ئاچكۆز ئوغلاق
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-03 11:51:59 كۆرۈلۈش سانى : 15
[align=center][color=#0000FF] بولغانىكەن بۇرۇندا،
بىر مەلىدە ئۆچكىخان.
ھەمراھ ئىكەن ئۇنىڭغا،
شوخ بالىسى ئوغلاقجان.
مېھماندوست قوي بىر كۈنى،
ئۆز ئۆيىگە چىللاپتۇ.
ئانا - بالا خۇش بولۇپ،
ئۇنىڭكىگە يول ئاپتۇ.
ئۆچكە دەپتۇ: - جان بالام،
بىر گېپىم بار، قۇلاق سال،
تاقىلدىسا نەپسىڭ گەر،
بۇ گېپىمنى ئەسكە ئال.
داستىخانغا خىلمۇخىل،
نازۇ نېمەت كېلىدۇ.
ساھىبخان قوي يەڭلار دەپ،
بىزنى تەكلىپ قىلىدۇ.
ئاپئاق بالام شۇندا سەن،
ئەدەب بىلەن قۇل ئۇزارت.
قويما مېنى نومۇسقا،
ئاچكۆز بولۇش بەك ئۇيات.
- ھە، ھە، - دەپتۇ ئوغلاقجان،
سەكرەپ، تاقلاپ مېڭىپتۇ.
ئۇزاق ئۆتمەي ئىككىسى،
مەنزىلگە يېتىپتۇ.
قارشى ئېلىپ ئۇلارنى،
قوي ۋە قوزا چىقىپتۇ.
سالام بېرىپ مەرىشىپ،
ئۆيگە تەكلىپ قىلىپتۇ.
ئۆيگە كىرىپ ئوغلاقجان،
چىقىۋاپتۇ تۆرىگە.
شەرت قىپتۇ ئۆچكىخان،
قاراپ ئۇنىڭ كۆزىگە.
ئوغلاق بولسا پەرۋاسىز،
ئولتۇرۇپتۇ بېزىرىپ.
ئۆچكە چىشلەپ لېۋىنى،
قاپتۇ شۇندا قىزىرىپ.
ئەكىلىپتۇ ساھىبخان،
قىياق، چاتقال، بىدىنى.
قويا - قويماي ئوغلاقجان،
باشلىۋاپتۇ يېيىشنى.
بۇنى كۆرۈپ ئۆچكىنى،
قاپلىۋاپتۇ دەرد - ئاچچىق.
بىلىنىپتۇ ئۇنىڭغا،
ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق.
ئوغلاق بولسا تارتىنماي،
بېدىنىلا يەر ئىمىش.
- ئالدىمدىكى ئاز قالدى،
يەنە بارمۇ؟ - دەر ئىمىش.
ئۆچكە دەپتۇ: - جان بالام،
بولدى قىلغىن، توختىغىن.
چاقىرماقتا قوزىچاق،
چىقىپ بىللە ئوينىغىن.
- ياق، ياق، تېخى تويمىدىم! -
ئوغلاق شۇنداق دېگۈدەك.
باش كۆتۈرمەي بېدىنى،
>ھام - ھام< قىلىپ يېگۈدەك.
- بېدە ئېغىر غىزادۇر،
كېتەر قورساق بەك كۆپۈپ.
باشقىسىغا ئېغىز تەگ، -
دەپتۇ ئۆچكە ئۆتۈنۈپ.
- باشقىسىنى يېمەيمەن،
ئوغلاق شۇنداق دېگۈدەك.
>بېدىگە مەن ئامراق< دەپ،
>ھام - ھام< قىلىپ يېگۈدەك.
شىۋىرلاپتۇ ئۆچكىخان:
- بۇ قىلىقىڭ بولدى سەت.
ساھىبخاننىڭ ئالدىدا،
قىلما مېنى خىجالەت.
بەتقىلىقنى قويماپتۇ،
ئوغلاق يەنە توۋلاپتۇ:
- ئالدىمىزغا بېدىنى،
يېسۇن دەپ قوي قويغانغۇ!
شۇ تەرىقە ئوغلاقجان
يەپتۇ، يەپتۇ، ھارماپتۇ.
پومپىيىپتۇ قورسىقى،
ئاخىر تەتۈر چايناپتۇ.
... ...
ئۆز ئۆيىگە كەچقۇرۇن،
ئانا - بالا يېنىپتۇ.
ئوغلاقجاننىڭ ھالىمۇ،
ماڭا - ماڭماي چېنىپتۇ.
مېڭىپ - مېڭىپ ئىككىسى،
يېرىم يولغا بارغاندا؛
كۆتۈرەلمەي قورساقنى،
تەرلەپ راسا ھارغاندا؛
دەپتۇ ئوغلاق: - ۋاي ئانا!
بولالمىدىم زادىلا.
كەتتى ئاغرىپ قورسىقىم،
ئۆلەرمەنمۇ ھازىرلا!؟
ئۆچكە شۇندا قاقشاپتۇ:
- گەپنى يەنە ئاڭلىما!
توقلۇق يامان ئاچلىقتىن،
دېمىدىممۇ بايىلا...
ئۇلار: - ۋاي - ۋاي! - دېيىشىپ،
تەستە ئۆيگە يېتىپتۇ.
ئوغلاق يەرگە ئۆزىنى،
>پالاققىدە< ئېتىپتۇ.
تولغىنىپتۇ زار يىغلاپ،
قاتتىق ئاغرىق دەردىدە.
دوختۇر ئاتنى چاقىرىپ،
كەپتۇ ئۆچكە كېچىدە.
ئات تەكشۈرۈپ ئوغلاقنى،
ئۆچكىگە كۆز تىكىپتۇ:
- بۇ كېسەلنى بالىڭىز،
ئاچكۆزلۈكتىن تېپىپتۇ.
پەرۋاسىزلىق قىلسا ئۇ،
ھاياتىمۇ خەتەرلىك.
بۈگۈن كېچە ئاغزىدا،
تۇرسۇن تاياق چىشلەكلىك.
شۇ يوسۇندا بالىڭىز،
يېگىنىنى كۆۋشىسۇن.
ئۆزى كىچىك تۇرۇپلا،
ھايات شامى ئۆچمىسۇن...
شۇ كېچىچە ئوغلاقجان،
تاياق چىشلەپ يېتىپتۇ.
يا كۆزىدە ئۇيقۇ يوق،
تاڭ ئاتقۇزماق تەس كەپتۇ...
شۇندىن بۇيان ئوغلاقجان،
ئاچكۆزلۈكنى تاشلاپتۇ.
- بالام بولدى ئەدەبلىك، -
دەپ ئۆچكىخان ماختاپتۇ. [/color][/align] |
|