دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش نىزامى يولغا قويۇش چارىسى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پەرمانى
187 – نومۇرلۇق
‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <دۆلەت يېرىدىكى ئۆي – ئىمارەتلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› 2013 – يىل 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 12 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى. ئۇنى ھازىر ئېلان قىلدىم. 2014 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇربەكرى
2013 – يىل 15 – نويابىر
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداش، ئۆيى ئېلىنغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ‹‹دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش نىزامى›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹نىزام›› دېيىلىدۇ) غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.
2 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونى دائىرىسىدە دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش ھەرىكىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.
3 – ماددا ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش تەدبىرىنى بېكىتىشتە دېموكراتىك بولۇش، تەرتىپى توغرا بولۇش، تۆلەم ئادىل بولۇش، ئۇچۇر ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش لازىم.
4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى مەمۇرىي رايون ھالقىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىزمىتى مەسئۇل بولىدۇ (تۆۋەندە بىردەك ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت دېيىلىدۇ).
ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن ئۆي ئېلىش تارمىقى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۆي ئېلىش تارمىقى دېيىلىدۇ) شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ.
ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەتنىڭ شەھەر – يېزا پىلانلاش، قۇرۇلۇش، زېمىن بايلىقى، تەرەققىيات – ئىسلاھات، ئۆي – مۈلۈك، مالىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج، مائارىپ، خەلق ئىشلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىقتىسادىي تەپتىش، مەمۇرىي تەپتىش قاتارلىق تارماقلىرى بۇ چارە ۋە تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ئىش تەقسىماتى بويىچە ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
ئېلىنىدىغان ئۆي بار جايدىكى كوچا ئىش باشقارمىسى، بازار (يېزا)لىق خەلق ھۆكۈمىتى، مەھەللە، ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىقلار ئۆي ئېلىش تارمىقىغا ماسلىشىپ، ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
5 – ماددا ئۆي ئېلىش تارمىقى ئۆي ئېلىشنى يولغا قويۇش ئورنىنى ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىشنىڭ كونكرېت خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ھاۋالەنامىگە ھاۋالە قىلىش دائىرىسى، ھوقۇق چېكى، مۇددىتى، مەسئۇلىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار يېزىلىشى كېرەك.
ئۆي ئېلىشنى يولغا قويىدىغان ئورۇندا ئۆي ئېلىش ھەققىدىكى قانۇن – نىزام، سىياسەت ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرگە پىششىق خادىملار بولۇشى، ئۆي ئېلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مۇناسىپ ئىقتىدارنى ھازىرلىغان بولۇشى ھەمدە پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭ خىزمەت خىراجىتىنى ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت ھاۋالە قىلغان ئىشلارغا قىلىنغان ئەمەلىي چىقىمىغا قاراپ ئاجرىتىپ بېرىدۇ.
6 – ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى لازىم.
ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى مالىيە، زېمىن بايلىقى، تەرەققىيات – ئىسلاھات قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى لازىم.
ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخس بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى، ئۆي ئېلىش تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىشقا، مەلۇم قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئۇنى تاپشۇرۇۋالغان ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى، ئۆي ئېلىش تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار پاش قىلىنغان، مەلۇم قىلىنغان ئىشلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى، بىر تەرەپ قىلىشى ھەم تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى پاش قىلغۇچى، مەلۇم قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى لازىم.
مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىزمىتىگە قاتناشقان ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماق ياكى ئورۇنلارغا شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرىگە بولغان مەمۇرىي تەپتىشنى كۈچەيتىشى لازىم.
2 – باب ئۆي ئېلىش قارارى
7 – ماددا ئۆي ئېلىشقا مەسئۇل ھۆكۈمەت ئۆي ئالغاندا چىقارغان قارار ‹‹نىزام››نىڭ 8 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
‹‹نىزام›› نىڭ 8 – ماددىسى (1) تۈرىدىن (4) تۈرىگىچە بولغان بەلگىلىمىلەردىكى قۇرۇلۇش تۈرىگە تەۋە بولسا ئۆي ئېلىش دائىرىسىنى قۇرۇلۇش يېرى پىلانىدىكى ئىجازەت بېرىلگەن دائىرىگە ئاساسەن بېكىتىش كېرەك. ئۆي ئېلىش دائىرىسىدىكى يەرلەرنى جامائەت پاراۋانلىقىدىن باشقا قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
‹‹نىزام›› نىڭ 8 – ماددىسىنىڭ (5) تۈرىدە بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇش تۈرىگە تەۋە بولسا، ئۆي ئېلىش دائىرىسىنى تىزگىنلەش خاراكتېرىدىكى تەپسىلىي پىلان بويىچە بېكىتىش كېرەك. تۆلەم بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى تاماملانماي تۇرۇپ، جامائەت پاراۋانلىقىدىن باشقا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاپ يولغا قويۇشقا بولمايدۇ.
8 – ماددا ئۆي ئالغاندا ئۆي ئېلىش دائىرىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك. ئېلىش كۆلىمى چوڭراق بولسا، باسقۇچقا ئايرىپ يولغا قويۇش ھەمدە ئۆي – مۈلۈك باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قاراپ، ئۆي ئېلىش تۆلەم ئۆلچىمىنى باسقۇچ بويىچە بېكىتىپ، ئۆي ئېلىشقا تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى ئايرىم بېكىتىش ۋە ئۆي ئېلىش قارارىنى ئايرىم چىقىرىش كېرەك.
9 – ماددا ئۆي ئېلىش دائىرىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆي ئېلىش تارمىقى ئۆي ئېلىش دائىرىسىدە يېڭىدىن ئۆي سېلىش، كېڭەيتىپ سېلىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش، ئۆينىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار تەستىقلاش، ئەنگە ئېلىش رەسمىيەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىش ھەققىدە جەمئىيەتكە ئېلان چىقىرىشى، شەھەر – يېزىلارنى پىلانلاش، قۇرۇلۇش، ئۆي – مۈلۈك، زېمىن بايلىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشى كېرەك. ۋاقتىنچە توختىتىش مۇددىتى بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
جەمئىيەتكە ئېلان چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئۆي ئېلىش تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تەدبىرنى قوللىنىپ تۇراقلىق مۈلۈكنى چەكلەش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ زىيان كەلتۈرۈپ چىقارسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
10 – ماددا ئۆي ئېلىش تارمىقى ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى بېكىتىشتىن بۇرۇن، ئۆي ئېلىنىدىغان دائىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تەكشۈرۈپ تىزىملىشى لازىم.
تەكشۈرۈپ تىزىملايدىغان ئاساسلىق مەزمۇنلار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1) ئۆي – مۈلۈك ھوقۇقدارى ياكى ئۆينى ئىگىلەپ تۇرغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى؛
2) يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تىزىملىتىش ئەھۋالى، جۈملىدىن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئۇسۇلى، ئىشلىتىلىشى، يىلى، كۆلىمى؛
3) ئۆي – مۈلۈك ھوقۇقى تىزىملانغان مۈلۈك تەۋەلىكى ئەھۋالى، باشقا تۈرلەر ھوقۇقى تەسىس قىلىنغانلىق ئەھۋالى قاتارلىقلار؛
4) ئۆينىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشى، قۇرۇلمىسى، قۇرۇلۇش كۆلىمى قاتارلىق ئەھۋاللار؛
5) ئۆينىڭ بېزىلىش ئەھۋالى؛
6) ئۆي – مۈلۈك ھوقۇقدارى ۋە ئۆينى ئىگىلەپ تۇرغۇچى ھەمدە دائىملىق نوپۇسى بار بىللە تۇرغۇچىنىڭ تۇرالغۇ كاپالىتى دائىرىسىگە كىرىدىغان – كىرمەيدىغانلىقى؛
7) ۋاقىتلىق ئىمارەت تەستىقلانغان يىل چېكى، سېلىنغان ۋە ئىشلىتىلگەن يىل سانى؛
8) تەكشۈرۈپ تىزىملاشقا تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار.
