پارتىيە 17-نۆۋەتلىك 4-ئۇمۇمى يىغىنى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى
كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا دائىر بىر قانچە زور مەسىلە
توغرىسىدىكى قارارى
(2009 - يىل 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 17 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 17 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا 60 يىل بولغان پەيتتە، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش پارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ زەربىسىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق ھەم تېزرەك تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى ئۇلۇغ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىدى. ئومۇمىي يىغىن يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا دائىر بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك قارار چىقاردى:
1. يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغان 88 يىل، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 60 يىل، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان 30 يىلدىن بۇيان، بىر قانچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆز مەسئۇلىيىتى قىلىپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈردى. مەملىكىتىمىز يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتتىن مىللىي مۇستەقىللىق قولغا كەلتۈرۈلگەن، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولغان يېڭى جەمئىيەتكە، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابتىن سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشقا، يۈكسەك مەركەزلەشكەن پىلان ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە، يېپىق ۋە يېرىم يېپىق ھالەتتىن ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشكە ئۆتكەن تارىخىي ئۆزگىرىشنى ئارقا - ئارقىدىن ئىشقا ئاشۇردى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، خەلقئارا ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا قەد كۆتۈردى. بۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنيانى بىلىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشىدىكى ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن، ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئۇلۇغ ئىنقىلاب. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزممۇ بولمايتتى. جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىشتىكى ئاچقۇچ پارتىيىدە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك.
بۈگۈنكى دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش ۋە زور تەڭشەش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تېز بولۇۋاتىدۇ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر بولۇپ، دۇنيانىڭ ئىقتىساد ئەندىزىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا يېڭى ھالەت كۆرۈلدى، دۇنيانىڭ ئىدىيە، مەدەنىيەت ئالاقىسى، يۇغۇرۇلۇشى، گىرەلىشىشىدە يېڭى ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا ئۈستۈنلۈككە ئىگە، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى بىلەن تۈرلۈك كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىشىش تېخىمۇ كەسكىنلەشتى، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىس ئېلىپ كەلدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئوموميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەرلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇش چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇپ، يېڭى تارىخىي پەللىدىن ئالغا بېسىۋاتىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇش ھەم ئۇزاققىچە تۇرۇشتەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىۋاتقان ماددىي، مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتتە ئۆزگىرىش بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا بىر قاتار باسقۇچ خاراكتېرلىك يېڭى ئالاھىدىلىك ۋە بىر قاتار يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر كۆرۈلدى. 1 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتتە، پارتىيىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپىسىنىڭ مۈشكۈللۈكى، مۇرەككەپلىكى، ئېغىرلىقى دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ. پارتىيە بۇنداق يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىككى ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ قۇرۇلۇش قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى ۋە ياخشىلىشى كېرەك.
پارتىيە قۇرۇلۇشى پارتىيە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبە قازىنىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيىمىز ئۆزىنىڭ تارىخي ئورنى ۋە مەركىزىي ۋەزىپىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيىسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتلەردە غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيىسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيىسى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەھۋالى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ساپاسى پارتىيىنىڭ زىممىسىگە ئالغان تارىخي بۇرچىغا ئومۇمىي جەھەتتىن ماس كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، پارتىيىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىگە ماس كەلمەيدىغان بىر مۇنچە مەسىلىلەرمۇ ساقلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى: قىسمەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار نەزەرىيە ئۆگىنىشىگە سەل قاراپ، ئۆگىنىش بىلەن ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى بىر - بىرىگە باغلىماي، ئىدىيە - ئېتىقادتا تەۋرىنىپ، ماركسىزملىق ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويماقتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىغا بولغان ئىشەنچى كەمچىل بولۇۋاتىدۇ؛ قىسمەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى ئاجىز، بەزىلىرى مەركەزنىڭ سىياسەت - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلمايدۇ، بەزىلىرىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولمايۋاتىدۇ، قىسمەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى، ئىنتىزام قارىشى تۆۋەن؛ قىسمەن رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئومۇمىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشى يېتەرلىك ئەمەس، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز، بەزى جايلار، تارماقلارنىڭ كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە ۋەزىپىگە قويۇشتا ئومۇمنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىشى دېگەندەك ئەمەس، مەنسەپ كويىدا قاتراش، ئەمەل تەلەپ قىلىش، ئەمەل سېتىۋېلىش - ئەمەل سېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر قانچە چەكلىگەن بىلەن يوقالمايۋاتىدۇ؛ قىسمەن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى كۈچلۈك ئەمەس، بەزىلىرى ئاجىز ھەم چېچىلاڭغۇ، بەزى ساھەلەردە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسى تازا كەڭ ئەمەس، قىسمەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيىۋىلىك قارىشى سۇس، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى كۆرۈنەرلىك ئەمەس؛ بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي مەقسەت ئېڭى سۇس، ئاممىدىن، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان، پرىنسىپ بويىچە ئىش قىلمايدۇ، مەسئۇلىيەتسىز، سۆز بىلەن ھەرىكىتى بىردەك ئەمەس، ساختىپەزلىك قىلىدۇ، ئىسراپخورلۇق ۋە ھەشەمەتچىلىك قىلىدۇ، راھەت - پاراغەتكە بېرىلىدۇ، شەخسىيەتچىلىكى گەۋدىلىك، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىقى ئېغىر؛ بەزى رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىشىش دېلولىرىنىڭ تەسىرى يامان، بەزى ساھەلەردە چىرىكلىشىش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىلەر پارتىيىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرىدۇ، پارتىيىنىڭ ئامما بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى ئورۇنداشقا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنى پۈتۈن پارتىيىنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغاپ، چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
پۈتكۈل پارتىيە شۇنى ئەستە تۇتۇشى كېرەككى، پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنى بىر ئەجىر بىلەن مەڭگۈ راھەت كۆرگىلى بولىدىغان، مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان ئىش ئەمەس، ئىلگىرى ئىلغار بولسا ھازىرمۇ ئىلغار بولۇۋەرمەيدۇ، ھازىر ئىلغار بولسا مەڭگۈ ئىلغار بولۇۋەرمەيدۇ؛ ئىلگىرى ئېرىشكەنلىرىمىز ھازىر ئېرىشكەنلىرىمىزدىن، ھازىر ئېرىشكەنلىرىمىز مەڭگۈ ئېرىشكەنلىرىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر پارتىيە قۇرۇلۇشىغا يېڭى تەلەپ قويدى. پارتىيىمىز دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى ۋە تاشقى مۇھىت سىنىقى ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە كەسكىن. پارتىيە پارتىيىنى باشقۇرۇش، پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋەزىپىسى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن ئېغىرلاشتى ۋە تەخىرسىزلەشتى. پارتىيىدىكى بارلىق يولداش چوقۇم خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ - خەتەرنى ئەستىن چىقارماي، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ قېلىشىدىن دائىم ئەنسىرەپ، پارتىيىنى گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، دادىل ئىسلاھ قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، مەڭگۈ قاتماللاشماي، بىر ئىزدا توختاپ قالماي، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيىمىزنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ھەر خىل خەۋپ - خەتەر ۋە سىناقلارغا تاقابىل تۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تايانچىسى بولۇشىغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
2. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش، تەتبىقلاش، بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش
پارتىيىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيىنى قانداق قۇرۇشتىن ئىبارەت زور مەسىلىنى چۆرىدەپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ ۋە تەتبىقلاپ، دۇنيادىكى بەزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيىلەرنىڭ گۈللىنىش، ھالاك بولۇش تەجرىبە - ساۋاقلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، پارتىيىمىزنىڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە بولۇش سۈپىتىدە ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىدىكى ئاساسىي تەجرىبىلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى ۋە ئۇنى شەكىللەندۈردى.
بىرىنچى، ئىدىيە - نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيىنىڭ ماركسىزم سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىدىيە - نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى باشتىن - ئاخىر نېگىزلىك قۇرۇلۇش سۈپىتىدە تۇتۇپ، پارتىيىنىڭ ئىدىيىۋى لۇشيەنى، ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتانى تۈزىتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاۋاملاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ماركسىزم - لېنىنىزم ئىدىيىسى، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلىم - پەن نەزەرىيىسىدىن پايدىلىنىپ، ئوبيېكتىپ دۇنيا ۋە سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، پارتىيە نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتىدە باشتىن - ئاخىر دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ ۋە ئىجادچانلىقىنى بېيىتىش كېرەك.
ئىككىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ باشتىن - ئاخىر سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئۇلۇغ ئىشلارنى زىچ چۆرىدىشى ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشى، پارتىيىنىڭ سىياسىي لۇشيەنى بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ، پارتىيىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇشى، شۇنداقلا پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي نىشانى بويىچە كۈچەيتىلىشى كېرەك، پارتىيىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولغان تەرەققىياتنى ياخشى تۇتۇپ، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
ئۈچىنچى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىپ، ھاكىمىيەتنى ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇش، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلار ۋە كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتكومنىڭ رەھبەرلىك يادرولۇق رولى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت - نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيىنى جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە، جۇڭگودىكى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە، جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە باشتىن - ئاخىر ۋەكىللىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
تۆتىنچى، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش كېرەك. جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق ئاممىۋى قاراش ۋە پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى رېئاللاشتۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى يۈكسەلدۈرۈپ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، خەلقنى ئويلاش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيىنىڭ سىنىپىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاممىۋى ئاساسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيىنى باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.
بەشىنچى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە، ئۆزىگە دەۋر تەرەققىياتى بىلەن تەلەپ قويۇش ۋە قاراش، ئۆزىنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن يۈكسەلدۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىدە، نەزەرىيىسىدە، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە نىزامىنى ئاساس، دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يادرو قىلغان تۈزۈم سىستېمىسىنى قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ساقلاپ، پارتىيىنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
ئالتىنچى، پارتىيە پارتىيىنى باشقۇرۇش، پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ پارتىيىنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيىنى ئىدارە قىلىش، پارتىيىنى چوقۇم قاتتىق ئىدارە قىلىش زۆرۈر، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، قاتتىق تەلەپ قويۇش، قاتتىق تەربىيىلەش، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىدنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ئىنتىزامىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كىشىلەرنىڭ مايىللىقى ۋە پارتىيىنىڭ ھايات - ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى قەتئىي بوشاشماي قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزىتىپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش كېرەك.
بۇ ئاساسىي تەجرىبىلەر كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىزم قۇرۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى گەۋدىلەندۈردى ۋە چوڭقۇرلاشتۇردى، ھەسسىلەپ ئەھمىيەت بېرىش، ھەسسىلەپ قەدىرلەش، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم يېتەكچى پرىنسىپى سۈپىتىدە ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇش ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىش، راۋاجلاندۇرۇش شەرت.
يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا، پارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى تەلەپ بويىچە ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇشنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇشنى، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى، پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى، پۈتكۈل پارتىيىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتىكى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى، پارتىيە، خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى نەزەردە تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىيىن نۇقتىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلات قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرىدىغان، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان، راستچىل ۋە ئەمەلىيەتچىل، ئىسلاھ قىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، پاك، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئىتتىپاق، ئىناق، ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، پارتىيىنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
3. ماركسىزملىق ئۆگىنىشچان پارتىيە قۇرۇپ، پۈتكۈل پارتىيىنىڭ سىياسىي - ئىدىيىۋى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش
دۇنيا ئۆزگەرمەكتە، ۋەزىيەت تەرەققىي قىلماقتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتى چوڭقۇرلاشماقتا، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇپ، بارلىق ئىلمىي يېڭى ئىدىيە، يېڭى بىلىم، يېڭى تەجرىبىلەرنى تىرىشىپ ئىگىلەش ۋە قوللىنىش پارتىيىنىڭ باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل. ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش، دۇنياۋى نەزەرگە ئىگە بولۇش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي بولۇش تەلىپى بويىچە ماركسىزملىق ئۆگىنىشچان پارتىيە قۇرۇشنى مۇھىم، تەخىرسىز ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ، ياخشى تۇتۇش شەرت.
(1) ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاۋاملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ماركسىزمنى پارتىيە، دۆلەت قۇرۇشنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيىسى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەن ھالدا نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەت جەريانىدا سىناپ، راۋاجلاندۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ماركسىزم بىلەن يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ماركسىزملىق ئۆگىنىشچان پارتىيە قۇرۇشنىڭ مۇھىم باش ۋەزىپىسى. ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، ھازىرقى دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيىمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان يېڭى تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، ماركسىزم دېگەن نېمە؟ ماركسىزمغا قانداق قاراش كېرەك؟ سوتسىيالىزم دېگەن نېمە؟ سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش؟ قانداق پارتىيە قۇرۇش؟ پارتىيىنى قانداق قۇرۇش؟ قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش؟ قانداق تەرەققىي قىلىش قاتارلىق زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەزەرىيىلەرنى يەكۈنلەپ، نەزەرىيىۋى قايىل قىلىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى بېيىتىپ، راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنيانى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇش ۋە ئۆزگەرتىش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك نەزەرىيە يېتەكچىسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ماركسىزملىق نەزەرىيىۋى تەتقىقات ۋە قۇرۇلۇش تۈرىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيىتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىلمىي سىستېما ۋە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى سىستېمىسىنى قۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم ماركسىزم نەزەرىيىچىلىرى، بولۇپمۇ ياش، ئوتتۇرا ياش نەزەرىيىچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئوقۇتۇش ماتېرىيالىغا، دەرسخانىلارغا، كاللىغا كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي نەزەرىيىۋى تەربىيىنىڭ ئاممىنى تەربىيىلەش، يېتەكلەش رولىنى كۈچەيتىش كېرەك.
(2) جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى بىلەن پۈتۈن پارتىيىنى قوراللاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى سىستېمىلىق ئىگىلىتىش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش - ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق سىياسىي يۆنىلىش، جامائەت پىكرى يۆنىلىشى، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى ۋە تۈزۈلمە مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆگىنىش - ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشتە ئۈلگە بولۇپ، نەزەرىيە ساپاسى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ماركسىزم، بولۇپمۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئىستراتېگىيە تەپەككۇرى، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، پەرق ئېتىش تەپەككۇرى ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە باشلامچىلىق بىلەن ئىزدىنىشى ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشى كېرەك. نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆگىنىش ئىستىلىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى نەزەرىيە ئۆگىنىشنى خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرى، ئۆز رايونى، ئۆز ئورنىدىكى مۇھىم ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق مەسىلىلىرى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، خىزمەتتىكى پرىنسىپچانلىق، سىستېمىلىق، ئالدىن كۆرەرلىك، ئىجادچانلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.
