ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > قانۇن تۇزۇم > تولۇق مەزمۇنى

ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى(9)

ۋاقىت : 2014-02-10 00:48 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

    44 – ماددا پار قازان ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار پار قازان سۈيىنى بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە ئوبدان تەڭشىشى ھەمدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.

    پار قازان تازىلىغۇچىلار بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە تازىلىشى ھەمدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

    45 – ماددا لېفىتنى لېفىت ياسىغۇچى ئورۇن ياكى مۇشۇ قانۇن بويىچە ئىجازەت ئېلىپ قۇراشتۇرىدىغان، ئۆزگەرتىدىغان، رېمونت قىلىدىغان ئورۇن ئاسرىشى كېرەك.

    لېفىتنى ئاسرىغۇچى ئورۇنلار ئاسراش جەريانىدا بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپكە قاتتىق ئەمەل قىلىشى، ئاسرىغان لېفىتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە نەق مەيداندا بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    لېفىتنى ئاسرايدىغان ئورۇن ئاسرىغان لېفىتنىڭ بىخەتەرلىكىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك؛ كاشىلا كۆرۈلگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان نەق مەيدانغا بېرىشى ھەمدە زۆرۈر بولغان جىددىي ئوڭشاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

    46 – ماددا لېفىت ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، لېفىت ياسىغۇچى ئورۇن ياسىغان لېفىتنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى ئىزلاپ تەكشۈرۈشى ۋە ئىگىلىشى، لېفىتنى ئاسرىغۇچى ئورۇنلار ياكى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئاسراش ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە تۈزىتىش تەكلىپى بېرىشى ھەمدە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىشى كېرەك؛ لېفىتتا ئېغىر ھادىسە يۇشۇرۇن خەۋپى بايقالسا، لېفىت ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. لېفىت ياسىغۇچى ئورۇن تەكشۈرگەن ۋە ئىگىلىگەن ئەھۋالنى خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك.

    47 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئۆزگەرتىدىغان، رېمونت قىلىدىغان، بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىش تىزىمىنى ئۆزگەرتىدىغانلار تىزىم ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، داۋاملىق ئىشلەتسە بولىدۇ.

    48 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردە ئېغىر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى كۆرۈلۈپ، ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىش قىممىتى قالمىسا ياكى ئۇ بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن بىراك قىلىش شەرتىگە چۈشۈپ قالسا، ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىراك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شۇ ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىشتىن توختىتىشى ھەمدە ئەسلىي تىزىملىغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماققا بېرىپ ئىشلىتىش تىزىم گۇۋاھنامىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرگۈزۈشى كېرەك.

    ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بىراك قىلىش شەرتىگە توشقاندىن باشقا لايىھەلەش، ئىشلىتىش يىل چېكىگە يېتىپ، داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىرىنى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىدىكى تەلەپ بويىچە تەكشۈرتۈش ياكى بىخەتەرلىكىنى باھالىتىش ھەمدە ئىشلىتىش تىزىم گۇۋاھنامىسىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىتىش كېرەك. داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىرىدا تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ۋە ئاسراشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