ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > قانۇن تۇزۇم > تولۇق مەزمۇنى

مائارىپ قانۇنلىرى

ۋاقىت : 2011-04-13 11:19 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : sohuk | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى
 
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى
1995- يىل 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1995 – يىل 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 45 – نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.
1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1- ماددا بۇ قانۇن مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.
2- ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مائارىپقا تەتبىقلىنىدۇ.
3- ماددا دۆلەت ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.
4-ماددا مائارىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى، دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
پۈتكۈل جەمئىيەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.
پۈتكۈل جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى كېرەك.
5- ماددا مائارىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن بىرلىشىشى، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشى شەرت.
6-ماددا دۆلەت تەربىيىلەنگۈچىلەر ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ، غايە، ئەخلاق، ئىنتىزام، قانۇنچىلىق، دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ.
7-ماددا مائارىپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ بارلىق ئېسىل مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
8- ماددا مائارىپ پائالىيەتلىرى دۆلەت ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت.
دۆلەت مائارىپ بىلەن دىننى ئايرىش يولىنى تۇتىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسالغۇ بولىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
9- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىدا تەربىيىلىنىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.
پۇقرالار مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، كەسپى، مال – مۈلۈك ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارغا قارىماي، تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن قانۇن بويىچە باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ.
10-ماددا دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
دۆلەت چەت، يىراق، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار – يۆلەك بولىدۇ.
دۆلەت مېيىپلار مائارىپى ئىشلىرىغا يار – يۆلەك بولىدۇ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدۇ.
11- ماددا دۆلەت سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا يارىشا، مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مائارىپنى ماسلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرىدۇ، ئۆمۈرلۈك تەربىيە ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
دۆلەت مائارىپ ئىلمى تەتقىقاتىنى قوللايدۇ، رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە ئۇيۇشتۇرىدۇ. مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ.
12- ماددا خەنزۇ تىل – يېزىقى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتۇشتا قوللىنىدىغان ئاساسىي تىل – يېزىق. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئاساس قىلىنغان مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتۇشنى شۇ مىللەتنىڭ تىل – يېزىقى بىلەن ياكى شۇ يەردىكى مىللەتلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىل – يېزىق بىلەن ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتۇشتا مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇنى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلغان خەتلەرنى ئومۇملاشتۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ.
13- ماددا دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
14- ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، مائارىپ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ.
ئوتتۇرا مائارىپ ۋە ئوتتۇرا مائارىپتىن تۆۋەن مائارىپنى گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باشقۇرىدۇ.
ئالىي مائارىپنى گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باشقۇرىدۇ.
15- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ ۋە ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى مائارىپ خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئالاقىدار مائارىپ خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.
16- ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا مائارىپ خىزمىتى ۋە مائارىپ راسخوتىنىڭ خام چوت، نەق چوت ئەھۋالىدىن دوكلات قىلىشى، نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

2- باب مائارىپنىڭ ئاساسىي تۈزۈملىرى
17- ماددا دۆلەت ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى، باشلانغۇچ مائارىپ، ئوتتۇرا مائارىپ، ئالىي مائارىپتىن ئىبارەت مەكتەپ مائارىپى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
ئىلمىي ئوقۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. ئوقۇش تۈزۈمى سىستېمىسىدىكى مەكتەپلەرنى ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش، تەلىم – تەربىيە شەكلى، ئوقۇش مۇددىتى، ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى، يېتىشتۈرۈش نىشانى قاتارلىقلارنى گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
18- ماددا دۆلەت توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇشقا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدىكى مەجبۇرىي مائارىپنى قوبۇل قىلىش ۋە تۈگىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.
19- ماددا دۆلەت كەسپىي مائارىپ تۈزۈمى ۋە چوڭلار مائارىپى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار ۋە كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ كەسپىي مەكتەپ تەلىم – تەربىيىسى ياكى ھەر خىل شەكىلدىكى كەسپىي تەربىيە ئېلىش ئىشىنى راۋاجلاندۇرۇشى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
دۆلەت ھەر خىل شەكىلدىكى چوڭلار مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، پۇقرالارنى مۇۋاپىق شەكىلدىكى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىلىم – پەن، تېخنىكا تەربىيىسى، كەسپىي تەربىيە ۋە ئۆمۈرلۈك تەربىيە ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
20- ماددا دۆلەت دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھانى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھانىنىڭ تۈرلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ ھەمدە بۇ ئىمتىھاننى دۆلەت تەستىقلىغان ئاپپاراتلار ئالىدۇ.
21- ماددا دۆلەت ئوقۇش گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
دۆلەتنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان ياكى دۆلەت ئېتىراپ قىلغان مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا ئوقۇش گۇۋاھنامىلىرىنى تارقىتىدۇ.
22- ماددا دۆلەت ئىلمىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن مۇئەييەن ئىلمىي سەۋىيىگە ياكى كەسپىي – تېخنىكا سەۋىيىسىگە يەتكەن خادىملارغا قانۇن بويىچە مۇناسىپ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىدۇ، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.
23- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كارخانىلار ۋە كەسپىي تەشكىلاتلار تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش تەلىم – تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە پۇقرالار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش تەلىم – تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
24- ماددا دۆلەت مائارىپ مۇپەتتىشلىكى تۈزۈمىنى، مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ تەلىم – تەربىيىسىنى باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

3 –باب مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى
25- ماددا دۆلەت مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ ھەمدە مەكتەپلەرنى ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى قۇرىدۇ.
دۆلەت كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەم پۇقرالارنىڭ قانۇن بويىچە مەكتەپ ئېچىشىغا ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە مەكتەپ ئېچىشىغا ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
26- ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەر ھازىرلانغان بولۇشى شەرت:
(1) تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە نىزامنامىسى بولۇش؛
(2) لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇش؛
(3) بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئوقۇتۇش ئورنى ۋە ئەسلىھە – ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلار بولۇش؛
(4) مەكتەپ ئېچىشقا زۆرۈر بولغان مەبلىغى ۋە مۇقىم خىراجەت مەنبەسى بولۇش.
27- ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش، ئۆزگەرتىش ۋە توختىتىشتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەكشۈرتۈش، تەستىقلىتىش، رويخەتكە ئالدۇرۇش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەش كېرەك.
28- ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ:
(1) نىزامنامە بويىچە ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش؛
(2) تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش؛
(3) ئوقۇغۇچى ياكى باشقا تەربىيىلەنگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىش؛
(4) تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش، مۇكاپاتلاش ياكى چارە كۆرۈش؛
(5) تەربىيىلىگۈچىلەرگە مۇناسىپ ئوقۇش گۇۋاھنامىسى بېرىش؛
(6) ئوقۇتقۇچى ياكى باشقا ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش، مۇكاپاتلاش ياكى چارە كۆرۈش؛
(7) ئۆز ئورنىنىڭ ئەسلىھەلىرى، تەربىيىلەش خىراجىتىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش؛
(8) ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىگە قانۇنسىز ئارىلىشىشىنى رەت قىلىش؛
(9) قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.
دۆلەت مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قوغدايدۇ.
29 - ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:
(1) قانۇن، نىزاملارغا ئەمەل قىلىش؛
(2) دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش، تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛
(3) تەربىيىلەنگۈچىلەر، ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىيھوقۇق– مەنپەئىتىنى قوغداش؛
(4) تەربىيىلەنگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىرىنىڭ تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە باشقا ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەپ تۇرۇشىغا مۇۋاپىق يوللار بىلەن قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش؛
(5) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ھەق ئېلىش ۋە ھەق ئېلىنىدىغان تۈرلىرىنى ئاشكارىلاش؛
(6) نازارەتچىلىكنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىش.
30-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى قۇرغۇچىلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئۆزى قۇرغان مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەلگىلەيدۇ.
مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇدىرلىقى ياكى ئاساسلىق مەمۇرىي مەسئۇللۇقىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان، جۇڭگو تەۋەسىدە ئولتۇراقلاشقان ھەم دۆلەت بەلگىلىگەن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىنى ھازىرلىغان پۇقرالار ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەيىنلىنىدۇ ۋە قالدۇرۇلىدۇ. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ۋە باشقا مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولىدۇ.
مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئوقۇتقۇچى،ئىشچى– خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلىي شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇشقا ۋە نازارەتچىلىك قىلىشقا قاتنىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
31-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن قانۇنىي ئىگىلىك شەرتىنى ھازىرلىغانلىرى تەسىس قىلىش تەستىقلانغان ياكى رويخەتكە ئېلىنغان كۈندىن باشلاپ، قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.
مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.
مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى باشقۇرغان كەسىپلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئالدىغا ئۈستىگە ئالىدۇ.

4 -باب ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا مائارىپ خىزمەتچىلىرى
32- ماددا ئوقۇتقۇچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ، خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولىدۇ.
33 -ماددا دۆلەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت شارائىتى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى، پاراۋانلىق تەمىناتى قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بېرىلىدۇ.
34 –-ماددا دۆلەت ئوقۇتقۇچىلىقتا سالاھىيەت، ۋەزىپە، تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، تەكشۈرۈش، سىناش، مۇكاپاتلاش، تەربىيىلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.
35 –-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار ئىچىدە مائارىپ خىزمەتچىلىرى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىكى ئوقۇتۇش ياردەمچىلىرى ۋە باشقا كەسىپ – تېخنىكا خادىملىرى ئىچىدە كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

5 –باب تەربىيىلەنگۈچىلەر
36 -ماددا تەربىيىلەنگۈچىلەر مەكتەپكە كىرىش، يۇقىرى مەكتەپكە چىقىش ۋە باشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە باراۋەر ھوقۇقتىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.
مەكتەپ ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە قىزلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش، يۇقىرى مەكتەپكە چىقىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىلمىي ئۇنۋان ئېلىش ۋە چەت ئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوغۇللار بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
37 -ماددا دۆلەت، جەمئىيەت مەكتەپكە كىرىش شەرتىگە مۇۋاپىق، ئەمما ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغان بالىلار، ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلارغا تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ياردەم بېرىدۇ.
38 -ماددا دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى مېيىپلارنى جىسمانىي، روھىي ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ تەربىيىلىشى ھەمدە ئۇلارغا ياردەم بېرىشى ۋە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
39 –-ماددا دۆلەت، جەمئىيەت، ئائىلە، مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
40 –-ماددا كەسپىي خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە كەسپىي جەھەتتە تەربىيىلىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز تەربىيە ئېلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.
دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆز ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆگىنىشى ۋە تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن شارائىت ۋە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
41 –-ماددا دۆلەت مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆمۈرلۈك تەربىيە ئېلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.
42 -ماددا تەربىيىلەنگۈچىلەر تۆۋەندىكى ھوقۇقلارغا ئىگە:
(1) ئوقۇتۇش پىلانىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش ئەسلىھە – ئۈسكۈنىلىرى ۋە كىتاب – ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىش؛
(2) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش قەرز پۇلى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش؛
(3) ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە ئەخلاق جەھەتتە ئادىل باھاغا ئېرىشىش، بەلگىلەنگەن دەرسلەرنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن مۇناسىپ ئوقۇش گۇۋاھنامىسىگە ۋە ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىگە ئىگە بولۇش؛
(4) مەكتەپ بەرگەن جازاغا قايىل بولمىسا، ئالاقىدار تارماقلارغا ئەرز قىلىش، ئۆزىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا ئوخشاش قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى دەخلى – تەرۇز قىلغان بولسا، ئەرز قىلىش ياكى قانۇن بويىچە دەۋا قىلىش؛
(5) قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.
43 –-ماددا تەربىيىلەنگۈچىلەر تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:
(1) قانۇن، نىزاملارغا ئەمەل قىلىش؛
(2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكەت قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش، ئۇستازلار ۋە چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش، ئۆزىدە ياخشى ئىدىيىۋى ئەخلاق پەزىلەت ۋە ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش؛
(3) تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بەلگىلەنگەن ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش؛
(4) ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىگە ئەمەل قىلىش.
44 –-ماددا مائارىپ، تەنتەربىيە، سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى تەنتەربىيە، ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

