆزىنى،
ھەر تەرەپكە قاراركەن.
قارسىلدىتىپ چىشىدا،
ياۋا ياڭاق چاقاركەن.
بىر مايمۇنچاق بار ئىكەن،
شۇ مايمۇنلار ئىچىدە.
ئۆگىنىشكە ھۈنەرنى،
ھەۋەس قىپتۇ كۆڭلىدە.
ئانىسىغا دەپتۇ ئۇ:
- ئاق يول تىلە ماڭا سەن.
ھەر خىل ھۈنەر ئۆگىنەي،
زېھىن قويۇپ راسا مەن.
ئانا مايمۇن ئۇنىڭغا:
- بالام ئامان بول، - دەپتۇ.
- نىيىتىڭگە بارىكاللا،
ھۈنەر ئۆگەن، تول، - دەپتۇ.
شۇنداق قىلىپ مايمۇنچاق،
ئاتلىنىپتۇ سەپەرگە.
دەپتۇ: - ھەرگىز يانماسمەن،
دۇچ كەلسەممۇ خەتەرگە.
مېڭىپتۇ، ئۇ مېڭىپتۇ،
قارا تەرگە چۆمۈپتۇ.
بىر يېزىنىڭ چېتىدە،
ئۆكۈز باينى كۆرۈپتۇ.
ئۆكۈز سۆرەپ ساپاننى،
يەر ئاغدۇرۇپ يۈرگۈدەك.
دەپتۇ مايمۇن كۆڭلىدە:
بۇ ھۈنەرمۇ بولغۇدەك.
- ئۆكۈز ئاكا، - دەپتۇ ئۇ، -
بۇ ھۈنەرنى ئۆگىتىڭ.
زېھىن قوياي مەنمۇ ھەم،
سىرلىرىنى كۆرسىتىڭ.
ئۆكۈز ئۇستاز بولۇشقا،
ماقۇل بولۇپ مۆرەپتۇ.
مايمۇن كېلىپ ساپاننى،
بىردەم راسا سۆرەپتۇ.
ئۆتە - ئۆتمەي بىر سائەت،
مايمۇن بەكمۇ ھېرىپتۇ.
- قىيىن ئىكەن، بۇ ئىش، - دەپ،
ئېتىزلىقتىن قېچىپتۇ.
ماڭا - ماڭا مايمۇنچاق،
كەپتۇ كۆلنىڭ بويىغا.
تۇرۇپ قاپتۇ بىر ھازا،
كۆزى چۈشۈپ پاقىغا.
پاقا سوزۇپ تىلىنى،
باش كۆتۈرۈپ تۇرغۇدەك.
چاققانلىق قىپ دەممۇ دەم،
پاشىلارنى يۇتقۇدەك.
مايمۇن دەپتۇ: - پاقىجان،
نېمە قىلىپ تۇرىسەن؟
پاقا دەپتۇ: - پاشىنى،
گالغا شۇنداق ئۇرىمەن.
پاشا دېگەن زىيانداش،
قاننى تويماي شورايدۇ.
ئۇندىن ھەر خىل كېسەللەر،
جاندارلارغا تارايدۇ.
ئاڭلاپ بۇنى مايمۇنچاق،
خۇشاللىققا تولۇپتۇ.
پاشا تۇتۇش ئېپىنى،
ئۆگەنمەكچى بولۇپتۇ.
ھەر قانچە قىپ مايمۇنچاق،
تۇتالماپتۇ پاشىنى.
كۆل بويىدىن كېتىپتۇ،
تەنھا قويۇپ پاقىنى...
شۇ يوسۇندا مايمۇنچاق،
كۆپ جايلارغا بېرىپتۇ.
ئۆگىنەلمەي ھېچ ئىشنى،
ئورمانلىققا يېنىپتۇ.
قارشى ئاپتۇ ئانىسى،
>ئالتۇن بالام كەلدى< دەپ.
>ئۆز ۋاقتىنى، زېھنىنى،
ئۆگىنىشكە بەردى< دەپ.
لېكىن شۇدەم مايمۇنچاق،
توختىماي ئاھ، ئۇرغۇدەك.
ھەسرەت چېكىپ، بېشىنى -
ساڭگىلىتىپ تۇرغۇدەك.
ئانا كۆرۈپ بۇ ھالنى،
ھەيران بوپتۇ، چۆچۈپتۇ.
- نېمە بولدۇڭ، بالام؟ - دەپ،
كۆز يېشىنى تۆكۈپتۇ.
بار ئەھۋالنى بىر - بىرلەپ،
بايان قىپتۇ مايمۇنچاق.
دەپتۇ شۇدەم ئانىسى:
- ئەقلىڭ يوقمۇ، ئەي ئەخمەق؟!
بىر ھۈنەرنى ئۆگەنمەك،
ئاسان ئەمەس، بىل، بالام.
ھەۋەس - ئىشنىڭ بېشىدۇر،
يەنە غەيرەت قىل، بالام.
چىدام بىلەن ئىلگىرلەپ،
ئاشساڭ مۈشكۈل قىرىنى؛
ئىگىلەرسەن شۇندىلا،
ھۈنەر ھېكمەت سىرىنى.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاچ،
ھەقىقەتنى بىلىپتۇ.
ئۆز ئىشىغا مايمۇنچاق،
قاتتىق پۇشايمان قىلىپتۇ.
باغلاپ بەلنى قايتىدىن،
مايمۇن يولغا چىقىپتۇ.
كۆڭۈل قويغاچ ھۈنەرگە،
كامالەتكە يېتىپتۇ. [/align] |
|