تەكشۈرۈشكە ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم قاتنىشىشى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە تەكشۈرگۈچى، ئۆي – مۈلۈك ھوقۇقدارى ياكى ئۆينى ئىگىلەپ تۇرغۇچى ئىمزا قويۇپ ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.
11 – ماددا ئۆي ئېلىش تارمىقى تەكشۈرۈپ تىزىملىغان چاغدا، ئېلىش دائىرىسىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تىزىملاتمىغانلىقى ياكى تىزىملىكىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بايقىسا، ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس قىلىپ، شەھەر – يېزا پىلانلاش، قۇرۇلۇش، ئۆي – مۈلۈك، زېمىن بايلىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۆي ۋە ئۆي ئېلىنىدىغان كىشىلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشى كېرەك:
1) شۇ شەھەر، بازارنىڭ يىرىك پىلانى تەستىقلىنىپ ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن سېلىنغان بولسا، قانۇنلۇق ئىمارەت دەپ قارىلىدۇ؛
2) قانۇن بويىچە چېقىۋېتىشكە ياكى مۇسادىرە قىلىشقا تېگىشلىك بولسا، قانۇنغا خىلاپ ئىمارەت دەپ قارىلىدۇ؛ قانۇن بويىچە چېقىۋېتىش ياكى مۇسادىرە قىلىش ئەھۋاللىرىنى شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، پىلاننى يولغا قويۇشقا يوقاتقىلى بولمايدىغان تەسىر پەيدا قىلمىغان ئىمارەت دەپ قارىلىدۇ؛
3) قانۇن بويىچە مەڭگۈلۈك ئىمارەت دەپ ئىمارەت پىلانى ئىجازەتنامىسى بېرىشكە تېگىشلىك بولغان، لېكىن شەھەر – يېزا پىلانلاش تارمىقى ۋاقىتلىق ئىمارەت پىلانى ئىجازەتنامىسى بەرگەن ھەمدە سالغان ئۆينىڭ كۆلىمى، قەۋەت سانى، ئېگىزلىكى قاتارلىقلار ۋاقىتلىق ئىمارەت ئىجازەتنامىسىدىكىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا، قانۇنلۇق ئىمارەت دەپ قارىلىدۇ؛
4) ئولتۇراق ئۆينى سودا تىجارەت ئۆيىگە ئۆزگەرتكەن ھەمدە بۇ ئۆينى تۇرالغۇ قىلىپ، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج تارماقلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرغان بولسا، ئىشلىتىلىشى ئۆزگەرتىلگەن ئىمارەت دەپ قارىلىدۇ؛
5) ھۆكۈم قىلىش، كېسىم قىلىش، ۋارىسلىق قىلىش، مىراس ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلىش سەۋەبىدىن، قانۇنىي ھۆججەتلەر كۈچكە ئىگە بولغان ياكى قانۇنىي پاكىت كۆرۈلگەن، لېكىن ئۆي ھوقۇقى تەۋەلىكىنى يۆتكىمىگەن بولسا، قانۇنىي ھۆججەت ياكى قانۇنىي پاكىتتا بېكىتىلگەن ھوقۇق ئىگىسى ئۆي ئېلىنغۇچى بولىدۇ.
6) ئېلىم – سېتىم توختامى بويىچە ئۆينى ئۆتۈنۈپ بەرگەن، لېكىن ئۆي ھوقۇقى تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىشنى تىزىمغا ئالدۇرمىغان بولسا، ئۆينى ئىگىلەپ تۇرغۇچى ئۆيى ئېلىنىدىغان كىشى دەپ قارىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە چېتىشلىق ئۆي كۆلىمىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتە، مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە ئۆي – مۈلۈك ئۆلچەش – سىزىش ئورنى چىقىرىپ بەرگەن ئۆلچەش – سىزىش نەتىجىسىگە ئاساسەن بېكىتىش كېرەك.
12 – ماددا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆيلەرنى تەكشۈرۈپ تىزىملىغاندا ياكى بېكىتكەندە يازما نەتىجە چىقىرىپ، ئۆيى ئېلىنىدىغان كىشىگە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئۆيى ئېلىنىدىغان كىشى تەكشۈرۈپ تىزىملانغان ياكى بېكىتىلگەن نەتىجىگە باشقىچە پىكىردە بولسا، نەتىجە چىقىرىپ بەرگەن تارماققا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، باشقىچە پىكرى پۇت تىرەپ تۇرالىسا، ئالاقىدار تارماق تۈزىتىشى كېرەك.
13 – ماددا ئۆينى تەكشۈرۈپ تىزىملاپ ۋە بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆي ئېلىش تارمىقى ئىككىدىن ئارتۇق ئۆي – زېمىنگە باھا قويۇش ئاپپاراتىنى ئۆي ئېلىش دائىرىسىدىكى ئۆيلەرنىڭ قىممىتىگە مەسلىھەت خاراكتېرلىك باھا قويغۇزۇشى ھەمدە ھېسابلانغان نەتىجىگە ئاساسەن، تۈر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدىغان ئورۇن بىلەن تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۆي ئېلىش – تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى بېكىتىشى كېرەك:
1) ئېلىنىدىغان ئۆينىڭ قىممىتىگە بېرىلىدىغان تۆلەم، كۆچۈش ۋە ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش تۆلىمى، ئىشلەپچىقىرىشتىن، كەسىپتىن توختىغان زىيان تۆلىمى، ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆيى ئېلىنغۇچىغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما، مۇكاپات قاتارلىق ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىراجىتىنىڭ ھېسابلاپ چىقىلغان ئومۇمىي سوممىسى؛
2) مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلىدىغان ئۆي ۋە ئوبوروتقا ئىشلىتىلىدىغان ئۆينىڭ ئومۇمىي سانى، ئورنى، رولى، سۈپەت ئۆلچىمى قاتارلىقلار؛
3) ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىراجىتىنىڭ تولۇق سوممىسى بويىچە ئەمەلىيلىشىش مۆھلىتى، مەخسۇس ئىسچوت ئېچىپ ئامانەت قويۇش ۋە مەخسۇس پۇلنى شۇ ئىشقا ئىشلىتىش ۋەدىسى؛
14 – ماددا ئۆي ئېلىش – تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى ئۆي ئېلىش تارمىقى بېكىتىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:
1) ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىشنىڭ قانۇنىي ئاساسى ۋە ئۆي ئېلىشتىكى مەقسەت؛
2) تۈر تەستىقلانغان ھۆججەت؛
3) ئۆي ئېلىش تارمىقى، ئۆي ئېلىشنى يولغا قويۇش ئورنى؛
4) ئېلىش دائىرىسى، كۆلىمى، باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇش دائىرىسى، كۆلىمى، ۋاقىت تەرتىپى؛
5) ئېلىنىدىغان ئۆيگە بېرىلىدىغان تۆلەم پۇل ئۆلچىمى، ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە ئاساسى؛
6) مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلىدىغان ئۆي ۋە ئوبوروتقا ئىشلىتىلىدىغان ئۆينىڭ ئەھۋالى ۋە تاللاپ سېتىۋېلىش ئۇسۇلى؛
7) ئېلىنىدىغان ئۆيگە بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى؛
8) تۇرالغۇ كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇش شەرتى ۋە ئۆيگە ئىگە بولۇش ئۇسۇلى؛
9) ئۆي ئېلىشنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە يولغا قويۇش ياكى باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇشتىكى كۆچۈش مۇددىتى، قايتا كۆچۈپ كېلىش مۇددىتى؛
10) ئاممىدىن پىكىر ئېلىش ئۇسۇلى، مۇددىتى؛
11) ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.
ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، دەلىللەپ، ئۆي ئېلىش دائىرىسى ئىچىدە ئېلان قىلىپ، ئاممىدىن ئاشكارا پىكىر ئېلىشى ھەمدە ئېلىنغان پىكىر ئەھۋالىغا قاراپ، ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى تۈزىتىشى، پىكىر ئېلىش ۋە تۈزىتىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
15 – ماددا كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتا ئۆي ئېلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۆيى ئېلىنغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقى ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش لايىھەسى بۇ چارىگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسا، ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت ئۆيى ئېلىنغۇچىلار ۋە ئامما ۋەكىللىرى قاتناشقان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى تەشكىللەپ، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئۆي ئېلىش – تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى تۈزۈشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك.
ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋە ئىسپات ئاڭلىغۇچىنى ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت كۆرسەتكەن خادىملار ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۆي ئېلىش تارمىقى ۋە ئۆي ئېلىشنى يولغا قويۇش ئورنىدىكىلەرنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋە ئىسپات ئاڭلىغۇچىلىقنى ئۈستىگە ئېلىشىغا بولمايدۇ. ئۆيى ئېلىنغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولسا، ئۆزلىرى ۋەكىل سايلاپ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشتۇرسا بولىدۇ.
16 – ماددا ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت ئۆي ئېلىش قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن شەھەر – يېزا پىلانلاش، قۇرۇلۇش، ئۆي – زېمىن، مالىيە، زېمىن بايلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئەرزىيەت، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قاتارلىق تارماقلار ھەم كوچا ئىش باشقارمىلىرى، مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتلىرىنى تەشكىللەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق خېيىم – خەتەرنى باھالاش ئېلىپ بېرىشى لازىم.
ئىجتىمائىي مۇقىملىق خېيىم – خەتەرنى باھالاشتا تەكشۈرۈش سوئال ۋارىقى تارقىتىش، خەلق رايىنى باھالاش، سۆھبەت يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىق خېيىم – خەتەرنى باھالاش مۇنۇ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم:
1) قانۇنلۇقلۇقىنى باھالاش: ئۆي ئېلىش ھەرىكىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇنمۇ – يوق، جامائەت مەنپەئىتى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنمۇ – يوق، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلانغانمۇ – يوق؛
2) مۇۋاپىقلىقلىقىنى باھالاش: ئۆي ئېلىش ھەرىكىتى جامائەتنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتىمۇ – يوق، جامائەتنىڭ رېئال مەنپەئىتى ۋە يىراق كەلگۈسى مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىلدىمۇ – يوق، ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش لايىھەسى كۆپ ساندىكى ئۆيى ئېلىنغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتىمۇ – يوق؛
3) يولغا قويۇش مۇمكىنچىلىكىنى باھالاش: ئېلىنىدىغان ئۆيگە بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى تولۇق سومما بويىچە ئەمەلىيلەشتىمۇ – يوق، مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلىدىغان ئۆي ۋە ئوبوروتقا ئىشلىتىلىدىغان ئۆي ئەمەلىيلەشتىمۇ – يوق، ئۆينىڭ ئورنى، رولى، سۈپەت ئۆلچىمى قاتارلىقلار ئۆيى ئېلىنغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتىمۇ – يوق؛
4) تىزگىنلەش خاراكتېرلىك باھالاش: ئۆي ئېلىشنى يولغا قويغاندا ئاممىۋى خاراكتېرلىك ۋەقە كېلىپ چىقىشى مۇمكىنمۇ – يوق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق خېيىم – خەتەرنى تىزگىنلەش مۇمكىنمۇ – يوق، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ۋە جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى تۈزۈلدىمۇ – يوق.
ئىجتىمائىي مۇقىملىق خېيىم – خەتەرنى باھالاشنى يولغا قويمىغان ياكى باھالاش ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق خېيىم – خەتىرى بار دەپ قارالغان بولسا، ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت ئۆي ئېلىشنى يولغا قويۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش ياكى يول قويماسلىق قارارى چىقىرىشى كېرەك.
17 – ماددا ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت چىقارغان ئۆي ئېلىش قارارىغا چېتىلىدىغان ئۆيى ئېلىنىدىغان ئادەم سانى بىر قەدەر كۆپ بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ (مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ) دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىش كېرەك. ئۆي ئېلىشقا چېتىلىدىغان ئۆيى ئېلىنىدىغانلار سانى بىر قەدەر كۆپ بولغانلىرىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت شۇ جاينىڭ نوپۇس كۆلىمى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىدۇ.
كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئېھتىياجىدىن ئۆي ئېلىشقا توغرا كەلگەن تۈرلەردە، ئۆيى ئېلىنىدىغانلارنىڭ 90 ىدىن ئارتۇقى قوشۇلغاندا، ئاندىن ئۆي ئېلىش قارارى چىقىرىشقا بولىدۇ.
ئۆي ئېلىش تارمىقى ئۆيى ئېلىنىدىغانلاردىن ئۆينى ئۆزگەرتىپ سېلىشقا بولغان ئارزۇسى ھەققىدە بىرمۇ بىر پىكىر ئېلىشى كېرەك، ئۆيى ئېلىنىدىغانلارنىڭ سانى كۆپ بولسا، پىكىر ئېلىش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانسىمۇ بولىدۇ. ئۆيى ئېلىنىدىغانلار ۋەكىل سايلاپ، ۋەكىلنى پىكىر ئېلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇلىرىنى بايان قىلىشقا يازما شەكىلدە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.
18 – ماددا ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت ئۆي ئېلىش قارارى چىقارغاندىن كېيىن ئۇنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك. ئېلاندا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئېنىق يېزىلىشى لازىم:
1) ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش لايىھەسى؛
2) تۆلەم كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇددىتى؛
3) ئېلىش دائىرىسى ئىچىدە ئۆينى يېڭىدىن سېلىش، كېڭەيتىپ سېلىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش ۋە ئۆينىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئۆينىڭ تۆلەم پۇلىنى نامۇۋاپىق ئاشۇرۇۋېتىدىغان قىلمىشلارنى چەكلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە؛
4) ئېلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلىش مۇددىتى ھەمدە قايتا قاراپ چىقىش ئورگىنى ۋە تەۋەلىك سوت.
19 – ماددا ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت ۋە ئۆي ئېلىش تارمىقى ئۆي ئېلىش سەۋەبىدىن ئۆيى ئېلىنغۇچىنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇش ۋە ئۆيدىن پايدىلىنىش شارائىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ.
ئۆيى ئېلىنغۇچى پۇل ئېلىشنى تاللىسىمۇ، ئۆي – مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ، ئۆي ئېلىش تارمىقىنىڭ ئۆيى ئېلىنغۇچىنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى چەكلەپ قويۇشىغا بولمايدۇ.