6– باب مائارىپ ۋە جەمئىيەت
45 -ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئارمىيە، كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى، شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە بالىلار، ئۆسمۈرلەر ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئوبدان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
46 -ماددا دۆلەت كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر بىلەن ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات، تېخنىكا يارىتىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش جەھەتلەردە تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ھەمكارلىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى، شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر مۇۋاپىق شەكىللەر ئارقىلىق مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا مەدەت بەرسە، مەكتەپ باشقۇرۇشقا قاتناشسا بولىدۇ.
47-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئارمىيە، كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئىجتىماىي تەشكىلاتلار مەكتەپلەر ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پراكتىكا، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىشى ۋە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
48 -ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى نورمال تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا، شۇ جاينىڭ جامائەت پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىشى كېرەك.
49 -ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئات– ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ياكى باشقا ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى ياكى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىلارنى تەربىيىلىشىگە ماسلىشىشى كېرەك.
مەكتەپلەر، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىغا ئائىلە تەربىيىسى جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلسا بولىدۇ.
50 -ماددا كۇتۇپخانا، مۇزېي، پەن – تېخنىكا سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، تەنتەربىيە سارىيى (مەيدانى) قاتارلىق جامائەت، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مۇئەسسەسەلىرى، شۇنىڭدەك تارىخىي مەدەنىيەت، ئاسار ئەتىقە ئورۇنلىرى ۋە ئىنقىلابىي خاتىرە سارايلىرى (ئورۇنلىرى) دا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىش، تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشى ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك.
رادىئو ئىستانسىلىرى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى (ئۇزېللىرى) مائارىپ پروگراممىلىرىنى تەسىس قىلىپ، تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئەخلاق – پەزىلەت، مەدەنىيەت ۋە پەن – تېخنىكا ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
51 -ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەكتەپ سىرتىدا تەربىيىلەش مۇئەسسەسەلىرىنى قۇرىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ.
مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى بىلەن ماسلىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
52 -ماددا دۆلەت جامائەت تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ، شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان ئىجتىمائىي تەربىيە، مەدەنىيەت تەربىيىسى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

7 –باب مائارىپ سېلىنمىسى ۋە شەرت – شارائىت كاپالىتى
53 -ماددا دۆلەت مالىيەسىدىن پۇل ئاجرىتىشنى ئاساس، مائارىپ خىراجىتىنى باشقا تۈرلۈك يوللار بىلەن غەملەشنى قوشۇمچە قىلىدىغان تۈزۈمنى بەرپا قىلىپ، مائارىپ سېلىنمىسىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىپ، دۆلەت ئاچقان مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتىنىڭ مۇقىم مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى، شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە قۇرغان مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشقا كېتىدىغان خىراجىتىنى غەملەشكە شۇ مەكتەپنى قۇرغۇچى مەسئۇل بولىدۇ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مەدەت بەرسە بولىدۇ.
54 -ماددا دۆلەت مالىيەسىدىن بېرىلىدىغان مائارىپ خىراجىتى چىقىمىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا ۋە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ پەيدىنپەي ئۆسۈپ بېرىشى كېرەك. كونكرېت نىسبىتىنى ۋە يولغا قويۇش قەدەم باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
مائارىپ خىراجىتىنىڭ مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك مالىيە چىقىمىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پەيدىنپەي ئۆسۈپ بېرىشى كېرەك.
55 -ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ خىراجىتى چىقىمى ئىش ھوقۇقى بىلەن مالىيە ھوقۇقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پرىنسىپى بويىچە مالىيە خام چوتىدا ئايرىم تۈر قىلىنىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيەدىن مائارىپقا ئاجرىتىدىغان پۇلنىڭ ئېشىپ بېرىش نىسبىتىنى دائىملىق مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىپ بېرىش نىسبىتىدىن ئۈستۈن قىلىش ھەمدە مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن توغرا كېلىدىغان مائارىپ خىراجىتىنى پەيدىنپەي ئاشۇرۇپ بېرىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇمىي خىراجىتىنىڭ پەيدىنپەي ئېشىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
56-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەخسۇس مائارىپ مەبلىغى تەسىس قىلىپ، چەت، يىراق، نامرات رايونلارنىڭ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇشىغا نۇقتىلىق يار – يۆلەك بولۇشى كېرەك.
57-ماددا باج ئورگانلىرى مائارىپ قوشۇمچە خىراجىتىنى قانۇن بويىچە تولۇق يىغىدۇ، ئۇنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ، ئاساسلىقى مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، مائارىپ ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرلىك قوشۇمچە خىراجەتلىرىنى ئېلىشنى بەلگىلەپ، ئۇنى ئۆز جايىغا ئىشلەتسە بولىدۇ.
يېزىلاردا يېزا بىر تۇتاش غەملەيدىغان مائارىپ قوشۇمچە خىراجىتىنى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى يىغىدۇ، ئۇنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ ياكى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى باشقۇرىدۇ، شۇ يېزا ۋە كەنتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ. يېزا مائارىپ قوشۇمچە خىراجىتىنىڭ يېزىنىڭ بىر تۇتاش غەملەيدىغان قىسمىدا ئىگىلەيدىغان كونكرېت نىسبىتى ۋە كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ.
58 -ماددا دۆلەت ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، نورمال تەربىيىلەش ۋە ئوقۇتۇشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا مەكتەپلەرنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىملىقنى قانات يايدۇرۇشىغا، مەكتەپ باشقۇرىدىغان كەسىپلەرنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يار – يۆلەك بولىدۇ.
59 -ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىختىيار قىلىش، ھالىغا بېقىش پرىنسىپى ئاساسىدا، ئۆزىنىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە مەكتەپ باشقۇرۇشقا مەبلەغ توپلاپ، ئۇنى مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇۋاتقان مەكتەپلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ سېلىش ۋە مەكتەپ ئۆي – ئىمارەتلىرىنى رېمونت قىلىش، يېڭىدىن سېلىش ئىشلىرىغا ئىشلەتسە بولىدۇ، باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
60 -ماددا دۆلەت چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل ئىئانە قىلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.
61-ماددا دۆلەت مالىيەسى خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر مائارىپقا ئىئانە قىلغان پۇلنى مائارىپقا ئىشلىتىش شەرت، ئۇنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا، قىسىپ ئېپقېلىشقا بولمايدۇ.
62 -ماددا دۆلەت پۇل مۇئامىلىسى، كرېدىت ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئىلھام بېرىدۇ.
63 -ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ مائارىپ خىراجىتىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
64 -ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك يەر ۋە ماددىي ئەشيالارنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى كېرەك.
65 -ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇشقا كېرەكلىك كىتاب – ماتېرىياللارنى نەشر قىلىش، تارقىتىشتا، ئوقۇتۇش سايمانلىرى، ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشتە، مەكتەپلەرنىڭ تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتىغا كېرەكلىك كىتاب – ماتېرىياللار، ئوقۇتۇش سايمانلىرى، ئۈسكۈنىلىرىنى ئىمپورت قىلىشتا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى كېرەك.
66-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە مائارىپى ۋە باشقا زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشى، ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار ئۇنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇنىڭغا يار – يۆلەك بولۇشى لازىم.
دۆلەت مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ زامانىۋىلاشقان ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

8 -باب مائارىپ ئىشلىرىدىكى تاشقى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق
67-ماددا دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىدىكى تاشقى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.
مائارىپ ئىشلىرىدىكى تاشقى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقتا مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، جۇڭگونىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىشقا، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.
68 -ماددا جۇڭگو تەۋەسىدىكى پۇقرالارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش ياكى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئىشلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بولىدۇ.
69-ماددا جۇڭگو تەۋەسىدە بولمىغان شەخسلەر دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن ھەمدە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرگەندىن كېيىن، جۇڭگو تەۋەسىدىكى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىغا كىرىپ ئوقۇسا، تەتقىقات ئېلىپ بارسا، ئىلىم ئالماشتۇرسا ياكى ئوقۇتقۇچىلىق قىلسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق– مەنپەئىتى دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
70-ماددا جۇڭگو ئۆز تەۋەسىدە بولمىغان مائارىپ ئاپپاراتلىرى بەرگەن ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ۋە باشقا ئوقۇش گۇۋاھنامىسىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەر بويىچە ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئېتىراپ قىلىدۇ.

9-باب قانۇنىي جاۋابكارلىق
71-ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مائارىپ خىراجىتىنى خام چوت بويىچە ئاجراتمىغانلارغا شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇددەت بەلگىلەپ ئاجراتقۇزىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈمىگە، كەسپىي مالىيە تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مائارىپ خىراجىتىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋالغان، قىسىپ ئېپقالغانلارنى شۇ خىراجەتنى مۆھلەت ئىچىدە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
72-ماددا توپلىشىۋېلىپ مۇشتلاشقان، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقارغان، مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان ياكى مەكتەپ ئۆي – ئىمارىتى، مەيدانى ۋە باشقا مال – مۈلكىنى بۇزغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالايدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆي– ئىمارىتى، مەيدانى ۋە باشقا مال – مۈلكىنى ئىگىلىۋالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
73 -ماددا مەكتەپ ئۆي – ئىمارىتى ياكى تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، تەدبىر قوللانماي تالاپەت پەيدا قىلغان ياكى مال – مۈلۈكنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلاردىن بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملار ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
74 -ماددا ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن ھەق ئالغانلارنى ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
75-ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھالدا قۇرۇلغان مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى بىكار قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت تاپقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
76-ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغانلارنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىنى قايتۇرۇۋېتىشكە، ئېلىنغان ھەقنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
77-ماددا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە شەخسىي غەرەز بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلغانلارنى، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى قوبۇل قىلىنغانلارنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
78 -ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ تەربىيىلەنگۈچىلەردىن ھەق ئالغان بولسا، ئۇلارنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئېلىنغان ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
79-ماددا دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلىنغان بولسا، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئىمتىھاننى ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلىدۇ، بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھانى قانۇنسىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئىمتىھاننى ئىناۋەتسىز، دەپ ئېلان قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت تاپقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
80 -ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا ئوقۇش گۇۋاھنامىسى بېرىلگەن بولسا، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئۇنى ئىناۋەتسىز، دەپ ئېلان قىلىدۇ، قايتۇرۇۋېلىش ياكى مۇسادىرە قىلىشنى بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تاپاۋەت تاپقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ گۇۋاھنامە بېرىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
81 -ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىپ، زىيان – زەخمەت پەيدا قىلغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
10-باب قوشۇمچە پرىنسىپ
82 -ماددا ھەربىي مەكتەپ مائارىپى توغرىسىدا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بۇ قانۇندىكى پرىنسىپلارغا ئاساسەن بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.
دىنىي مەكتەپ مائارىپى توغرىسىدا گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.
83-ماددا چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ جۇڭگو تەۋەسىدە مەكتەپ ئېچىش ۋە ھەمكارلىشىپ مەكتەپ ئېچىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
84 -ماددا بۇ قانۇن 1995 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى
 
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى

1991- يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ  21 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1991 - يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 50 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)




1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلارنى سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.


2- ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر 18 ياشقا توشمىغان پۇقرالارغا قارىتىلغان.

3-ماددا دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە غايە تەربىيىسى، ئەخلاق تەربىيىسى، مەدەنىيەت تەربىيىسى، ئىنتىزام ۋە قانۇنچىلىق تەربىيىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، ئىنتېرناتسىئونالىزم، كوممۇنىزم تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ؛ ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى، ئىلىم - پەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ كاپىتالىزم، فېئودالىزم ۋە باشقا چىرىك ئىدىيىلەرنىڭ چىرىتىشىگە قارشى تۇرىدۇ.


4- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش لازىم:


(1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛

(2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىش؛

(3) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىش؛

(4) تەربىيىلەش بىلەن قوغداشنى بىرلەشتۈرۈش.

5 -ماددا دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى، مال - مۈلۈك ۋە باشقا جەھەتتىكى قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.



قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش  دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، سىياسىي پارتىيىلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆزىنى - ئۆزى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتلىرى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ۋە باشقا قۇرامىغا يەتكەن پۇقرالارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ توسۇش، چەكلەش ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بار.

دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش جەھەتتە تەربىيە بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشى لازىم.

6- ماددا مەركەز ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى دائىرىسىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجىغا قاراپ تەشكىلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىئونېرلار ئەترىتى ۋە باشقا ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە ياردەملىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى لازىم.

7- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

-2 باب ئائىلىدە قوغداش

8- ماددا ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك قىلىشى ۋە ئۇلارنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خورلىماسلىقى، تاشلىۋەتمەسلىكى لازىم؛ قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارنى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن مېيىپلارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ؛ بوۋاقلارنى سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش، تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

9- ماددا ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئوقۇش يېشىغا يەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسىگە بېرىش، مەكتەپتە مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەكتەپتىن قالدۇرماسلىقى كېرەك.

10- ماددا ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ساغلام ئىدىيە، ئەخلاقىي پەزىلەت ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيىلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىگە پايدىلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، سەرگەردان بولۇۋېلىش، قىمار ئويناش، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش، ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى لازىم.

11-ماددا ئاتا - ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نىكاھلىنىشىغا يول قويۇشىغا ياكى ئۇلارنى نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلىشىغا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە «چاي» ئىچكۈزۈشىگە بولمايدۇ.

12- ماددا ئاتا - ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەر ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى ئۆز ۋەسىيلىكىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزسە، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر يۇقىرىقى تارماقتا ئېيتىلغان قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار خادىملار ياكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىك ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 16- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باشقىدىن ۋەسىي بەلگىلەيدۇ.

3- باب مەكتەپتە قوغداش

13- ماددا مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن تەربىيە بېرىشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياشلىق باھار مەزگىلى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى لازىم.

مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى، ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە كەمچىلىكى بولغان، ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە بېرىشى، ياردەم بېرىشى، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى لازىم.

14- ماددا مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى خالىغانچە مەكتەپتىن قوغلاندى قىلماسلىقى لازىم.

15- ماددا مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم. قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا تەن جازاسى بېرىشكە، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىشكە ياكى باشقا كىشىلىك غۇرۇرىغا ھاقارەت قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشقا بولمايدۇ.

16- ماددا مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەرلىكىگە، سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان مەكتەپ بىنالىرى ۋە باشقا ئوقۇتۇش مۇئەسسەسەسىلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغۇزماسلىقى لازىم.

ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئوقۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىغا، مەكتەپلەرنىڭ مەيدانى، ئۆيلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىغا بولمايدۇ.

17-ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى  ۋە بالىلارنى يىغىلىشقا، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت قاتارلىق كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇشى، خەتەرلىك ھادىسىلەرنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىشى لازىم.

18-ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشقا ئەۋەتىلىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر ئىدىيىۋى تەربىيە، مەدەنىيەت تەربىيىسى، ئەمگەك - تېخنىكا تەربىيىسى ۋە كەسىپ تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى، ھۆرمەتلىشى لازىم، ئۇلارنى كەمسىتىشكە، ئۇلاردىن بىزار بولۇشقا بولمايدۇ.

19- ماددا بالىلار باغچىلىرى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، تەربىيىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بالىلارنىڭ جىسمانىي، ئەقلىي، ئەخلاقىي جەھەتتىن ماس ھالدا تەرەققىي تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

4 -باب جەمئىيەتتە قوغداش

20- ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار ھەمدە پۇقرالار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.



21- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەرت - شارائىت يارىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا لايىق كېلىدىغان پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم.

22-  ماددا مۇزېي، خاتىرە سارىيى، پەن - تېخنىكا سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى، كىنو - تىياتىرخانا، تەنتەربىيە مەيدانى (زالى)، ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق سورۇنلار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېتىبار بېرىلىپ ئېچىۋېتىلىشى لازىم.



23- ماددا تىجارەت خاراكتېرلىك تانسىخانا قاتارلىق سورۇنلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەر پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سورۇن ئەمەس، ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە تىجارەت قىلغۇچىلار تەدبىر قوللىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۇنداق سورۇنلارغا كىرگۈزمەسلىكى كېرەك.

24- ماددا دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات، رادىئو - كىنو - تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت - سەنئەت ئورۇنلىرىنى، يازغۇچىلارنى، ئالىملارنى، سەنئەتكارلارنى ۋە باشقا پۇقرالارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئەسەرلەرنى يېزىشقا ۋە تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوبيېكت قىلغان كىتاب، گېزىت - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى مەخسۇس نەشر قىلىشقا يار - يۆلەك بولىدۇ.

25- ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە شەھۋانىيلىق، زوراۋانلىق، قاتىللىق، تېررورلۇق قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زەھەرلەيدىغان مەزمۇندىكى كىتاب، گېزىت - ژۇرنال، ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى سېتىشى، ئىجارىگە بېرىشى ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تارقىتىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

26- ماددا بالىلار يېمەكلىكلىرى، ئويۇنچۇقلىرى، لازىمەتلىكلىرى، كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولماسلىقى كېرەك.

27- ماددا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەردىكى سىنىپلاردا، ياتاقلاردا، پائالىيەت ئۆيلىرىدە ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان باشقا بۆلۈملەردە تاماكا چېكىشىگە بولمايدۇ.

28- ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ. دۆلەتنىڭ باشقىچە بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە 16 ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەندە خىزمەت تۈرى، ئەمگەك ۋاقتى، ئەمگەك سىجىللىقى ۋە قوغداش تەدبىرلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشى لازىم. ئۇلارنى بەك ئېغىر، زەھەرلىك، زىيانلىق ئەمگەكلەرگە ياكى خەتەرلىك مەشغۇلاتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

29-ماددا سەرگەردان بولۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ياكى ئائىلىسىدىن چىقىپ كەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇل بولۇپ، ئاتا- ئانىسىغا ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ۋە باشقا ۋەسىيلىرىنى ۋاقتىنچە ئېنىقلىغىلى بولمىسا، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تەسىس قىلغان بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى ئۇلارنى يىغىۋېلىپ باقىدۇ.

30- ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نومۇسىغا تاقىلىدىغان ئىشلارنى ئاشكارىلىشىغا بولمايدۇ.

31- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەت - چەكلىرىنى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ يوشۇرۇۋېلىشى، يىرتىۋېتىشى، تاشلىۋېتىشىگە بولمايدۇ. جىنايەتچىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرگەندىن ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەت - چەكلىرىنى ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋاكالىتەن ئاچقاندىن باشقا، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئۇلارنىڭ خەت - چەكلىرىنى ئېچىشىغا بولمايدۇ.

32-ماددا سەھىيە تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زۆرۈر بولغان سەھىيە، سالامەتلىكنى ئاسراش شارائىتىنى يارىتىپ بېرىشى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

33- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بالىلار باغچىسى، يەسلى ئىشلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يەسلى، بالىلار باغچىلىرىنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇشى، دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي  كۈچلەرنىڭ بالا ئېمىتىش ئۆيى، يەسلى، بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، ئائىلە يەسلى قۇرۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە قوللىشى لازىم.

34- ماددا سەھىيە تارماقلىرى بالىلاردىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇلارغا ۋاكسىنا قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى، بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىشىنى پائال ئىشلىشى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ۋە يەسلى، بالىلار باغچىسىنىڭ سەھىيە - ساقلىقنى ساقلىشىغا كەسپىي جەھەتتىكى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى لازىم.

35-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بالىلار باغچىلىرى ۋە يەسلىلەرنىڭ تەربىيىچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تەربىيىلىشى ۋە چېنىقتۇرۇشى، ئۇلارغا قا, , رىتىلغان سىياسىي ئىدىيىۋى ۋە كەسپىي تەربىيىنى كۈچەيتىشى لازىم.


36- ماددا دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەقلىي نەتىجىلىرى ۋە شان - شەرەپ ھوقۇقىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.


ئالاھىدە تۇغما تالانتى بولغان ياكى گەۋدىلىك نەتىجىسى بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە دۆلەت، جەمئىيەت، ئائىلە ۋە مەكتەپلەر ساغلام تەرەققىي قىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

37- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بەلگىلەنگەن يىلدىكى مەجبۇرىي مائارىپنى تۈگىتىپ مەكتەپتىن كۆچەلمىسە، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ئۇلارنى كەسىپ، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلىشى، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا شەرت - شارائىت يارىتىپ بېرىشى لازىم.

5- باب ئەدلىيە جەھەتتە قوغداش

38- مادداقانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا تەربىيىلەش، تەسىرلەندۈرۈش، قۇتقۇزۇۋېلىش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ، تەربىيىنى ئاساس قىلىش، جازالاشنى قوشۇمچە قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

39- ماددا14  ياشقا توشقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزگەندە 16 ياشقا توشمىغانلىقى ئۈچۈن جىنايى جازا بېرىلمىسە، ئۇلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئۇلارنى باشقۇرۇش، تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش بۇيرۇلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەت ئۇلارنى يىغىۋېلىپ تەربىيىلەيدۇ.

40- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ  جىنايەت ئۆتكۈزگەن دېلولىرىنى   بېجىرگەندە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبار بېرىشى لازىم، شۇنداقلا بۇ دېلولارنى   ئېھتىياجغا قاراپ مەخسۇس ئاپپارات تەسىس قىلىپ ياكى مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ بېجىرسە بولىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش - تەربىيىلەش ئورۇنلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.



