كىچىك ئاق خوراز
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-18 14:41:02 كۆرۈلۈش سانى : 25
كىچىك ئاق خوراز چىللاشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن خۇشاللىقى ئىچ - ئىچىگە پاتماي كېتىپتۇ. ھەمراھلىرى ئۇنى ماختاپ<
- كىچىك ئاق خوراز، سەن ھەقىقەتەن ياخشى جۇمۇ، ئىگىمىز سېنىڭ چىللىغانلىقىڭنى ئاڭلاپ ئويغىنىدۇ - دە، ئاندىن بىزنىڭ كاتىكىمىزنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ، - دەپتۇ. كىچىك ئاق خوراز بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تېخىمۇ كۆرەڭلەپ كېتىپتۇ ۋە بارا - بارا مەغرۇرلىنىشقا باشلاپتۇ، يەنە تېخى تاڭنىمۇ ئۆزى يورۇتقاندەك قانائەتلىنىپتۇ.
بىر كۈنى، كىچىك ئاق خوراز ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن يەنە كۆكرىكىنى چىقىرىپ بار كۈچى بىلەن چىللاپتۇ. كۈتۈلمىگەندە قېرى سېرىق كالا قۇيرۇقىنى بىر چۆرىگەنىكەن، ئۇنىڭ ئاغزىغا تېگىپ كەتكىلى تاسلا قاپتۇ. كىچىك ئاق خوراز قاتتىق ئاچچىقلىنىپتۇ - دە، جۇدۇنى ئۆرلەپ، قېرى سېرىق كالىغا:
- سەن قارىغۇمۇ؟ ئەگەر مېنى زەخمىلەندۈرگەن بولساڭ، ئۇ چاغدا سېنى كۈننىڭ نۇرىنى ئىككىنچى كۆرەلمەيدىغان قىلىۋېتەتتىم، - دەپتۇ.
- ھا - ھا - ھا! - سېرىق كالا ئۆزىنى تۇتالماي قاتتىق كۈلۈپ تاشلاپتۇ ۋە، - ئەي، سەندە بۇنچىلىك كارامەت بارلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇغۇ، - دەپتۇ.
كىچىك ئاق خوراز سېرىق كالىنىڭ بۇ مەسخىرە گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ غەزەپلىنىپتۇ - دە، سېرىق كالىغا ئاچچىق بىلەن:
- ياخشى! ئەتە مەن چىللىماي باقاي، سەن قانداقىسىگە كۈن ئۆتكۈزەرسەنكىن قېنى؟ - دەپتۇ.
ئىككىنچى كۈنى كىچىك ئاق خوراز راستتىنلا چىللماپتۇ ھەمدە ئىچىدە: سېرىق كالا ماڭا يېلىنىپ - يالۋۇرسا ئاندىن چىللايمەن، دەپ ئويلاپتۇ. ئەمما خوراز كاتەكنىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندا، تاڭ ئاللىقاچان يورۇپ كەتكەن بولۇپ، سېرىق كالىنىڭ مەردانە قەدەم تاشلاپ ئېتىزلىققا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. كىچىك ئاق خوراز: باشقىلار مېنى مەسخىرە قىلىپ قالارمۇ، دېگەن ئەندىشىدە تامنىڭ بۇلۇڭىغا بېرىپ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ دانلاشقا باشلاپتۇ. ئۇ: سېرىق كالىنىڭ مەسخىرىلىك كۈلكىسى توغرىمۇ - خاتامۇ؟ تاڭ نېمىشقا مېنى ساقلاپ تۇرمايلا يورۇپ كەتكەندۇ؟ - دەپ ئويلاپتۇ. |
|