ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى(7)
34 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش، جىددىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمى قاتارلىق بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەشغۇلات قائىدىسى چىقىرىپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
35 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك. بىخەتەرلىك تېخنىكا ئارخىپىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك:
(1) ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى لايىھەلەش ھۆججىتى، مەھسۇلات سۈپىتى لاياقەت ئىسپاتى، قۇراشتۇرۇش، ئىشلىتىش، ئاسراش چۈشەندۈرمىسى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىق ئالاقىدار تېخنىكا ماتېرىيالى ۋە ھۆججىتى؛
(2) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى قەرەللىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە ئۆزى قەرەللىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛
(3) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى كۈندىلىك ئىشلىتىش خاتىرىسى؛
(4) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسۋابلىرىنى ئاسراش خاتىرىسى؛
(5) ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردىكى كاشىلا ۋە ھادىسە خاتىرىسى.
36 – ماددا لېفىت، ئاسما سۆرىگۈچ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن – تاماشا ئەسلىھەسى قاتارلىق جامائەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تىجارەت قىلىدىغان، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە جاۋابكار بولۇشى، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇشى ياكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس خادىم قويۇشى كېرەك؛ ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىدىغان باشقا ئورۇنلار ئەھۋالغا قاراپ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇشى ياكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس ۋە قوشۇمچە باشقۇرىدىغان خادىم قويۇشى كېرەك.
37 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشتە بەلگىلەنگەن بىخەتەرلىك ئارىلىقى، بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرلىرى بولۇشى كېرەك.
ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىمارەت، قوشۇمچە ئەسلىھەلەر ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
38 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئورتاق ئىگىدارلىقتا بولسا، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى باشقۇرۇشنى خوجىلىق مۇلازىمەت ئورنىغا ياكى باشقا باشقۇرغۇچىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، ھاۋالە قىلىنغۇچى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچى ھاۋالە قىلمىغان بولسا، باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچى ياكى ئەمەلىي باشقۇرغۇچى ئادا قىلىدۇ، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
39 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشلىتىۋاتقان ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى دائىملىق ئاسراپ تۇرۇشى ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشى ھەمدە خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى(7)»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېينكىسى: يوق
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلى
- ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چا
- شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇر
- ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ھوقۇقىن
- بوۋاقنى سېتىۋەتكەن دوختۇرغا ئۆلۈم جازا
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلا
- 2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغا
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ ي
- تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «جىنايى
- ياش-ئۆسمۈرلەرگە دائىر دىلو مىساللىرى ۋە
- ج خ ج نىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغدا
- شىنجاڭدا ئۆيلەرنى مەجبۇرىي چېقىش قاتتى
- دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم
- قارا نىيەتلەر يۈز نىقابىدىن پايدىلىنىپ
- ئالى مەكتەپ ئوقوغوچىسى مەكتەپ ئۈستىدىن
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قان
- ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى
- شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىز
- ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ھوقۇقىنىڭ تەۋ
- بوۋاقنى سېتىۋەتكەن دوختۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېر
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇ
- 2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن لىكس
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلى
- تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «جىنايى ئىشل
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن لىكس
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلى
- 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا خلاپ
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ
- يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلەرنىڭ قانداق قىلمىشل
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادى
- مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قان
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىن
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇ
- ج خ ج نىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇ
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بى
- مائارىپ قانۇنلىرى
- جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى
- جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىز
- چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى
- مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزا
- پارتىيە 17-نۆۋەتلىك 4-ئۇمۇمى يىغىنى