(3) سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى بويىچە ئۆگىنىش - تەربىيىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئۆگىنىشى، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى ماركسىزملىق ئۆگىنىشچان پارتىيە قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە. غايە، ئېتىقاد تەربىيىسىنى پۈتۈن پارتىيىنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى ئۆگىنىش - ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پروگراممىسى، ئاساسىي تەجرىبىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئاشۇرۇشقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئاشۇرۇشقا، كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىغا قەتئىي ئېتىقاد قىلغۇچىلاردىن بولۇشقا تەربىيىلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە ئېڭى، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيىنىڭ غېمىنى يەپ، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيىنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى ۋە سىياسىي - ئىدىيىۋى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىي سەزگۈرلۈكى ۋە سىياسىي پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىدىيىۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ماركسىزم بىلەن ماركسىزمغا قارشى تۇرۇشنىڭ چەك - چېگرىسىنى، سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك سۇبيېكت قىلىنىپ، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك تەڭ راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم بىلەن خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە نوقۇل ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ چەك - چېگرىسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە بىلەن غەربچە كاپىتالىستىك دېموكراتىيىنىڭ چەك - چېگرىسىنى، سوتسىيالىستىك ئىدىيە، مەدەنىيەت بىلەن فېئودالىزم، كاپىتالىزملىق چىرىك ئىدىيە، مەدەنىيەتنىڭ چەك - چېگرىسىنى ئاڭلىق يوسۇندا ئېنىق ئايرىپ، تۈرلۈك خاتا ئىدىيىنىڭ تەسىرىنى قەتئىي توسۇپ، باشتىن - ئاخىر مەيدانى مۇستەھكەم، كاللىسى سەگەك بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى، پارتىيىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى تەربىيىسى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسى تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك شەرەپ - نومۇس قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئالىيجاناب پەزىلەت ۋە ساغلام تۇرمۇش ھەۋىسى يېتىلدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەتنى باشلامچىلىق بىلەن ساقلاشقا يېتەكلەش كېرەك.
(4) ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيىدە ئۆگىنىشنى قەدىرلەيدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ كىتابتىن، ئەمەلىيەتتىن، ئاممىدىن پائال ئۆگىنىپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئۇنىۋېرسال ساپا، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتىغا، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى ئۆگىنىشچان رەھبەرلىك بەنزىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ماركسىزم نەزەرىيىسى، پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرى، پارتىيە تارىخىنى نۇقتىلىق ئۆگىنىشكە، شۇنىڭ بىلەن بىللە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا، جەمئىيەت ۋە خەلقئاراغا دائىر بىلىملەرنى كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىشكە تەشكىللەش كېرەك. پۈتۈن پارتىيىنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى، نەزەرىيە تەشۋىقات قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيىلىنىش، ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى رەھبىرىي كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك. پارتىيە مەكتىپى، مەمۇرىي ئىنستىتۇت، كادىرلار ئىنستىتۇتى ۋە مىللىي مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ماركسىزملىق ئۆگىنىشچان پارتىيە قۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
4. دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش كېرەك
پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە پارتىيىنىڭ ھاياتى، مەركەزلەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيىنىڭ كۈچ كاپالىتى. دېموكراتىيە ئاساسىدىكى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى نېگىز، پارتىيە ئىچىدىكى ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساس قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيىنىڭ ئارزۇسى ۋە تەشەببۇسلىرىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيىنىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە ئارقىلىق خەلق دېموكراتىيىسىگە تۈرتكە بولۇش، پارتىيىنىڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
(1) پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىلمىي رەھبەرلىك تۈزۈمى پارتىيىنىڭ دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيىنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىدا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيىسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتكوملار ھەم خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، ئەدلىيە ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇن ۋە ئۆزلىرىنىڭ نىزامنامىلىرى بويىچە مۇستەقىل مەسئۇل بولۇپ، بىردەك ماسلىشىپ خىزمەت ئىشلىشىنى قوللىشى، ھەم بۇ تەشكىلاتلاردىكى پارتگۇرۇپپىلارنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتكوملارنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە فۇنكسىيىسىنى ئادا قىلىشىنى قوللاپ، پارتىيىنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە بولغان رەھبەرلىكىنى دۆلەت ھاكىمىيىتى تەشكىلاتى ئارقىلىق يولغا قويۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك. پارتىيىنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھوقۇق، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يەرلىك پارتكوملارنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى، تارماق پارتگۇرۇپپىلىرى (پارتكوملىرى) نىڭ خىزمەت مېخانىزمىنى، پارتىيىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسى - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيىنىڭ ئارمىيىگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈپ پرىنسىپى ۋە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش مۇساپىسىدە دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاققىچە بىللە ياشاش، ئۆز ئارا نازارەت قىلىش، بىر بىرىدىن سىر ساقلىماسلىق، ياخشى كۈنلەردىمۇ، يامان كۈنلەردىمۇ بىللە بولۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىش كۆرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، دېموكراتىك ئاساستا نازارەت قىلىش فۇنكسىيىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى قوللاپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ نازارىتىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنى پارتىيىمىزنىڭ ھەقىقىي يېقىن دوستى بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. بىرلىك سەپكە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيىلەر، مىللەتلەر، دىنلار، قاتلاملار، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
(2) پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنى ۋە دېموكراتىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئىشلارغا قاتنىشىشىنى كۆپەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئىشلارغا قاتنىشىش سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىشىدا ئاشكارا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئۇچۇرنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئۇچۇرنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن تارقىلىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. پارتكوم ئاخبارات باياناتچىسى تۈزۈمى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە گېزىت - ژۇرناللىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تور پونكىتىنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پىكىر بايان قىلىش يولىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئىشلار توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش، ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈش، پارتىيە ئەزالىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنى قەرەللىك باھالاش قاتارلىق تۈزۈملەرنى تۇرغۇزۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنى راست سۆزلەش، كۆڭلىدىكىنى ئېيتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە شۇنداق قىلغانلارنى قوغداپ، پارتىيە ئىچىدە دېموكراتىك مۇھاكىمە قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيىسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىيە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ھوقۇقنى توغرا ئىشلىتىش، مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.
(3) پارتىيە قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلام، 1 - سەپتىكى ۋەكىللەر سانىنى كۆپەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ كەڭ دائىرىلىك بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نامزاتلارنى كۆرسىتىشكە قاتنىشىشىنى كۆپەيتىپ، نامزات كۆرسىتىش شەكلىنى ياخشىلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تەكلىپ بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ مۇھىم قارار بەلگىلەشكە قاتنىشىش، مۇھىم كادىرلارنى كۆرسىتىش ۋە دېموكراتىك باھالاش، پارتكومنىڭ ئالاقىدار يىغىنىغا چەتتىن قاتنىشىش، پارتىيىلىك ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش قاتارلىق تۈزۈم ۋە چارىلەرنى تۇرغۇزۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ ئالاقە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ۋەكىللەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى تولۇق يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك. بىر قىسىم ناھىيە (شەھەر، رايون)لەرنى تاللاپ، پارتىيە قۇرۇلتىيى دائىمىي ۋەزىپە ئۆتەش تۈزۈمىنى داۋاملىق سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سايلام چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سايلام تەرتىپى ۋە ئاۋاز بېرىش شەكلىنى ياخشىلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، نامزاتلارنى تونۇشتۇرۇش چارىسىنى ياخشىلاش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما ئاشكارا كۆرسىتىش بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلى كۆرسىتىشنى بىرلەشتۈرۈش چارىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىك بەنزىسىنى بىۋاسىتە سايلاش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىش كېرەك. پارتىيىدىكى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ سايلىغۇچىلارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە سايلاش ھوقۇقىنى ئۆز ئالدىغا يۈرگۈزۈشىگە ھەرقانداق شەكىل بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشىغا بولمايدۇ. سايلام ئارقىلىق ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن رەھبىرىي كادىرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە خىزمەت ئالماشتۇرۇشىنى قاتتىق كونترول قىلىش، سايلام نەتىجىسىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.
