لېفىتنىڭ ‹‹جانغا زامىن بولۇشى›› كىمنىڭ سەۋەنلىكى؟
يېقىندا، شەنشى، يۈننەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭدا لېفىت بۇزۇلۇپ قېلىپ، ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئېگىز بىنالار كۆپلەپ قەد كۆتۈرۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، لېفىتنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۆپچىلىكنى ئەنسىرەتمەكتە: لېفىت ‹‹جانغا زامىن بولۇش›› ۋەقەسىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشىدە سەۋەنلىك زادى كىمدە؟
تەكشۈرۈش جەريانىدا، لېفىتنى لايىھەلەش، ئاسراش – رېمونت قىلىش ۋە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەسىلە مەۋجۇتلۇقى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بايقالدى.
بىرىنچى، نۇرغۇن بىنانىڭ لېفىت سانى، توشۇش كۈچى يېتەرسىز بولۇپ، دائىم نورمىدىن ئارتۇق ئېغىرلىق كۆتۈرۈش لېفىتنىڭ ئۇپرىشىنى تېزلىتىۋەتكەن.
بېيجىڭ لېفىت سودىگەرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى لياۋ بۇشېن مۇنداق دېدى: دۆلەت بىنادىكى لېفىت سانىغا تەپسىلىي تەلەپ قويمىغاچقا، بەزى سودىگەرلەرنىڭ تەننەرخنى تېجەش ئۈچۈن سەپلىگەن لېفىتىنىڭ سانى يىتەرلىك ئەمەس، توشۇش سۈرئىتى ئاستا، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، لېفىت ئۇزاق مەزگىل نورمىدىن ئارتۇق ئېغىرلىق كۆتۈرگەنلىكتىن، بىخەتەرلىك سىستېمىسى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
2012 – يىلى 1 – ئاۋغۇست يولغا قويۇلغان ‹‹تۇرالغۇ لايىھە پىلانى››دا: 12 قەۋەتتىن ئېگىز تۇرالغۇ بىناسىنىڭ ھەر بىر كورپۇسىغا ئاز بولغاندا ئىككى لېفىت ئورنىتىلىشى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر لېفىت نوسۇلكا ئەترىتى سىغىدىغان بولۇشى كېرەك، دېگەن بەلگىلىمە بار. ئەمما بېيجىڭ لېفىت سودىگەرلىرى بىرلەشمىسىدىكىلەر شەھەردىكى نۇرغۇن بىنالارنىڭ لېفىتلىرىنىڭ بۇ تەلەپكە يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئىككىنچى، لېفىتنى رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمىگەن.
2009 – يىلى يولغا قويۇلغان ‹‹ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش نىزامى››دا: ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى دائىملىق رېمونت قىلىش – ئاسراشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەم قەرەللىك تەكشۈرىدۇ؛ لېفىتنى ئاز بولغاندا 15 كۈندە بىر قېتىم تازىلاش، سىلىقلاش، تەڭشەش ۋە تەكشۈرۈش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
لياۋ بۇشېن: ‹‹لېفىتنى رېمونت قىلىش، ئاسراشقا ئادەتتە خوجىلىق شىركىتى مەسئۇل بولىدۇ، تەننەرخنى ئازايتىش ئۈچۈن، خوجىلىق شىركەتلىرى بۇ خىزمەتنى باشقا تەكشۈرۈش ئورگىنىغا ھۆددىگە بېرىدۇ. بۇ ئورگانلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ پەرقى ناھايىتى زور، مۇلازىمەت ھەققى زىيادە تۆۋەن ئورۇنلارنىڭ لېفىتنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى ناھايىتى تەس››، دېدى.
ئۈچىنچى، نۇرغۇن كونا لېفىتلار ‹‹ئىشلىتىلىش مۇددىتىدىن ھالقىپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە››.
2001 – يىلى، بېيجىڭ شەھەرلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ۋە ئۆي باشقۇرۇش ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك سۈپەت نازارەت قىلىش ئىدارىسى ‹‹بېيجىڭ شەھىرىدىكى تۇرالغۇ لېفىتلىرىنى بىراك قىلىشنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۇقتۇرۇشى››نى چىقىرىپ، ‹‹بىرلا لېفىتلىك(زاپاس لېفىتى يوق)قىلىپ لايىھەلەنگەن بىنالاردىكى لېفىتنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى 15 يىلغا؛ زاپاس لېفىتى بار قىلىپ لايىھەلەنگەن بىنالاردىكى لېفىتنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى 18 يىلغا يەتكەن›› ئەھۋالدا، لېفىتنى چوقۇم بىراك قىلىشنى بەلگىلىگەن. ئەمما بېيجىڭ لېفىت سودىگەرلىرى بىرلەشمىسىدىكىلەر تەكشۈرۈپ، نۇرغۇن لېفىتلارنىڭ ‹‹ئىشلىتىلىش مۇددىتىدىن ھالقىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان››لىقىنى بايقىغان.