41-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىشتىن بۇرۇن قامالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قاماقتىكى قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئايرىپ باشقۇرۇشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن جازا ئۆتەۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جازا ئۆتەۋاتقان قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئايرىپ قاماش، باشقۇرۇش كېرەك.

42- ماددا14 ياشتىن ئاشقان، 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرى  بىردەك ئوچۇق سوتلانمايدۇ. 16 ياشتىن ئاشقان، 18 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىمۇ ئومۇمەن ئوچۇق سوت قىلىنمايدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىنى ھۆكۈم قىلىشتىن بۇرۇن ئاخبارات، كىنو - تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىدا، ئاشكارا نەشر بۇيۇملىرىدا ئىسمىنى ئاشكارىلاشقا، تۇرالغۇ جايى، سۈرىتى ۋە مەزكۇر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىپ بىلگىلى بولىدىغان ماتېرىياللارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.

43-ماددا ئائىلىلەر، مەكتەپلەر ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تۇرۇۋاتقان ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلارغا ماسلىشىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيىلەش، قۇتقۇزۇۋېلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى لازىم.

44-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەشتىن كەچۈرۈم قىلغان، خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلغان ياكى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى جاكارلىغان، يىغىۋېلىپ تەربىيىلەشتىن بوشىتىلغان ياكى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەكتەپ پۈتتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش  جەھەتتە كەمسىتىشكە بولمايدۇ.

45-  ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋارىسلىق دېلولىرىنى قاراپ چىققاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى لازىم.

خەلق سوت مەھكىمىلىرى نىكاھدىن ئاجرىشىش دېلولىرىنى قاراپ چىققاندا، نىكاھدىن ئاجراشقۇچى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى بېقىش مەسىلىسىدە تالاش - تارتىش يۈز بېرىپ بىرلىككە كېلەلمىسە، پەرزەنتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش پرىنسىپى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىشى لازىم.

6- باب قانۇنىي  جاۋابكارلىق

46-  ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

47- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان ياكى ئۇلارنى باشقا زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىشى ياكى باشقا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

48- ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرىدىن قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرگەنلەرنىڭ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

49-  ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەر 16 ياشقا توشمىغان بالىلارنى قانۇنسىز ھالدا ئىشچىلىققا ئېلىپ ئىشلەتسە، ئەمگەك تارماقلىرى ئۇلارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

50- ماددا تىجارەت خاراكتېرىدىكى تانسىخانا قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا باب كەلمەيدىغان سورۇنلارغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كىرگۈزگەنلەرنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

51- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە شەھۋانە مەزمۇندىكى كىتاب، گېزىت - ژۇرنال، ئۈن - سىن بۇيۇمى قاتارلىق نەشر بۇيۇملىرىنى ساتقان، ئىجارىگە بەرگەن ياكى تارقاتقانلارغا قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

52-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ياكى باشقا قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەن ئائىلە ئەزالىرىنى خورلىغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 182 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

ئەدلىيە خىزمەتچىلىرىدىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش داۋامىدا قائىدە - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تەن جازاسى بەرگەن ۋە ئۇلارنى خورلىغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 189 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ، ئۇلارنى بېقىشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 183 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

بوۋاقلارنى سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 132 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈش خەۋپى بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ تەدبىر قوللانماي، مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈشى بىلەن  ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 187 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

53-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتكەنلەرگە قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.


قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىشكە، ئوكۇل قىلىپ ئۇردۇرۇشقا ياكى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرغان، كۈشكۈرتكەن ياكى زورلىغانلارغا قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

54-ماددا دەۋالاشقۇچىلار بۇ قانۇن بويىچە چىقىرىلغان مەمۇرىي جەھەتتىن جازالاش قارارىغا قايىل بولمىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي ئورگانلارغا ياكى ئالاقىدار قانۇن،  نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگانلارغا قايتا قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار  خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشى كېرەك؛ خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە ئەرز سۇنسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدار قانۇن،  نىزاملاردا ئالدى بىلەن مەمۇرىي ئورگانلارغا قايتا قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنۇش، قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇش بەلگىلەنگەن بولسا، ئالاقىدار قانۇن،  نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.

دەۋالاشقۇچىلار مەمۇرىي جەھەتتىن جازا بېرىش قارارى توغرىسىدا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسى سۇنمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگىمۇ ئەرز سۇنمىسا، قارارنىمۇ ئىجرا قىلمىسا، جازالاش قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ياكى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرسا بولىدۇ.

7- باب قوشۇمچە پرىنسىپ

55- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئالاقىدار نىزام تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، يولغا قويسا بولىدۇ.


ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

 
جۇڭخۇا خەلق جۇمھورىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
 
 
جۇڭخۇا خەلق جۇمھورىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى

(1986-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان ،2006يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كوممېتىتىنىڭ 22-يىغىنىدا تۈزىتىلدى )
جۇڭخۇا خەلق جومھوريىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
52-نۇمۇرلۇق
< جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتىنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى قانونى>2006-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كوممېتتىنىڭ 22-يىغىنىدا تۈزىتىپ ماقۇللاندى .تۈزىتىلگەندىن كىيىنكى< جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتىنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى قانونى>ئېلان قىلىندى ،2006-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلسۇن .
جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ
2006-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى
1-باپ ئومومىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانون ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ،مەجبورىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قۇيۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ،پۈتۈن مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە ،ئاساسي قانونغا ۋە مائارىپ قانونىغا ئاساسەن چىقىرىلدى .
2-ماددا دۆلەت توققۇز يىللىق مەجبورىيەت مائارىپى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ .
مەجبورىيەت مائارىپى دۆلەت بىر تۇتاش يولغا قويغان ،ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈلەرنىڭ ھەممىسى جەزمەن كاپالەتلەندۈرىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئىشىدۇر .
مەجبورىيەت مائارىپى دۆلەت بىر تۇتاش يولغا قويغان ،ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسى جەزمەن قۇبۇل قىلىدىغان مائارىپ ،دۆلەت جەزمەن كاپالەتلەندۈرىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئىشىدۇر .
مەجبورىيەت ،مائارىپىدا ئوقۇش پۇلى ۋە خىراجەت ئىلىنمايدۇ .
دۆلەت مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مىخانىزىمىنى ئورنىتىپ ،مەجبورىيەت مائارىپى تۈزۈمىنڭ يولغا قۇيۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .
3-ماددا مەجبورىيەت مائارىپىدا دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ،ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇپ ،مائارىپ سۈپىتىنى ئۈستۈرۈپ ،ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى ئەخلاقىي ،ئەقلىي ،جسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يتىلدۈرۈپ ،غايىلىك ،ئەخلاقلىق مەدەنىيەتلىك ،ئىنتىزامچان سوتسىيالىزىم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يىتىشتۈرۈشكە ئاساس سېلىش شەرت .
4-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتى دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلارۋە ئۆسمۈرلەرجنسى ،مىللتى ،ئىرقىي ،ئۆي بىساتى ،دىنىي ئىتقادىي قاتارلىقلارغا قارىماي ،مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە باراۋەر تەربىيە ئىلىش ھوقۇقىدىن قانون بويىچە بەھرىمان بولىدۇ ھەمدە مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىش مەجبوريىتىنى ئادا قىلىدۇ .
5-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ قانوندا بەلگىلەنگەن مەسئولىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ ،ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىش ھۇقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك .
ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرىپ ،مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىشى ۋە تاماملىشىغا قانون بويىچە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .
مەجبورىيەت مائارىپىنى قانون بويىچە يولغا قويغان مەكتەپلەر بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە ئوقۇش –ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى ، ئوقۇش – ئوقۇتۇش سۇپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .
ئىجتىمائي تەشكىلات ۋە سەخسلەر ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ، ئۆسمۇرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بۇيىچە تەربىيە ئىلىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك .
6- ماددا گۇۋۇيۇەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى يەرلىك خەلق ھۇكۇمەتلىرى مائارىپ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەقىياتىغا تۇركە بۇلۇپ ،ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىشى ھەمدە تەدبىر قۇللۇنۇپ ، يېزىلار ۋە مىللى رايۇنلاردا مەجبۇرىيات مائارىپىنىڭ يۇلغا قۇيۇلۇشىنى كاپالەتلەندۇرۇشى، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ئۆسمۇرلەردىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلىرى ۋە مىيىپلىرىنىڭ مەجبۇرىيات مائارىپىنى قۇبۇل قىلىشنى كاپالەتلەندۇرۇش كېرەك .
دۆلەت ئىقتىسادى تەرەققى تاپقان رايۇنلارنى ئىقتىسادى تەرەققى تاپمىغان رايۇنلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يۇلغا قۇيۇشىغا ياردەم بېرىشكا تەشكىللەيدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ .
7- ماددا مەجبۇرىيات مائارىپىدا گوۋۇيۇەن رەھبەرلىك قىلىش ، ئۇلكىلىك ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۇكۇمىتىبىر تۇتاش پىلانلاپ يۇلغا قۇيۇش، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۇكۇمىتى ئاساسلىق باشقۇرۇش تۇزۇلمىسى يۇلغا قۇيۇلىدۇ . ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى خەلق ھۇكۇمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارمىقى مەجبۇرىيات مائارىپىنى يۇلغا قۇيۇش خىزمىتىگە كۇنكىرىت مەسئول بۇلىدۇ ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى خەلق ھۆكۇمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارمىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يۇلغا قۇيۇش خىزمىتىگە مەسئولىيىتى دائىرسىدە مەسئول بۇلىدۇ .
8- ماددا خەلق ھۇكۇمىتىنىڭ مائارىپ مۇپەتتىشلىك ئاپاراتى مەجبورىيەت مائارىپى خىزمىتىدە قانون نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ،ئۇقۇش –ئۇقۇتۇش سۈپىتى شۇنىڭدەك مەجبورىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىي قاتارلىقلارنى مۇپەتتىش قىلىدۇ .،مۇپەتتىش دۇكىلاتىنى جەمىيەتكە ئېلان قىلىدۇ .
9-ماددا ھەرقانداق ئجدىمائىي تەشكىلات ياكى شەخىس مۇشۇ قانونغا خىلاپ قىلمىشنى ئالاقىدار دۆلەت ئورگىنىغا پاش قىلىش ياكى شىكايەت قىلىشقا ھۇقۇقلۇق.مۇشۇ قانونغا خىلاپ چوڭ ۋەقە يۈز بېرىپ ،مەجبورىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قۇيۇلىشىغا تۇسالغۇ بۇلۇپ ،زور ئىجدىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان بولسا ،رەھبەرلىك جاۋاپكارلىقى بار خەلق ھۈكۈمىتى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقىنىڭ مەسئولى ئىستىپا بېرىشى كېرەك .
10-ماددا مەجبورىيەت مائارىپىنى يولغا قۇيۇش خىزمىتىگە كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۈكۈمەتلىرى ۋە ئونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەيدۇ .مۇكاپاتلايدۇ .
2-باپ ئوقۇغۇچى
11-ماددا ئالتە ياشقا تولغان بالىنى ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئۇنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بۇيىچە تەربىيە ئىلىشى ھەمدە ئۇنى تۇگىتىشى ئۈچۈن مەكتەپكە بېرىشى كېرەك ؛شارائىت يار بەرمەيدىغان جايلاردىكى بالىلار يەتتە ياشتا مەكتەپكە بېرىلسىمۇ بۇلىدۇ .ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈلەرنى سالامەتلىك تۈپەيلى مەكتەپكە كىچىكتۈرۈپ بېرىشكە ياكى ئوقۇشتىن تۇختىتىشقا تۇغرا كەلسە ،ئۇلارنىڭ ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئىلتىماس قىلىپ ،شۇ جايدىكى يېزىلىق ،بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك .
12-ماددا ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرمەكتەپكە ئىمتىھانسىز كىرىدۇ ،يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ نوپوسىقا ئېلىنغان جايدا يىقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىشنى كاپالەتلەندۈرىشى كېرەك .ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرىدىن نوپوسقا ئېلىنغان جايدىن باشقا جايدا ئىشلەيدىغان ياكى تۇرىدىغانلىرىنىڭ بالىلىرى ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئىشلەيدىغان ياكى تۇرىدىغان جايدا مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان بولسا ،شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ،مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە باراۋەر تەربىيە ئىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك .كونكىرىت چارىسىنى ئۆلكە ئاپتونوم رايون ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر بەلگىلەيدۇ .
ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ئۆز مەمورىي رايونىدىكى ھەربىىيلەرنىڭ پەرزەنىتلىرىنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىنىشنى كاپالەتلەندۈرىشى كېرەك .
13-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ۋە يېزىلىق ،بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە كىرىشكە تەشكىللشىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى ئۇلارنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىشتىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشى ،تەدبىر قوللىنىپ ،ئۇلارنىڭ ئۇقۇشتىن تۇختاپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك .شەھەر ئاھالە كومېتىتى ۋە كەنىت ئاھالە كومېتىتى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىپ ئۇقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك .
14-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە ئالىدىغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى ئىشلىتىش مەنئي قىلىنىدۇ . ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىتىپ قۇبۇل قىلىپ ،ئەدەبىيات –سەنئەت ،تەنتەربىيە قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە تەربىيلەيدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆزلىرى قۇبۇل قىلغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .مەجبورىيەت مائارىپىنى ئۆزئالدىغا يولغا قويىدىغانلار ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك .
3-باپ مەكتەپ
15-ماددا ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەكتەپ قۇرۇش يىرىك پىلانىنى شۇ مەمورىي رايون تەۋەسىدە ۋە جايلىشىش ئەھۋالىي قاتارلىق ئاممىلارغا قاراپ ،دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بۇيىچە تۈزىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ ،يىڭىدىن قۇرۇلغان ئاھالە رايونىدا مەكتەپ قۇرۇش زۆرۆر بولسا ،ئاھالە رايونىنڭ قۇرۇلىشى بىلەن تەڭ قۇرۇش كېرەك .
16-ماددا مەكتەپ قۇرۇشتا دۆلەت بەلگىلگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ،ئوقۇش –ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش ؛دۆلەت بەلگىلىگەن ئورۇن تاللاش تەلىپى ۋە قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن قىلىپ ،ئوقۇغۇچى ،ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
17-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇپ تارقاق تۇرىۋاتقان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .
18-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك ،ئاپتونوم رايونلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەر لىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ،ئىقتىسادىي تەرەقىقىي قىلغان رايونلاردا ئوقۇش يىشىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى ،ئۆسمۈرلىرى قۇبۇل قىلىنىدىغان مەكتەپ (سىنىپلارنى )ئاچىدۇ .
19-ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئھتىياجىغا قاراپ ،ئالاھىدە مائارىپ قۇيۇلىدىغان مەكتەپ (سىنىپ )لىرىدە مىيىپ بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش سالامەتلىك ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماس كىلىدىغان سورۇن ۋە ئەسلىھە بۇلۇش كېرەك .
ئادەتتىكى مەكتەپلەر ئادەتتىكى مائارىپ بويىچە تەربىيە ئالالايدىغان ئوقۇش يىشىدىكى مىيىپ بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى قۇبۇل قىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك .
20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ،قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانونىدا بەلگىلەنگەن ناچار ئىللىتى بولغان ئوقۇش يىشىدىكى ئۆسمۈرلەرگە مەخسوس مەكتەپ ئىچىپ ،ئۇلارنى مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيلشى كېرەك .
21-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەر ۋە مەجبورىي تەربىيە تەدبىرى قوللىنىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن مەجبورىيەت مائارىپىنى تۈگەتمىگەنلىرىنى مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيلەش ،خىراجەتنى خەلق ھۆكۈمىتى كاپالەتلەندۈرىشى كېرەك .
22-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى مەكتەپلەرنىڭ تەكشى تەرەقققياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ،مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى پەرقىنى كىچىكلىتىشى ،مەكتەپلەرنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىماسلىقى مەكتەپلەر سىنىپلارنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىماسلىق كېرەك .
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ھەر قانداق نام ياكى باشقىچە يول بىلەن ھۆكۈمەت مەكتەپنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتمەسلىكى كېرەك .
23-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەكتەپ ئەتراپىنىڭ تەرتىپىنى قانون بويىچە ساقلاپ ،ئوقۇغۇچىلار ،ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپنىڭ قانونىي ھوقوق –مەنپەئىتىنى قوغداپ مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ .
24-ماددا مەكتەپلەر بىخەتەرلىك تۈزۈمى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مىخانىزىمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ،ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئىلىپ بېرىپ ،باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ،يۇشۇرۇن خەۋىپنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ ،ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۈكۈمىتى مەكتەپ ئىمارەتلىرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرىدۇ ؛رىمونىت قىلىشقا ،ئۆزگەرتىشكە تىگىشلكلىرنى ۋاقتىدا رىمونىت قىلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ .
مەكتەپلەر قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ سىياسىي ھوقوقتىن مەھرۇم قىلىنغانلارنى ياكى مەجبورىيەت مائارىپى خىزمىتىنى ئىشلەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىرىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك .
25.ماددا مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلمىسىگە خىلاپ ھەق ئالماسلىق ،تاۋار سېتىش ،مۇلازىمەت قىلىش يولى ياكى باشقىچە يول بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن نەپ ئالماسلىقى كېرەك .
26-ماددا مەكتەپتە مەكتەپ مۇدىرى مەسئول بۇلۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ .مەكتەپ مۇدىرى دۆلەت بەلگىلىگەن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە تۇشىشى كېرەك .مەكتەپ مۇدىرنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنڭ مائارىپ مەمورىي
تارمىقى بويىچە تەكلىپلىك تەيىنلەيدۇ .
27-ماددا مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تۈزىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ تەنقىد –تەربىيە بېرىشى ،ئۇلارنى مەكتەپتىن چىقىرۋەتمەسلىكى كېرەك.
4-باپ ئوقۇتقۇچى
28-ماددا ئوقۇتقۇچىلار قانونىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بۇلىشى قانوندا بەلگىلەنگەن مەجبورىيەتنى ئادا قىلىشى ،باشقىلارغا ئۈلگە بۇلىشى كېرەك .
پۈتۈن جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش كېرەك .
29-ماددا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇش –ئۇقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ ،ئوقۇغۇچىلاردىكى پەرقنى نەزەردە تۇتۇپ ،ئەھۋالغا قاراپ تەربىيلەپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇلۇق يىتىلىشىگە تۈتكە بىلىشى كېرەك .
ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىشى ،ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتمەسلىكى ،ئۇلارغا تەن جازاسى ،شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىكى ياكى ئىنسانىي ئىززىتىگە تېگىدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى قانونىي –ھوقۇق مەنپەئىتىگە چېقىلماسلىقى كېرەك .
30-ماددا ئوقۇتقۇچىلار دۆلەت بەلگىلىگەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى كېرەك .
دۆلەت مەجبورىيەت مائارىپىدا بىرلىككە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ۋەزىپە تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ .ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزەپىسى تۆۋەن دەرىجىلىك ۋەزىپە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپە دەپ ئايرىلىدۇ .
31-ماددا ھەر دەرىجىلك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ ،ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ ؛ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مىخانىزىمنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ .
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسى شۇ جايدىكى مومورلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك .
ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە ئىش ئورنى قۇشۇمچە يادەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ .
32-ماددا ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەدبىر قوللىنىپ ،پىداگوگىكا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك .
ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ئۆز مەمورىي رايونىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇشى ،مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلىشى تەڭشىشى ،ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك .
33-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىلارغا ،ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا بېرىپ مەجبورىيەت مائارىپى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىلىشغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ .
دۆلەت ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونىلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى كەمچىل مەكتەپلەردە پىدائىي ئوقۇتقۇچى بۇلۇشىغا ئىلھا م بېرىدۇ .ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ئۇلارنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى قانون بويىچە بېكىتىدۇ ،ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋاقتىنى خىزمەت ئىستاجىغا كىرگۈزۈپ ھېساپلايدۇ .
5-باپ ئوقۇش –ئۇقۇتۇش
34-ماددا ئوقۇش-ئوقۇتۇش خزمىتىنى مائارىپ قانونىيىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ،روھي جەھەتتىكى يىتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەندۈرۈپ ،ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيلەپ ،ئەخلاق تەربىيىسى ،ئەقلىي تەربىيە ،تەنتەربىيە گۈزەللىك تەربىيسى قاتالىقلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى ،يىڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلي ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يىتىلىشكەتۈرتكە بېرىش كېرەك .
35-ماددا – گوۋۇيۈەنىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ،يىتىلىش ئەھۋالىي ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ،ئوقۇتۇش تۇزۈمى ،ئوقۇش –ئوقۇتۇش مەزمونى ۋە دەرسلەرنى بىكىتىپ ،ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلپ ھەمدە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش چارىسىنى ياخشىلاپ ،ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇش –ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى بېكىتىلگەن ئوقۇش –ئوقۇتۇش مەزمونى ۋە دەرسلەرنى بىكىتىپ ،ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ھەمدە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش چارىسىنى ياخشىلاپ ،ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇش –ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى بىكىتىلگەن ئوقۇش –ئوقۇتۇش مەزمونى ۋە دەرسلەر بويىچە ئىلىپ بېرىپ ،دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي سۈپەت تەلىپىگە يەتكۈزشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
دۆلەت مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش يولى بىلەن تەربىيلەش قاتارلىق ئوقۇش –ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، ئوقۇش –ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ .
36-ماددا مەكتەپلەر ئەخلاق تەربىيىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ ،ئونى ئوقۇش –ئۇقۇتۇشقا سىڭدۈرۈپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىشىغا ماس كىلىدىغان ئىجدىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ مەكتەپ ،ئائىلە جەمىئىيەت ئۆزئارا ماسلىشىدىغان ئىدىيۋى ئەخلاق تەربىيىسى سىېستىمىسى بەرپا قىلىش ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىل ئىديىىۋى پەزىلەت ۋە ھەرىكەت ئادىتى يىتلدۈرۈشكە تۇرتكە بۇلىشى كېرەك .
37-ماددا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى ،ئۇلارنى مەدەنىي كۈڭۈل ئىچىشىغا ئوخشاش دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرىشى كېرەك جامائەت مەدەنىيەت –تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن سرتقى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا قۇلايلىق بۇلۇشى كېرەك .
38-ماددا دەرسلىكنى دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنى ۋە دەرسلىك ئۆلچىمى بۇيىچە تۈزۈش مەزمونىنى ئىخچام ،مېغىزلىق قىلىش زۆرۆر ئاساسي بىلىم ۋە ئاساسىي ماھارەتلەرتنى كىرگۈزۈش ،ئەرزان ۋە ئەسقاتىدىغان قىلىش ،سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ۋە دەرسلىك تەكشۈرگۈچىلەر دەرسلىك تۈزۈمى خىزمىتىگە قاتناشسا ياكى باشقىچە يول بىلەن قاتناشسا بولمايدۇ .
39-ماددا دۆلەت دەرسلىكنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش تۇزۈمىنى يولغا قۇيىدۇ ،دەرسلىكنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش چارىسىنى گوۋۇيۈەنىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى بېكىتىدۇ .
تەكشۈرۈپ بېكىتىلمىگەن دەرسلىكنى نەشىر قىلىشقا ،ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
40-ماددا دەرسلىكنىڭ ئۆلچەملىك باھاسىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەمورىي تارمىقى نەشىرىيات مەمورىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئاز پايدا ئىلىش پىرىنسىپى بويىچە بىكىتىدۇ .پارچە سىتىش باھاسىنى ئۆلكىلىك ،ئاپتونوم رايونلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنڭ باھا مەمورىي تارمىقى نەشرىيات مەمورىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئۆلچەملىك باھا بويىچە بېكىتىدۇ .
41-ماددا دۆلەت دەرسلىكنى تەكرار ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىدۇ .
6-باپ خىراجەت كاپالىتى
42-ماددا دۆلەت مەجبورىيەت مائارىپىنى مالىيە كاپالىتى دائىرىسىگە تۇلۇق كىرگۈزىدۇ ،مەجبورىيەت مائارىپىنى خىراجىتىنى گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانوندىكى بەلگىلىمە بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ .
گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ ،ئۇنى ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ شىتات ئۆلچىمى ،مائاش ئۆلچىمى ۋە مەكتەپ قۇرۇش ئۆلچىمى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق خىراجىتى ئۆلچىمى قاتارلىقلار بويىچە ،ۋاقتىدا تۇلۇق ئاجرىتىپ ،مەكتەپلەرنىڭ نورمال يۈرىشىگە ۋە مەكتەپ ئىمارىتى بىخەتەرلىكىگە ،ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشنى بەلگىلىمە بويىچە بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .
گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبورىيەت مائارىپىغا مالىيىدىن ئاجرىتىدىغان پۇلنىڭ كۆپىيىش نىسپىنى مالىيىنىڭ دائىملىق كىرىمنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىدىن يۇقىرى قىلىپ ،مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مەجبورىيەت مائارىپ خىراجىتىگە قاراپ تەدرىجىي كۆپەيتىشكە ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتىنى تەدرىجىي كۆپەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .
43-ماددا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى مائارىپ مەمورىي تارمىقى بىرلىكتە بىكىتىدۇ ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجدىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشەپ تۇرىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتىى ئاساسى ئۆلچىمىنى بىكىتىش ۋە تەڭشەشتە ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئاساسىي ئېھتىياجىنى بېكىتىش ۋە تەڭشەشتە ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك .
ئۆلكىلىك ،ئاپتونوم رايونلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمورىي رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ،مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجەت ئۆلچىمىنى دۆلەت ئۆلچىمىدىن يۇقىرى قىلىپ بېكىتسىمۇ بولىدۇ .
ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپ (سىنىپ)لىرى ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتى ئۆلچىمى ئادەتتىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتى ئۆلچىمىدىن يۇقىرى بۇلىشى كېرەك .
44.ماددا مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىدە گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئولىيىتى بويىچە ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان ئۆلكىلىك ئاپتونوم رايونلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر تۇتاش ئەمىليلەشتۈرۈشكە مەسئول بولىدىغان تۈزۈلمە يولغا قۇيۇلىدۇ ،يېزىلارنىڭ مەجبورىيەت مائارىپىغا كېرەكلىك خىراجەتنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۈر ۋە نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ .
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەردىن ئائىلسىدە قىيىنچىلىقى بارلىرىغا دەرسلىكنى ھەقسىز بېرىدۇ ھەمدە ياتاقتا يىتىپ ئوقۇيدىغانلارغا تۇرمۇش پۇلى بېرىدۇ .
مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ كونكىرىت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ .
45-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىدا ئايرىم ئورۇنلاشتۈرىدۇ .
يېزىلاردىكى مەكتەپلەر ۋە ئاجىز مەكتەپلەرگە مايىل بولغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا ،ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خام چوت تۈزىگەندە مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىشى كېرەك .
46-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك ،ئاپتونوم رايونلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيە يۆتكىمە چىقىمى تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ،ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم كۆلىمىنى كېڭەيتىپ ۋە مەجبورىيەت مائارىپى مەخسوس يۆتكىمە چىقىمنى قىلىپلاشتۇرۇپ ،يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەجبورىيەت مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا مەدەت بېرىشى ۋە يىتەكچىلىك قىلىشى كېرەك .يەرلىك ھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن مەجبورىيەت مائارىپى يۆتكىمە چىكىم مەبلىغىنى مەجبورىيەت مائارىپىغا بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
47-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ مەخسوس مەبلەغ ئاجرىتىپ ،يېزىلار ،ئازسانلىق مىللەت رايونلىرنىڭ مەجبورىيەت مائارىپىغا مەدەت بېرىدۇ .
48-ماددا دۆلەت ئىجدىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەرنى مەجبورىيەت مائارىپىغا ئىئانە ۋە ھەدىيە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ،دۆلەتنىڭ فونىد جەمىيىتىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مەجبورىيەت مائارىپى فوندى تەسىس قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ .
49-ماددا مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى قەتئىي تۈردە خام چوتتا بەلگىلەنگىنى بويىچە مەجبورىيەت مائارىپىغا ئىشلىتىش كېرەك ؛ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخىسنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى ئىگىۋېلىشقا ،ئىشلىتىۋېلىشقا ،مەكتەپتىن قانونسىز ھەق ئېلىشىغا ياكى مەكتەپكە سىلىق سېلىشقا يول قۇيۇلمايدۇ .
50-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى تەپتىش –نازارەت قىلىش تۇزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممللەشتۈرۈش كېرەك .
7-باپ قانون جاۋاپكارلىق
51-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانوننىڭ 6-بابىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ،مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئولىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى گوۋۇيۈەن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۈرۈك ئىچىدە تۈزۈتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكارمەسئول خادىمى ۋە باشقا جاۋاپكارلىرىغا قانون بويىچە مەمورىي چارە كۆرىدۇ .
52-ماددا ناھىيە دەرىجىلكتىن يۇقىرى يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋالىنىڭ بىرى بولغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا قانون بويىچە مەمورىي چارە كۆرىدۇ :
(1) مەكتەپ قۇرۇش يىرىك پىلانىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگلىمىسى بويىچە تۈزىمىگەن ،تەڭشىمىگەنلىرى ؛
(2) قۇرغان مەكتىپى دۆلەت بەلگىلىگەن مەكتەپ ئىچىش ئۆلچىمى ،ئورۇن تاللاش تەلىپى ۋە قۇرۇش ئۆلچىمىگە توشمىغانلىرى ؛
(3) مەكتەپ ئىمارەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى قەرەللىك تەكشۈرمىگەن ھەمدە ۋاقتىدا رېمونىت قىلمىغان ،ئۆزگەرتمىگەنلىرى ؛
(4) مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مۇشۇ قانوندىكى بەلگلىمە بويىچە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرمىغانلىرى .
53-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئۇنىڭ مائارىپ مەمورىي تارماقلىرىدىن تۈۋەندىكى ئەھۋاللىرىنىڭ بىرى بولغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزۈتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛ئومومىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىتلەيدۇ ؛قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا قانون بويىچە مەمورىي چارە كۆرىدۇ :
(1) مەكتەپنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتكى دەپ ئايرىغانلىرى ؛
(2) ھۆكۈمەت مەكتىپىنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى باشقىچە يول بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلىرى .
ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتىرىنى مائارىپ مەمورىي تارماقلىرى ياكى يېزىلىق ،بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە كىرگۈزۈشتە ياكى ئۇلارنىڭ مەكتەپتىن توختاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تەدبىر قوللانمىغانلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قانون جاۋاپكارلىقىغا تارتىلىدۇ .
54-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ،مالىيە تارمىقى ،باھا مەمورىي تارمىقى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تۈۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرى مەسئولىيىتى بويىچە سۈرۈك ئىچىدە تۈزۈتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا قانون بويىچە چارە كۆرىدۇ:
(1) مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى ئىگىلىۋالغان ،ئىشلىتىۋالغانلىرى ؛
(2) مەكتەپتىن قانونسىز ھەق ئالغان ياكى مەكتەپكە سىلىق سالغانلىرى .
55-ماددا مەكتەپلەر ياكى ئوقۇتقۇچىلاردىن مەجبورىيەت مائارىپى خىزمىتىدە مائارىپ قانونى ،ئوقۇتقۇچىلار قانونىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا مائارىپ قانونى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قانونىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ .
56-ماددا ھەق ئېلىشتا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان مەكتەپلەرنى ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ھەقنى قايتۇرۇشىقا بۇيرۇيدۇ ؛ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلارغا قانون بويىچە چارە كۆرىدۇ .
مەكتەپلەردىن تاۋار سېتىش ،مۇلازىمەت قىلىش يۇلى ياكى باشقىچە يول بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن نەپ ئالغانلىرى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ئومومىي ئوقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىتلەيدۇ ؛قانونغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانونغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانونغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ؛ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلارغا قانون بويىچە چارە كۆرىدۇ .
دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ۋە دەرسلىك تەكشۈرگۈچىلەردىن دەرسلىك تۈزۈشكە قاتناشقان ياكى باشقىچە يول بىلەن قاتناشقانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۇمىتى ياكى ئۇنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە سۈرۈك ئىچىدە تۈزۈتىشكە بۇيرۇيدۇ ،ئۇلارغا قانون بويىچە مەمورىي چارە كۆرىدۇ ؛قانونغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانونغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ .
57-ماددا مەكتەپلەردىن تۈۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىمى ۋە باشىقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا قانون بۇيىچە چارە كۆرىدۇ :
(1) ئادەتتىكى مائارىپ بويىچە تەربىيە ئالالايدىغان ئوقۇش يىشىدىكى مىيىپ بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى ئوقۇشقا ئالمىغانلىرى ؛
(2) سىنىپىنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىغانلىرى ؛
(3) ئوقۇغۇچىنى مۇشۇ قانوندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپتىن چىقىرۋەتكەنلىرى ؛
(4) بېكىتلمىگەن دەرسلىكنى ئىشلەتكەنلىرى .
58-ماددا ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسيلىرىدىن باشقا يولسىز سەۋەپ كۆرسىتىپ ،مۇشۇ قانوندىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قۇيۇپ ،مەجبورىيەت مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە بەرمىگەنلىرىگە شۇ جايدىكى يېزىلىق ،بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى تەنقىد ،تەربىيە بېرىدۇ ،سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ .
59-ماددا تۈۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلارغا ئالاقىدار قانون ،مەمورىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ :
(1) مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلارنى قانونسىز ئىشلەتكەنلەر ؛
(2) مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى قانونسىز ئىشلەتكەنلەر ؛
(3) قانون بويىچە بېكىتىلمىگەن دەرسلىكنى نەشىر قىلغانلار .
60-ماددا مۇشۇ قانوندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ،جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانون بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ
8-باپ قۇشۇمچە پرىنىسىپ
61-ماددا مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەردىن پارچە خىراجەت ئالماسلىق قەدەم باسقۇچنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ .
62-ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى شەخىسلەر قانون بويىچە قۇرغان پۇقرا مەكتەپلىرىدىن مەجبورىيەت مائارىپىنى يولغا قويغانلىرىغا پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانوندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ ؛ پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانونىدا بەلگىلىمە بولمىسا ،مۇشۇ قانون تەدبىقلىنىدۇ .
 
