ئالتۇن قۇش
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-22 14:43:23 كۆرۈلۈش سانى : 73
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بىپايان كەتكەن ۋادا بۈك - باراقسان گۈزەل باغ ئىكەن. بۇ باغدا سۈزۈك سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ، شېرىن مېۋىلەر پىشىپ تۇرىدىكەن. قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى ئۈزۈلمەيدىكەن.
دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان گۈزەل قۇشلار بۇ باغنى ماكان تۇتقان بولۇپ، باغنى كىشىلەر >قۇشلار بېغى< دەپ ئاتايدىكەن. قۇشلارنىڭ ئارىسىدا >ئالتۇن قۇش< دەيدىغان بىر چىرايلىق قۇش بولۇپ، ئۇنىڭ پەيلىرى ئالتۇندەك پارقىراپ جۇلالىنىپ تۇرىدىكەن. قۇشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇ قۇشنى ئەتىۋارلاپ ھۆرمەت بىلدۈرىدىكەن. ئالتۇن قۇشمۇ ئۇلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق ئىززىتىنى قىلىپ، ناھايىتى ئىناق ئۆتۈشىدىكەن. كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتكەنسېرى ئالتۇن قۇش ماختاش سادالىرى ئىچىدە ئۆزىگە تەمەننا قويۇشقا، ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى پەش قىلىپ، بارا - بارا باشقا قۇشلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ باشقا قۇشلار سالام بەرسە كۆز قىرىنىمۇ سالمايدىغان، ھاكاۋۇرلۇق بىلەن غادىيىپ كۆكرىكىنى كېرىپ، پەيلىرىنى پارقىرىتىپ، كۆز - كۆز قىلىپ يۈرۈيدىغان بوپتۇ. بۇنى كۆرگەن باشقا قۇشلارمۇ ئۆز پوزىتسىيلىرىنى ئۆزگەرتىپ، بۇرۇنقىدەك ھۆرمەت بىلدۈرمەيدىغان، ھەتتا ئۆز يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىمۇ، كۆرمەسكە سېلىپ تۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن خاپا بولغان ئالتۇن قۇش: >سىلەر كۆرمىسەڭلار، مېنىڭمۇ سىلەرنى كۆرەر كۆزۈم يوق< دېگەندەك قىلىپ ئۆزىنى تېخىمۇ چوڭ تۇتۇپتۇ.
كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئالتۇن قۇش يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ، ئىچى پۇشۇپ يىغلاپتۇ، زارلاپتۇ، بىراق ئۇنىڭ ھالىنى سورايدىغان بىرمۇ قۇش چىقماپتۇ. بۇ ئىش ئالتۇن قۇشقا تېخىمۇ ھار كەپتۇ. نېمە قىلارنى بىلمەي، ئاخىر قۇشلارنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ، قۇشلار ئۇنىڭغا يەنىلا قارىماپتۇ. بۇنىڭدىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ، ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان ئالتۇن قۇش، ھەر بىر قۇشنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بېرىپ، ئۇلاردىن ئەپۇ سوراپتۇ. قۇشلار ئۇنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، ئۆز خاتالىقىنى تونۇغانلىقىنى كۆرۈپ خۇشال ھالدا يەنە بۇرۇنقىدەك ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۆز ئارا ئىناق ئۆتۈشۈپتۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ، قۇشلار بىر - بىرىنى تېخىمۇ ھۆرمەت قىلىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى، گۈللەرنىڭ خۇش پۇراق ھىدى تەبىئەت گۈزەللىكىگە يېڭى ھۆسن قوشۇپتۇ. |
|