(4) پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتى كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىملىرىنى كېڭىشىش، يىغىندا قارار قىلىش پرىنسىپى بويىچە مۇھىم ئىشلارنى قارار قىلىشى كېرەك. ئومۇمىي ئەزالار يىغىنىنىڭ مۇھىم مەسىلىلەردىكى تەدبىر بەلگىلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ مۇھاكىمە قائىدىسى ۋە تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك پارتكوم مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىش ۋە مۇھىم كادىرلارنى ئىشقا قويۇشتا ئاۋاز بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئەزالار يىغىنىدا خىزمىتىدىن قەرەللىك دوكلات بېرىش ھەم نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتكوم تەدبىر بەلگىلەشتە ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم مەسىلىلەرنى ئالدىن كۆرۈش، تاقابىل تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئامما، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تەكلىپ - پىكىر ۋە تەۋسىيىسىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈش، تەتقىقات ئاپپاراتى، مۇتەخەسسىس، ئالىم، جەمئىيەتتىن دەلىل - ئىسپات ئېلىشنىڭ تەدبىر بەلگىلەشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مۇھىم تەدبىر بەلگىلەشنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەدبىر بەلگىلەشتىكى سەۋەنلىكلەرنى تۈزىتىش مېخانىزمى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخسىي ئىش ئايرىمىسى مەسئۇلىيىتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك شەكىلدىن پايدىلىنىپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئوخشاشمىغان پىكىرلەرنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شەخس ياكى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ دېگىنى ھېساب بولىدىغان ئەھۋالنى چەكلەش كېرەك.
(5) پارتىيىنىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى قوغداش كېرەك. پارتىيىدىكى بارلىق يولداشلار ھەر ۋاقىت پارتىيە ۋە خەلقنى ئالىي ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە تەشكىلىگە بويسۇنۇش، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلات يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتقا بويسۇنۇش، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە مەركىزىي كومىتېتقا بويسۇنۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈن پارتىيىنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا بويسۇنۇشى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەتتە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن مەركىزىي كومىتېتنىڭ نوپۇزىنى قوغداشنى بىرلەشتۈرۈش، قىسمەن مەنپەئەت بىلەن ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى، بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت بۇيرۇقلىرىنىڭ راۋان ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى، ئىنتىزام كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىق، چەكلىگەننى توختاتماسلىق ھادىسىسىنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيىنىڭ قارار ۋە سىياسىتى توغرىسىدا ئوخشاشمىغان پىكرى بولسا، قەتئىي ئىجرا قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاساسىدا، يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتقا، ھەتتا مەركىزىي كومىتېتقا بىۋاسىتە يەتكۈزسە بولىدۇ، بىراق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا قارشى پىكىرنى ئاشكارا ئېلان قىلىشقا ۋە تارقىتىشقا بولمايدۇ. پارتىيىنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش شەرت.
5. كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ماھىر يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك
دېموكراتىك بولۇش، ئاشكارا بولۇش، رىقابەتلەشتۈرۈش، ئەلالىرىنى تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ كادىرلارنى تاللاش، ئۆستۈرۈشكە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، كادىرلارنى تاللاش، ئۆستۈرۈشتە ھاياتىي كۈچكە تولغان مېخانىزم بەرپا قىلىش، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش — يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. پارتىيە كادىر باشقۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، ياشلاشتۇرۇش، بىلىم ئەھلىگە ئايلاندۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، كادىرلارنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ تاللاش، كادىرلارنى تاللاش يوللىرىنى كېڭەيتىش، كادىرلارنى تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئاسراش، كادىرلارنى قاتتىق تەلەپ بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا جەلپ قىلىش كېرەك.
(1) كادىر ئىشلىتىشتە ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. كادىرلارنىڭ ئەخلاقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقى، پاكلىقىنى ساقلاشنىڭ تۈپ تەلىپى ۋە مۇھىم كاپالىتى. كادىرلارنى تاللاپ ئىشقا قويۇشتا ھەم ئىقتىدارىغا، ھەم ئەخلاقىغا قاراش، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، خىزمەتتە ئىقتىدارلىق، ئىستىلدا سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان، ئامما ئىشىنىدىغان كادىرلارنى تاللاپ ئىشقا قويۇش كېرەك. سىياسىي پەزىلەت ۋە ئەخلاق قاتارلىق جەھەتلەردە مۇكەممەللىشىشنى كادىرلار ئەخلاقىنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى قىلىش، نۇقتىلىق ھالدا پارتىيە، دۆلەت، خەلققە سادىق ياكى سادىق ئەمەسلىكى، توغرا دۇنيا قاراش، ھوقۇق قارىشى، كەسىپ قارىشى تۇرغۇزغان ياكى تۇرغۇزمىغانلىقى، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلىگەن - ئىشلىمىگەنلىكى، مەسئۇل بولالايدىغان - بولالمايدىغانلىقى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان - ئىلگىرىلىمەيدىغانلىقى، ئىستىلدا دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكى، پاك، قىزىقىشىنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك. كادىرلار ئەخلاقىنى ئىش ئورنى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش، ھالقىلىق پەيتتىكى ئىپادىسى، شەخسىي نام - مەنپەئەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئادەم ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تاللانغان كادىرلارنى تەشكىلنى خاتىرجەم، ئاممىنى رازى قىلىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، ئىش قىلالايدىغانلارغا پۇرسەت بېرىپ، ئەمەلىي ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلارغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، سەمىمىي، راستچىل كىشىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرۈپ، پۇرسەتپەرەسلەرنى مەقسىتىگە يەتكۈزمەسلىك كېرەك.
(2) كادىرلارنى ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئادەم تاللاش، ئىشلىتىشتە دېموكراتىيىنى كېڭەيتىپ، كادىر ئۆستۈرۈش - تەيىنلەشتە ئاساسىي مەقسەت ئېنىق، تەرتىپى ئىلمىي، مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولغان نامزات كۆرسىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كۆرسىتىش، دېموكراتىك باھالاش نەتىجىسىنى توغرا تەھلىل قىلىپ ۋە قوللىنىپ، ئىلمىيلىكى ۋە چىنلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كادىرلارنى كۆپ خىل يول ئارقىلىق كۆرسىتىشكە ئىلھام بېرىپ، ئىقتىدارلىقلارنى ئۆستۈرۈش، قابىلىيەتلىكلەرنى كۆرسىتىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش مەنبەسىنى كېڭەيتىش كېرەك. كادىرلارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى، تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنى تەيىنلەشتە ئۇزارتىپ تەكشۈرۈش چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈشنىڭ توغرىلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاشكارا ئۆستۈرۈش، رىقابەت بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش قاتارلىق رىقابەت خاراكتېرلىك كادىر ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش ئورنى ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قابىلىيىتى ۋە ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كادىرلارنى ئارتۇق نامزاتلىق كۆرسىتىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارتۇق نامزاتلىق كۆرسىتىش، تەكشۈرۈش، كېڭىشىشنى يولغا قويۇش كېرەك. كادىرلار خىزمىتىدە ئۇچۇر ئاشكارىلاشنى كېڭەيتىپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش نازارەت مېخانىزمى ۋە كادىرلارنى تاللاش - تەيىنلەش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى تەقسىملەش مېخانىزمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، جەلپ قىلىش، ئىشلىتىش، باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئادەم تاللاش، ئىشلىتىش كەيپىياتىنى توغرىلاپ، ئەمەل كويىدا يۈرۈش، ئەمەل تەلەپ قىلىش، ئەمەل سېتىش - سېتىۋېلىش، پارا بېرىپ سايلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزەش كېرەك.
