قانۇن بىلمىگەن ئاتاپۇشايماندا
قانۇن بىلمىگەن ئاتا پۇشايماندا
ئەسئەت ئىلگىرى جىدەل دېسە، پۇلغا سېتىۋالىدىغانلارنىڭ بىرى ئىدى، بىراق ئۇنى تۇرمۇش ئۆزگەرتتى. ئۇ ئۆيلىنىپ، ئايالى ۋە بالىسىنىڭ مۇھەببىتى تۈرتكىسىدە بۇرۇنقى يامان خۇيلىرىنى تاشلاپ، گۇما ناھىيە بازىرىدا ئاشخانا ئېچىۋالدى. بۇ 16-سىنتەبىر ئەسئەتنىڭ ئاشخانىسىغا ئۇنىڭ بىلەن بىر مەھەللىلىك قايىت بىلەن سېتىۋالدى كىردى. شۇ ئارلىقتا ئەسئەت ئىككى ياشلىق ئوغلى ئېرپاننى يېتىلەپ، قايىت بىلەن سېتىۋالدىنىڭ يېنىغا كېلىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇردى. بىر چاغدا ئېرپان ئەركىلەپ، ئەسئەتنىڭ بارمىقىنى چىشلىمەكچى بولدى.
- بالام، قولۇمنى چىشلىمە، -دېدى ئەسئەت. بۇ چاغدا سېتىۋالدى:
- كېلە بالام، مېنىڭ قولۇمنى چىشلىگىنە، -دېدى، ئېرپاننى يېنىغا تارتىپ.
- بالام ئۇنىڭ مەينەت قولىنى چىشلىمە، -دېدى قايىت مەقسەتسىزلا.
قايىتنىڭ شۇ بىر ئېغىز گېپى بىلەن جىدەل باشلىنىپ كەتتى.
- كىمنىڭ قولى مەينەتكەن؟ مەينەت بولسا ئۆزىمىز كۆتۈرىمىز ئاداش، بىرسىگە ئارتىپ قويمىدۇق، ئۆتكەندىمۇ ماڭا ئۇشۇقلۇق قىلغانتىڭ، بۈگۈن يەنە ئېتىشىسەنغۇ؟ -دېدى سېتىۋالدى ئورنىدىن تۇرۇپ.
- مۇنداقلا دەپ قويغان، نىمانچە قىلىسەن، گېپىڭ بار ئوخشىمامدۇ؟ -قايىتمۇ ئورنىدىن تۇردى. ئىككەيلەن بىر-بىرىگە خورازدەك ھۈرپىيىشىپ، ئاشخانا ئىچىدىلا ياقا سىقىشتى. سېتىۋالدى قايىتتىن بەستىلىك بولغاچقا، ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، بىر مۇشت بىلەن قايىتنىڭ كالپۇكىنى يېرىۋەتتى. قايىتمۇ بوش كەلمىدى، ئۇ سەكرەپ چىقىپ، بىر مۇشت بىلەن سېتىۋالدىنىڭ ئاغزى-بۇرنىنى قان قىلدى. شۇ ئارىدا سېتىۋالدى بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقلىپ كەتتى. قايىت پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ساپلۇق بىلەن سېتىۋالدىنىڭ بېشىنى ئۇرۇپ يېرىۋەتتى.
جىدەل تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ، ئىككىيلەن قوللىرىغا پىچاق ئېلىشتى. بۇ چاغدا ئەسئەت ۋە باشقىلار ئۇلارنى ئاجرتىۋەتتى. قايىت بىر نىمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشىغىنىچە ئۆيىگە ماڭدى. ئاشخانىدا قالغان سېتىۋالدى ئاچچىقىدا ئۇياقتىن بۇياققا ماڭغىلى تۇردى. ئۇ شۇ يوغان بەستى بىلەن جەينەكتەك بىرسىدىن تاياق يېگەنلىكىگە نومۇس قىلدىمۇ-قانداق، ئۆيىدىكىلەرگە تېلىفۇن بەردى.
- ئاتا، قايىت دېگەن ھارامزادە بېشىمنى يېرىۋەتتى، ئاغا-ئىنىلىرىمنى چاقىرغىن، قايىتنى ئەدەپلەپ قويايلى!-دېدى.
60 ياشقا كىرىپ قالغان ئاۋۇت ئاخۇن بالىسىغا تەربىيە قىلىشنىڭ ئورنىغا، سېتىۋالدىنىڭ ئاكىسى ساتتار، ئىنىسى ساۋۇتنى باشلاپ قايىتنىڭ ئۆيىگە باردى. سېتىۋالدى ئاللىقاچان كېلىپ بولغانىدى.
