بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلىنىشتىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كې
بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلىنىشتىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەكمۇ-يوق؟

مۇخبىرنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى لىيەنيۈنگاڭ شەھىرى دوڭخەي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇندىن بۇرۇن ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بالىلارنىڭ كارتون فىلىم «ئوماق قوزىچاق بىلەن كۈلرەڭ بۆرىچاق»نىڭ ئىشلىگۈچىسى ئۈستىدىن ئەرز قىلىش دېلوسىغا يېقىندا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، جاۋابكار لىنىڭ ھامىيسىغا دەۋاگەر تارتقان زىيان 260 مىڭ يۈەننىڭ %60ى، يەنى 157 مىڭ يۈەننى تۆلەش؛ جاۋابكار گۇاڭدۇڭ يۈەنچاڭ دوڭلى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە دەۋاگەرنىڭ تارتقان زىيىنىنىڭ %15 ى، يەنى 39 مىڭ يۈەننى تۆلەش؛ دەۋاگەرنىڭ ھامىيسىنىڭ قالغان %25 لىك زىياندىكى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى بۇيرۇلغان.
بۇ يىل 6-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، دوڭخەي ناھىيەسىدە تۇرىدىغان يەتتە ياشلىق بالا رەن رەن بىلەن ئۇنىڭ تۆت ياشلىق ئىنىسى ئون ياشلىق ئويۇندىشى لى بىللە ئوينايدۇ، ئارىلىقتا ئۇلار «ئوماق قوزىچاق بىلەن كۈلرەڭ بۆرىچاق» فىلىمىدىكى «قوزىچاقنى تۇتقۇن قىلىپ كاۋاپ قىلىش» ئويۇنىنى دورايدۇ. جاۋابكار لى دەۋاگەر رەن رەن بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسىنى بىر دەرەخكە باغلاپ، يانچۇقىدىكى چاقماق بىلەن دەرەخ تۈۋىدىكى بامبۇك يوپۇرماقلىرىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ، ئىككى قېرىنداشنى كۆيدۈرۈپ ئېغىر يارىلاندۇرىدۇ.
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، جاۋابكار لىنىڭ يېشى دەۋاگەرلەرنىڭ يېشىغا قارىغاندا خېلى چوڭ، بىلىش ئىقتىدارى ۋە ھەرىكىتىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى خېلى كۈچلۈك، زىيان پەيدا قىلىشتىكى رولى خېلى چوڭ، شۇڭا قانۇن بويىچە جاۋابكار لىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھامىيسى دەۋاگەر رەن-رەن قېرىنداشلارنىڭ زىيىنىنىڭ %60 نى تۆلىشى كېرەك دەپ ھېسابلىدى.
سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: «ئوماق قوزىچاق بىلەن كۈلرەڭ بۆرىچاق»نى ئىشلەپ تارقاتقان تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتتىق تەكشۈرۈشى، قورامىغا يەتمىگەنلەرگە ماس كەلمەيدىغان ۋەقەلىك ۋە كۆرۈنۈشلەرنى چىقىرىۋېتىشى كېرەك شۇنداقلا يەنە خەتەردىن ئەسكەرتىش، دوراشتىن ئاگاھلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. ھالبۇكى كارتون فىلىم «ئوماق قوزىچاق بىلەن كۈلرەڭ بۆرىچاق»تا، يەنىلا زوراۋان ۋەقەلىك ۋە كۆرۈنۈش بار بولۇپ، بۇ دېلودىكى قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قىلمىشىنى بىلىپ يېتىشىگە يامان تەسىر بەرگەن. گەرچە بۇ فىلىمنى ئىشلەش، تارقىتىش مەمۇرىي ئىجازەتتىن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە زىياننىڭ ئوبيېكتىپ ئاقىۋىتىنى پەيدا قىلغان. شۇڭا، بۇ ئاقىۋەتتە قانۇنىي سەۋەب-نەتىجىلىك مۇناسىۋەت ساقلانغان گۇاڭدۇڭ يۈەنچاڭ دوڭلى شىركىتى مۇناسىپ قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بۇندىن باشقا، ئىككى دەۋاگەرنىڭ ھامىيلىرى مۇناسىپ ھامىيلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغان، شۇڭا ئۇلارمۇ مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
گۇاڭشىنىڭ فاڭچېڭگاڭ شەھىرىدىكى خۇاڭ چۈنجىڭ مەسئۇلىيەتنى بېكىتىش قانۇن بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى كېرەك. ناھايىتى تەسلىكتە دۆلىتىمىزدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەنگەن بىر كارتون فىلىم بارلىققا كەلدى، ئەمما ئۇنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى بېكىتىلمىگەن ئەھۋالدا، مەسئۇلىيەتنى ئارقىمۇ-ئارقا ئارتىپ قويغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى كارتون فىلىم ئىشلىگەن بۇ شىركەتكە زەربە بولۇشى مۇمكىن دېدى.
بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراشتىكى ناچار قىلمىش مەسىلىسىدىكى ئاچقۇچ يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ توغرا يېتەكلەش-يېتەكلىمەسلىكىگە باغلىق بولۇپ، بالىلار ئۈچۈن ياخشى كارتون فىلىملەرنى تاللىغاندا، ئۇلارنىڭ يول باشلىغۇچىسىغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن: بىر قىسىم مەدەنىي قائىدە، بىخەتەرلىك تەربىيەسى قاتارلىقلار ماتېرىيال قىلىنغان كارتون فىلىملەر دېگەندەك، ئادەتتە ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىپ، بالىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.
خۇبېينىڭ جيايۈ ناھىيەسىدىكى مېي كۈنلۈن مۇنداق دېدى: گەرچە كارتون فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى بىلەن زوراۋانلىق قىلمىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجىلىك مۇناسىۋىتىنى بېكىتىش ناھايىتى تەس بولسىمۇ، لېكىن سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى يەنىلا كارتون فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئەستايىدىل قايتا ئويلىنىشىغا ئەرزىيدۇ، زوراۋانلىق ئامىللىرى كۆپىيىپ كېتىپ، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يەنە قانداق پايدىسى بولسۇن؟ كىنو، تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى پايدا يارىتىدىغان تاۋار بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى قىممەت قارىشى تارقىتىدىغان مەدەنىيەت ۋاسىتىسى بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىقتىسادىي مەنپەئەت بىلەن ئىجتىمائىي مەنپەئەتنى تەڭ ئويلاشقاندىلا، ئاندىن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كارتون فىلىملەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدىغان داغدام يولدا ماڭالايدۇ.
بۇ قېتىمقى دېلودا مۇنداق ئىككى ئىككى مەسىلىنى ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ: 1-ئائىلە، مەكتەپ ۋە مەھەللە بالىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىك تەربىيەسىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەردىمۇ-يوق؟ ئەگەر ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەھەللىلەر بالىلارنىڭ كارتون فىلىملەرنى دوراش قىلمىشىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئاكتىپ يېتەكلەپ، بالىلارغا رېئاللىق بىلەن فىلىمنىڭ پەرقىنى ھېس قىلدۇرغاندا، مۇشۇنداق پاجىئەنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولۇشى مۇمكىن. 2-كارخانىلار، بولۇپمۇ بالىلارنى تاماشىبىن قىلغان مەدەنىيەت تۈرىدىكى كارخانىلار زىممىسىدىكى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يېتەلىدىمۇ-يوق؟ بالىلار ئۈچۈن مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىگەن كارخانىلار بالىلارغا ئىجابىي تەربىيە بېرىپ يېتەكلەشتىكى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇناسىپ سالاھىيەت ۋە بازارغا ئىجازەتلىك كىرىش مېخانىزمىغا ئىگە بولۇشى، ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىمۇ كەسىپ دەرىجىسىنى باھالاش ۋە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلىنىشتىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كې»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: 2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەر
- 2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغا
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ ي
- تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «جىنايى
- ياش-ئۆسمۈرلەرگە دائىر دىلو مىساللىرى ۋە
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن
- ج خ ج نىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغدا
- شىنجاڭدا ئۆيلەرنى مەجبۇرىي چېقىش قاتتى
- دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم
- قارا نىيەتلەر يۈز نىقابىدىن پايدىلىنىپ
- ئالى مەكتەپ ئوقوغوچىسى مەكتەپ ئۈستىدىن
- قانۇنسىز بىللە تۇرغان مەزگىلدە بىر تەرە
- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللە
- تاشيول قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلى
- قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈز
- 2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن لىكس
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلى
- تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «جىنايى ئىشل
- ياش-ئۆسمۈرلەرگە دائىر دىلو مىساللىرى ۋە مۇنا
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن لىكس
- ج خ ج نىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇ
- شىنجاڭدا ئۆيلەرنى مەجبۇرىي چېقىش قاتتىق چەكل
- دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش
- قارا نىيەتلەر يۈز نىقابىدىن پايدىلىنىپ دېلو
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن لىكس
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلى
- 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا خلاپ
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ
- يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلەرنىڭ قانداق قىلمىشل
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادى
- مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قان
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىن
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇ
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بى
- مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزا
- جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى
- جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىز
- مائارىپ قانۇنلىرى
- ج خ ج نىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇن
- 【学校行政领导工作制度】
- ئالىمجان،ساقىلىڭىزغا رەھمەت-بوزقىر