20 – ماددا ئېلىنىدىغان ئۆيگە پۇل شەكلى ئارقىلىق تۆلەم بەرگەندە، ئېلىنىدىغان ئۆينىڭ قىممىتىگە بېرىلىدىغان تۆلەم ئۆي ئېلىش قارارى ئېلان قىلىنغان كۈندىكى ئېلىنىدىغان ئۆيگە ئوخشاش بولغان ئۆي – زېمىن بازىرىدىكى باھادىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك؛ جۈملىدىن، شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيىنىڭ باھاسى شۇ رايوندىكى يېڭى سېلىنغان ئاددىي تاۋار ئۆينىڭ ئوتتۇرىچە بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
ئۆي – مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تۆلەم بەرگەندە، مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلغان ئۆينىڭ تەڭ چېچىلغان كۆلۈمى ئېلىنغان ئۆينىڭ تەڭ چېچىلغان كۆلىمىدىن چوڭ بولسا، ئۆي ئېلىش تارمىقى ئۆيى ئېلىنغۇچىغا تەڭ چېچىلغان كۆلىمى قوشۇلۇپ قالغانلىقتىن ئىشلىتىش كۆلىمى كېمىيىپ كەتكەنلىك زىيىنىغا تۆلەم بېرىشى كېرەك، تۆلەم ئۆلچىمى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېلىنىدىغان ئۆيلەرگە باھا قويۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
21 – ماددا ئېلىنغان ئۆينىڭ ئىشلىتىلگەن يەر دائىرىسىدىكى ئىشلىتىش كۆلىمى ئىمارەتنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، يەر بازىرىدىكى باھا بويىچە ئايرىم باھا قويۇپ تۆلەپ بېرىش كېرەك.
ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت ۋە ئۆي ئېلىش تارمىقى يەر ئىشلىتىش ھەققى ئالمىغانلىقنى ياكى تۆۋەن باھالىق مۈلۈك ھوقۇقى ئارقىلىق ئۆي ئالماشتۇرمىغانلىقنى باھانە قىلىپ، ئۆي – زېمىن باھاسىنى بېكىتىش ئاپپاراتىنىڭ شۇ يەرگە بازار باھاسى بويىچە باھا قويۇشىغا چەكلەش بەلگىلىمىسى چىقىرىشىغا بولمايدۇ.
22 – ماددا ئېلىنغان ئۆينىڭ قىممىتىنى باھالاشتا ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىلەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە ئۆي – زېمىنغا باھا قويۇش ئاپپاراتى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆي ئېلىشتا باھا قويۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە باھا قويۇشى كېرەك. ئۆي ئېلىش تارمىقى ئۆي ئېلىش – تۆلەم بېرىش لايىھەسىگە ئاساسەن، ئۆيى ئېلىنغۇچى بىلەن كېڭىشىپ، تۆلەم پۇلىنى بېكىتكەن بولسا، شۇ كېلىشىم بويىچە ئىجرا قىلىش كېرەك.
23 – ماددا ئۆي – زېمىنغا باھا قويۇش ئاپپاراتىنى ئۆيى ئېلىنغۇچىلار كېڭىشىپ بېكىتىدۇ؛ ئۆزى كېلىشەلمىسە، كۆپ سانلىقلار ئارقىلىق بېكىتىش، ئىختىيار تاللاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بېكىتىدۇ ھەم تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىدۇ:
1) ئۆي ئالغۇچى تارماق باھا ئۇچۇرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ؛
2) مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە ئۆي – زېمىنغا باھا قويغۇچى ئاپپارات تىزىملىتىدۇ؛
3) ئۆي ئالغۇچى تارماق تىزىملاتقان تەرتىپ بويىچە ئۆي – زېمىنغا باھا قويغۇچى ئاپپاراتنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ؛
4) ئۆيى ئېلىنغۇچى تىزىملىك ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە كېڭىشىپ، باھا قويغۇچى ئاپپاراتنى تاللايدۇ ھەم كېڭىشىش نەتىجىسىنى ئۆي ئالغۇچى ئاپپاراتقا يازمىچە دوكلات قىلىدۇ؛
5) ئۆيى ئېلىنغۇچى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە كېلىشەلمىسە، ئۆي ئالغۇچى تارماق ئۆيى ئېلىنغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش پىرىنسىپى بويىچە ئاۋازغا قويۇپ بېكىتىدۇ. نومۇر چايقاش، چەك تارتىش ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ.
6) ئۆي ئالغۇچى تارماق ئۆيى ئېلىنغۇچىلار كېڭىشىپ بېكىتكەن ياكى ئۆيى ئېلىنغۇچىلار ئاۋازغا قويۇپ تاللىغان، نومۇر چايقاش، چەك تارتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بېكىتكەن ئۆي – زېمىنغا باھا قويغۇچى ئاپپاراتنى ئېلان قىلىدۇ.
ئۆي – زېمىنغا باھا قويغۇچى ئاپپاراتنى بېكىتىش جەريانى ئاشكارا بولۇش كېرەك. ئۆي ئالغۇچى تارماق ئۆيى ئېلىنغۇچىلارنى يىغىپ، ئۆي – زېمىنغا باھا قويغۇچى ئاپپاراتنى تاللىغان، بېكىتكەن بولسا، تاللاش، بېكىتىش خاتىرىسى قالدۇرۇشى، ئۆيى ئېلىنغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى ياكى جامائەت ئىشەنچسىگە ئىگە ۋەكىللەر نازارەت قىلىشى ھەم گۇۋاھلىق بېرىش ئاپپاراتى قانۇن بويىچە گۇۋاھلىق بېرىپ كېرەك.
ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۆيى ئېلىنغۇچىلار قانۇن بويىچە تاللاپ بېكىتكەن باھا قويغۇچى ئاپپاراتقا كاشىلا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مەمۇرىي رايون سىرتىدىكى باھا قويۇش ئاپپاراتىنىڭ ئۆي – مۈلۈككە باھا قويۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەتكە قېقىشىغا، باھا قويغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئۆي مۈلۈككە مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ، ئادىل باھا قويۇش خىزمىتىگە كاشىلا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
24 – ماددا ئۆي – زېمىنغا باھا قويۇش ئاپپاراتى ئۆيلەرنى ئائىلە بويىچە باھالىغان دەسلەپكى نەتىجىسىنى ئۆي ئېلىش دائىرىسىدە ئېلان قىلىشى كېرەك. ئۆيى ئېلىنغۇچىلار ئائىلە بويىچە باھالىغان دەسلەپكى نەتىجىگە باشقىچە پىكىردە بولسا، ئۆي – زېمىنغا باھا قويۇش ئاپپاراتى ئائىلە بويىچە باھالىغان دەسلەپكى نەتىجىنى چۈشەندۈرۈشى ۋە ئۇنىڭغا ئىزاھات بېرىشى كېرەك. خاتالىق بار بولسا، تۈزىتىشى كېرەك.
25 – ماددا ئۆيى ئېلىنغۇچى ياكى ئۆي ئالغۇچى تارماق دەسلەپكى نەتىجىگە باشقىچە پىكىردە بولسا، باھالاش دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە، ئەسلىدىكى ئۆي – زېمىنغا باھا قويۇش ئاپپاراتىغا قايتا باھا قويۇش ھەققىدە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەسلىدىكى باھا قويۇش ئاپپاراتى قايتا باھا قويۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنىدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىشى ھەمدە قايتا قاراپ چىقىش نەتىجىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
ئۆيى ئېلىنغۇچى ياكى ئۆي ئالغۇچى تارماق قايتا قاراپ چىقىش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكىردە بولسا، ئۆي – زېمىنغا باھا قويۇش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىغا بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
26 – ماددا ئۆي – زېمىنغا باھا قويۇش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى تەشكىللەپ قۇرىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى مۇددەتلىك تۈزۈمنى يولغا قويىدۇ، ئۈچ يىلدا بىر قېتىم سايلىنىپ بىر قېتىم تەڭشىلىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ.