(3) رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئىشەنچنى چىڭىتىش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ئاساس قىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ سىياسىي - ئىدىيىۋى قۇرۇلۇشىنى، بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتۇش، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا تەتبىقلاپ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات چىڭ قائىدە، مۇقىملىق قاتتىق ۋەزىپە دېگەن ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى كۆزلەش، بىر تۇتاش پىلانلاش، سەرخىللاشتۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئاممىۋى خىزمەت، جامائەت مۇلازىمىتى، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارى ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش، يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش، مىللەت، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى سەپلىمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، بەنزە ئەزالىرىنىڭ يېشى، كەچۈرمىشى، ئارتۇقچىلىقى، خاراكتېرى بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان مۇۋاپىق قۇرۇلما شەكىللەندۈرۈپ، بەنزىنىڭ ئومۇمىي فۇنكسىيىسى ۋە بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىيدا كۈچلۈك، ئىلمىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئومۇمىيەتنى كونترول قىلالايدىغان، بەنزىنى چىڭ تۇتۇپ، قوشۇننى يېتەكلەشكە ماھىر، دېموكراتىك ئىستىلى ياخشى، پاك بولۇش تەلىپى بويىچە پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرىي كادىرلىرىنى ياخشى تاللاش، ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىلىرى قوشۇنىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسىدە سىياسىي - ئىدىيىۋى مەسىلىلەرنى قەرەللىق مۇھاكىمە - مۇزاكىرە قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۆز رايون، ئۆز تارمىقىدىكى زور مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. كادىرلارنى كۆپ خىل ئىش ئورنىدا چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، تەربىيىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، كادىرلارنى كەڭ كۆلەمدە تەربىيىلەش، كادىرلارنىڭ ساپاسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى تاماملاش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھالاش نەتىجىسىنى تەتبىقلاشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نەتىجە قازىنىشقا يېتەكلەش كېرەك.
(4) زور تۈركۈم مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. زور تۈركۈم مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈش پارتىيە، دۆلەت ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ زور تەدبىر. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى تەربىيىلەپ ئۆستۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياش كادىرلارنىڭ پارتىيىۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشى ۋە ئەمەلىيەتتە چېنىقىشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيە ئىشلىرىغا سادىق بولۇش، ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈش، خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ياش كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ياش كادىرلارنى جاپالىق رايون، مۇرەككەپ مۇھىت، ھالقىلىق ئىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ پەزىلىتىنى، ئىستىلىنى چېنىقتۇرۇش، قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشقا پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام، 1 - سەپتىن كەلگەن پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش زەنجىرى ئورنىتىپ، جاپالىق، مۇرەككەپ مۇھىتتا چېنىققان، زور كۈرەش سىنىقىدىن ئۆتكەن، ئىلغارلىقى، يېتىشتۈرۈش ئىستىقبالى بارلىقى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان ياش كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش، زاپاس كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئايال كادىرلار، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق تەربىيىلەش، ئەلالىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. ھەرقايسى ياش باسقۇچلىرىدىكى كادىرلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش يېشىنىڭ قاتلاممۇ قاتلام تەدرىجىي تۆۋەنلەش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.
(5) كادىرلارنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كادىرلارنى باشقۇرۇشتا قاتتىق تەلەپ قويۇش بىلەن غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. كادىرلار قوشۇنىنى ماكرولۇق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى تۈر بويىچە باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرلار تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە مۇۋاپىق كادىر باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈش كېرەك. كادىرلارنى ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم تارماقلار، ھالقىلىق ئىش ئورۇنلىرى، شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردا كادىرلارنى ئالماشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى كادىرلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلارنى ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. كادىرلارنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلاردا ساقلانغان بىخ ھالىتىدىكى مەسىلىلەرنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئەسكەرتىش، بالدۇر تۈزەش كېرەك. ھورۇنلۇقنى، ئىقتىدارسىزلىقنى تۈگىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. كادىرلارنى چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلار ئۆسەلەيدىغان، چۈشەلمەيدىغان، كىرەلەيدىغان، چىقالمايدىغان بولۇۋېلىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. كادىرلارنى رەھبەرلىك شتاتى بويىچە سەپلەشكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شتاتتىن ئاشۇرۇپ كادىر سەپلەش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. كادىرلارنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن ۋەزىپە دەرىجىسىنى تەڭ يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى بىلەن تەمىناتىنى چېتىشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئۇزاق مەزگىل ئاساسىي قاتلام ۋە جاپالىق چەت، يىراق رايونلاردا خىزمەت قىلغان كادىرلار، ئۇزاق مەزگىل ناھىيىلىك، يېزىلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن كادىرلارغا مائاش، پاراۋانلىقتا مايىللىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان كادىرلار خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك
6. ئاساسىي قاتلامدا ئۇل سېلىشنى تۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تەشكىلىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك
پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى، پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى جەڭگىۋار قورغىنى. مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ساھەنى كېڭەيتىش، ئىقتىدارنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، قاپلاش دائىرىسىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي مەقسەتنى ئېسىدىن چىقارماي، ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
(1) ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ھەرقايسى ساھەلەردىكى پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن پارتىيە خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنى قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەدە ئامما بولسا، شۇ يەردە پارتىيە خىزمىتى بولۇش، نەدە پارتىيە ئەزاسى بولسا، شۇ يەردە پارتىيە تەشكىلاتى بولۇش، نەدە پارتىيە تەشكىلاتى بولسا، شۇ يەردە مۇكەممەل تەشكىلىي تۇرمۇش بولۇش ۋە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. رايون، ئورۇننى ئاساس قىلىپ پارتىيە تەشكىلاتى تەسىس قىلىش ئاساسىدا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىشى قۇلاي بولۇش، پارتىيە تەشكىلاتلىرى رولىنى جارى قىلدۇرۇش تەلىپى بويىچە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەسىس قىلىش شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى، كەسپىي جەمئىيىتى، كەسىپ زەنجىرى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان، سودا قىلىدىغانلار نىسبەتەن مەركەزلەشكەن جايلاردا پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلاردا پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى، جەمئىيەت، ئىلمىي جەمئىيەت ۋە تۈرلۈك يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق باشقا تۈرلۈك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى جانلاندۇرۇپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
(2) ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، پائالىيەت مەزمۇنى، شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش، رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېڭىچە دېھقان تەربىيىلەش، ئاممىنىڭ بېيىشىغا باشلامچىلىق قىلىش، يېزا مۇقىملىقىنى ساقلاشنى يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق تىجارەت باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنى قۇرۇش ۋە دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچى، كونترول قىلىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە تەشكىلاتلىرى پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، سىياسىي يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش، باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاشنى كوچا - مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرى پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەدەنىي، ئىناق مەھەللە قۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەركەزگە مۇلازىمەت قىلىش، قوشۇن قۇرۇشنى ئورگان پارتىيە تەشكىلاتلىرى پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز ئورنىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى ماسلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك قۇرغۇچىلار ۋە ئىزباسارلارنى تەربىيىلەشنى ئالىي مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتلىرى پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دەرس ئۆتۈپ ئادەم تەربىيىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سىياسىي، ئىدىيىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش، كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پەن تەتقىقات، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز ئورنىدا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدىكى سىياسىي يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلات، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيىنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىغا رىئايە قىلىش، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، مۇجەسسەملەشتۈرۈش، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ساغلام تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىق فۇنكسىيىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش يولى ۋە چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش جەريانىدىكى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىلغارلاردىن بولۇش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئۈچ دەرىجىلىك ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ يىغىن، بىر دەرس›› تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىلىرى خىزمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
