توشقاننىڭ پۇشايمىنى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-02 13:12:47 كۆرۈلۈش سانى : 15
توشقان ئوتلاپ يۈرۈپتۇ،
ياز پەيزىنى سۈرۈپتۇ،
قورسىقىنى تويدۇرۇپ،
ئويناقلاپتۇ كۈلۈپتۇ.
قاراپ باقسا قارىغايغا،
يانغا ئۆتكەن سايىسى.
شۇ چاغ كەپتۇ ئېسىگە،
ئۆيدە قالغان بالىسى.
ئۇ ئۆيىگە يېنىپتۇ،
سۇ بويىغا كېلىپتۇ؛
چىلاپ تۇرۇپ بۇرۇتىنى،
راسا قېنىپ ئىچىپتۇ.
ماڭماق بولۇپ تەمشىلىپ،
بىردىن توختاپ قېلىپتۇ.
ئېرىق يېنى بىر دەزدىن،
سۇ تامچىلاپ ئېقىپتۇ.
ئاققىنىغا خوش بولۇپ،
بىردەم قاراپ تۇرۇپتۇ.
قايتقۇچە بۇ تۆشۈكنى،
ئېتىپ قويماق بولۇپتۇ.
يەنە ئويلاپ دەپتۇ: ياق،
نېمە كارىم، نېمە غەم؛
ماڭا يوقتۇر زىيىنى،
جاپا تارتماي ئالاي دەم.
بۇ ئېرىقنىڭ سۇلىرى،
بارار كەڭرى يايلاققا.
پايدىسى بار بۇ سۇنىڭ،
قوي، كالىغا، تايچاققا.
ئېتىپ قويسام بۇ يەرنى،
لاي قىلىمەن قولۇمنى.
ھېچكىم بىلمەس مەن قىلغان،
ياخشى ئىشىم، كۆڭلۈمنى.
ئازلاپ كەتسە سۇلىرى،
ئېتىۋالسۇن ئۆزلىرى.
مېڭىپ بۇيان كەلگۈچە.
چەكچىيىدۇ كۆزلىرى.
شۇ چاغ ئۇنىڭ ئالدىدا.
مىدىرلاپتۇ كۆزلىرى.
ئىختىيارسىز قېچىپتۇ،
كۆزى كۆرمەي ھېچنېمە.
دۈپۈلدەپتۇ يۈرىكى،
كۆكسىگىمۇ پاتماستىن.
توختىماپتۇ ھېچ يەردە،
ئۆز ئۆيىنى تاپماستىن...
ئۇنى شۇنداق قورقۇتقان،
يۈرىكىنى چۆچۈتكەن؛
باشقا نەرسە بولماستىن،
ئۆزىدىكى بىر نۇقسان.
- ئەتمەيمەن، ياق، - دېگەندە،
لەپەڭشىپتۇ قۇلىقى.
سايىسىدىن قورقۇپ ئۇ،
قېچىپ تالغان ئايىغى.
بالىلىرى تويغاندا،
ئۇ سوزۇلۇپ يېتىپتۇ.
ئاخشام قۇرۇن ھاۋامۇ،
پەيلىنى بەك بۇزۇپتۇ.
گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ،
ھەيۋىلەرنى قىلىپتۇ.
يالت - يۇلت قىلىپ چاقماقلار،
بۇلۇت يامغۇر تۆكۈپتۇ.
توشقان ئەمدى قورقماپتۇ،
تولا كۆرگەچ يامغۇرنى.
ئۇخلاپ قاپتۇ چۈش كۆرۈپ،
يېسىۋېلەك، چامغۇرنى...
بىر چاغ ئۆيگە شارقىراپ،
سۇ كىرىشكە باشلاپتۇ.
توشقان چۆچۈپ ئويغىنىپ،
ئۆزىنى ھەريان تاشلاپتۇ.
سۇ تولغاچقا ئۆيىگە،
ئۇنىڭ دېمى سىقىلىپ؛
چىقالماپتۇ تۆشۈكتىن،
ھەر قانچە قىپ ئېتىلىپ.
ئاشۇ چاغدا سۇ توختاپ،
ئۇ پاتقاققا چۆكۈپتۇ.
ھالسىزلىنىپ بىچارە،
تېپىرلاپتۇ، يېتىپتۇ.
ئاشۇ چاغدا قوي، ئۆچكە،
كالا، ئاتلار كېلىپتۇ.
تېكە باتۇر توشقاننىڭ،
قۇلىقىدىن تارتىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ توشقاننى،
قۇتۇلدۇرۇپتۇ ئۆلۈمدىن.
بىراق ئىككى بالىسى،
جۇدا بوپتۇ جېنىدىن.
توشقان بىلىپ ئەھۋالنى،
پۇشايمانغا تولۇپتۇ.
دوستلىرىنىڭ ئالدىدا،
بەكمۇ خىجىل بولۇپتۇ.
توشقان كۆرگەن دەز يەردىن،
سۇلار ئېقىپ ئۇلغىيىپ؛
يامغۇر سۈيى - تاشقىندا،
بۇزۇلۇپتۇ كېڭىيىپ.
ئاشۇ يەردىن كەلگەن سۇ،
ئۆز ئۆيىنى بېسىپتۇ.
شۇ چاغ ئۆچكە، قوي، كالا،
كېلىپ يارنى ئېتىپتۇ.
سۇنى دەرھال توختىتىپ،
كەپتۇ بۇيان ياردەمگە.
گەر كەلمىسە كېتەتتى،
توشقانمۇ ئۇ ئالەمگە...
توشقان دەپتۇ: - دوستلىرىم،
ئۆتتى مەندىن سەۋەنلىك.
كەچۈرۈڭلار پېقىرنى،
قىلماي ئەمدى مەنمەنلىك.
يامان ئىشلار ئالدىمغا،
قالسا ئەگەر دۇچ كېلىپ؛
دەخلىسىز دەپ ئۆزۈمگە،
يۈرمەيمەن ھېچ ئېزىلىپ...
شۇندىن بۇيان ساۋاقنى،
توشقان تۇتۇپ چىڭ ئەستە.
ياردەم قىپتۇ باشقىغا،
ھەتتا ھېچكىم كۆرمەستە. |
|