پىلنىڭ ئۆلۈمى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-19 10:55:14 كۆرۈلۈش سانى : 14
قەدىمكى بىر زاماندا،
تاغ باغرىدا، ئورماندا.
ياشايدىكەن پىل جاناپ، ئۆزىن >دانا شاھ< ساناپ.
باشقا جانۇجاندارنى،
ئىلمايدىكەن كۆزىگە.
كىرمەيدىكەن ئۇلارنىڭ،
مەسلىھىتى - سۆزىگە.
قويۇپ ئۆزگە تەمەننا،
مەغرۇرلىنىپ يۈرەركەن.
>باغ پاقلىنى< بولۇپ ئۇ،
دەۋرى - دەۋران سۈرەركەن.
قورساقلىرى گۈمبەزدەك،
لېكىن ئىچى تار ئىكەن.
ئادالەتسىز ئىشىدىن،
پاقا - پاشا زار ئىكەن.
× ×
ياز كۈنىنىڭ بىرىدە،
چۈمۈلە تام تۈۋىدە.
ياستا كۈنگە قاقلىنىپ،
پىل كېلىپتۇ زارلىنىپ:
- سەن گېزەندە دائىما،
تۆت بۇلۇڭغا چاپىسەن!
كىرىۋېلىپ بۇرنۇمغا،
قىمىرلايسەن، چاقىسەن!
ئورا كولاپ بىلجىرلاپ،
دائىم توپا قازىسەن.
توسۇۋېلىپ يولۇمنى،
ماڭا چالما ئاتىسەن...
مەن بىلىمەن قەستىڭنى،
قۇرۇتقايمەن نەسلىڭنى.
مەن جاھاندا زادى كىم؟
كۆرۈپ قويغىن بەستىمنى -
دەپ ۋارقىراپ پىل شۇئان،
خارتۇمىنى سوزۇپتۇ.
گۈلەخەسنىڭ تېمىغا،
شىددەت بىلەن ئۇرۇپتۇ.
ۋەيران بولۇپ كېتىپتۇ،
چۈمۈلىنىڭ ئۇۋىسى،
ئۆلۈپ قاپتۇ بىگۇناھ،
قاقشاپ تەڭدىن تولىسى.
چۈمۈلىنىڭ ئاھىغا،
پاقا چىداپ تۇرالماي.
كەپتۇ پاشا قېشىغا،
ئۆپكىسىنى باسالماي.
- ئەي پاشىجان، پاشىجان!
سۆزلىرىمگە قۇلاق سال.
ئېشىپ كەتتى ھەددىدىن،
پىل دېگەن بۇ قېرى چال.
بىز ئىككىمىز بىرلىشىپ،
بىڭسىمىزنى چىقىرىپ؛
يوقىتايلى كاداڭنى،
پىل دېگەن بۇ باداڭنى...
ھەيران بولۇپ پاشىجان،
پاقىنىڭ گەپ - سۆزىگە.
تۇرۇپ قاپتۇ دەمالى،
ئىشىنەلمەي ئۆزىگە.
دەپتۇ پاقا: - پاشىجان،
ئۆزۈڭنى سەل چاغلىما.
نەشتىرىڭدۇر قورالىڭ،
دات باستۇرۇپ ساقلىما.
تەلۋە پىلنىڭ كۆزىگە،
نەشتىرىڭنى ئۇرىسەن.
ئاندىن كۆۋەت مېنىڭكى،
كارامەتنى كۆرىسەن.
مەدەت قىلىپ پاشىغا،
پاقا مەسلىھەت بېرىپتۇ.
بۈك - باراقسان ئورماننى،
زىلزىلىگە سېلىپتۇ.
كەچ كۈزنىڭ بىر ئاخشىمى،
پىل سەيلىگە چىقىپتۇ.
كەڭ دالانى ئايلىنىپ،
ھۇزۇرلىنىپ يېتىپتۇ.
پەملەپ تۇرۇپ پاشىجان،
پىلنىڭ كۆزىن چېقىپتۇ.
ئىشنى بابلاپ بولۇپلا،
ۋىڭىلداپتۇ، قېچىپتۇ.
پىلنىڭ كۆزى قىمىلداپ،
ھېچ نەرسىنى كۆرمەپتۇ.
چىدىيالماي ئاخىرى،
دەرەخلەرگە سۈركەپتۇ.
سانجىلىپتۇ كۆزىگە،
دەل - دەرەخلەر تىكىنى.
پىل بوپتۇ بىئارام،
كۆتۈرەلمەي بېشىنى.
كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپتۇ،
پىل قاقشاپ يۈرۈپتۇ.
چىۋىن چىچىپ كۆزلىرى،
قان - يىرىڭغا تولۇپتۇ.
كور بولۇپتۇ پىلنىڭ،
قۇرت يېگەن كۆزلىرى.
كارغا كەلمەس بولۇپتۇ،
ئۇنىڭ پەرمان - سۆزلىرى.
قىينىلىپتۇ پىل راسا،
كۆل بويىغا بارالماي.
چىرقىراپتۇ بىردىنلا،
ئۇسسۇزلۇققا چىدالماي.
پاقا كۆرۈپ شاھ پىلنىڭ،
ئېچىنىشلىق ھالىنى؛
دەرھال ئىشنى باشلاپتۇ،
تىڭشىماستىن زارىنى.
توختىماستىن كۇرۇلداپ،
پاقا ئۇزاپ كېتىپتۇ.
ئەگىشىپتۇ قارىغۇ پىل،
سۇ ئىزدەپتۇ، مېڭىپتۇ.
پاقا سەكرەپ بىر ھاڭنىڭ،
يان باغرىغا مۆكۈپتۇ.
سۇ ئىچىدە تۇرغاندەك،
قاقاقلاپتۇ - كۈلۈپتۇ.
>كۆل بويىغا كەلدىم< دەپ،
پىل يايراپ كېتىپتۇ.
ئوڭ پۇتىنى سوزۇپلا،
ھاڭغا موللاق ئېتىپتۇ. |
|