ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > قانۇن تۇزۇم > تولۇق مەزمۇنى

قىزىغا نىيىتىنى بۇزغان ئەبلەخ

ۋاقىت : 2013-08-13 20:18 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

قىزىغا نىيىتىنى بۇزغان ئەبلەخ

قىزىغا نىيىتىنى بۇزغان ئەبلەخ

جاڭ چياڭ بىلەن ۋاڭ روڭ كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان بىر جۈپلەردىن ئىدى. ئۇلار بىر يۇرتلۇق بولۇپ، ئىشلەمچىلىك قىلىش جەريانىدا تونۇشقان ھەم بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولۇپ، 1993–يىلى ئوڭۇشلۇق توي قىلدى. توينىڭ دەسلەپكى مەزىگىللىرىدە ئۇلار تىرىشىپ ئىشلەپ، جاپا-ھالاۋەتتە بىرگە بولۇپ، شېرىن ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قىز پەرزەنتلىك بولدى. قىزىنىڭ تاتلىق ئەركىلەشلىرى، ئايالىنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم ئىشتىن چارچاپ قايتىپ كەلگەن جاڭ چياڭ ئۈچۈن تەسۋىرلىگۈسىز ھوزۇر، بېسىملىرىغا تەسەللى ئىدى. ئۇلار 2000–يىلى جاڭ چياڭنىڭ ئاغىنىسىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن شىنجاڭغا كۆچۈپ كېلىپ، مۇشۇ يەردە ئىشلەمچىلىك قىلدى.

ۋاقىت ئۇ ئاجايىپ نەرسە. ئۇ گاھىدا مۇھەببەت دەرىخىنىڭ ئۇلىغا سائەتلەپ، مىنۇتلاپ توپا تاشلاپ، ئۇنى كۈنسايىن مۇستەھكەملىسە، گاھىدا ئۇنى يىلتىزىدىن قومۇرىۋېتىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، جاڭ چياڭنىڭ ئايالىغا، ئائىلىسىگە بولغان مۇھەببىتى ئاجىزلاپ كېتىۋاتاتتى. كىچىك ئىشلار سەۋەبىدىن ئايالى بىلەن سوقۇشۇش ئۇنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى. ئۇ «تۇرمۇش بېسىمى مېنى مۇشۇنداق چۇسلاشتۇرىۋەتتى» دەپ ئويلايتتى. ھەقىقەتەن قىزىنىڭ چوڭ بولىشىغا ئەگىشىپ، ئايالى ۋە ئۆزىنىڭ تاپقان پۇلى ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغىمۇ يەتمەيۋاتاتتى. ئەر–ئايال ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت بارغانسىرى چوڭىيىپ، ئۇلارنى ئاخىرى سوتقا ئاپاردى.

جاڭ چياڭ ئاجىراشقاندىن كېيىن، قىزى يۈەن يۈەن ئانىسىنىڭ بېقىشىغا بۇيرۇلدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئايدا بىر قېتىم قىزى بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلار مەنىسىز ئىدى. ئۇ ئۇزۇن مۇددەت يالغۇز ياشىغانلىقتىن، مىجەزىدىمۇ كۆرىنەرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. باشقىلار بىلەن ئارلىشىشنى خالاپ كەتمەيدىغان، جىمغۇر بولۇپ قالغانىدى.

ۋاقىت شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ 2005–يىلى، يەنى قىزى يۈەن يۈەن 10 ياشقا كىرگەن يىلىغا كەلدى. ياز ئايلىرىنىڭ بىرىدە جاڭ چياڭ قىزى بىلەن كۆرۈشۈپ تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى باشلاپ ئۆزى ئىجارىگە ئېلىپ تۇرىۋاتقان ئۆيىگە كەلدى. يېرىم كۈن ئاتىسى بىلەن بازار ئايلىنىپ ھېرىپ كەتكەن يۈەن يۈەن ئۆيگە كىرىپلا كارۋاتقا تاشلاندى. جاڭ چياڭ قىزىنىڭ چوڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىردىنلا ھېس قىلدى. ئانىسىنىڭ ياخشى بېقىشى بىلەن ساغلام چوڭ بولغان يۈەن يۈەندە ئاياللارغا خاس بەدەن شەكلى ئاز–تولا ئەكىس ئېتىۋاتاتتى. ئۇزۇن يىل يالغۇز يۈرۈپ «ئېچىرقاپ» كەتكەن جاڭ چياڭ قىزىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، كاللىسىغا بولمىغۇر، پەسكەچ خىيالدىن بىرسى كەلدى. ئۇ ئەقلىنى، ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان بولۇپ، كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمىگەن ھالدا قىزىغا يېقىنلاشتى. يۈەن يۈەن دەسلىپىدە ئاتىسىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن بولسا، ئاخىرىدا ئۇنى توساپ، ئۆزىنى قوغداپ ئۈلگۈرمىدى.