(3) پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ساپانى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئاساسىي قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيىلەش، باشقۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرەپ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىلغارلىقنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ساقلاش كېرەك. سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پارتىيىگە ئەزا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ئىدىيە جەھەتتە پارتىيىگە كىرىش تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئىشچى - دېھقانلاردىن پارتىيىگە ئەزا قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، بىلىملىكلەر، ستۇدېنتلار قاتارلىق ھەر ساھەدىكى مۇنەۋۋەر ياشلاردىن پارتىيىگە ئەزا قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكىلەردىن پارتىيىگە ئەزا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىغا ئىدىيە، خىزمەت، تۇرمۇش جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈپ، پارتىيە ئەزالىرىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئىچىدىكى رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش مېخانىزمى، تەقدىرلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغان پارتىيە ئەزالىرى، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرىغا غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيىلەش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىنى نۆۋەت بىلەن تەربىيىلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەربىيىلىنىش يولىنى كېڭەيتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنى باشلامچىلىق بىلەن پىدائىي بولۇش، مۇلازىمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋەدە تۈزۈمىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى تۇرۇۋاتقان جايىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى تەشكىلىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاش، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنى تەقدىرلەش، لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
(4) يۇقىرى ساپالىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى باشلامچىلىرى قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇش، ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، قابىلىيىتى بولۇش، يۈرۈش - تۇرۇشقا دىققەت قىلىش تەلىپى بويىچە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلار مەنبەسىنى كۆپەيتىپ، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنى كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى تاللاپ كەنتلەردە ۋەزىپىگە تەيىنلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ ئالماشتۇرغان، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى يېزا، كەنتلەردە خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى بەنزىلىرىنى ۋاقتىدا تەڭشەش، يېزا - بازارلىق پارتكوم شۇجىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. كوچا - مەھەللە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلات، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى مەسئۇللىرىنى ياخشى تاللاپ سەپلەش كېرەك. شەرتكە ئۇيغۇن يېزا، مەھەللە، دۆلەت كارخانىسى پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە كەنت كومىتېتى مۇدىرلىقى، ئاھالە كومىتېتى مۇدىرلىقى، كارخانا باش مۇدىرلىقىغا تەيىنلەشكە بولىدۇ. مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، باھالاش، نازارەت قىلىش، مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا، مەھەللىلەردىكى مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئارىسىدىن مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى مەسئۇللىرىنىڭ ئاساسىي تەمىناتى ۋە ئىجتىمائىي كاپالىتى مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.
(5) شەھەر، يېزىنى بىر تۇتاش پىلانلايدىغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەر، يېزىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شەھەر ئارقىلىق يېزىلارغا تۈرتكە بولۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئەۋزەللىك ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاش، ماس تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەملىكەت بويىچە پارتىيە ئەزالىرى ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەھەر، يېزا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، قوبۇل قىلغان جايدىكى پارتىيە تەشكىلاتى ئاساس، چىقارغان جايدىكى پارتىيە تەشكىلاتى ھەمكارلىشىدىغان كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيىلەش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مۇنەۋۋەر دېھقان ئىشلەمچىلەرنى پارتىيىگە قوبۇل قىلىشتا شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى ئاساس بولۇپ، داۋاملىق تەربىيىلەيدىغان، ئىككى جايدا تەكشۈرىدىغان، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان چارىنى يولغا قويۇش كېرەك. شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى بايلىقىنى بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئورگان، كارخانا، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى يېزا پارتىيە تەشكىلاتىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مالىيىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇقىم، قېلىپلاشقان ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى خىزمىتىنىڭ راسخوتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك. 2010 - يىلىنىڭ ئاخىرى كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەت سورۇنى قۇرۇلۇشى، يېزىلاردىكى پارتىيىلىك كادىرلارنى زامانىۋى يىراقتىن ئوقۇتۇش تورىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاش كېرەك. سىستېما بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ۋە بۆلەكلەر بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىنقىلابىي كونا رايون، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايون، نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك.
7. پارتىيىنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە، خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش كېرەك
ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ ئىستىلى پارتىيىنىڭ ئوبرازىغا، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. پۈتكۈل پارتىيىدە نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە باغلاش، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىش، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئىشنى ئىدىيىۋى تەربىيە، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتىن باشلاپ تۇتۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىستىلىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئىستىلىنى يېتەكلەپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە خەلق رايىنى رام قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
(1) ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. پارتىيىدىكى بارلىق يولداشلار پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىغا قەتئىي ئېغىشماي تايىنىپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، ئاممىدىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىش، ئاممىغا قىزغىن مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنىڭ نازارىتىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىش كېرەك. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خەلقتىن چارە - تەدبىر سوراش، خەلقنىڭ دەرد - ھالىنى سوراش، خەلقتىن ئەقىل - پاراسەت سوراشتا چىڭ تۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەش، سىياسەت بەلگىلەشتە ئاممىنىڭ مەنپەئىتى ۋە قۇربىنى نەزەرگە ئېلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئەل رايىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك، ھەيدەكچىلىك، كېپىللىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقە باغلاش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئورگان خىزمىتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنى تۆۋەنگە يۆتكەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار بىرىنچى سەپنى مەھكەم ساقلاش، رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا، بولۇپمۇ ئىقتىسادى ئارقىدا قالغان، مەسىلە بىرقەدەر كۆپ ساقلانغان جايلارغا قەرەللىك بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاممىنىڭ دەرد - ھالىنى ئىگىلەپ، ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەندە ئاددىي - ساددا بولۇپ، ئاۋامنى پاراكەندە قىلماسلىقى، تۆۋەندىكىلەر قاتلاممۇ قاتلام ھەمراھ بولماسلىقى، ئاممىنى كۈتۈۋېلىشقا، ئۇزىتىشقا تەشكىللىمەسلىكى كېرەك. ئاممىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەل رايىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئەرزىيەت بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلار قەرەللىك تۆۋەنگە چۈشۈپ ئەھۋال ئىگىلەش، قەرەللىك ئەرز قوبۇل قىلىش، ئاممىدىن كەلگەن خەتلەرنى ۋاقتىدا ئوقۇشتا چىڭ تۇرۇشى، تور جامائەت پىكرىنى ئانالىز قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مائارىپ، داۋالاش، مۇھىت ئاسراش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى، كارخانىلارنىڭ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش، يەر ئېلىش، چېقىش - كۆچۈرۈش، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە، قانۇنغا، دەۋا قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىش كېرەك. زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنى مۇۋاپىق تەلىپىنى قانۇن بويىچە بىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.
