ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى(13)
(4) بازارغا كىرگەن، بىراك قىلىش شەرتىگە توشقان ياكى بىراك قىلىنغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش؛
(5) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشقا مەمۇرىي جازا بېرىش قارارى چىقىرىش.
62 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش جەريانىدا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپكە خىلاپ قىلمىشنى ياكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىدە ساقلانغان ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىسا، ئالاھىدە ئۈسكۈنە بىخەتەرلىكىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش توغرىسىدا يازما بۇيرۇق چىقىرىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنى ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ تۈزىتىشكە ياكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك، جىددىي ئەھۋالدا، ئالاقىدار ئورۇنلاردىن جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىش تەلەپ قىلىنغان بولسا، ئالاھىدە ئۈسكۈنە بىخەتەرلىكىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش بۇيرۇقىنى كېيىن تولۇقلاپ چىقارسا بولىدۇ.
63 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش جەريانىدا قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قىلمىش ياكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىدە ساقلانغان ئېغىر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىسا، ئالاقىدار ئورۇننى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا، تەدبىر قوللىنىپ ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى، ئېغىر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى بىر تەرەپ قىلىشتا شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشى، ماسلىشىشىغا توغرا كەلسە، ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىشى ھەمدە باشقا ئالاقىدار تارماققا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماق زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
64 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، باشقا جايدا ئىجازەت ئالغان ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇندىن تەكرار ئىجازەت ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، باشقا جايدا تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى تەكرار تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.
65 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرگۈچى خادىملىرى ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارنى پىششىق بىلىشى، مۇناسىپ كەسپىي بىلىم ۋە خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىگە دائىر مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسى ئالغان بولۇشى كېرەك.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى(13)»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېينكىسى: يوق
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلى
- ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چا
- شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇر
- ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ھوقۇقىن
- بوۋاقنى سېتىۋەتكەن دوختۇرغا ئۆلۈم جازا
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلا
- 2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغا
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ ي
- تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «جىنايى
- ياش-ئۆسمۈرلەرگە دائىر دىلو مىساللىرى ۋە
- ج خ ج نىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغدا
- شىنجاڭدا ئۆيلەرنى مەجبۇرىي چېقىش قاتتى
- دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم
- قارا نىيەتلەر يۈز نىقابىدىن پايدىلىنىپ
- ئالى مەكتەپ ئوقوغوچىسى مەكتەپ ئۈستىدىن
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قان
- ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى
- شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىز
- ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ھوقۇقىنىڭ تەۋ
- بوۋاقنى سېتىۋەتكەن دوختۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېر
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇ
- 2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن لىكس
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلى
- تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «جىنايى ئىشل
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن لىكس
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلى
- 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا خلاپ
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ
- يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلەرنىڭ قانداق قىلمىشل
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادى
- مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قان
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىن
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇ
- ج خ ج نىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇ
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بى
- مائارىپ قانۇنلىرى
- جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى
- جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىز
- چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى
- مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزا
- پارتىيە 17-نۆۋەتلىك 4-ئۇمۇمى يىغىنى