 
ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى
 
ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى
1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1-ماددا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، ئوقۇغۇچىلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلار، مەمۇرىي نىزام، بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بۇ چارە تۈزۈلدى.
2- ماددا بۇ چارە مەكتەپ يولغا قويغان تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش پائالىيىتى ياكى مەكتەپ تەشكىللىگەن مەكتەپتىن سىرتقى پائالىيەتلەردە، شۇنداقلا مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بولغان مەكتەپ بىنالىرى، مەيدان ۋە باشقا تەلىم – تەربيە، ئوقۇتۇش مەسلىھەلىرى، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىدە يۈز بەرگەن، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا جىسمانىي زىيان ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
3-ماددا ئوقۇغۇچىلار ھادىسىلىرىنى قانۇغا تايىنىش، ئوبيېتكتىپ، ئادىل، مۇۋاپىق بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆز ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
4- ماددا مەكتەپ باشقۇرغۇچىلار بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان مەكتەپ بىنالىرى، مەيدان ھەمدە باشقا تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىشى لازىم.
مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيولەشتۈرۈشىگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەخىملىنىش ھادىسىلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى، مەكتەپلەرنىڭ نورمال تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك.
5-  ماددا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك تەربىيىسى ۋە ئۆز ئۆزىنى قوغداش، ئۆز ئۆزىنى قوتقۇزۇش تەربىيىسى بېرىشى؛ بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇناسىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش مۇھىتىدا ساقلانغان بىخەتەرلىك جەھەتتىكى يوشۇرۇن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى يوقىتىشى؛ زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، يارىلانغان ئوقۇغۇچىلارنى قۇتقۇزۇشى كېرەك.
مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيىسى بېرىش، باشقۇرۇش ۋە قوغداشتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى، بېلىش ئىقتىدارى ۋە قانۇنىي ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، مۇناسىپ كېلىدىغان مەزمۇن ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

6-ماددا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ قائىدە – تۈزۈمى ۋە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى؛ ئوخشاش بولمىغان تەربىيىلىنىش باسقۇچىدا، ئۆزلىرىنىڭ يېشى، بىلىش ئىقتىدارى ۋە قانۇنىي ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ماس ھالدىكى خەتەرلەردىن ساقلىنىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى لازىم.
7- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ياكى باشقا ھامىيلىرى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ھامىيلىرى دېيىلىدۇ) قانۇن بويىچە ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، مەكتەپكە ماسلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيىسى بېرىشى، باشقۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتىنى ئىشلىتىشى كېرەك.
مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرى ياكى مەكتەپنىڭ ھاۋالە بويىچە ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىپ ئۈستىگە ئېلىش ئەھۋالى بۇنىڭ سىرتىدا.
2- باب ھادىسە ۋە جاۋابكارلىق
8- ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئالاقىدار تەرەپلەر (دەۋالاشقۇچىلار)نىڭ قىلمىشى بىلەن زىيانلىق ئاقىۋەت ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب – تەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە بېكىتىش كېرەك.
مەكتەپ، ئوقۇغۇچى ياكى ئالاقىدار تەرەپنىڭ سەۋەبلىكى تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كېلىپ چىققان بولسا، ئالاقىدار تەرەپ قىلمىشىنڭ سەۋەبلىك دەرىجىسى نىسبىتى بىلەن زىيانلىق ئاقىۋەت ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئاساسن، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. داۋالاشقۇچىنىڭ ھەرىكىتى زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا، ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ دەۋالاشقۇچىنىڭ ھەرىكىتى زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى ئاساسي سەۋەب بولمىسا، مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
9- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەخىملىنىش ئەۋالى كېلىپ چىقسا، مەكتەپ قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
(1) مەكتەپنىڭ ئۆي – ئىمارەتلىرى، مەيدان ۋە باشقا ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى، شۇنداقلا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن ئوقۇش قوراللىرى، تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولماسلىق ياكى روشەن ھالدا خەتەرلىك ئامىللار بولۇش؛
(2) مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك، قوغداش، ئوت ئۆچۈرۈش، ئەسلىھە ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرۇش قاتارلىق بىخەتەرلىك، باشقۇرۇش تۈزۈملىرىدە روشەن ھالدا يوچۇق بولغان ياكى باشقۇرۇشى قالايمىقان بولغان، بىخەتەرلىك جەھەتتە زور يوشۇرۇن ئاپەت ساقلىنىپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىغان بولۇش؛
(3) مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەمىنلىگەن دورا، يېمەكلىك، ئىچىدىغان سۇ قاتارلىقلار دۆلەت ياكى ساھەلەرنىڭ ئالاقىدار ئۆلچەم، تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان بولۇش؛
(4) مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش پائالىيىتى ياكى مەكتەپتىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە تەشكىللىگەندە، ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىپ ھالدىكى بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بارمىغان ھەمدە ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان دائىر ئىچىدە زۆرۈر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانمىغان بولۇش؛
(5) مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ياكى باشقا ىىزمەتچى خادىملارنىڭ تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان كېسەللىكلەرگە دۇچار بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغان بولۇش؛
(6) مەكتەپ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغانى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قاتنىشىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئەمگەكلەرگە، تەنتەربىيە ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىلىگەن ياكى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇش؛
(7) مەكتەپ ئوقۇغۇچىنڭ ئالاھىدە غەيرىي بەدەن تۈزۈلۈشىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئالاھىدە كېسىلى بارلىقىنى، مەلۇم تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، لېكىن زۆرۈر دەرخقىدە دىققەت قىلمىغان بولۇش؛
(8) ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتىكى مەزگىلدە ئۇشتۇمتۇت كېسىلى قوزغىلىپ قالغان ياكى يارىلانغانلىقىنى بايقىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەھۋالغا قارىپ ۋاقتىدا مۇۋاپىق تەدبىر قوللانماي، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇش؛
(9) مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ياكى باشقا خىزمەتچى خادىملىرى ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرگەن ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا خىزمەت تەلىپى، مەشغۇلات قائىدىسى، كەسپىي ئەخلاق ياكى باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان بولۇش؛
(10) مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ياكى باشقا خىزمەتچى خادىملىرى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە، ئوقۇغۇچىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن باشقۇرمىغان، ئاگاھلاندۇرمىغان، توسىمىغان بولۇش؛
(11) ئوقۇغۇچى ئۆز مەيلىچە مەكتەپتىن ئايرىلىش قاتارلىق ئوقۇغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى مەكتەپ بايقىغان ياكى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىييلىرىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرماي، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغىچ ھامىيسىنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلغانلىقى تۈپەيلىدىن يارىلانغان بولۇش؛
(12) مەكتەپلەر قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان باشقا ئەھۋاللار.
10– ماددا ئوقۇغۇچى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچى ھامىيلىرىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كېلىپ چىقسا، قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك:
(1) ئوقۇغۇچى قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە، ئىجتىمائىي جامائەت ھەرىكەت ئۆلچىمىگە، مەكتەپنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرى ياكى ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان، ئوقۇغۇچىنىڭ يېشى ۋە بىلىش ئىقتىدارى بويىچە خەتەرلىكلىكى ياكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش مۇنكىنچىلىكىنى بىلىش كېرەك بولغان ھەرىكەتنى قىلغان بولۇش؛
(2) ئوقۇغۇچىنىڭ ھەرىكىتى خەتەرلىك بولۇپ، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئاگاھلاندۇرغان، تۈزۈىتىشكە بۇيرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچى نەسىھەتنى ئاڭلىمىغان، تۈزىتىشنى رەت قىلغان بولۇش؛
(93 ئوقۇغۇچى ياكى ھامىي بولغۇچى ئوقۇغۇچىىنڭ ئالاھىدە تەن تۈزۈلۈشىگە ئىگە ئىكەنلىكى ياكى ئالاھىدە كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، مەكتەپتە ئېيتمىغان بولۇش.
(4) قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىدا بەدەن ئەھۋالى، ھەرىكىتى، كەيپىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋال بولۇپ، ئۇنى ھامىيسى بىلگەن ياكى مەكتەپ ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن مۇناسىپ ھالدا ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولۇش؛
(5) ئوقۇغۇچى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىيسى باشقا خاتالىقلارنى سادىر قىلغان بولۇش.
11-ماددا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندا، مەيدان، ئۈسكۈنە، قاتناش قۇراللىرى، يېمەكلىك ۋە باشقا ئىستېمال مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئەتكەن تىجارەتچىلەر ياكى مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەتكە تەشكىللىگەنلەرنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كېلىپ چىقسا، خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەرەپ قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

12- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەخىملىنىش ھادىسىسى كېلىپ چىققان بولۇپ، مەكتەپ مۇناسىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ھەمدە ھەرىكىتى مۇۋاپىق بولغان بولسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى بولمايدۇ:
(1) يەر تەۋرەش، چاقماق چېقىش، تەيفىڭ بورىنى، كەلكۈن قاتارلىق تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان تەبىئەت ئامىللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇش؛
(2) مەكتەپ سىرتىدىكى ئۇشتۇمتۇت، تاساددىپىي يۈز بەرگەن ھادىسىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇش؛
(3) ئوقۇغۇچى ئالاھىدە بەدەن تۈزۈلۈشىگە، ئالاھىدە كېسەلگە ياكى غەيرىي پىسخىك ھالەتكە ئىگە بولۇپ، مەكتەپ بىلمىگەن ياكى بىلىش قىيىن بولغان بولۇش؛
(4) ئوقۇغۇچى ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋالغان، ئۆزلۈكىدىن يارىلانغان بولۇش؛
(5) قارىشىلىشىش خاراكتېرلىك ياكى خەتەرلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە تاساددىپىي تارىلانغان بولۇش؛
(6) باشقا كۈتۈلمىگەن ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇش.
13- ماددا  تۆۋەندىكى ئەھۋال ئاستىدا ي ۈز بەرگەن، ئ وقۇغۇچىلاردا جىسمانىي  زىيان ئاقىۋەتلىرىنى  كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسىلەردە مەكتەپنىڭ ھەرىكىتى مۇۋاپىق بولغان بولسا، مادىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ؛ ھادىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار ياكى باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بېكىتىش كېرەك.
(1) ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قايتىش، مەكتەپكە يىغىلىش، مەكتەپتىن ئايرىلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ھادىسە؛
(2) ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى سىرتقا چىققان ياكى خالىغانچە مەكتەپتىن ئايرىلغان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ھادىسە؛
(3) مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ھېيت – بايرىم، دەم ئېلىش كۈنلىرى ياكى تەتىل قاتارلىق مەكتەپنىڭ خىزمەت ۋاقتىدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى مەكتەپتە قېپقالغان ياكى مەكتەپكە كېلىپ يۈز بەرگەن ھادىسە؛
(4) مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت دائىسىرىدىن سىرتقى ئورۇنلاردا يۈز بەرگەن ھادىسە.
14-ماددا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ياكى خىزمەتچى خادىملىرى ئۆز ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتىسز بولغان شەخس ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن ياكى ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا شەخىسلەر قەستەن قىلغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىدا جىسمانىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بولسا، زەخىملەندۈرگەن كىشى قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
3-باب ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى
15-ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەندە، مەكتەپ زەخىملەنگەن ئوقۇغۇچىنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشى ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىيسىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى؛ شارائىتى بارلار جىددىىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ قۇتقۇزۇشى لازىم.
16-ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەندە، ئەھۋالى ئېغىرلارنى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا، شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلارغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك؛ زور تالاپەت ۋەقەسىگە كىرىدىغانلىرىنى مائارىپ مەمۇرىيى تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئوخزاش دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە يۇقىرى بىر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.
17- ماددا مەكتەپنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ياكى زۆرۈر دەپ قارىغاندا، مەكتەپنىڭ ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، نورمال تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش تەرتىپىنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك ۋە ياردەم قىلىشى لازىم.
18-ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەندە، مەكتەپ زەخىملەنگەن ئوقۇغۇچى ياكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا – ئانىشى بىلەن مەسلىھەتلىشىش شەكلىنى قوللىنىپ ھەل قىلىشقا بولىدۇ؛ ىككى تەرەپنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىنڭ مۇرەسسە قىلىپ قۇيۇشىنى يازما دوكلات ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشقىمۇ بولىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن ئوقۇغۇچى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىيىلرى قانۇن بويىچە بىۋاسىتە ئەرز قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
19- ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مۇرەسسە ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، زۆرۈر دەپ قارىغاندا، مۇرەسسە قىلىشقا مەخسۇس خادىم بەلگىلەپ بېرىشكە بولىدۇ، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن ئېتىبارەن 60كۈن ئىچىدە مۇرەسسەنى تاماملاش كېرەك.
20- ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ مۇرەسسەسى ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى بىرلىككە كەلگەن بولسا، مۇرەسسە قىلغۇچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن مۇرەسسە كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇپ، مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك؛ مۇرەسسە مۇددىتى ئىچىدە ئىككى تەرەپنىڭ پىكرى بىرلىككە كەلمىگەن بولسا ياكى مۇرەسسە جەريانىدا بىر تەرەپ ئەرز سۇنغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئەرزنى قوبۇل قىلغان بولسا، مۇرەسسەنى توختىتىش لازىم.
مۇرەسسە ئاخىرلاشقان ياكى توختىتىلغاندا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى دەۋالاشقۇچىلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
21-ماددا مۇرەسسە ئارقىلىق تۈزۈلگەن كېلىشىمنامىگە دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ئەمەل قىلمىسا ياكى كېلىشىمنامىدىن يېنىۋالسا، ئىككىنچى تەرەپ قانۇن بويىچە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.
22-ماددا ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئاخىرلاشقاندا، مەكتەپ ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا يازما دوكلات قىلىشى كېەك؛ زور تالاپەت ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى مەكتەپنى ئاسالىق باشقۇرىدىغان مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئوخشاش دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.
4-باب ھادىسە زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىغا بېرىلىدىغان تۆلەم
23- ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان تەشكىلات ۋە شەخسىيلەر قانۇن – نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇناسىپ ھالدا زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
24- ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسىنىڭ تۆلەم دائىرىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن، يەرلىك قانۇن ياكى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيىلىك ئىزاھاتىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.
مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مۇرەسسە قىلىشتا، مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارىسا، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە مۇناسىپ مۇرەسسە لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
25-ماددا زەخىملەندۈرۈلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسىنى بېكىتىشتە تالاش – تارتىش بولغانلىرىنى شۇ جايدىكى مۇناسىپ باھالاپ بېكىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان دوختۇرخانا ياكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئادەم بەدىنىنى يارىلاندۇرۇپ مېيىپ قىلىش ئۆلچىمىنى ئاساس قىلغان ھالدا باھالاپ بېكىتىشىگە ھاۋالە قىلىش لازىم.
26-ماددا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىگە قارىتا جاۋابكارلىقى بولسا، مەسئۇلىيەتنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە قاراپ، مۇۋاپىق ئىقتىسادىي تۆلەم بەرسە بولىدۇ، لېكىن يارىلانغان ئوقۇغۇچىنى قۇتقۇزۇپ، مۇناسىپ ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىغان نوپۇش، تۇرالغۇ ئۆي، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرش قاتارلىق ئىشلارنى ھەل قىلىشنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
مەكتەپنىڭ جاۋابكارلىقى بولمىان ئەھۋالدا، ئەگەر مەكتەپنىڭ شەرت – شارائىتى يار بەرسە، ئەمەلىيۇ ئەھۋالغا قاراپ، ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە ئىمكانىيىتى بولۇش پرىنسىپى بويىچە، يارىلانغان ئوقۇغۇچىغا مۇۋاپىق ياردەم بەرسە بولىدۇ.
27-ماددا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ياكى باشقا خىزمەتچى خادىملار خىزمەت قىلىۋاتقاندا، قەستەن ياكى زور سەۋەبلىك تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، مەكتەپ تۆلەم تۆلىگەندىن كېيىن، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئالاقىدار كىشىگە تۆلەم تۆلەتكۈزسە بولىدۇ.
28-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسىگە نىسبەتەن جاۋابكارلىقى بولسا، ئۇلارنىڭ ھامىيلىرى قانۇن بويىچە مۇناسىپ دەرىجىدە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئوقۇغۇچىنىڭ ھەرىكىتى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا خىزمەتچى خادىملارنىڭ، شۇنداقلا باشقا تەشكىلات، شەخسلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، قۇرامىغا يەتكەن ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھامىيلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلىشى لازىم.
29-ماددا ئىككى تەرەپ تۈزگەن كېلىشىمگە، مۇرەسسە ئارقىلىق شەكىللەنگەن كېلىشىم ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈمىگە ئاساسەن، مەكتەپ ئۈستىگە ئالىدىغان پۇلنى مەكتەپ مەسئۇل بولۇپ تەييارلىشى كېرەك؛ مەكتەپنىڭ تولۇق تەييارلىشىغا قۇربى يەتمىسە، مەكتەپنى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان تارماق ياكى ئۇيۇشتۇرغۇچى ماسلىشىپ تەييارلايدۇ.

30-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمقلىرى ياكى مەكتەپ باشقۇرۇغۇچىلاردىن شارائىتى يار بەرگەنلىرى ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش زاپاس تۆلەم مەبلىغىنى تەسىس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، قانۇن بويىچە زەخىملىنىش تۆلەم مەبلىغى تەييارلىسا بولىدۇ.
31-ماددا مەكتەپنىڭ شارائىتى يار بەرسە، سۇغۇرتا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئاساس قىلىپ، مەكتەپ جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك.
مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مەكتەپ جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرسە بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنى ئىختىيارىي ھالدا كۈتۈلمىگەن زەخىملەندۈرۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تەشەببۇس قىلىش لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاساسىدا، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈتۈلمىگەن زەخىملەندۈرۈش سۇغۇرتىسغا قاتنىشىشىقا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشكە بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن ھەر قانداق خىراجەت ئېلشىقا بولمايدۇ.
5- باب ھادىسىگە جاۋابكار بولغۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش
32-ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىى يۈز بەرگەندە مەكتەپنىڭ جاۋابكارلىقى بولغان ھەمدە قىلمىشى ئېغىر بولغان بولسا، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەكتەپنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان ئاساسلىق باشقۇرغۇچىسىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بولغان خادىملارغا ئايرىم ھالدا مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ ئالاقىدار جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگخە ئالغۇچىنىڭ قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلشىق بولسا، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە يوللاش لازىم.
33-ماددا مەكتەپنىڭ باشقۇرۇشى قالايمىقان بولۇپ، بىخەتەرلىك جەھەتتە زور يوشۇرۇن ئاپەت ساقلانغان بولسا، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار مۇددەت بەلگىلەپ تەرتىپكە سېلىشنى بۇيرۇشى ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغان ياكى ياخشىلاشنى رەت قىلغانلارغا قانۇن –  نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىشى , كېرەك.
34-ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مۇناسىپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىدە جاۋابكارلىقى بولسا، ئالاقىدار تارماقلار بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بولغان ئاساسلىق باشقۇرۇغۇچىغا ۋە باشقا ئاساسلىق جاۋابكارلىقى بار خادىملارغا ئايرىم ھالدا مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ ئالاقىدار جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرنىڭ قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشقا ياتىدىغان بولسا، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە يوللاپ بېرىش لازىم.
35- ماددا مەكتەپ ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا جاۋابكارلىقى بولغان ئوقۇغۇچىغا مەكتەپ مۇناسىپ چارە كۆرۈشكە بولىدۇ؛ قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپىق قىلىشقا چېتىشلىق بولسا، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە يوللاش لازىم.
36-ماددا زەخىملەنگە ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىيلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار خادىملاردىن ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا يولسىزلىق قىلىپ، مەكتەپنىڭ نورمال تەربىيە، ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قالايمىغانلاشتۇرغان ياكى مەكتەپنىڭ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ياكى باشقا خىزمەتچى خادىملارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى يەتكۈزگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا مەلۇم قىلىش كېرەك؛ زىيان سالغان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلەشنى تەلە قىلىشقا بولىدۇ.
6-باب قوشۇمچە پرىنسىپ
37-ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن مەكتەپ، دۆلەت ياكى ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەر خىل ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى كۆرسىتىدۇ، بۇ چارىدە دېيىلگەن ئوقۇغۇچىلار، يۇقىرىدىكى مەكتەپلەردە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ38-ماددا بالىلار باغچىلىرىدا يۈز بەرگەن بالىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرى، بالىلرنىڭ تولۇق تېتىلمەسلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بۇ چارىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ.
39-ماددا باشقا مائارىپ ئورگانلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرى يۈز بەرسە، بۇ چارىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.
مەكتەپ رويخەتكە ئالغان باشقا تەربىيلەنەۈچىلەردە مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە زەخىملەندۈرۈش ھادىسى كۆرۈلسە بۇ چارىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.
40- ماددا بۇ چارە 2002– يىل 9– ئاينىڭ 1– كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. سابىق دكلەت مائارىپ كومىتېتى، مائارىپ مىنستىرلىقى تارقاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت بەلگىلىمىلىرى بۇ چارىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، بۇ چارە ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
بۇ چارە يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغان ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرى قايتىدىن بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ.
 

 

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«مائارىپ قانۇنلىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