ئۆي – زېمىنغا باھا قويۇش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى باھا قويۇش خىزمىتىنى مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ، ئادىل قانات يايدۇرۇشى كېرەك، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۇنىڭغا كاشىلا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
27 – ماددا ئۆي – زېمىنغا باھا قويۇش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى باھا قويدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈچ كىشىدىن ئارتۇق تاق سانلىق مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللىشى ھەمدە گۇرۇپپا باشلىقىنى بېكىتىشى كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەزالىرىدىن باھالاش دوكلاتى يېزىپ بېرىدىغان كىشى ياكى باھالاش ئىشلىرى بىلەن پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بار كىشى ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى كېرەك.
مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ماتېرىيال كۆرۈش، نەق مەيداننى تەكشۈرۈش، تېخنىكىلىق تەھلىل قىلىش، كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق باھالىشى، يازما باھالاش پىكرى يېزىشى، ئۇنىڭغا ئۆزى ئىمزا قويۇشى ھەمدە ئۆي – زېمىنغا باھا قويۇش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ تامغىسىنى بېسىشى كېرەك.
مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى باھالاش دوكلاتىدا سەۋەنلىك بار دەپ قارىسا، باھالاش دوكلاتىنى يېزىپ بەرگەن ئۆي – زېمىنغا باھا قويۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشى كېرەك.
28 – ماددا ئۆي – زېمىنغا باھا قويۇش خىراجىتىنى ئۆي ئالغۇچى تارماق بېرىدۇ، باھا قويۇشنى قايتا تەكشۈرۈش خىراجىتىنى ئەسلىي باھا قويغان ئاپپارات ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۆي – زېمىنغا باھا قويۇش دوكلاتىنى باھالاش خىراجىتىنى ئىلتىماس قىلغان كىشى ئاۋۋال بېرىپ تۇرىدۇ، باھالاش نەتىجىسىدە باھا قويۇش دوكلاتىدا سەۋەنلىك بار دەپ قارالسا، ئەسلىي باھا قويغان ئاپپارات ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئۆي – زېمىنغا باھا قويۇش، باھالاش خىراجىتى باھا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۆي ئالغۇچى تارماقنىڭ ئۇنى نېسى قىلىشىغا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھا ئېلىش ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باھالاش خىراجىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە ياكى ئۆستۈرۈۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ ئۆي – زېمىنغا باھا قويۇش ئاپپاراتىنىڭ ناتوغرا رىقابەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق باھا قويۇش ئىشلىرىنى ئېلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
29 – ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 11 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىنىدىغان ئۆيگە بېرىلىدىغان تۆلەم پۇل تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق بېكىتىلىشى كېرەك:
1) قانۇنلۇق ئىمارەت دەپ بېكىتىلسە، تولۇق تۆلەم بېرىلىدۇ؛
2) قانۇنسىز ئىمارەت دەپ بېكىتىلسە، تۆلەم بېرىلمەيدۇ؛
3) پىلاندا يوقاتقىلى بولمايدىغان، تەسىر يەتكۈزمىگەن ئىمارەت ھەمدە ئىشلىتىشى ئۆزگەرتىلگەن ئىمارەت دەپ قارالسا، ئۆي – زېمىنغا باھا قويۇش ئاپپاراتى ئۆينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ باھا قويۇشى ھەمدە ھوقۇق ھالىتى ۋە ئەمەلىي نەرسە ئەھۋالىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، ئۆينىڭ تۆلەم پۇلىنى بېكىتىشى كېرەك.
ئۆيى ئېلىنغۇچى مۇشۇ چارىنىڭ 11 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۆلەمگە ئېرىشكەن ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بار كىشى تۆلەم بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، ئۆيى ئېلىنغۇچى بىلەن كېڭىشىش، كېسىم قىلىش ياكى ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلسا بولىدۇ.
30 – ماددا ئۆي ئالغۇچى تارماق ئۆي ئېلىش دائىرىسىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئالاقىدار رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، يېڭىدىن سالغان، ئۆزگەرتىپ سالغان، كېڭەيتىپ سالغان ئۆيلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىسمىغا تۆلەم بېرىلمەيدۇ، تۇرالغۇنى تىجارەت سورۇنىغا ئۆزگەرتىۋالغان بولسا، تۇرالغۇ قاتارىدا تۆلەم بېرىلىدۇ، تىجارەتتىن، ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغانلىق زىيىنىغا تۆلەم بېرىلمەيدۇ؛ نوپۇس كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ياكى ئايرىۋېتىلگەن بولسا، تۇرالغۇ كاپالىتى ئوبيېكتى ۋە ئەڭ تۆۋەن تۇرالغۇ كاپالىتى كۆلىمىنى بېكىتكەندە ھېسابقا ئېلىنمايدۇ.
31 – ماددا شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇسىنى ئالغاندا، ئۆيى ئېلىنغۇچى تۇرالغۇغا كاپالەتلىك قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولسا، ئالدى بىلەن ئېتىبار بېرىشى كېرەك. تۇرالغۇ كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ بولغان ئېلىنىدىغان ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان كىشى ئۆي كاپالىتى شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئۆي تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆي كاپالىتى تارمىقى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، ئالدىن ھەل قىلىدۇ.
32 – ماددا كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش سەۋەبىدىن شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇسىنى ئېلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۆيى ئېلىنغۇچى ئالدى بىلەن ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدىغان جايدا ئۆي – مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇشنى تاللاشقا ھوقۇقلۇق. ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدىغان جايدا ئۆيى ئېلىنغۇچىنىڭ ئۆي تاللىشىنى قاندۇرغىلى بولمىسا، شۇ جايغا يېقىن يەردىكى ئۆيدىن ئۆيى ئېلىنغۇچىنىڭ تاللىشىغا تەمىن ئېتىش كېرەك. ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدىغان جايدا ياكى شۇ جايغا يېقىن يەردە تەمىن ئېتىلگەن مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلىدىغان ئۆينىڭ كونكرېت ئورنى، سانى، قۇرۇلما شەكلى، قۇرۇلۇش كۆلىمى، سۈپەت ئۆلچىمى قاتارلىقلار ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش لايىھەسىدىكى ۋەدىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
33 – ماددا ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشنى ئېلىشتا، ئۆينىڭ قىممىتىگە بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش تەستىقلانغاندىكى ئىشلىتىش مۇددىتىنىڭ قېپقالغان يىل چېكى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ ئىشلىتىش مۇددىتى ئېنىق يېزىلمىغان بولسا، قېپقالغان ئىشلىتىش يىل چېكى ئۆي ئېلىش دائىرىسى بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل ھېسابلىنىدۇ.
34 – ماددا ئۆيدە ئولتۇرغۇچىغا سېتىپ بېرىلمىگەن ئورۇنلار ئۆزى سالغان تۇرالغۇلىرىنى ئالماقچى بولغاندا، ئۆينى سالغان ئورۇن مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇشنى تاللىغان بولسا، مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلغان ئۆيگە ئۆيدە ئولتۇرغۇچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛ تۆلەمگە پۇل بېرىشنى تاللىغان بولسا، تۆلەم پۇلىنىڭ 80 ىنى ئۆيدە ئولتۇرغۇچىغا بېرىش كېرەك.
ئېلىنىدىغان ئۆي سالغان ئورۇننىڭ ۋەيران بولۇش، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش، قوشۇۋېتىش، قايتىدىن تەشكىللەش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئۆزگەرتىپ تىزىملانغان بولسا، ئۆيدە ئولتۇرغۇچى تۆلەم ئۇسۇلىنى تاللايدۇ ھەمدە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆيدە ئولتۇرغۇچىغا تۆلەم بېرىدۇ.
ئۆيدە ئولتۇرغۇچى ئورۇننىڭ ھۆكۈمەت ئۆيىنى ئۆز مەيلىچە ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى شەھەر – يېزا پىلانلاش تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ ئورۇننىڭ يېرىدە ئۆي سالسا، مۇشۇ چارىنىڭ 11 – ۋە 29 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن تۆلەم بېرىش بېكىتىلىدۇ.
