مۈشۈكنىڭ بېلىق تۇتۇشى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-23 15:22:47 كۆرۈلۈش سانى : 16
بىر ئادەم دەريادىن يوغان بىر كاراپ بېلىقى تۇتۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن مۈشۈم ھەم ھەيران بولغان، ھەم خۇشال بولغان ھالدا:
- ۋاي - ۋۇي، قالتىسقۇ! بېلىق تۇتۇش نېمىدېگەن ئاسان - ھە! - دەپتۇ
- ئاسان دەمسەن؟ ئۇنداق بولسا، سەنمۇ بىرنى تۇتۇپ باققىنچۇ، قېنى - دەپتۇ بېلىقچى.
- قانچىلىك ئىش ئىدى ئۇ، قاراپ تۇرغىن ئەمىسە! - دەپتۇ - دە، مۈشۈك دەريانىڭ قىرغىقىغا كېلىپ قۇيرۇقىنى سۇغا چىلاپ ئولتۇرۇپتۇ.
بىر ئازدىن كېيىن، يوغان بىر كارپ بېلىقى مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىنى كۆرۈپ، بۇ كېپىنەك قۇرتى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپتۇ - دە، ئۇنى قاتتىق چىشلىۋاپتۇ. مۈشۈك قۇيرۇقىنى بىر نەرسە تارتىۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ:
- ئەي، بۇ چوقۇم كاراپ بېلىقىغۇ! - دەپ خۇشاللىقىدىن توۋلاپ كېتىپتۇ، بىراق ئۇ قۇيرۇقىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھەم ناھايىتى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنى تارتقانىكەن، قۇيرۇقى تېخىمۇ بەك ئاغرىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئۆزىنى قويۇۋەتكەنىكەن، كاراپ بېلىقى ئۇنى سۇغا تارتىپ چۈشۈرۈپتۇ.
بېلىقچى مۈشۈكنى دەرھال سۇدىن قۇتۇلدۇرۇۋاپتۇ ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- بېلىق تۇتۇشنىڭ ئانچە ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى ئەمدىغۇ بىلگەنسەن؟ - دەپتۇ.
مۈشۈك جېنىدىن ئايرىلغىلى تاس قاپتۇ، بىراق ئۇ: قارىماققا ئاساندەك كۆرۈنگەن ئىشلارنىمۇ قىلىش نېمە ئانچە تەستۇ؟ دېگەنلەرنى قايتا - قايتا ئويلاپ تېگىگە يېتەلمەپتۇ - دە، بېلىقچىغا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرماپتۇ.
سىلەر مۈشۈكنىڭ دائىم مۈگدەپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرىسىلەر. ئەمەلىيەتتە ئۇ، مۈشۈكنىڭ مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ ئولتۇرغىنى ئىكەن. |
|