غەيۋەتچى قۇشقاچلار
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-17 11:39:41 كۆرۈلۈش سانى : 20
باھار كېلىشى بىلەنلا، توپ - توپ قۇشقاچلار جەنۇب تەرەپتىن ئۇچۇپ كېلىشىپ، ئۆزلىرىگە ئۇۋا سېلىش ئۈچۈن ئالدىراش ئىشقا كىرىشىپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن بىر توپ قۇشقاچ ئۆينىڭ تورۇسىدىكى لىم ياغاچقا قاتار قونۇشۇۋېلىپ، قارلىغاچلارنى مەسخىرە قىلىپ، غەيۋەت - شىكايەت قىلىشقا باشلاپتۇ:
- قاراڭلار، ماۋۇ ھاماقەتلەرنى، ئاشۇ كىچىككىنە تۇمشۇقلىرى بىلەن لاي توشۇپ ئوردا سالماقچىمىش تېخى، ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلىماقچى بولۇشۇپتۇ - دە، ئۆزلىرىچە ئۇلارنىڭ بۇ خام خىياللىرى بەرىبىر يوققا چىقماي قالمايدۇ...
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، قارلىغاچلار ئۇۋىلىرىنى سېلىپ بوپتۇ. بۇنى كۆرگەن قۇشقاچلار يەنە يېڭى غەيۋەتلىرىنى باشلىۋېتىپتۇ:
- ۋاييەي، لاي - لاتقىلاردىن مۇشتۇمچىلىك كۆرۈمسىز ئۇۋا سالغىنىغا شۇنچىمۇ كۆرەڭلەپ كەتكەن بارمۇ، جاي تېپىلمىغاندەك لىم ياغاچلارنىڭ ئاراچلىرىغا تىقىلىشىۋېلىپ، ئاپتاپ كۆرمەي، قاراڭغۇدا تىمىسقىلاپ يۈرگەنلەرنىڭ ھالىنى تېخى.
قارلىغاچلار قۇشقاچلارنىڭ غەيۋەت - شىكايەتلىرىگە پىسەنتمۇ قىلماي، يېڭى ئۇۋىلىرىغا كۆچۈپ كىرىپ، خاتىرجەم يېتىپ تۇخۇم تۇغۇپتۇ، تۇخۇمنى بېسىپ ئۇنىڭدىن بالا چىقىرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ياز كېتىپ، كۈزمۇ كەپتۇ، قارلىغاچنىڭ بالىلىرى چوڭ بولۇپ قانات چىقىرىپ مۇستەقىل ئۇچالايدىغان بوپتۇ. ئاتا - ئانىلىرى ئۇلارنى باشلاپ ئىسسىق جايلارغا - جەنۇبقا قاراپ كېتىشىپتۇ.
قارلىغاچلار كېتىشى ھامان، غەيۋەتچى قۇشقاچلار ئۇلاردىن قالغان ئۇۋىلارنى تالىشىپ سوقۇشۇپ كېتىپتۇ. نەتىجىدە، ھەممىدىن كۈچلۈك بىرى بۇ ئۇۋىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىپتۇ. قالغان قۇشقاچلار ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىپ: >باشلىقىمىزنىڭ تۇرار جايى تولىمۇ چىرايلىق، بەكمۇ يورۇق، گويا مەرمەر تاشتىن ياسالغاندەكلا كاتتا ئۆي جۇمۇ< دەپ ماختىشىپتۇ.
بىراق، باھار كېلىشى بىلەنلا قارلىغاچلار توپ - توپى بىلەن ئۇچۇپ كېلىپ، ھېلىقى غەيۋەتچى قۇشقاچلارنى ئۇۋىلىرىدىن قوغلىۋېتىپ، يېڭىباشتىن ئۇۋا قىلىشقا كىرىشىپتۇ.
غەيۋەتچى قۇشقاچلار بولسا لىم ياغاچقا قونۇۋېلىپ، يەنە غەيۋەت - شىكايىتىنى باشلىۋېتىپتۇ.
- ئاشۇ كىچىككىنە تۇمشۇقۇڭلار بىلەن لاي - لاتقا توشۇپ ئوردا سالماقچىمۇسىلەر؟ بۇ ئۇخلاپ چۈشۈڭلار، بۇ خام خىيالىڭلار بەرىبىر ئىشقا ئاشمايدۇ... - دېيىشىپتۇ. |
|