(2) راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشنى پارتىيىنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، راست تۇتۇش، ئەمەلىي ئىشلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ زېھنىنى خىزمەتكە قويۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، چارە - تەدبىر تۈزۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىشقا كۈچەپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. رەھبىرىي ئورگانلاردىن باشلاپ ھۆججەت ئىستىلى، يىغىن ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، يىغىننى قىسقا ئېچىش، سۆزنى قىسقا قىلىش، نەق گەپنى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، قۇرۇق سۆز، قېلىپلىشىپ كەتكەن تەكەللۇپ سۆزلەرنى قىلىشنى كۈچەپ تىزگىنلەش كېرەك. ئۇچۇرلاشقان ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، تارقىتىلىدىغان ھۆججەتلەرنىڭ سانى ۋە دائىرىسىنى، يىغىنلارنىڭ سانى، خىراجىتى ۋە كۆلىمىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ باھالاش، ئۆلچەمگە يەتكەنلەرنى تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش، تەبرىكلەش، لېنتا كېسىش پائالىيەتلىرى زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى خەۋەر قىلىشنى ياخشىلاش كېرەك. خەلققە جاپا، مۈلۈككە زىيان سالىدىغان ‹‹ئوبراز قۇرۇلۇشى›› ۋە نام - شۆھرەت قوغلىشىدىغان ‹‹نەتىجە قۇرۇلۇشى››نى قەتئىي توسۇش كېرەك. ئىستىلدا بۇزۇلۇپ، قولنىڭ ئۇچىدا ئىش قىلىپ زور ئاقىۋەت ياكى زور زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئالدامچىلىق قىلغان، ساختا مەلۇم قىلغان، كۆپتۈرۈپ مەلۇم قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈش شەرت.
(3) جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. پارتىيىدىكى بارلىق يولداشلار باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى باشلامچىلىق بىلەن تېجەشلىك بولۇپ، ئىش بېجىرىش خىراجىتىنى يەنىمۇ كونترول قىلىپ، چەكلىك مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىش كېرەك. مالىيە تۈزۈمى ۋە ئىقتىسادىي خىزمەت ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى سېلىشنى قاتتىق كونترول قىلىش، ئىشخانىلارنى خام چوتتىن، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بېزەش، رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆي سېتىۋېلىش، ئۆي سېلىش ۋە ئاپتوموبىل سەپلەشنى قاتتىق چەكلەش، چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) چىقىدىغان ئۆمەكلەرنىڭ سانى ۋە كۆلىمىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك. ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپخورلۇق قىلغان، راھەت - پاراغەتكە بېرىلگەن، بەتخەجلىك قىلىپ ھۆكۈمەت پۇلىنى بۇزۇپ - چاچقانلارنى قاتتىق بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى كادىرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە، كۆڭۈل ئېچىش، تۇرمۇش ئىستىلى جەھەتتىكى ناچار ئىللەتلىرىنى ۋاقتىدا ئەسكەرتىش، تەنقىدلەش، توسۇش كېرەك.
(4) تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. پارتىيە تۇرمۇشىنىڭ پرىنسىپاللىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ئارىسىدىكى، كادىرلار ئارىسىدىكى ياخشىچاق بولۇش، خۇشامەت قىلىش، ئۆزئارا ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشكە قەتئىي قارشى تۇرۇش، پارتىيە تۇرمۇشىنى چاكىنىلاشتۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىلىرى كەسكىن، ئەستايىدىل تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىدنى قانات يايدۇرۇپ، بىلگەننى ئېيتماي قويماسلىقى، ئېيتقاندىمۇ قالدۇرماي ئېيتىشى، سۆزلىگۈچىدە گۇناھ يوق ، ئاڭلىغۇچى ئىبرەت ئېلىش، خاتالىق بولسا تۈزىتىش، بولمىسا ساقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قوش تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇش، پارتىيىۋىلىك جەھەتتىن تەربىيىلىنىشنى كۈچەيتىش، بەنزىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئەل رايىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئاممىدىن تەنقىدىي پىكىر ئېلىش تۈزۈملىرىنى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق تەنقىدنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئاكتىپ تۈزىتىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشى، تۇتۇشقا، باشقۇرۇشقا، يېتەرسىزلىك، خاتالىقلىرىنى ئاشكارىلاشقا، تۈزىتىشكە جۈرئەت قىلىشى، خىزمەتنى ياخشىلاش تەلىپى ۋە تەكلىپىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياخشىچاقلىققا قارشى تۇرۇشى ۋە ئۇنى يېڭىشى كېرەك. پارتىيىۋىلىكتە چىڭ تۇرغان پارتىيە ئەزالىرىنى قوغداپ، تەنقىدنى بېسىشقا يول قويماسلىق، زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك.
(5) پارتىيىۋىلىكنى كۈچەيتىش ئارقىلىق پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيىۋىلىك جەھەتتىن تەربىيىلىنىشنى كۈچەيتىشنى ياخشى ئىستىل يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى ۋە تۈرتكىسى قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، پارتىيە تۇرمۇشىدا چېنىقىشنى كۈچەيتىشكە، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش، ئاڭلىق رىئايە قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، قوغداشقا، پارتىيە ئەزالىق ئېڭى، پارتىيىۋىلىك قارىشىنى كۈچەيتىشكە، پارتىيىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيىۋىلىكىنى قەرەللىك ئانالىز قىلىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيىۋىلىكىنى ئانالىز قىلىشنى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئىستىلنى پارتىيىۋىلىكىنى ئانالىز قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستىل جەھەتتىكى مەسىلىلىرىنى تەرتىپكە سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، باھالاش نەتىجىسىنى كادىرلارنى تاللاش، تەيىنلەشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك. پارتىيىۋىلىككە، ئىستىلغا ئەھمىيەت بېرىش، باشلامچىلاردىن بولۇش پائاليىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىلغار تىپلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ ۋە ئۇلاردىن ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تولۇپ - تاشقان جەڭگىۋارلىقى، كۆتۈرەڭگۈ جاسارىتى، ئۇلۇغۋار روھىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.
8. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك
چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش پارتىيىمىز باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇتۇشى زۆرۈر بولغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى ئېنىق تونۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەرتەرەپلىمە تۈزەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاش بىلەن بىللە، تەربىيىلەش، نازارەت قىلىش، ئىسلاھات قىلىش تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.