ئىشنىڭ تۇنجىسى بولغانىكەن، ئىككىنچىسى ھامان ئۇلىشىپ كېلىدۇ. جاڭ چياڭ شۇنىڭدىن كېيىن، ئىچ – پۇشىقىنى چىقىرىدىغان ياخشى ئۇسۇلدىن بىرنى تېپىۋالدى. ئۇ ھەر قېتىم شۇنداق نىيەتكە كەلگەندە، قىزىنى ئانىسىدىن سوراپ ئۆيىگە ئەكىلەتتى–دە، ئۇنىڭغا چېقىلاتتى. ئىش پۈتكەندىن كېيىن:« بۇ ئىشنى ئاناڭغا ياكى باشقا بىرەسىگە ئېيتىدىغان بولساڭ كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن» دەپ قورقىتاتتى ھەمدە قولىغا خەجلەش ئۈچۈن ئازىراق پۇل بېرىپ يولغا سالاتتى. يۈەن يۈەن ئاتىسىنىڭ ئۆزىگە ياكى ئانىسىغا بىرەر خەۋپ يەتكۈزىشىدىن قورقۇپ، بۇ ئىشلارنى ھېچكىمگە تىنمىدى. جاڭ چياڭ يېقىنقى بىرقانچە يىلدا قىزىغا قانچە قېتىم چېقىلغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. 

2012–يىلى 23–ئىيۇن جاڭ چياڭنىڭ يەنە نىيىتى بۇزۇلدى. ئۇ ئۆز ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن، 17 ياشقا كىرگەن قىزى يۈەن يۈەنگە تېلفون ئۇردى: ئاپپاق قىزىم، يېنىمغا بىر كەلسىڭىزچۇ، سىزنى بەك كۆرگۈم كەلدى.

يۈەن يۈەن يەنە ئىلاجسىزلىقتىن ئاتىسىنىڭ قېشىغا باردى. جاڭ چياڭ قىزىنى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم باغچىنىڭ يېنىدىكى دەرەخلىككە ئەكىرگەندىن كېيىن، يەنە ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولدى. يۈەن يۈەن كۆڭلى تارتمىغانلىقتىن قارشىلىق قىلماقچى بولۇپ ۋارقىرىدى، ئەمما جاڭچياڭنىڭ قاتتىق تەگكەن بىرقانچە مۇشتى ئۇنى جىم قىلىپ قويدى.

دەرەخلىقنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىككەيلەن قىزنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ساقچىغا مەلۇم قىلدى. جاڭ چياڭ نەق مەيداندا ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، دەسلەپكى سوراقتا ئۆزىنىڭ مۇشۇ بىر قېتىملىق جىنايىتىگىلا ئىقرار بولغان بولسا، يۈەن يۈەننىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئۇنىڭ نەچچە يىلدىن ياقى قىلىۋاتقان ئىپلاسلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ئاشكارىلاندى.

ئۈرۈمچى شەھەر يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسپلەر تەرەققىيات (يېڭى شەھەر) رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى يىقىندا سوت ئېچىپ، جاۋابكار جاڭ چياڭنىڭ باسقۇنچىلىق جىنايىتىگە مۇددەتلىك 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن 2 يىل مەھرۇم قىلىش جازاسى بەردى. (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«قىزىغا نىيىتىنى بۇزغان ئەبلەخ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