ئەسئەت سېتىۋالدىنىڭ قوشۇن تارتىپ كەلگەنلىكىگە قاراپ، دەرھال گۇما ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە تېلېفۇن بەردى. ئاڭغىچە بۇ ئاغا-ئىنىلەر قايىتنىڭ ئىشىكىنى تېپىپ، مۇستلاشقا باشلىدى. ئۇلار قايىت ئۆيدىن چىقىشىغا مۇشت-پەشۋانى ياغدۇرۋەتتى. بۇ چاغدا قايىت يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ شىلتىغىلى تۇردى. بۇ جەرياندا سېتىۋالدىنىڭ دۈمبە، بېقىنى، ساتتارنىڭ كانىيى زەخمىلەندى.
ساقچىلار دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۋېلىپ نەق مەيدانغا كەلگەندە، سېتىۋالدى بىلەن ساتتار قانغا مىلىنىپ ياتاتتى. ساقچىلار ئىككىيلەننى دەرھال قاغىلىق ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى، بىراق سېتىۋالدى قاغىلىق ناھىيسىگە بارغۇچە جان ئۈزدى، ساتتار بەختكە يارىشا دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۋېلىندى.
گۇما ناھىيسى 17-سىنتەبىر جىنايەت گۇمەندارى قايىتنى توختۇتۇپ قويدى.
ئاۋۇت ئاخۇن نەچچە كۈندىلا ئون نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك مۈكچىيىپ قالدى. ئېنىقكى، ئۇ ئوغلىنى بۇ بالا-قازادىن توسۇشنىڭ ئورنىغا شامال چىقىرىپ بەرگىنى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئازاپلىنىدۇ، بىراق بۇنىڭ ئەمدى نېمىگە پايدىسى، چۈنكى ئۇ بۈگۈنكى ئازاب بىلەن ئوغلىنى تىرىلدۈرمەيدۇ-دە!

(تەھرىر : admin)
«قانۇن بىلمىگەن ئاتاپۇشايماندا»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئالىمجان،ساقىلىڭىزغا رەھمەت-بوزقىر
- شەنشىدە دوختۇر تەرىپىدىن ئالداپ سېتىۋې
- ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئوقۇتماسلىق ھ
- نائىنساپ بالا، گۇناھكار دادا
- قىزىغا نىيىتىنى بۇزغان ئەبلەخ
- ئالىمجان،ساقىلىڭىزغا رەھمەت-بوزقىر
- قانۇن بىلمىگەن ئاتاپۇشايماندا
- قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىز
- توي قىلىپ بولغانلار 3 يىلدا بىر قېتىم تۇ
- 【学校行政领导工作制度】
- لېفىتنىڭ ‹‹جانغا زامىن بولۇشى›› كىمن
- 11 نارەسىدە قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان ئە
- 2013-يىلى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭدىن 130 مىڭ
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ساقچىل
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپ
- خىزمەت تېپىش جەريانىدىكى ئادەمنى بىزار
- جىنايەت بېكىتىلگەن ئەمەلدارنىڭ قايتا ۋ
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئەمگەك تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئالى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-07-18 09:07 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-01 11:08
- شەنشىدە دوختۇر تەرىپىدىن ئالداپ سېتىۋېتىلگە
- ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئوقۇتماسلىق ھوقۇقى
- نائىنساپ بالا، گۇناھكار دادا
- قىزىغا نىيىتىنى بۇزغان ئەبلەخ
- ئالىمجان،ساقىلىڭىزغا رەھمەت-بوزقىر
- قانۇن بىلمىگەن ئاتاپۇشايماندا
- قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگ
- توي قىلىپ بولغانلار 3 يىلدا بىر قېتىم تۇغقان
- 【学校行政领导工作制度】
- لېفىتنىڭ ‹‹جانغا زامىن بولۇشى›› كىمنىڭ سەۋ
- 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا خلاپ
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ
- يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلەرنىڭ قانداق قىلمىشل
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادى
- مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قان
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىن
- مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزا
- 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا خلاپ
- قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگ
- قانۇن بىلمىگەن ئاتاپۇشايماندا
- يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- 11 نارەسىدە قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان ئەمەلدا
- ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىش جەريانىدا ھادىس
- جىنايەت بېكىتىلگەن ئەمەلدارنىڭ قايتا ۋەزىپى
- توي قىلىپ بولغانلار 3 يىلدا بىر قېتىم تۇغقان
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتل