بېلىق بىلەن تۈلكە
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-24 13:31:45 كۆرۈلۈش سانى : 79
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بىر كۆلدە نۇرغۇن بېلىقلار ياشايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۆلنىڭ سۈيى تۈگەپ بېلىقلار ياشاشقا ئامالسىز قاپتۇ. كۆل بويىغا سۇ ئىچكىلى كەلگەن تۈلكە بىر بېلىقنىڭ لايدا پىلتىڭلاپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، ئۇنى يېيىش ئۈچۈن كۆلگە كىرىپتۇ، بۇنىڭدىن قورققان بېلىق تېخىمۇ كۈچەپ پىلتىڭلاشقا باشلاپتۇ. تۈلكە يېقىنلاشقاندا ئۇ دەرھال ھوشىنى يىغىپ، تۈلكىگە:
- ئەي، تۈلكە ئاكا، مېنى يەمسەن؟ - دەپتۇ. تۈلكە مۇغەمبەرلىك بىلەن ھىجىيىپ تۇرۇپ:
- ئۇكام، يېمىسەم بولمىدى، چۈنكى قورسىقىم ئېچىپ كولدۇرلاپ كەتتى، سېنى يېمىگەن تەقدىردىمۇ سۇ تۈگەپتۇ، سەن ھامان ئۆلۈپ كېتىسەن، - دەپتۇ.
- بوپتۇ، يېسەڭمۇ يېگىن، بىراق بۇ لاي پېتىم يېسەڭ قورسىقىڭ ئاغرىپ قالىدۇ، شۇڭا سۇدا پاكىز يۇيۇپ يېگىن، - دەپتۇ بېلىق.
تۈلكە بۇ سۆزنى ئورۇنلۇق ھېس قىپتۇ - دە، بېلىقنى يۇيۇپ يېيىش ئۈچۈن بىر جىلغىغا ئەكەپتۇ. بېلىق بەدىنى سۇغا تېگىشى بىلەنلا پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، قاتتىق بىر پىلتىڭلاپتىكەن، قاناتلىرى تۈلكىنىڭ كۆزىگە تېگىپ ئوت چىقىرىۋېتىپتۇ، بۇنىڭغا چىدىيالمىغان تۈلكە:
- ۋاي! - دەپ ۋارقىراپتۇ. بۇ چاغدا بېلىق تۈلكىنىڭ ئاغزىدىن ئاجراپ سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئاچچىقىغا پايلىمىغان تۈلكە سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ بېلىقنى تۇتۇۋېلىپ راسا چايناپ يېۋەتكۈسى كەپتۇ، بىراق سۇ ئۈزۈشنى بىلمىگەچكە، ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ كېتىپ قاپتۇ. |
|