بۇ ماددىدا دېيىلگەن ئۆيدە ئولتۇرغۇچى ئورۇنلار ئۆزى سالغان ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەر (ئىش ئورنىدىن قالغان، تارقاقلاشتۇرۇلغان، ئىشتىن بوشىتىلغان خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ياكى باشقا بېقىش، قاراش مەجبۇرىيىتى بار پايدا – زىيان مۇناسىۋىتىدىكى كىشىلەر، شۇنداقلا ئۆينى سېتىۋالغۇچىنى كۆرسىتىدۇ.
35 – ماددا ئۆيى ئېلىنغانلىقتىن كۆچۈشكە توغرا كەلسە، ئۆي ئېلىش تارمىقى ئۆيى ئېلىنغۇچىغا بازار باھاسى بويىچە كۆچۈش تۆلەم پۇلى بېرىشى كېرەك.
مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆي بېرىلگەن بولسا، مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلغان ئۆينى تاپشۇرۇپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۆيى ئېلىنغۇچى ئوبوروت ئۆي بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۆي ئېلىش تارمىقى ئوبوروت ئۆي بېرىشى؛ ئۆيى ئېلىنغۇچى ئوبوروت ئۆينى ئۆزى ھەل قىلسا، ئۆي ئېلىش تارمىقى ئۆيى ئېلىنغۇچىغا ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش تۆلەم پۇلى بېرىشى كېرەك؛
ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش تۆلەم پۇلىنى چىقىم قىلىش مۇددىتىنى ئۆي ئېلىش تارمىقى بىلەن ئۆيى ئېلىنغۇچى مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلغان ئۆي تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغان مۇۋاپىق مۆلچەر مەزگىل بويىچە تۆلەم بېرىش كېلىشىمدە بېكىتىۋالىدۇ؛ مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلغان ئۆي تاپشۇرۇپ بېرىلگەن كۈن كېلىشىمدە بېكىتىلگەن مۇددەتتىن ئېشىپ كەتسە، ئۆي ئېلىش تارمىقى ئەمەلىي مۇددەت بويىچە ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش تۆلەم پۇلىنى تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك.
36 – ماددا ئۆيى ئېلىنىش تۈپەيلىدىن ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى توختىتىلغانلارغا تۆۋەندىكى شەكىللەر بويىچە تۆلەم بېرىلىدۇ:
1) ئۆيى ئېلىنىۋېلىنغۇچىنىڭ مۈلۈك ئالماشتۇرۇشنى تاللىغانلىرىغا، ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە تىجارىتىنى توختىتىش سۈرۈكىگە ئاساسەن، ئۆيىنى ئېلىۋېلىشنى قارار قىلغان كۈندىكى ئېلىۋېلىنغان ئۆينىڭ بازاردىكى ئىجارە باھاسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان ئۆلچەم بويىچە ئىككى ئايلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە تىجارەتنى توختىتىش زىيىنىغا تۆلەم بېرىلىدۇ؛ ئۆيى ئېلىنىۋېلىنغۇچىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە تىجارەتنى توختىتىش زىيىنىغا بېرىلگەن تۆلەم ئەمەلىي زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا يەتمەيدۇ، دەپ قارىغانلىرى، ئۆينى ئېلىش تارماقلىرىغا ئۆيى ئېلىنىۋېلىشتىن بۇرۇنقى بىر يىللىق ئەمەلىي تىجارەت ئۈنۈمى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى تارقىتىۋېتىش خىراجىتى، ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى چېقىش، ئىجارە بېرىش زىيىنى، ساقلانغان مالنى تۆۋەن باھادا سېتىش زىيىنى قاتارلىق ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تەمىنلەيدۇ، ئۆي – مۈلۈك باھاسىنى باھالاش تارمىقى باھالايدۇ ھەمدە باھالاش نەتىجىسى بويىچە تۆلەم بېرىدۇ؛
2) ئۆيى ئېلىۋېلىنغۇچى پۇل تۆلەم بېرىشنى تاللىسا، ئۆي ئېلىش تارماقلىرى ئۆيى ئېلىنغۇچىغا ئالدىنقى بەلگىلىمىدىكى ئۆلچەم بويىچە، كېڭىشىپ بېكىتىش ئارقىلىق ئىككى ئايدىن كەم بولماسلىق ئۆلچىمى بىلەن بىر قېتىمدىلا ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە تىجارەتنى توختىتىش زىيىنىغا تۆلەم بېرىدۇ.
ئېلىۋېلىنغان ئۆيدىكى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە تىجارەتچى شۇ ئۆينىڭ ئىگىسى بولمىسا، ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە تىجارەتنى توختىتىش زىيىنى تۆلىمى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە تىجارەتچىگە بېرىلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە تىجارەتنى توختىتىش زىيىنىغا دائىر ئىسپات ماتېرىيالى تەمىنلەشكە توغرا كەلسە، بۇنى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە تىجارەتچى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۆيى ئېلىۋېلىنغۇچى بىلەن ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەتچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىيان تۆلىمىنى تەقسىملەش توغرىسىدا ئايرىم كېلىشىم بولسا، شۇ بويىچە بولىدۇ.
37 – ماددا ئېلىۋېلىنىپ ئىجارىگە ئىشلىتىدىغان ئۆينىڭ ئېلىۋېلىنغۇچى كىشى ئۆي ئىجارە توختامىنى بىكار قىلغانلىرىدا، ئۆي باھاسى تۆلىمى، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش تۆلىمى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇكاپاتى ۋە ياردەم پۇلى ئۆي ئېلىۋېلىنغۇچىغا بېرىلىدۇ، ئۆي كۆچۈرۈش تۆلىمى ئۆي ئىجارە ئالغۇچىغا بېرىلىدۇ؛ ئۆيى ئېلىنىۋېلىنغۇچى ئۆي تىجارەت توختامىنى بىكار قىلمىغان، ئۆي ئىجارە ئالغۇچىغا ئوبوروت ئۆي بېرەلمىگەنلىرىدە، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش تۆلىمى ئۆي ئىجارە ئالغۇچىغا بېرىلىدۇ، ئۆيى ئېلىنىۋېلىنغۇچى بىلەن ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئوتتۇرىسىدا ئۆي كۆچۈرۈش تۆلىمى، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش تۆلىمىنى تەقسىملەش توغرىسىدا ئايرىم كېلىشىم بولسا، شۇ بويىچە بولىدۇ.
38 – ماددا ئېلىۋېلىنغان ئۆينىڭ رەنە ھوقۇقى بولغانلىرىدا، رەنە قويغۇچى رەنە ھوقۇقى بار كىشى بىلەن كېڭىشىپ، رەنە ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شەكلى جەھەتتە كېلىشىشى كېرەك. ئۆيى ئېلىنىۋېلىنغۇچىنىڭ مۈلۈك ئالماشتۇرۇشنى تاللىغانلىرىدا، رەنە ھوقۇقى بار كىشى بىلەن رەنە بۇيۇمىنى ئالماشتۇرۇشنى كېڭىشىشكە بولىدۇ؛ ئۆيى ئېلىنىۋېلىنغۇچىنىڭ پۇل تۆلىمىنى تاللىغانلىرىدا، رەنە ھوقۇقى بار كىشى بىلەن قەرزنى ئالدىن تۈگىتىش، رەنە بۇيۇمىنى ئالماشتۇرۇش ياكى باشقىچە كېپىل بولۇشنى كېڭىشىشكە بولىدۇ. رەنە قويغۇچى بىلەن رەنە ھوقۇقى بار كىشىنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغانلىرىدا، ئۆي ئېلىش تارماقلىرى تۆلەم پۇلىنى ئامانەت قويۇش توغرىسىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك.
