قىزغانچۇق چۈجە
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-20 10:55:38 كۆرۈلۈش سانى : 15
بىر كۈنى مېكىيان چۈجىلىرىنى باشلاپ دانلاشقا چىقىپتۇ. چۈجىلەر چۇكۇلدىشىپ يۈرۈپ دانلاپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر چۈجە توپتىن ئايرىلىپ، ھەر تەرەپكە يۈگۈرۈپتۇ، يىراقلاشقانسېرى كۆپرەك دان تېپىپ يەپتۇ. ئۇ: ئۆزۈم يالغۇز دانلىسام كۆپرەك بىر نەرسە تېپىپ يېيەلەيدىكەنمەن، باشقىلار ماڭا ئەگىشىپ كېلىۋاتامدىكىن؟ - دەپ قىزغىنىپ ئارقىسىغا قاراپتۇ، لېكىن ھېچكىمنى كۆرمەپتۇ: ئەجەپ ئوبدان بولدى، - دەپتۇ كۆڭلىدە قىزغانچۇق چۈجە، - ئۆزۈم كەڭ - كۇشادە دانلاپ، قورسىقىمنى راسا تويدۇرۇپ، ئاندىن ئۆيگە كېتىمەن.
ئاچكۆز چۈجە شۇنداق شېرىن خىياللار بىلەن دانلاپ يۈرگەندە، ئالدىدىن بىر تۈلكە چىقىپ قاپتۇ. تۈلكە چۈجىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن ھىجىيىپتۇ. چۈجە بولسا قورققىنىدىن ھېچ يەرگە قاچالماي تىپىرلاپ قاپتۇ.
تۈلكە چۈجىنىڭ سېمىزلىكىنى كۆرۈپ، بىرلا يالماپ يېۋەتكۈسى كەپتۇ، بىراق ئېيىقنىڭ غەزىپىنى ئويلاپ ئۆز نەپسىنى يىغىپتۇ. ئەسلىدە ئېيىق ئۇنىڭغا بىر تىرىك چۈجە تېپىپ كېلىشنى بۇيرۇغانىكەن، ئەگەر ئۇ مىڭ تەسلىكتە تاپقان بۇ چۈجىنى ئۆزى يېۋالسا، ئېيىقتىن ياخشىلىق كۆرمەيدۇ. تۈلكە بۇنى ئويلاپ، چۈجىنى ئالداشقا كىرىشىپتۇ:
- ياخشىمۇ سىز، چۈجە ئۇكام؟
قورقۇپ تىترەپ تۇرغان چۈجە بۇ تۈلكىنىڭ مۇلايىملىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى بىر ئاز تىنچلىنىپتۇ.
- ياخشى، تۈلكە ئاكا، - دەپتۇ ئۇ.
- بۇ يەردە ئۆزىڭىز يالغۇز نېمە ئىش قىلىپ يۈرۈيسىز؟
- دانلاپ يۈردۈم.
- سىزدەك بىر گۈزەل چۈجىنىڭ قورساق باقىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرگىنىڭىزگە ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئۆيدە يەيدىغان نەرسىلەر ئېشىپ - تېشىپ تۇرۇپتۇ. ئىككىمىز دوست بولۇپ، بىللە ئويناپ - كۈلۈپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرسەك بولمامدۇ؟
چۈجە ئويلىنىپ قاپتۇ.
- سىز چوڭ، مەن كىچىك تۇرسام، قانداقمۇ دوست بولالايمەن؟
- دوست بولغاندىن كېيىن مەن سىزنى ئۆزۈم بىلەن تەڭ كۆرىمەن ئەمەسمۇ.
نادا چۈجە تۈلكىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىپتۇ. ئۇلار بىر ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇ.
- مانا ئۆيگە كەلدۇق. مەرھەمەت قىلىڭ. دوستۇم! - دەپتۇ تۈلكە.
چۈجە تۈلكە بىلەن ئۆڭكۈرگە كىرىپتۇ - دە، يوغان تاشنىڭ ئۈستىدە غادىيىپ ئولتۇرغان ئېيىقنى كۆرۈپتۇ. چۈجە قورققىنىدىن تۈلكىنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋاپتۇ. تۈلكە ئېيىققا تەزىم قىلىپ:
- غوجام، بۇيرۇقلىرىغا بىنائەن چىش ئاغرىقلىرىغا دورا تېپىپ كەلدىم، - دەپتۇ.
- ئىككى كۈندىن بېرى ئاران بىر چۈجە تېپىپ كەلدىڭمۇ؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ ئېيىق تۈلكىگە.
- توپتىن ئايرىلىپ، يالغۇز دانلايدىغان نادان چۈجىنى ئاسان تاپقىلى بولمايدىكەن، تەقسىر! - دەپتۇ - دە، قورقۇپ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەن چۈجىنى ئىككى قوللاپ ئېيىققا تۇتۇپتۇ. ئېيىق بىچارە چۈجىنىڭ چۇكۇلداشلىرىغا قارىماي، چايناپ يېۋېتىپتۇ. $$ |
|