(1) ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا پاك بولۇش تەربىيىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك - ئىنتىزامچان بولۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلق ئۈچۈن، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيىدە پارتىيىۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيىسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پاكلىق تەربىيىسىنى كادىرلارنى تەربىيىلەش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئۈلگە تەربىيىسى، ئىبرەت تەربىيىسى، ئىش ئورنىدا پاك بولۇش تەربىيىسىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇپ، تەربىيىلەش شەكلىنى ئۆزگەرتىش، تەربىيىلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار پاك، ئىنتىزامچان بولۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئۆزى ۋە جورىسى، پەرزەنتلىرى، ئەتراپىدىكى خادىملارغا قاتتىق تەلەپ قويۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆزى ياكى ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بار كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە چوغ تارتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش ۋە تۈزەش كېرەك. پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خۇسۇسىي ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ، سېلىنما، جورىسى، پەرزەنتلىرىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى مەلۇم قىلىش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش كېرەك. جورىسى، پەرزەنتلىرى چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) كۆچۈپ كەتكەن ھۆكۈمەت خادىملىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كارخانا، جەمئىيەت، ئۇيۇشما، فوندلاردا ۋەزىپە ئۆتەش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. تېجەشلىك، ئۈنۈملۈك، پاك بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت پۇلىغا ئىستېمال قىلىش ۋە ھۆكۈمەت پۇلىغا كۈتۈۋېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
(2) قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بېجىرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، بىر قىسىم ساھەلەردە چىرىكلىك ھادىسىلىرى ئاسان، كۆپ يۈز بېرىش يۈزلىنىشىنى قەتئىي توسۇپ، ھەرقانداق چىرىك ئۇنسۇرنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك. رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، چىرىكلىشىش، چۈشكۈنلىشىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش دېلولىرىنى، سودا پارىخورلۇقى دېلولىرى ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلىش دېلولىرىنى، ئاممىۋى ۋەقە ۋە زور جاۋابكارلىق ھادىسىلىرىنىڭ ئارقىدىكى چىرىكلىك دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. قۇرۇلۇش قىلىش، ئۆي - زېمىن ئېچىش، يەر باشقۇرۇش، قېزىلمىلار، بايلىقلارنى ئېچىش، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش، پۇل مۇئامىلە، قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى مەخسۇس تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ دېلو، مۇھىم دېلولارنى بېجىرىشنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش بويىچە توردا پاش قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش مېخانىزمىنى، تور ئۇچۇرىنى يىغىش ۋە بىرتەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دېلولارنى قانۇن - ئىنتىزام بويىچە بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پاش قىلغۇچى ۋە گۇۋاھچىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. چوڭ دېلولارنى ئانالىز قىلىش تۈزۈمى ۋە ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېلولارنى بېجىرىشنىڭ جازالاش ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش فۇنكسىيىسى ۋە ماھىيەتتىن تۈزەش فۇنكسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
(3) ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە چەك قويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنى نازارەت قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى، ئىجرا قىلىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى ئۆز ئارا بىر - بىرىنى چەكلەيدىغان ھەم ئۆز ئارا ماسلاشقان ھوقۇق قۇرۇلمىسى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنىڭ تەرتىپلىشىشى ۋە ئاشكارىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان زور تەدبىرلەرنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمىتىدىن، پاكلىقتىن دوكلات بېرىش، ئاگاھلاندۇرۇش سۆھبىتى، خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش، سوئال قويۇش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ياكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەرلىك پارتكوملارنىڭ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى پاك - تىرىشچان بولۇش، خادىملارنى تاللاش، تەيىنلەش جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ئومۇمىي يىغىنغا دوكلات قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى، پاكلىق ۋەدىسى بېرىش تۈزۈمى، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. سەييارە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، سەييارە تەكشۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەكشۈرگۈچى خادىملارنى ياخشى سەپلەپ كۈچەيتىش، تەكشۈرۈش تەرتىپى ۋە ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەييارە تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرۇشلۇق تارماقنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرىدىكى رەھبىرىي خادىملارنىڭ ئىقتىسادىي جاۋابكارلىقىنى تەپتىش قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە مەبلىغى ۋە زور مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن پارتىيە سىرتىدىكى نازارەتچىلىكنى، مەخسۇس ئورگانلارنىڭ نازارەتچىلىكى بىلەن ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نازارەتچىلىكتىكى بىرىكمە كۈچنى زورايتىش كېرەك.
(4) چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھوقۇقنى، ئىشنى، ئادەمنى تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە توسالغۇسى ۋە تۈزۈمدىكى يوچۇقلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ تۈزۈملىشىش، قانۇنلىشىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن مۈلۈكنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن كەسپى ئورۇنلارنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن بازار ۋاسىتىچى تەشكىلاتلىرىنى ئايرىشنى تېزلىتىپ، مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرىنى يەنىمۇ ئازايتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى سەۋەنلىكلەر، قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى قاتارلىقلارنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خام چوتنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مالىيىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ ۋە ئىجتىمائىي جامائەت مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ‹‹كىچىك خەزىنە›› لەرنى ئۈزۈل - كېسىل تازىلاش كېرەك. پۇل مۇئامىلە بازىرى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئىچكى تىزگىنلەش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە سچوتىدا ھەقىقىي ئىسىم ئىشلىتىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاكسىيە بازىرى ۋە كاپىتال يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، چىرىكلىك قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە شۇنداق قىلغانلارنى قاتتىق جازالاش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان زامانىۋى بازار تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش تەلىپى بويىچە ئالاقىدار ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەنپەئەت توقۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت بايلىقىنىڭ تەقسىملىنىشى، جامائەت مۈلكى سودىسى ۋە جامائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار ساھە بازارلىرىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى، ئىش ھەققى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى قوغداش كېرەك.
يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش پارتىيىدىكى يولداشلارنىڭ مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بۇ قارارنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە پارتىيىنى باشقۇرۇش، پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئائىت ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، تارماقلار تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى دەرىجىمۇدەرىجە، قاتلاممۇ قاتلام تۇتىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇشتەك خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى باھالاش ۋە ئۇنىڭغا ئۇنىۋېرسال باھا بېرىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق پارتىيە خىزمەتچىلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېڭى ئەھۋاللارنى مۇزاكىرە قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يېڭى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشنى كۈچەيتىپ، ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيىنىڭ قۇرۇلۇش قانۇنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇپ ۋە ئۇنى ئاڭلىق قوللىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى نەزەرىيىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قارارنىڭ روھىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
پارتىيىدىكى بارلىق يولداشلار يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئۈمىدىنى مەڭگۈ ئاقلايلى!
(تەھرىر : بەشتاش)
«پارتىيە 17-نۆۋەتلىك 4-ئۇمۇمى يىغىنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- شەنشىدە دوختۇر تەرىپىدىن ئالداپ سېتىۋې
- ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئوقۇتماسلىق ھ
- نائىنساپ بالا، گۇناھكار دادا
- قىزىغا نىيىتىنى بۇزغان ئەبلەخ
- ئالىمجان،ساقىلىڭىزغا رەھمەت-بوزقىر
- قانۇن بىلمىگەن ئاتاپۇشايماندا
- قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىز
- توي قىلىپ بولغانلار 3 يىلدا بىر قېتىم تۇ
- 【学校行政领导工作制度】
- لېفىتنىڭ ‹‹جانغا زامىن بولۇشى›› كىمن
- 11 نارەسىدە قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان ئە
- 2013-يىلى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭدىن 130 مىڭ
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ساقچىل
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپ
- خىزمەت تېپىش جەريانىدىكى ئادەمنى بىزار
- جىنايەت بېكىتىلگەن ئەمەلدارنىڭ قايتا ۋ
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
alogli تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-11 10:06 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-05-17 17:05
- شەنشىدە دوختۇر تەرىپىدىن ئالداپ سېتىۋېتىلگە
- ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئوقۇتماسلىق ھوقۇقى
- نائىنساپ بالا، گۇناھكار دادا
- قىزىغا نىيىتىنى بۇزغان ئەبلەخ
- ئالىمجان،ساقىلىڭىزغا رەھمەت-بوزقىر
- قانۇن بىلمىگەن ئاتاپۇشايماندا
- قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگ
- توي قىلىپ بولغانلار 3 يىلدا بىر قېتىم تۇغقان
- 【学校行政领导工作制度】
- لېفىتنىڭ ‹‹جانغا زامىن بولۇشى›› كىمنىڭ سەۋ
- 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا خلاپ
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ
- يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلەرنىڭ قانداق قىلمىشل
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادى
- مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قان
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىن
- مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزا
- 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا خلاپ
- قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگ
- قانۇن بىلمىگەن ئاتاپۇشايماندا
- يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىش جەريانىدا ھادىس
- جىنايەت بېكىتىلگەن ئەمەلدارنىڭ قايتا ۋەزىپى
- 11 نارەسىدە قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان ئەمەلدا
- توي قىلىپ بولغانلار 3 يىلدا بىر قېتىم تۇغقان
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتل
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