تۆتىنچى، لېفىتنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمىگەن.
‹‹ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش نىزامى››دا: ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش ئورۇنلىرى ۋە تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىشنى يولغا قويىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. دۆلىتىمىزدە، بۇ تارماق دۆلەت سۈپەت نازارەت قىلىش – كارانتىن – پىرىيوم باش ئىدارىسى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى ۋە جايلاردىكى سۈپەت نازارەت قىلىش تارماقلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
لياۋ بۇشېن: ‹‹جايلارنىڭ سۈپەت نازارەت قىلىش تارماقلىرى لېفىتنى يىللىق تەكشۈرۈش ۋە كۈندىلىك رېمونت قىلىش – ئاسراشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئەمما سۈپەت نازارەت قىلىش تارماقلىرىنىڭ ئادەم كۈچى چەكلىك، ھازىر لېفىتنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش يەنىلا تەلەپكە يەتمەيدۇ››، دېدى. 2011 – يىلى بېيجىڭنىڭ مېترو 4 – لىنىيەسىنىڭ لېفىتى كەينىگە يېنىپ كېتىپ، بىر كىچىك بالىنىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر لېفىت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما بىر مەزگىلدىن كېيىن نازارەت قىلىش يەنىلا بوشىشىپ كەتكەن.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: لېفىت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نۇرغۇن تارماقلارغا چېتىلىدۇ: لېفىت پىلانىغا پىلان تارماقلىرى، سۈپەت تەكشۈرۈشكە سۈپەت نازارەت قىلىش تارماقلىرى، خوجىلىق شىركەتلىرىگە تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى تارماقلىرى مەسئۇل بولىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، كۆپ تەرەپ بىرلەشكەندىلا لېفىتنىڭ ساغلام مەشغۇلاتىغا مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
(تەھرىر : سەپەر)
«لېفىتنىڭ ‹‹جانغا زامىن بولۇشى›› كىمنىڭ سەۋەنلىكى؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: 【学校行政领导工作制度】
- شەنشىدە دوختۇر تەرىپىدىن ئالداپ سېتىۋې
- ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئوقۇتماسلىق ھ
- نائىنساپ بالا، گۇناھكار دادا
- قىزىغا نىيىتىنى بۇزغان ئەبلەخ
- ئالىمجان،ساقىلىڭىزغا رەھمەت-بوزقىر
- قانۇن بىلمىگەن ئاتاپۇشايماندا
- قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىز
- توي قىلىپ بولغانلار 3 يىلدا بىر قېتىم تۇ
- 【学校行政领导工作制度】
- لېفىتنىڭ ‹‹جانغا زامىن بولۇشى›› كىمن
- 11 نارەسىدە قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان ئە
- 2013-يىلى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭدىن 130 مىڭ
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ساقچىل
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپ
- خىزمەت تېپىش جەريانىدىكى ئادەمنى بىزار
- جىنايەت بېكىتىلگەن ئەمەلدارنىڭ قايتا ۋ
- شەنشىدە دوختۇر تەرىپىدىن ئالداپ سېتىۋېتىلگە
- ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئوقۇتماسلىق ھوقۇقى
- نائىنساپ بالا، گۇناھكار دادا
- قىزىغا نىيىتىنى بۇزغان ئەبلەخ
- ئالىمجان،ساقىلىڭىزغا رەھمەت-بوزقىر
- قانۇن بىلمىگەن ئاتاپۇشايماندا
- قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگ
- توي قىلىپ بولغانلار 3 يىلدا بىر قېتىم تۇغقان
- 【学校行政领导工作制度】
- لېفىتنىڭ ‹‹جانغا زامىن بولۇشى›› كىمنىڭ سەۋ
- 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا خلاپ
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ
- يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلەرنىڭ قانداق قىلمىشل
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادى
- مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قان
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىن
- مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزا
- 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا خلاپ
- قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگ
- قانۇن بىلمىگەن ئاتاپۇشايماندا
- يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- 11 نارەسىدە قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان ئەمەلدا
- ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىش جەريانىدا ھادىس
- جىنايەت بېكىتىلگەن ئەمەلدارنىڭ قايتا ۋەزىپى
- توي قىلىپ بولغانلار 3 يىلدا بىر قېتىم تۇغقان
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتل
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