ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > قانۇن تۇزۇم > تولۇق مەزمۇنى

توختاملىق ئوقۇتقۇچى نىمە سەۋەپتىن جىنايەت يولىغا قەدەم باستى

ۋاقىت : 2013-09-17 19:49 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم


توختاملىق ئوقۇتقۇچى نىمە سەۋەپتىن جىنايەت يولىغا قەدەم باستى

توختاملىق ئوقۇتقۇچى نىمە سەۋەپتىن جىنايەت يولىغا قەدەم باستى

ئالى بىلىم يۇرتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تۈگىتىپ كەلگەن ئالىيە ئۆيدە بىكار ئولتۇرغىچە دەپ مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە توختاملىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى. ئالىيە بىر مەزگىل ئىشلىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ خۇشاللىقى ئۇزۇنغا بارمىدى، بىر كۈنى ئالىيەنىڭ ساقسىز بولۇپ قالدى ھەمدە بەل ئومۇرتقىسىنى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ گاڭبەن سالدۇرۇش بىلەن بىرگە 3 تال قوۋۇرغۇسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى،ئەينى ۋاقىتتا دوختۇرلار تەپسىلى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئالىيەنىڭ سۆڭەك توبىركىليوز كىسىلىگە گېرىپتار بولغانلىقىنىمۇ ئېيىتتى.بۇ ئىشلار ئالىيەگە ئېغىر كىلىش بىلەن بىرگە روھى چۈشۈپ جىمغۇرمۇ بولۇپ قالدى .

بۇلتۇر ماي كۈنلىرىنىڭ بىرى ، ئالىيە بازار ئايلىنىش جەريانىدا شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان مەلۇم بىر ئالتۇن دۇككىنىغا كىرىپ ، بىر ئالتۇن زەنجىر بىلەن بىر دانە ئۈزۈكنى تاللىدى دە پۇل تۆلەپ كىلەي دىگىنىچە پىرگازچىكلارنىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ دۇككاندىن ئايرىلدى . بىر قانچە كۈندىن كىيىن ئالىيە ئوغۇرلىغان ئالتۇن زەنجىرنى سېتىپ خىراجەت قىلدى . تۇنجى قېتىملىق ھەركىتىدىن مەمنۇن بولغان ئالىيە بىر ئاي دەم ئالدى دە يەنە شۇ ئالتۇن دۇككىنىغا كىرىپ ئالتۇن ئوغۇرلىدى. شۇنداق قىلىپ ئالىيە قىسقىغىنە ئالتە ئاي ئىچىدە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن بىرلا ئورۇندا ئالتە قېتىم دىلۇ سادىر قىلدى،خۇشاللىقنىڭ كەينىدە خاپىلىق ئەگىپ يۈرىيدۇ دىگەندەك، ئالىيە 6 –قېتىم ھەركەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا سېزىلىپ قالدى . ئالىيە بۇلتۇر 19-دېكابىر ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە توختۇتۇلۇپ، 27-دېكابىر كۈنى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: «جاۋاپكار ئالىيە بۇلتۇر مايدىن باشلاپ 27-نويابىرغىچە ئاتۇش شەھەر ئىچىدە ئۆزى يالغۇز 6 قېتىم ئوغۇرلۇق دىلوسى سادىر قىلىپ باشقىلارغا 19843.2 يۇەن زىيان سالغان بولۇپ، زىيان تولۇق ئەسلىگە كىلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان، جاۋاپكارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ سوت مەھكىمىسىگە شىكايەت قىلدى.

ئالىيە سوتتا : «مەن قاماقخانىدا يېتىش جەريانىدا قانۇنىنى تولۇق چۇشۇنۇپ يەتتىم، ئۆزەمنىڭ كىسلىمنى دەپ ئېزىپ بۇ ئوغۇرلۇقنى قىلىپ ساپتىمەن، قىلمىشىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلدىم، شۇڭا كىسەللىك ئەھۋالىمنى كۆزدە تۇتۇپ قانۇننىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دەپ ئىقرار قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلىدى.

ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى دىلۇغا قاراپ چىققاندىن كىيىن ،جاۋاپكار ئالىيەنىڭ ئۆزى يالغۇز بىر قېتىم ئوغۇرلۇق دىلوسى سادىر قىلىپ باشقىلارغا 19843.2 يۇەن قىممىتىدە زىيان سالغانلىقتىن ئىبارەت پاكىتنى بىكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىدىن ئوغۇلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دەلىل- ئىسپاتلارنى تەھلىل قىلىپ دىلۇنىڭ پاكىتلىرىنى بىكىتىشى، قانۇن ماددىلارنى تەدبىقىلىشى توغرا بولغان، ئەيىپلەشنامە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، جاۋاپكارلارغا جازا ئولچەشتە- جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇپ تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، زىياننى تولۇق قايتۇرغانلىقى، كىسەللىكى قاتارلىق تەرەپلەرنى بىرلەشتۇرۇپ نەزەرگە ئېلىپ يىنىك جازا بىرىشكە تىگشىلىك دەپ قاراپ21 –مارت سوت ئېچىپ، جاۋاپكار ئالىيەنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۇچۇن مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ ۋاختىنچە تۇرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنسون. قوشۇمچە 10000 يۇەن جەرىمانە قويۇلسۇن دەپ ھۆكۈم چىقاردى .

 

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