39 – ماددا ئېلىنغان ئۆينى چېقىشتا بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە كۆچمىگەنلەرنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا توسالغۇ پەيدا قىلماسلىق، پاراكەندىچىلىك سالماسلىق كېرەك.
ئېلىنىدىغان ئۆي ئىككى قەۋەتتىن ئارتۇق بولسا، ئۆي ئېلىش تارمىقى چېقىش قۇرۇلۇشىنى مۇناسىپ سالاھىيەت دەرىجىسى بار قۇرۇلۇش ئىشلەش كارخانىسىغا ھۆددىگە بېرىشى ھەمدە چېقىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاشتىن 51 كۈن بۇرۇن ‹‹قۇرۇلۇشتا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش نىزامى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ ئۆي بار جايدىكى تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
40 – ماددا ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش كېلىشىمىنى ئۆي ئېلىش تارمىقى بىلەن ئۆيى ئېلىنغۇچى ئىمزالايدۇ. ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش كېلىشىمىگە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.
1) ئۆي ئېلىش تارمىقى ۋە ئۆيى ئېلىنغۇچى ياكى ئۆي ئىگىسى؛
2) ئېلىنىدىغان ئۆينىڭ ئورنى، ھوقۇق تەۋەلىكى، ئىشلىتىلىشى، قۇرۇلۇش كۆلىمى، قۇرۇلمىسى، تەڭ چېچىش كوئېففىتسېنتى، قەۋىتى قاتارلىقلار؛
3) ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش ئۇسۇلى؛
4) ئۆينىڭ قىممىتىگە بېرىلىدىغان تۆلەم سوممىسى، ھېسابلاش ئۇسۇلى، چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ۋە مۇددىتى قاتارلىقلار؛
5) مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلىدىغان ئۆينىڭ ئورنى، ئىشلىتىلىشى، قۇرۇلۇش كۆلىمى، قۇرۇلمىسى، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى، تەڭ چېچىش كوئېففىتسېنتى، قەۋىتى، باھا پەرقىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى؛
6) كۆچۈشكە بېرىلىدىغان تۆلەم سوممىسى، كۆچۈش مۇددىتى، ئۆتكۈنچى ئۇسۇلى ۋە مۇددىتى، قايتىپ كىرىش مۇددىتى قاتارلىقلار؛
7) ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش تۆلەم سوممىسى ياكى ئوبوروت ئۆينىڭ ئەھۋالى؛
8) ئىشلەپچىقىرىشتىن، كەسىپتىن توختىغان زىيانغا بېرىلىدىغان تۆلەم سوممىسى، ھېسابلاش ئۇسۇلى؛
9) كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى؛
10) باشقا كېلىشىپ بېكىتىدىغان ئىشلار.
41 – ماددا كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئېھتىياجىدىن ئۆي ئېلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۆي ئېلىش تارمىقى ئۆيى ئېلىنغۇچى بىلەن كۈچكە ئىگە بولۇش شەرتى قوشۇمچە قىلىنغان تۆلەم كېلىشىمى ئىمزالىشى كېرەك. ئۆي ئېلىش قارارىدا ئېلان قىلىنغان تۆلەم كېلىشىمى ئىمزالاش مۇددىتى ئىچىدە ئىمزالانغان كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتكەن بولسا، تۆلەم كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئېلىنغان ئۆينىڭ تۆلەم پۇلى، ئورۇنلىشىش پۇلى بېرىلىپ كۆچۈرۈلىدۇ؛ بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتمىگەن بولسا، تۆلەم كېلىشىمى ئىناۋەتسىز بولۇپ، ئۆي ئېلىش قارارىنى ئىجرا قىلىش توختايدۇ.
تۆلەم كېلىشىمى ئىمزالاش مۇددىتى ئىچىدە ئىمزالىنىدىغان نىسبەتنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۆلەم كېلىشىمى ئىمزالاش نىسبىتى جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىق خېيىم – خەتىرىنى باھالاشقا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 90 تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
42 – ماددا ئۆي ئېلىش تارمىقى بىلەن ئۆيى ئېلىنغۇچى تۆلەم كېلىشىمى ئىمزالاش مۇددىتى ئىچىدە تۆلەم كېلىشىمى ئىمزالىيالمىسا، ئۆي ئېلىش تارمىقى ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس قىلىدۇ، ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت ئۆي ئېلىش، تۆلەم بېرىش لايىھەسىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە ئۆي ئېلىش، تۆلەم بېرىش قارارىنى چىقىرىپ، ئۆيى ئېلىنغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ھەمدە ئۆيى ئېلىنغان دائىرىدە ئېلان قىلىدۇ. ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش قارارى چىقىرىلىشتىن بۇرۇن، ئېلىنىدىغان ئۆينىڭ قىممىتىنى باھالاش نەتىجىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئۆي – زېمىن باھاسىنى باھالاش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن بولسا، تەكشۈرۈپ بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.
ئۆيى ئېلىنغۇچى تۆلەم بېرىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ ياكى قانۇن بويىچە مەمۇرىي دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
43 – ماددا ئۆي ئالغاندا ئاۋۋال تۆلەم بېرىش، ئاندىن كۆچۈرۈش كېرەك.
ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت ئۆيى ئېلىنغۇچىغا تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، ئۆيى ئېلىنغۇچى تۆلەم بېرىش كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن ياكى تۆلەم بېرىش قارارىدا بېكىتىلگەن كۆچۈش سۈرۈكى ئىچىدە كۆچۈپ بولۇشى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئالدامچىلىق، زوراۋانلىق قىلىش، قورقۇتۇش ئارقىلىق ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سۇ، ئىسسىقلىق، گاز، توك بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش ۋە يول قاتنىشىنى ئۈزۈۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار، شۇنداقلا ۋەزىپىسىدىن توختىتىش، ئىش ئورنىدىن ئايرىش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ئىشتىن ھەيدەش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆيى ئېلىنغۇچىنى تۆلەم كېلىشىمى ئىمزالاشقا زورلىشىغا ياكى كۆچۈشكە مەجبۇرلىشىغا بولمايدۇ. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ كۆچۈرۈش ھەرىكىتىگە ئارىلىشىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
ئېلىنغان ئۆينى چېقىش ئېلىنغان ئۆينى چېقىشتا بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە كۆچمىگەنلەرنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا توسالغۇ پەيدا قىلماسلىق، پاراكەندىچىلىك سالماسلىق كېرەك.
ئېلىنىدىغان ئۆي ئىككى قەۋەتتىن ئارتۇق بولسا، ئۆي ئېلىش تارمىقى چېقىش قۇرۇلۇشىنى مۇناسىپ سالاھىيەت دەرىجىسى بار قۇرۇلۇش ئىشلەش كارخانىسىغا ھۆددە بېرىشى ھەمدە چېقىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاشتىن 51 كۈن بۇرۇن ‹‹قۇرۇلۇشتا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش نىزامى›› دىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ ئۆي بار جايدىكى تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
44 – ماددا ئۆيى ئېلىنغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلمىسا ھەمدە ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش قارارىدا بەلگىلەنگەن كۆچۈش مۇددىتى ئىچىدە كۆچمىسە، ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن، ئۆي ئېلىش تارمىقى ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش قارارىنى ئادا قىلىش توغرىسىدا ئۆيى ئېلىنغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىپ ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشىنى تەشكىللىشى ھەققىدە كېسىم چىقارغان بولسا، ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشتىن ئىلگىرى جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى باھالىشى ھەمدە ئۆيى ئېلىنغۇچىغا مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش ۋاقتى، ئۇسۇلىنى يازمىچە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
45 – ماددا ئۆي ئېلىش تارمىقى ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئائىلە بويىچە تۆلەم بېرىش نەتىجىسىنى ئۆي ئېلىش دائىرىسىدە ئۆيى ئېلىنغۇچىلارغا ئېلان قىلىشى كېرەك. ئۆي ئېلىش، تۆلەم بېرىش ئارخىپىنى ئۆيى ئېلىنغۇچىلارنىڭ كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىپ، ئۆيى ئېلىنغۇچىلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.
ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش مەبلىغىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەخسۇس ھېساب ئېچىپ ئامانەت قويۇش، مەخسۇس پۇلنى مەخسۇس ئىشقا ئىشلىتىش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىراجىتى ۋە ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت بېكىتكەن تولۇقلىما، مۇكاپات پۇلىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى ھەمدە ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
46 – ماددا ئۆيى ئېلىنغۇچى ئالغان تۆلەم پۇلى سوممىسى ئىچىدە سېتىۋالغان ئۆي ياكى مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇپ ئىگە بولغان ئۆيدىن يەر ئىشلىتىش، ئۆي سودىسى، ئۆينى تىزىملاش قاتارلىق ھەقلەر قانۇن بويىچە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، تاپاۋەت بېجى، تىجارەت بېجى، ئۆي خېتى بېجى قانۇن بويىچە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ ۋە كېمەيتىلىدۇ؛ ئۆيى ئېلىنغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدا بولۇپ، ئەسلىدىكى نوپۇسى بار جايدىكى مەكتەپكە داۋاملىق كىرىشنى خالىسا، مەكتەپ قاراشلىق رايون ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ؛ ئەسلىي ئولتۇرۇشلۇق جايىدا شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئائىلە بولسا، كۆچۈپ كەلگەن جايدىكى ئۆلچەم بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى داۋاملىق ئۇلاپ تارقىتىپ بېرىلىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە تەكشۈرۈلۈپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت بېرىلىدۇ.
3 – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق
47 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى شۇ دەرىجىلىك خەل ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكار خادىملارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) بۇ چارىدە بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپلەرگە خىلاپ ھالدا ئۆي ئېلىش دائىرىسىنى بېكىتسە، ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى تۈزسە، ئۆي ئېلىش قارارى ياكى تۆلەم بېرىش قارارى چىقارسا؛
2) ئۆي – زېمىنغا باھا قويۇش ئاپپاراتى ياكى ئۆي – زېمىن باھاسىنى باھالاش مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتىنىڭ باھالاش خىزمىتىنى مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ، ئادىل قانات يايدۇرۇشىغا ئارىلاشسا ياكى ئۆينىڭ قىممىتىگە بېرىلىدىغان تۆلەم باھاسىنى بىۋاسىتە بېكىتسە؛
3) ئۆيى ئېلىنغۇچىنىڭ باھالاش ئاپپاراتىنى تاللاپ بېكىتىش، تۆلەم بېرىش – ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى تاللاش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى مەمۇرىي دەۋا ئەرزى سۇنۇش قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا توسقۇنلۇق قىلسا ياكى ئۇنى چەكلىسە؛
4) قانۇنسىز ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنسىز ئۇسۇللارنى قوللىنىشىغا سۈكۈت قىلىپ ، ئۆيى ئېلىنغۇچىنى تۆلەم كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا ياكى كۆچۈشكە مەجبۇرلىسا؛
5) مەجبۇرىي چېقىش – كۆچۈرۈشنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا يولغا قويسا؛
6) ئۆي ئېلىش – تۆلەم بېرىش نەتىجىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلىمىسا؛
7) جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجىدىن بولمىغان تۈرلەرگە ئۆي ئالسا؛
8) باشقا خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش قىلمىشلىرى بولسا.
48 – ماددا زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش، ئۆسەك سۆز تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۆي ئېلىش، تۆلەم بېرىش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش چارىسى كۆرۈلىدۇ، جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
49 – ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن جازا بېرىشكە تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار كۆرۈلسە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
4 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
50 – ماددا جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجىدىن شەھەر – بازار پىلانلانغان رايون ئىچىدىكى يېزا، كەنت ياكى شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان جايدىكى كوللېكتىپ يېرىدىكى ئۆينى ئېلىشقا توغرا كەلگەندە، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ئۆي يېرى ياكى كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىنى قايتا تەڭشەپ بېرەلمەي، ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت ئۆيى ئېلىنغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ئۆيى ئېلىنغۇچىنى شەھەر – بازار ئاھالىسىگە ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىپ، كوللېكتىپ يېرىنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشتا مۇشۇ چارە بويىچە تۆلەم بېرىشكە بولىدۇ.
51 – ماددا ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجىدىن بولمىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئۆي ئېلىشىغا بولمايدۇ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالدامچىلىق، زوراۋانلىق قىلىش، قورقۇتۇش ئارقىلىق ياكى ئۆي ئىگىسىنىڭ تۇرمۇشىغا كاشىلا پەيدا قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆي ئىگىسىنى تۆلەم بېرىش – ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشقا ياكى كۆچۈشكە مەجبۇرلىسا، ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى توسىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغاندا، شەھەر – يېزا پىلانلاش، زېمىن بايلىقى، تەرەققىيات – ئىسلاھات، قۇرۇلۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە قۇرۇلۇش تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك تەستىق ھۆججىتىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
(تەھرىر : سەپەر)
«دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش نىزامى يولغا قويۇش چارىسى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: شىنجاڭدا ئۆيلەرنى مەجبۇرىي چېقىش قاتتىق چەكلىنىدۇ
- شىنجاڭدا ئۆيلەرنى مەجبۇرىي چېقىش قاتتى
- دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم
- قارا نىيەتلەر يۈز نىقابىدىن پايدىلىنىپ
- ئالى مەكتەپ ئوقوغوچىسى مەكتەپ ئۈستىدىن
- قانۇنسىز بىللە تۇرغان مەزگىلدە بىر تەرە
- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللە
- تاشيول قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلى
- قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈز
- توختاملىق ئوقۇتقۇچى نىمە سەۋەپتىن جىنا
- دادىسى تەرىپىدىن بەش يىل باسقۇنچىلىققا
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىر
- شەنشىدە دوختۇر تەرىپىدىن ئالداپ سېتىۋې
- ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئوقۇتماسلىق ھ
- نائىنساپ بالا، گۇناھكار دادا
- قىزىغا نىيىتىنى بۇزغان ئەبلەخ
- شىنجاڭدا ئۆيلەرنى مەجبۇرىي چېقىش قاتتىق چەكل
- دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش
- قارا نىيەتلەر يۈز نىقابىدىن پايدىلىنىپ دېلو
- ئالى مەكتەپ ئوقوغوچىسى مەكتەپ ئۈستىدىن سوت م
- قانۇنسىز بىللە تۇرغان مەزگىلدە بىر تەرەپ ئۆل
- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر
- تاشيول قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇ
- قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ
- توختاملىق ئوقۇتقۇچى نىمە سەۋەپتىن جىنايەت يو
- 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا خلاپ
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ
- يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلەرنىڭ قانداق قىلمىشل
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادى
- مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قان
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىن
- مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزا
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇ
- مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزا
- 【学校行政领导工作制度】
- ئالىمجان،ساقىلىڭىزغا رەھمەت-بوزقىر
- جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى
- ج خ ج نىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇن
- جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىز
- چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى