ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى(5)
22 – ماددا لېفىتنى لېفىت ياسىغان ئورۇن ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان، قانۇن بويىچە مۇناسىپ ئىجازەت ئالغان ئورۇن قۇراشتۇرۇشى، ئۆزگەرتىشى ۋە رېمونت قىلىشى شەرت. لېفىت ياسىغۇچى ئورۇنلاردىن لېفىتنى قۇراشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىشنى باشقا ئورۇنغا ھاۋالە قىلغانلىرى ئۇلارنىڭ قۇراشتۇرۇشى، ئۆزگەرتىشى ۋە رېمونت قىلىشىغا بىخەتەرلىك جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشى ھەمدە بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە تەكشۈرۈشى ۋە تەڭشىشى كېرەك. لېفىت ياسىغۇچى ئورۇن لېفىتنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارىغا جاۋابكار بولىدۇ.
23 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرىدىغان، ئۆزگەرتىدىغان، رېمونت قىلىدىغان ئورۇنلار ئىش باشلاشتىن بۇرۇن، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىش ئەھۋالىنى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ياكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
24 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى قۇراشتۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ، رېمونت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قۇراشتۇرغان، ئۆزگەرتكەن، رېمونت قىلغان ئورۇن ئالاقىدار تېخنىكا ماتېرىياللىرى ۋە ھۆججەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن 30 كۈن ئىچىدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۇنى شۇ ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئارخىپىغا سېلىشى كېرەك.
25 – ماددا پار قازان، بېسىملىق قاچا، بېسىملىق تۇرۇبا زاپچاسلىرى قاتارلىق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ياساش جەريانى ۋە پار قازان، بېسىملىق قاچا، بېسىملىق تۇرۇبا، لېفىت، كىران، ئاسما سۆرىگۈچ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن – تاماشا ئەسلىھەسىنى قۇراشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش، چوڭ رېمونت قىلىش جەريانىنى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرگۈچى ئاپپارات بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك؛ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈلمىگەن ياكى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەنلىرىنى زاۋۇتتىن چىقىرىشقا ياكى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.
26 – ماددا دۆلەت چاتىقى بار ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى قايتۇرۇۋېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردىن ئىشلەپچىقىرىش سەۋەبى بىلەن، بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئوخشاش چاتاق بارلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇن دەرھال توختىتىشى، ئۆزلۈكىدىن قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك.
گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى قايتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قايتۇرۇۋالمىغان ئەھۋالنى بايقىغاندا، ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇننى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇشى كېرەك.
3 – پاراگراف تىجارەت قىلىش
27 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ساتقۇچى ئورۇنلار ساتقان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسى ۋە ئالاقىدار ئۆلچەمدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى، لايىھە ھۆججىتى، مەھسۇلات سۈپىتى لاياقەت ئىسپاتى، قۇراشتۇرۇش، ئىشلىتىش، ئاسراش چۈشەندۈرمىسى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىق ئالاقىدار تېخنىكا ماتېرىياللىرى ۋە ھۆججەتلىرى تولۇق بولۇشى كېرەك.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى(5)»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېينكىسى: يوق
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلى
- ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چا
- شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇر
- ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ھوقۇقىن
- بوۋاقنى سېتىۋەتكەن دوختۇرغا ئۆلۈم جازا
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلا
- 2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغا
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ ي
- تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «جىنايى
- ياش-ئۆسمۈرلەرگە دائىر دىلو مىساللىرى ۋە
- ج خ ج نىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغدا
- شىنجاڭدا ئۆيلەرنى مەجبۇرىي چېقىش قاتتى
- دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم
- قارا نىيەتلەر يۈز نىقابىدىن پايدىلىنىپ
- ئالى مەكتەپ ئوقوغوچىسى مەكتەپ ئۈستىدىن
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قان
- ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى
- شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىز
- ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ھوقۇقىنىڭ تەۋ
- بوۋاقنى سېتىۋەتكەن دوختۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېر
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇ
- 2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن لىكس
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلى
- تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «جىنايى ئىشل
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن لىكس
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلى
- 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا خلاپ
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ
- يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلەرنىڭ قانداق قىلمىشل
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادى
- مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قان
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىن
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇ
- ج خ ج نىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇ
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بى
- مائارىپ قانۇنلىرى
- جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى
- جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىز
- چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى
- مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزا
- پارتىيە 17-نۆۋەتلىك 4-ئۇمۇمى يىغىنى